يىـڭى ئــەزا
كېچىدىكى سۆز نىڭ پايانى
كېچىدىكى سۆز ماڭا قاراپ كېلىۋاتاتتى.سۆزنىڭ شەكلىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە تاكى ھازىرغىچە دىققەت قىلىپ ئېنىق كۆرۈۋالمىغىنىمغا ئۆزۈممۇ ھەيران.بىراق مەن يەنىلا بايىقى جايدا _ كېچە بىلەن كۈندۈز نىڭ ئارلىقىدا ،مەۋجۇدلۇقۇم ئىمكانسىزلىق زەنجىرلىرىدە كىشەنلىنىۋاتقان تەن ئارىلىدا سۆزنىڭ پايانىدا ئازابلىق تۇرقۇڭغا باغلاندىم. نېمىشقا شۇنداق ؟ سۆز مەندىن سۇئال سوراۋاتقان،ئۆزلۈك ئۆزلۈكۈمنى يەكلەۋاتقان،ئىچىمنى ئىچىم تىڭلاۋاتقان، قەلبىم قەلىمىمىنى جىڭلاۋاتقان، مېنىڭ ۋۇجۇدىيەت دېڭىزىمغا ئىستەك قۇياشىىڭنىڭ نۇرلىرى تېخى چېچىلمىغان چاغ ئىدى.
ئىلىمىيلىكىمنى سۆز ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا بىئىختىيارمەن.شۇنداقلا ئىسپاتلاشنىڭمۇ ۋاقتى ئۇنتۇلۇش دېڭىزىغا غەرق بولغان...ھەتتا مېنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى مەنمۇ دەپ بىرەلمەيمەن.چۈنكى مېنىڭ مەنلىكىمنى ئىسپاتلاش ھوقۇقى پەقەت سۈرەت ۋە يېزىققىىلا بىرىلگەن.سۆزگە ئۇنداق ھوقۇق بېرىلمىگەن. ئالدىڭدا تۇرغىنى پەقەتلا مېنىڭ شەكلىم.چۈنكى سەن پەقەت شەكلىمنىلا كۆرەلەيسەن. شەكلىمدىن قېچىپ كېتەلمەيمەن. قەلىب كۆزۈڭ قەلبىمنى كۆرگۈدەك دەرىجىدە ئۆتكۈر ئەمەس.،قەلبىڭ قەلبىمنى تونۇشقا ئامالسىز قالغان دەقىقىلەرنىڭ پەيمانىغا ۋاقىت سىغدالغان.خىزمەت بىلەن ۋاقىت مېنى پارچىلاپ يەۋاتقاندىلا سەن مېنىڭ شەكلىمنى كۆرگەن. ۋاقىتنىڭ ئىچىدىن چىقىۋاتقىنى قەدەملىرىمگە چۆكۈۋاتقان قۇياش.ئۇ سېنىڭ شەكىللىك جىسمىڭنى مېنىڭ قەلىب كۆزۈمدە سۈرەتكە تارتقانلىقىنى سەن كۆرمىگەن .بولۇشۇڭ ئېنىق.چۈنكى مەن ساڭا ئۇنى كۆرۈش ھوقۇقىنى بىرىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈۋەتكەن. ئالدىمدىكى سەنمۇ؟ سەنلىكىڭگە سەنمۇ ئىسپات تېپىىپ بىرىشكە ئامالسىزغۇ ئاخىر؟!...ئۇنىڭ سۆزمەنلىكىنى سۆزلىرىم بىلەن قۇۋۋەتلەيمەن.ئۇنىڭ سۆزلىرىدە سۆز بار.ئۇنىڭ سۆزلىرىگە مۇدىھىش مۇددىئا يوشۇرۇنغان. مۇددىئاسىز سۆزنى ئۇنىڭ دېمەيدىغانلىقىنى سەندىن باشقا يەنە كىم بىلىدۇ؟...ئۇنىڭ سۆزلىرىگە سۆز قاتماسلىق ئىمكانى يۈتكەن.مەيلى،ئۇ بىزنىڭ ئاخىرقى سۆزىمىز ئەمەسقۇ؟
يەنىلا بايىقى جايدا-سۆز بىلەن سۆز توقۇنۇشقان،شىددەتلىك سۆز ئۇرۇشى پارتىلىغان جايدا ئۇنىڭ بارلىقىىغا دىققەت قىلمايلا تۇرغان ئىدىم.ئۇنىڭ نەدىن كېلىدىغانلىقى نامەلۇم ئەشۇ چاغدا ، كىشىلەر ئۇنى ئۆز مەقسىدى ئۈچۈن سۆرەپ كېلىشكەن ئىدى.سۆز ئەركىن ھاۋادىمۇ بۇرۇقتۇملۇق ھېس قىلامدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ تۇرقىغا دىققەت قىلغۇم كەلمىدى،چۈنكى ئۇنىڭ تۇرقى بەكلا رەھىمسز كۆرۈنگەن بولۇشى ياكى بەكلا بىچارە بولۇشى مۈمكىن.. ناۋادا بىچارە بولسا سۆزنىڭ ئازابلىنىۋاتقان ھالىتىدىن ئۇنى مەن ئەمەس،مېنىڭ تىلىمنىڭ ئۇچىغا قونۇۋالغان سۆزلا قۇتقۇزالايدۇ.سۆزنىڭ شەكلىنى ئاقتۇرۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ نېمە مۇددىئادا شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەنگۈم يوق.چۈنكى سۆز ئادەمنى سۆزلىتىدۇ.
كېچىدىكى سۆز مەندىن يىراقلاپ كەتتى...
پاش قىلىش
ئاكتىپ ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ