روبائىيلار
1
كۆپ ئىچىپ سېسىق ھاراقنى مەسىت بولۇپ،
لاي-توپا ،ئەخلەتتە ياتساڭ قان قۇسۇپ؛
مىڭ لەنەت!...ئەركەكلىكىڭگە ۋاي سېنىڭ!!...
ئەرلىكىڭ-ئەركەكلىكىڭ كەتسۇن قۇرۇپ!!!...
2
توزىتار ئەقىل -زېھىننى مەي-ھاراق،
جانغا زامىندۇر ئىچىلسە ئاچ قوساق.
بەك ئوڭاي ئادەمنى ھايۋان قىلمىقى،
ھەر قەدەمدە بار ئاڭا ئاچچىق ساۋاق.
3
مەي-ھاراقتتىن نېمنى تاپتىڭ قېنى؟!...
مەيدە مەينەتكە تولار ئىنسان تېنى.
ئەي بالام،كۆرگىن كۆزۈڭنى چوڭ ئېچىپ،
مەي-ھاراقتا چىقتى كۆپ ئىنسان جېنى!...
4
كىمىكى ئىچەر مەي،قىلىپ زوق-ھەۋەس،
توزۇتار ئەقلىنى،نەرقى ئۇنىڭ خەس.
ئۇ ئۇنتار ئەدەبنى ،تۆكۈلەر يۈزى،
ئەدەبسىز مەخلۇقنىڭ بولغاي زاتى پەس!...
1995-يىل،قەشقەر