مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 37463|ئىنكاس: 187

ئۆلۈمدىن غاپىل ئاياللار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89134
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-12-26
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 01:16:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆلۈمدىن غاپىل ئاياللار

       ئايال ئۇزۇن كىيىملەرنى سالدى.قىسقىلىقىدىن ،ئاپئاق بىلەكلەر،سېمىز يۇتىلار تامامەن كۈرۈنۈپ تۇرىدىغان .يۇققا،تار،  نىپىزلىگىدىن ئەتلىرى كۈرۈنۈپ ،بىلىنىپ تۇرىدىغان،كىيىملەرنى ياخشى كۈرۈپ سېتىۋالدى.ياغلىق ،رۇماللار ئىچىدىكى بوستان چاچلارنى بىراقلا نامايان قىلىش ئۈچۈن،شەيتان كۆزلىرى چاقناپ تۇرىدىغان قىسقۇچلارنى قىسىپ ،سۈزۈك شايى روماللارنى شەكىلگە ئارتتى.ياكى چاچلىرىنى  كېسىپ ،بۈدرە،غۇژمەك،چاڭگا چاچلارغا ئايلاندى.بەزىلىرى بۇ زامانىۋىلىق  ئۈچۈن دىدى.يەنە بەزىلەر خىزمەت ئىھتىياجى ئۈچۈن دىدىيۇ- خىزمەتتىن باشقا جايلاردىمۇ شىر يايلىدەك چاڭگا چاچلىرىنى كۆپتۈرۈپ ،ھاياسىز كۆكسىلىرىنى ئېچىپ،سېمىز پاقالچاقلىرىنى ئېچىپ،قىسقىلىقىدىن ،سەللا ئېڭىشسە ئۇيات يەرلىرى كۈرۈنۈپ تۇرىدىغان يوپكىلارنى كىيىپ ،تاقىلداپ مېڭىشتى.بەزىلىرى تېخى چاچلىرىنى قازاندەك چوڭايتىپ ياغلىق چەگكەن قىياپەتتە ئىدى .ئەپسۇس رەسۇلىمىز-«دەۋزەخ ئەھلىدىن بىر پىرقە بولغان ئاياللارنى كۆردۈم.ئۇلارنىڭ بېشى تۈگىنىڭ لوكىسىدەك ئېگىز ئىدى.ئەنە شۇنداقلار جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ.ۋەھالەنكى جەننەتلەرنىڭ پۇرىقى قىرىق يىللىق يىراقتىنمۇ پۇراپ تۇرىدۇ»-دەپ ئېيتقان.لېكىن بەزى يالاڭباشلا ئەمەس ياغلىق ئارتقانلارنىڭمۇ چاچلىرى ئەنە شۇنداق سىياقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەر يوقمۇ؟ئوغۇل مۇرەببىلىرى يوقمۇ؟

        ئەلۋەتتە بار ئىدى .بىراق ئۇ ئەرلەرنىڭ غۇرۇرى ئاللىقاچان ئۆلگەن.ئىمانسىزلىقىدىن ،شۇقەدەر بىچارە بۇلۇپ كەتكەنكى يېنىدىكى ئەھلىنىڭ ،ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ يالىڭاچلىقىنى تۇسۇشقا رىغبتى يوق.شۇڭىمۇ ئەرلەر غىتمەكلىشىپ كەتكەن زاماندابىزنىڭ  ئاياللار ياۋرۇپا خۇتۇنلىرىدەك يالىڭاچلىقنى مەدەنىيەت دەپ ئاتىدى.

            دەييۈزلىكىدىن بەزىلەر ئاتالمىش سورۇنلاردا ئايالىنى نۇرغۇن كۆزلەر ئالدىدا تانسىغا تارتىپ ،ئىبلىسلارچە ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈشتى.بۇ نىمە ئۈچۈن؟ئەرلەرگە نىمە بولدى؟نىمىشقا ئەھلى-ئاياللىرىنى ،ئاچا-سىڭىللىرىنى يات كۆزلەردىن ھىمايە قىلمايدۇ؟قېنى ئۇ ئەرلەرنىڭ ئەرلىك سۈرى ۋە ئەرلىك سالاپىتى؟نىمىشقا شۇنداق بولدى؟ئەرلەرنىڭ دەييۈزلىكىدىن ،ئاياللار ئۈلۈمدىن غاپىل قالدى.

         ئۈلۈمدىن غاپىل ئاياللار بەزمىلەردە ئالدىراش.دەييۈز ئەرلەر بولسا ئۆيدە بالىلارغا قارىغاچ،خۇتۇنىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ؟

        ئۈلۈمدىن غاپىل ئاياللار سۇ ئۈزۈش مەيدانلىرىدا ئالدىراش.

ئالا-بۇلىماچ يىلانلاردەك ياسانغان ئاياللار ،ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ چەكلىگەنلىرىدىن چەكلەنمەكتە يوق،ئاممىۋى سورۇندا نۇرغۇن نامەھرەملەر ئالدىدا سۇ ئۈزىۋاتىدۇ.بۇ بىچارە  ئاياللار زامانىۋى شەھەردە،زامانىۋى ياشاۋاتقىنىدىن سۈيۈنۈپ ئاللىقانداق ئاھاڭلارغا غىڭشىپ يايرىماقتا.

           ئۈلۈمدىن غاپىل  ئاياللار شۆھرەت دۇنياسىدا ئالدىراش.ئالەمشۇمۇل كەشپىياتلارنى بايقىغان ،نۇرغۇن نەزەرىيەلەرنى يازغان ،نۇرغۇن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن،ئاجايىپ كاتتا تاجلارنى تاقىغان،نۇرغۇن خەيرى-ساخاۋەتلەرنى قىلغان،نۇرغۇن يىتىملارنىڭ بېشىنى سىلىغان،نۇرغۇن كارخانىلارنى قۇرغان بۇ ئاياللار ئالەمدىكى بىرلا ھەقىقەت بولغان يىگانە ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن ئەۋرەتلىرىنى يۆگەپ،ھەقنىڭ رازىلىقىنى ئىزلەشنى ئۆز نەتىجىسىنىڭ مەنىسى قىلسىدى  ،بۇ نەتىجىلەر پۈتۈنلۈككە ئىگە بۇلاتتى.

           ئۈلۈمدىن غاپىل ئاياللار مودىلار دۇنياسىدا ئالدىراش،ئەقىدە-ئېتىقادتا سەرسان ھالدا بۇ دۇنيانىڭ ئازغىنە-پاراغەتلىرىنى ئاخىرەتنىڭ مەڭگۈلۈك نىمەتلىرىدىن ئۈستۈن بىلىپ،گۇمراھلىقتا تېڭىرقىدى.بۇنداق دىسەم بەزىلەرئەمىسە  دۇنيالىق ئۈچۈن ئىشلىمەمدۇق دىيىشى مۇمكىن.ئىشلەيمىز بىراق پەرىز ئەمەللەرنى ھەممە ئىشىمىزدىن ئۆستۈن قۇيۇپ ،شەيئىگە بولغان مۇھەببەتتىن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە بولغان مۇھەببەتنى ئەلا بىلىپ تىرىكچىلىك قىلساق جەزمەنكى بىز دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سائادەتمەن بۇلۇپ ياشايمىز.

        كىچىكىمدە چوڭلاردىن «ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا ئاخرەتتە بىرىدۇ،غەيرىيلەرگە بولسا مۇشۇ دۇنيادا بىرىدۇ.شۇڭا بىزنىڭ ئاخىرەتلىكىمىز ياخشى،غەيرىيلەرنىڭ بۇ دۇنيالىقى ياخشى »دىگەنلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولغانىدىم.ئالەمدىكى نۇرغۇن ھادىسىلەرگە قاراپ راستمۇ –يە دېگەندەك ئويلارغىمۇ كەپقالغانمەن.بىراق ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بىلەن ئۈزۈمنى تۇنۇغان كۈندىن باشلاپ بۇ گەپنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدىم.جانابى ئاللاھ مۇئمىنلەرنى ئىككىلا دۇنيا سائادەتمەن قىلىشقا ۋەدە بەرگەن تۇرسا نىمىشقا بىز ئۈزىمىزنى ئۆزگەرتمەيمىز؟ نىمىشقا ھىسسى ئېتىقادنى ئەقلى ئېتىقادقا كۈتەرمەيمىز دىگەنلەرنى ئويلايدىغان بۇلۇپ قالدىم.

        ئۈلۈمدىن غاپىل ئاياللار ئىبادەتلەردە ئالدىراش.بىراق ئىبادەتتىكى ھۇزۇرنى ھىس قىلالمىغان ھالدا چاچلىرىنى ئاپئاق بۇيۇنلىرىنى پاقالچاق ۋە پۇتلارنى ئۇچۇق قۇيۇپ، ،كۆكسىلىرى لىغىرلاپ  تۇرسىمۇ ،ئەسنەكلەر بىلەن قىيامدا تۇرىدۇ.توخۇ دان چۇقىغاندەك تىزلىك بىلەن سەجدە قىلىدۇ.ئۇيەر-بۇ يەرلىرىنى قاشلاپ،ھەتتا ئۆيگە كىم كىردى قارىۋېتىپ نامىزىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.بىر ئىسلام ئالىمى ئايال كىشىنىڭ نامازدىكى ھالىتى ھەقتە مۇنداق دېگەن؛-«ئايال كىشىنىڭ يۈزى ۋە قۇلىدىن باشقا ھەرقانداق يىرى تىرناقچىلىك ئۇچۇق قالسا نامىزى ناماز بولمايدۇ » بىراق كۈپىنچىمىز نامازدىكى ھالىتىمىزگە ئەھمىيەت بەرمىدۇق.چاچلارنى ،بۇيۇنلارنى ئۇچۇق قۇيۇپ،پۇت پاقالچاقلارنى ياپماي،ئەركانلىرىغا رىئايە قىلماي،رۇكۇ سەجدىلەرنى تىزلىكتە قىلىپ،ناماز ئۇقۇدۇق.بىراق بۇنداق نامازلار دەرگاھى ھەققە ئۆرلىمىگەچكە دۇئالار ئىجاۋەت بولمىدى.ئەھۋالىمىز ياخشىلانمىدى.

       ئۈلۈمدىن غاپىل ئاياللار ،نەپلى نامازلار بىلەن ئالدىراش نەھايەت،ئۇلار سەھەرلەردە مۈگدەپ ياتقاندا ،ئەرلىرى بولغان بىچارىلەر مەشكە ئوت يېقىپ ئۆيني ئىسسىتقاندا ،ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ،نەپلى ناماز باشلايدۇ-يۇ بىر ئايال كىشىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىنى ئۈزى قىلماي،ئەرنىڭ تاھارىتىگە سۇ بىرىشتىن ئىبارەت ئاددى ئەمما جانابى ھەقنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرىدىغان ئەمەلنىمۇ قىلماي،يەنە تېخى ئۈزىنىڭ ئىبادىتىدىن خۇشال .ئۈزى چايلاردا ،ئادەمگەرچىلىكلەردە قۇرساق توقلاپ كېلىپ ،ئۇ ئەر نىمە يىدى؟كارى يوق ھالدا جاينامازدا جەننەت تىلەپ ئولتۇرىدۇ.

                 « كىشىنى بەندىگە سەجدە قىلىشقا ،بۇيرۇسىدى-ئەلۋەتتە ئايال كىشىنى ئېرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇيتتىم»-دېگەن ئىدى سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز.بۇنىڭدىن شۇنى كۈرۈۋېلىشقا بۇلىدۇكى ،ئەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈندۇر.

ئائىلىدە ئايال ئۈزى  قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلماي،نەپلى ناماز ئۇقۇپ ئولتۇرسا،ئەر بولغان بىچارىلەر مەشكە ئوت قالاپ،قايناقسۇلارنى چايدانغا قۇيۇپ،چاي دەملەپ ،داستىخان سېلىپ پايپىتەك بولسا ،بۇ غاپىل ئايالنىڭ نامىزى قانداق ناماز؟ئاللاھ ئۇ ئايالنىڭ نامىزىدىن رازى بۇلۇرمۇ؟چۈنكى ئايالنىڭ مەنىسى نىمە؟

        ئۈلۈمدىن غاپىل ئاياللار خامىليۇندەك ئۆزگىرىشلەردە

ئالدىراش.ئۆيگە كەلسە لىچەكنى كىيىپ ،جاينامازغا چىقىپ تەقۋا خېنىم،سىرتقا ،توي-تۈكۈن ۋە باشقا ئىشلارغا چىققاندا لىچەك تۈگۈل ياغلىقمۇ ئارتماي،ئۇچۇق مەيدە، چاڭگا چاچ،يېرىم-يالىڭاچ رەسۋا خېنىم بۇلۇپ يۈرۇشمەكتە.

         «ناماز ھەقىقەتەن گۇناھلاردىن تۇسىدۇ» دەيدۇ شەرەپلىك قۇرئانىمىز.بىراق ئۈلۈمدىن غاپىل ئاياللارنىڭ نامىزى ناماز بولمىغاچقا ،ئاياللار ئۈزىنى تۈزەلمىدى.ئەڭ ئەقەللىسى چاچتىن ئىبارەت ئەۋرەتنىمۇ ياپالمىدى. قارا قۇرساق گۇمراھلارغۇ ياپمىدى ،بىراق ئۇيغۇرنىڭ مەنىۋى سەركىلىرى بولغان ئەدىبەلەرمۇ ياپماي، غەيرىيلەردەك ياسىنىپ يۈردى.شۈبھىسىزكى ئاۋۋال چاچ يۆگەلسە ئاندىن ،بىلەك كۆكرەك.پاقالچاقلارمۇ يېپىلاتتى.شۇڭىمۇ يالىڭاچلىق باشتىن باشلىنىدۇ دەپ ئېيتقانمىز.

        ئۈلۈمدىن غاپىل ئاياللار كۈڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا،رېستۇرانلاردا، خىرىستىيانلارنىڭ ئادىتى بولغان ئاتالمىش تۇغۇلغان كۈن زىياپەتلىرىدە ،ۋە يەنە شەكلى ئۆزگەرگەن پىتنى-پاسات سۆھبەتلىرىدە ئالدىراش.ناخشا-مۇزىكا دىلنى قاساۋەتلەشتۈرىدۇ،ئاللاھنىڭ زىكرىنى تۇسىدۇ.بىراق بۇ ئاياللارنىڭ تۇرقىمۇ بىر ناخشا،دىلىدىمۇ ناخشا،تىلىدىمۇ ناخشا.قىلچە ئىزا تارتماي،تېخى «پالانچىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى»دىيىشلىرى بار. قېرىپ ،كەچكۈز ياپراقلىرىدەك سارغايغان چىرايىغا ياراشمىغان گىرىملەر بىلەن،غەيرى دىندىكىلەرنىڭ بەدبەشرە مومايلىرىدەكلا قىياپەتلەر بىلەن نامايان بۇلىشىدۇ.ئىمان نۇرى سىڭمىگەن بەدرەڭ چىرايىغا، قىممەت باھالىق گىرىملەرمۇ خۇددى پۇقاققا ھونناق چىققاندەك ئەبكا قېرىلىقنى ئايان قىلىۋاتىدۇ.مەن تۇرۇپلا ،ئۆمرىنى دىيانەت بىلەن ئۆتكۈزگەن ئەزەلدىن ،پەردازدىن خالى چىھرىدىكى ئىمان نۇرى ئۇلارنى تېخمۇ مىھرىبان،تېخىمۇ مۆتىۋەر كۆرسىتىدىغان غەمگۇزار ئانىلارغا بولغان سۈيۈنىشىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.دىمىسىمۇ بۇ ئانىلار بالىلىرىنى دوكتۇر –ئالىم ،ئەدىپ ،چولپان،......قىلمىغان بولسىمۇ ،بىراق ئەقىدىنى مىھرى-مۇھەببەتنى ،مۇھىمى ھەقنى تۇنۇشنى ،ۋە  ئەمەل قىلىشنى ئۈگەتكىنى ئۈچۈنلا ئاللاھنىڭ ئالدىدا تىگىشلىك ئەجىرگە ئەلۋەتتە ئېرىشىدۇ.

         ئۈلۈمدىن غاپىل ئاياللار يېزىقچىلىق دۇنياسىدا ئالدىراش.ئەسەرلىرىدە ئەخلاقنى ،ئەقىدىنى ،مۇقەددەس بىرلىكنى جان-دىلىدىن مەدھىيلەيدىغان،بۇ خېنىملار ئەمەلىيەتتە غەيرى دىندىكىلەردەك ياسىنىپ،شۆھرەتنىڭ ماغزاپ تاجىنى خۇددى بېھىشنىڭ لەئەللىرى كەبى چوڭ بىلدى. ئەل ئۈچۈن ئەسەر يېزىپ ،قەددى ئېگىلدى.قاپقارا چاچلىرى،يىل تۇزانلىرىدا ئاقاردى.ئەپسۇس مىڭ ئەپسۇس،ئەل ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئەسەر يازغان( ۋە يازماقچى بولغان) ئاشۇ ئەدىبەلەرئۈزىنىڭ قەلىب دۇنياسىنى بوش قويدى.نىمىنى مەدھىيلەشنى ،نىمىنى زىكرى قىلىشنى بىلمەي ،بىلسىمۇ ئەمەل قىلماي يۈردى.قىسقىسى غاپىللىق بۇ بىچارىلەرنى ھۇسۇلسىز قويدى.ئۇلار ئىلىمنى شەيتاندىن ئالدى.شۇڭا ئەمەل قىلىش بۇلارنىڭ يادىغا كەلمىدى.

      ئۈلۈمدىن غاپىل ئاياللار ھۇقۇق سەھنىسىدە ئالدىراش.دەييۈز ئەرلەر ئايالىنىڭ توخۇ تۈكى مەنسىۋىنى قالتىس بىلىپ،پەخرلىنىپ يۈردى-يۇ ئۈزىنىڭ پادىچى ئىكەنلىكىنى ،قىيامەتتە خوتۇنى ئۈچۈنمۇ چوڭ ھېساپ بىرىدىغىنىنى ئېسىگە ئالمىدى.خۇتۇنى تۇتقان ئاشۇ ئازغىنە ھۇقۇق ئۈچۈن مەھشەردە قانچىلىك نادامەت چېكىدىغىنىنى ئويلىمىدى.

              ئۈلۈمدىن غاپىل ئاياللار سەنئەت ئالىمىدە ئالدىراش.سەھنىدە نايناقلاپ ،ئەۋرەت ئاۋازلىرىنى ،ئېچىپ تۇرقىدىن مىڭ ياڭزا گۇمراھلىقنى ،تاراملىتىپ،شەيتان خورىنى ئوقۇدى.سەھنىدىن چۈشۈپ ،ئۇرىنىپ جاينامازغا چىقىپ شۆھرىتىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بۇلۇشىنى تىلىدى.

مانا مۇشۇنداق رىياكارلىق نەتىجىسىدە ،شەيتان كۈرەڭلىدى.

          ئۈلۈمدىن غاپىل ئاياللار ،گۇمراھلىق ئىلكىدە مۈگدەپ،قىممەتلىك ۋاقىتلارنى زايە قىلماقتا.ياشلار بولسا،قېرىغاندا تەۋبە قىلىمەن دەپ،ئوتتۇرا ياشلار سەل توختاپ ئاندىن ئەمەل  قىلاي دېگەندەك ئېزىتقۇ خىياللارنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمىدى. نەھايەت ئۈلۈم ياش قېرىغا باقمىدى.نى-نى ئاق چاچلىقلار قاپقارا چاچلىقلارنى ئۇزاتتى.نى-نى-قاپقارا چاچلار،ئاق چاچلارنى ئۇزاتتى.نى-نى كېسەللەر ساپ-ساق كىشىلەرنى ئۇزاتسا،نى-نى ساق كىشىلەر كېسەللەرنى ئۇزاتتى.

         دەرىخا!ئۈلۈم يېنىمىزدىلا ئىدى.بىراق ئۈلۈمدىن غاپىل ئاياللار خىرامان يۈردى.خېلى  نۇپۇزلۇق مەلۇم بىر ئايال ئەدىپنىڭ كېسىلى ئاشكارلىنىپ ئۈچ ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتتى.مېنىڭچە بۇ ئەدىبەنىڭ ئۈلىمى غەپلەتتى نۇرغۇن ئەدىبەلەرگە ساۋاق بولدى.مەنمۇ ئۇنى تۇنۇيتتىم.ئەقىدىنى ،ئېتىقادنى يازمىلىرىغىلا سىڭدۈرگەن ، بۇ ئايال ئەدىپ ئۈچۈن قايغۇردۇم.ۋە يەنە ھۇسۇلسىز قالماسلىق ئۈچۈن ئەسەر يېزىشتىنمۇ بەكرەك ھەققە بالدۇر قايتىپ،پەرىز ئەمەللەرنى جىددى ئۇرۇنلىشىمىز لازىملىقىنى يەنە بىر قېتىم ئېسىمگە ئالدىم. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر تۇيۇقسىز ئۈلۈم بىلەن بۇ دۇنيادىن كەتتى.بەزىدە ،ئاشۇ بىچارىلەر ئۈزىگە قانچىلىك ئىشلىۋالغاندۇ؟ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا ئەمەللىرىدىن قانچىلىك سۈيۈنەر ياكى نادامەت چېكەر دەپ ئويلايمەن-دە،ھەر بىر مىنۇت ۋاقىتمۇ قىممەتلىك بىلىنىدۇ.شۇڭا ھەممە كىشىنى بىباھا ۋاقتىنى قەدىرلىسە دەپ ئويلاپ كېتىمەن.بىراق يەنە نۇرغۇن ئەدىبەلەر شەيتان ئۇيقۇسىدا ،نۇبىل مۇكاپاتىنى چۈشەپ ياتتى.زادىلا كاللامدىن ئۆتمەيدۇ،ئەدىپ بۇلۇشتىن مەقسەت نىمە؟ئەسەر يېزىشتىن مەقسەت نىمە؟قايسى قەۋمىنىڭ ئەدىبى؟مۇسۇلماننىڭ يازغۇچىسىمۇ ياكى يەھۇدى،خىرىستىيان ناسارالارنىڭ يازغۇچىسىمۇ؟يالىڭاچلىقتىن ۋاز كېچىش شۇنچە تەسمۇ؟بۇ دۇنيانىڭ ئىسسىقى ،جەھەننەمنىڭ ئوت-يالقۇنىدىنمۇ كۈچلۈكمىدۇ؟بۇ دۇنيانىڭ جىلۋىسى ئاللاھنىڭ رىزاسىدىنمۇ ئەۋزەلمۇ؟

     ئۈلۈمدىن غاپىل ئاياللار ،نىيەت ئەلا دەپ ئۈزىنى ئالداپ ، بىر ئىتنى سۇغارغانلىق ئەمىلى بىلەن مەغپىرەتكە ئېرىشكەن پاھىشە ئايالنىڭ ۋەقەلىكى بار ھەدىسنى ئويلاپ ،ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىنى تەمە قىلپ ،نامازنى ئادا قىلماي،ئەۋرەتلىرىنى يۆگىمەي،ھارامدىن قول ئۈزمەي،سورۇنلاردىن ئۈزىنى تارتماي،يالىڭاچلىقىنى ياپماي،بالىلارنى ئەقىدە جەھەتتىن پەرۋىشسىز قۇيۇپ،بىلگىنىگە ئەمەل قىلماي يۈرىۋەردى.

     ئۈلۈمدىن غاپىل ئاياللار تاشقى زىننەتلىرىنى ئېچىش بىلەن ئالدىراش.مۇقەددەس كىتاۋىمىز،ئاياللارنىڭ تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقىنى ئاشكارلىماسلىققا چاقىردى.تاشقى زىننەت دېگەندە ئايال كىشىنىڭ بارمىقىدىكى ئۈزۈك.تىرنىقىدىكى خېنە(سىر خېنە ئەمەس)كۈزىدىكى سۈرمە (بەك قۇيۇق بۇلۇپ ئەرلەرنى جەلىپ قىلغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس)لەرنى كۆرسىتىدۇ.ئاللاھقا سان-ساناقسىز شۈكرىلەر بولسۇنكى ؛جانابى ئاللاھ يۈزىمىزنى ئەۋرەت جۈملىسىدىن قىلمىغانىكەن.بولمىسا زاماننىڭ ئەڭ ئۇسال پەيلىگە دۈچ كەپ قالغان بىزلەرنىڭ گۇناھلىرىمىز قانچىلىك چوڭ بۇلۇپ كېتەر ئىدى-ھە؟

   ئۈلۈمدىن غاپىل ئاياللار زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئېچىپ.بايلىق ۋە شۆھرەتنىڭ سىمۋۇلى بولغان ئالتۇن سۆكە-ھالقىلارنى ،يۇغان-يۇغان زەنجىرلەرنى ،بىلەيزۈك،زۇننارلارنى تاقاپ رەستىلەردە ئايان بولدى.ئاشۇ جىلۋىلىرىسىزمۇ نامەھرەملەرنى ماگىنىتتەك تارتىپ تۇرىدىغان ئاياللار ،ئۈلۈمدىن غاپىل ھالدا ،ئاشۇ ئالتۇنلارنىڭ *زاكىتىنى ئايرىشنى خىيالىغا كەلتۈرمەي ،ئاتالمىش غەيرى دىندىكىلەرنىڭ بايرىمى ئۈچۈن يەنە قانداق ئالتۇن ئېلىشنىلا ئويلىدى.«كىمكى ئايالىغا دەۋزەخنىڭ ئوتىدىن بۇيۇنتۇرۇق سېلىشنى راۋا كۆرسە ئالتۇنلارنى ئاشكارا تاقاپ قويسۇن »-دەيدۇ –رەسۇلىمىز.بىراق ئۈلۈمدىن غاپىل ئاياللار ئالتۈن ئۈچۈن ئالتۇندەك سارغىيىپ ،ئەرلەرگە غەم،ئائىلىگە يۈك،پەيدا قىلدى.ئاياللار ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرىنى مەيلى تاقىسۇن ،مەيلى داۋاملىق تاقىمىسۇن،ياكى تاقىماي ئۈيىدە تۇرسۇن 80گىرامدىن ئاشسا (80گىراممۇ بۇنىڭغا تەۋە.79گىرامغا زاكات كەلمەيدۇ)زاكىتى كېلەتتى.يەنى ھازىرقى بازار باھاسىدا پۇلغا سۇندۇرۇپ ،قىرىقتا بىر يەنى 1000 يۈۋەنگە 25يۈئەن بۇيىچە ھىساپلىسا ،خېلى پۇل دىگەن گەپ.مەسىلەن بىرسىنىڭ سەكسەن گىرام ئالتۇنى بار بولسا ،ئوتتۇرچە ھەر گىرامىنى 350يۈۋەن دىسەك جەمئى 28مىڭ يۈۋەن بۇلىدۇ..قىرىقتا بىر بۇيىچە ھىساپلىساق ھەر يىلى 1120يۈۋەن زاكات كەلدى دېگەن گەپ*.بىراق بۇنداق زاكاتنى كىملەر بەردى ،كىملەر بەرمىدى ئاللاھ ئۈزى ئالىمدۇر.

      ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرىنى ،خېلى-خېلى نامازخان خېنىملارنىڭمۇ ئاشكارا تاقىىشىغا ھەيرانمەن.ئىشقىلىپ بىزنىڭ نامىزىمىز  ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇلىيەتكە ئېرىشسە ،ئىدى.ئۈزىمىزنى جىددى تەرتىپكە سالغان بۇلاتتۇق.رەسۇلىمىزمۇ دائىم ،قۇبۇل بولماس ئەمەلدىن،ئىجاۋەت بولماس دۇئادىن پاناھ تىلەيتتى.قۇبۇل بولماس ئەمەللەر دىگەن ،بەندىنىڭ ئەمىلىيىگە تەسىر كۆرسىتەلمىگەن نامازدۇر.

ئۈلۈمدىن غاپىل ئاياللار ئەخلەت بىلىملەر پاتقىقىغا چۈكۈپ كەتكەن بۇلۇپ،بىلىشكە تىگىشلىك زۈرۈر ئىلىمنى (تەۋھىتنى بىلگۈدەك،نامازنى توغرا ئۇقۇغۇدەك ئىلىملەر،ئۈزىنى غەيرىي دىندىكىلەرگە ئوخشاتماي مۇسلىمەگە خاس ئوبرازدا تۈزىگۈدەك ئەقىدە)،بىلمەي،نەدىكى ئادەمنىڭ ئاغزىغا كەلمەيدىغان غارايىپ ئىلىملەرنى بىلىدۇ.زۈرۈر كەلىمەلەرنى بىلمەيدۇ.نەچچە خىل تىللارنى بىلىدۇ.نۇرغۇن نەزەرىيەلەرنى يازىدىيۇ-ئۈزىنى تۇنىمايدۇ.تەۋھىد ۋە ئىمانغا لايىقلاشمىغان بۇنداق ئەخلەت بىلىملەر دەستىدىن نەچچىسىنىڭ مىڭىسىنىڭ سىغىمى ئېشىپ كەتتى.شۇڭا ئەمەلسىز ئالىم بۇلۇپ ،شەيتان ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋەردى.

    ئۇلارغا ئەۋرەتلەرنى يۆگەش بەسى مۈشكۈل تۇيۇلىدۇ.ئۇلار بىلمەمدۇ ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئەۋرەتلەرنى يېپىش شۇنچە تەس تۇيۇلىۋاتسا،يەنە قايسى يۈزى بىلەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ،مەغپىرىتىنى ئۈمۈت قىلغۇلۇق؟

ئۈلۈمدىن غاپىل ئاياللار ،ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ.بىراق يۈرۈكىدە ئەمەس تىلىدا. يۈرۈكىدە ياد ئەتسىدى ئەۋرەتلەرنى ياپقان بۇلاتتى.بىلگەن بىلەن ،بىلمىگەننىڭ پەرقى بار.ھەم يەنە بىلىپ تۇرۇپ ئەمەل قىلمىغان  بىلەن،بىلگەن ھەم ئەمەل قىلغاننىڭ ئاسمان –زېمىن پەرقى بار.بىلگەننى مەدھىيلەشكە توغرا كەلسە مەخلۇقات ئىچىدە شەيتانغا يىتىشەلەيدىغىنى  يوق.گەپ ئەمەل قىلىشتا.بىزنىڭ نۇرغۇن ئەدىپلىرىمىز ھەممىنى بىلىدۇ،لېكىن ئەمەل قىلمايدۇ.ناماز ئۇقۇيدۇ.نامازنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمايدۇ.ناماز ئىچىدە يۆگىنىپ تەقۋا خېنىم،نامازدىن چىققاندا يەنە يېرىم-يالىڭاچ شەيتان خېنىمغا ئايلىنىدۇ. شەرئى ئەھكاملاردىن بىلىدۇ.ئەمەلىيىتىگە ماسلاشتۇرمايدۇ.مانا بۇنى شەيتاندىن ئىلىم ئالغانلار دىسەك بۇلىدۇ.چۈنكى شەيتان ئەمەل قىلمىغانلىقىدىن لەئىنلىككە گىرىپتار بولدى.

     ئەي قېرىنداشلار،بۇ دۇنيانىڭ كۆپى كېتىپ ئېزى قالدى.ئۈلۈم ھەرۋاقىت بىزنى ئەگىپ يۈرىۋاتىدۇ.«مەيلى قانچە يىل ياشاڭ، يىگىرمە ياش ئۆمرىڭىزنىڭ تەڭ باسقۇچى دەپتىكەن»- بىر دانا.ئوتتۇزياشتىن بۇرۇنقى چاغلارنىڭ خېلى بەرىكىتى باردەك تۇيۇلغان بىلەن ،ئوتتۇزغا باردىڭمۇ يىللار پىرقىرىغاندەك ئايلىنىدىكەن.ئوتتۇز قىرىقنىڭ قوشنىسى،قىرىق ئەللىكنىڭ.ئەللىك بولسا ئاتمىشنىڭ ھەمراھى.قانچە يىل ئۆمۈر كۆرىمىز بۇنى تەنھا ئاللاھلا بىلىدۇ.شۇڭا ۋاقىتنى قەدىرلەيلى.ھەرمىنۇت ۋاقىتمۇ بوش ئۆتمىسۇن.ئۈلۈمدىن غاپىل قېلىپ مەڭگۈلۈك نادامەتكە گىرىپتار بۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن،نامازنى ئادا قىلايلى .نامازغا رىئايە قىلايلى.

ئەي ئىلىم ئىگىلىرى خېنىملار ، بىلىمىزنى ئەمەلىيەتكە سىڭدۈرەيلى.ئەۋرەتلەرنى يۆگەيلى.ئەدىپ بولمىساقمۇ بۇلىۋېرىدۇ.بىراق مۇسلىمە بولمىساق قەتئى بولمايدۇ.ئەسەر يازمىساقمۇ بۇلىۋېرىدۇ.بىراق ناماز ئۇقۇمىساق بولمايدۇ.چولپان بولمىساق مەيلىكى ئىمانلىق بولمىساق بولمايدۇ.كارخانىچى،ساخاۋەتچى ،،،يەنە بىر نىمىچى بولمىساق مەيلىكى ،ئاللاھتىن قورققۇچى بولمىساق بولمايدۇ.غاپىل گۇمراھلار نەزەرىدە ،مەتو دەپ ئاتالساق ھېچقىسى يوق .بىراق كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان جانابى ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن يېرىم-يالىڭاچ ،ئۇچۇق مەيدە ،چاڭگا چاچ يۈرسەك قەتئى بولمايدۇ.

ئاتالمىش باشلىقلار ئالدىدا ياغلىقنى ئالمىدىڭ دەپ ئىزا ئىشتسەك مەيلىكى ،ياغلىقسىز يۈرسەك بولمايدۇ.چۈشتىن كېيىنلىك خىزمەتلەرگە كېچىكىپ قېلىپ ،پۇل تۇتۇلسا مەيلىكى ،نامازنى كەچكە قۇيۇشقا بولمايدۇ.ئەرزىمەس يازمىلارنى يېزىپ ،ماختاشقا ئېرىشمىسەك ھېچقىسى يوقكى،زىكرىدىن بۇشۇشۇشقا بولمايدۇ.بەندىنى(باشلىقنى) چوڭ كۆرمەي ،ھاكاۋۇر ئاتالساق مەيلىكى،ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى ئاجىزلىقىمىزنى ،بىقۇۋۇللۇقۇمىزنى ئېتىراپ قىلمىساق قەتئى  بولمايدۇ.

قىسقىسى ئەي قېرىنداشلار ئۈلۈمدىن غاپىل قالمايلى.بىزنىڭ بىر مەشھۇر ئەدىپنىڭ مۇنۇ سۈزى بارغۇ؟بىرمىنۇت ۋاقتىڭ ئۆتتى ،ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭ دېگەن گەپ دەيدىغان.دىمەك بۈگۈنىمىز ئۆتتى.مەڭگۈكەلمەيدۇ.مانا بۇگۈنكى بۇ ۋاقىت،نامازنى ئەركانلىرى بىلەن تۇلۇق ئاداقىلغان،ئەۋرەتلىرىنى ياپقانلارغىمۇ ئۈتۈپ كەتتى.نامازنى شەكلەن ئاداقىلغان،ياكى پەقەت ناماز ئۇقۇمىغان،يېرىم-يالىڭاچ يۈرىۋەرگەنلەرگىمۇ ئۈتۈپ كەتتى.بىراق ئىككى تۈركۈمدىكىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى دەرىجىسى ئوخشاشمۇ؟؟؟؟

قېرىنداشلار!ئاللاھ بىزنى بىكارغا ياراتمىدى.ئىنسانلارنى ۋە جىنلارنى پەقەت  ئۈزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتتى.بىراق بىز بۇ دۇنيانىڭ ئالدىراشلىرى ئىچىدە ،ئالدىرمايدىغان ئىشلارغا ئالدىراپ،ئالدىراشقا تېگىشلىك ئىشلارغا ئالدىرماي مۈگدەپ يۈرۈپتىمىز.نۇرغۇنلىرىمىز بىلىشكە تىگىشلىك بىلىملەرنى بىلمەي،بىلمىسەكمۇ بۇلىدىغان ئەخلەت بىلىملەر ئۈچۈن تالاي زامان مىڭىمىزنى ئۇپرىتىپ يۈرۈپتىمىز.تەۋھىد ئىلمىنى،نامازغا لايىق ئىلىملەرنى .نامازنىڭ ئەركانلىرىنى(،پەرىز.سۈننەت ،ۋاجىپلىرىنى ،مەكرۇھات نەچچە،مۇپسىدات قانچە،ھارام قانچە)بىلمىسەك قەتئى بولمايدۇ.بىلمەپتىمەن دىسەك ئۆزرىمىز قۇبۇل ئەمەس.چۈنكى بۇ بىلىملەرنى چۇقۇم ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرىز ئەيىندىن* ئىبارەت.

نەچچىمىز بۇ ئىلىملەرنى بىلىمىز-يۇ بىراق ئەمەل يوق.ياكى بولمىسا ،نامازدىن چىقىپ يەنە غەيرىيلەردەك بۇلىۋالىمىز.بۇ مۇسۇلمانلىقمۇ ياكى مۇناپىقلىقمۇ؟بىلىش بىلەن ئەمەل قىلىش ئىككىسى قوشكېزەك.بىرسى كەم بولسا ،كامىل مۆئمىن بۇلالمايمىز. شۇڭا بىلىش بىلەن ئەمەل قىلىش بىرلەشمىسە بولىدۇ.چۈنكى ئىمان دىگەن،دىلدىن ئىشىنىش تىلىدا تەستىقلاش، ئاندىن ئەمەلىيىتىمىزدە ئۇرۇنلاشنى كۆرسىتىدۇ. چۇقۇمكى ھەققە قۇللۇق ئەتمىگەن ئىلىم،ئىستىدات،تالانت،نام-شۆھرەت،بايلىق،مەرتىۋە، بۇ دۇنيادىن ئىبارەت سۇ يۈزىدىكى كۆزلەرنى غەلەت قىلىدىغان چىرايلىق ماغزاپتىن ئىبارەت.

   ھەممىنى بىلىدىغان، ئەمما ئەمەل قىلمايدىغانلار بولسا كىتاپ يۈدىۋالغان ئېشەكتىن ئىبارەت.

ئاخىردا قېرىنداشلارغا كىلاسسىكلاردىن مۇنۇ مىسرالارنى تەقدىم ئېتىمەن.

ئالىم ئىلمىگە ئەمەل قىلمىسا،

كىتاپ يۈدىۋالغان ئېشەك بۇلىدۇ.

ئىلىمسىز قازىلار ئېشەك دىيىلسە،

بۇ ئېشەككە تۆھمەت دېسەك بۇلىدۇ.

*ئالتۇن توغرىسىدىكى پەتىۋانى؛-ئىسلام ئىنىستوتىنىڭ تۇنجى قارارلىق ئوقۇغۇچىلىرى بولغان بىر ئالىم بەرگەن. *

پەرىزئەيىن_ھەر بىر كىشى بىۋاستە ئۈزى قىلمىسا،گەدىنىدىن ساقىت ئەمەس بولغان ئەمەلنى كۆرسىتىدۇ.


تەھرىردىن: پايدىلانغان مەنبە ياكى ئەسەر ئاپتورىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-31 04:51 PM  


ھازىرغىچە 21 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
arkam@ak + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
تاغگۇلى + 20 ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت
affan113 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
amannisa + 155 ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن
namurullah + 97
uzkui + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
maynur727 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
xahsanam + 300
yiganayaprak520 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
muslina216 + 50 دەلىللەر يېتەرلىك
@azat + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
bayhenim + 20 دەلىللەر يېتەرلىك
YAZR + 45 نادىر
Adarqiz + 300 ماشائاللاھ،،ئېگەم ئە.
سۈمەييە + 50 ئەجىرلىك تىما
KORURMANN + 10
XERHAN + 55 بارىكاللا !
ئەنسارى. + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك
nazpari + 100 اللە ئەجرىڭىزنى بەرسۇ.
gazir-koz + 25 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1950   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 819
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34282
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 506 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 04:31:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللاھ رەھمەت قىلغاي قېرىندىشىم!
ئەي ئىلىم ئىگىلىرى خېنىملار !ئەۋرەتلەرنى يۆگەيلى!ئەدىپ بولمىساقمۇ بۇلىۋېرىدۇ.بىراق مۇسلىمە بولمىساق قەتئى بولمايدۇ.ئەسەر يازمىساقمۇ بۇلىۋېرىدۇ.بىراق ناماز ئۇقۇمىساق بولمايدۇ.چولپان بولمىساق مەيلىكى ئىمانلىق بولمىساق بولمايدۇ.كارخانىچى،ساخاۋەتچى ،،،يەنە بىر نىمىچى بولمىساق مەيلىكى ،ئاللاھتىن قورققۇچى بولمىساق بولمايدۇ.غاپىل گۇمراھلار نەزەرىدە ،مەتو دەپ ئاتالساق ھېچقىسى يوق .بىراق كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان جانابى ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن يېرىم-يالىڭاچ ،ئۇچۇق مەيدە ،چاڭگا چاچ يۈرسەك قەتئى بولمايدۇ!... مەنمۇ مۇشۇنى ئەسكەرتەي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89134
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-12-26
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 04:42:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەھرىردىن: پايدىلانغان مەنبە ياكى ئەسەر ئاپتورىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ.

ئەسەر ئاپتۇرى؛ئۈزەم.
ھەراست،بۇ تىمىدا- بىرقىسىم زىيادە سەزگۈرلۈك كېسىلى بار تىللاش قەھرىمانلىرىنىڭ ئۈزىچە كىمگىدۇر قىياسلاپ پىتنە قىلىشىنى خالىمايمەن.ئاللاھ ھەممىمىزنى(ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارنى) تەقۋالاردىن قىلغاي.غاپىللاردىن قىلمىغاي.قۇبۇل بۇلىدىغان ئەمەللەرنى نېسىپ قىلغاي رىياكارلىقتىن ساقلىغاي.نامازدىن زىكرىدىن تەسبىھتىن،تەھلىلدىن جۇدا قىلمىغاي.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1970
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4648
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 04:44:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇق ئاللاھتاالا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم!رەھمەت بىزنى مۇشۇنداق مول بىلىم بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە!
تېمىنى ئوقۇۋىتىپ يۈرەكلىرىم لەرزىگە كەلدى،تەنلىرىم تىترىدى!!!

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5528
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 635 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 05:05:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !!!!!!!!!!!

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 05:22:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر تىمىنىڭ پادىشاھى بوپتۇ بۇ تىما

Made in Answer

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93013
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 669
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 246 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 05:35:40 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قىرىندىشىم جاپا چكىپسىز   
مەن باشقا ئۇلمالاردىن ئاڭلىغان   ..ئاللاھ مىنىڭ مۇسۇلمان بەندىلىرىم ئىزىپكىتىپقالمىسۇن دىمەيدىغان بۇسام  مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ ئىمانى يۇقلار نىڭكاپىرلانىڭ ماڭدىغان يۇلدىن تارتىپ ھەممىنى ئالتۇندىن قىلۋەتكەن بۇلاتتىم دەپتىكەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا   شۇڭا ھەقىقى مۇسۇلمان مىليۇنىر بۇلاشقا ئەمەس ئاللاھ نىڭ سىنقىدىن ئۇتەشكە تىرشىدۇ دەرۋەقە مۇسۇلمانلار بۇ دۇنيادا جاپا مۇشەققەتتە ياشايدۇ.ئاللاھ نىڭ دارگاھىغابارغاندا ئۇلا يەنى باشقا دىندىكىلەر جاپا مۇشەققەتتە ياشايدۇ يەنى قاتتىق جازاغا تارتىلدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abduwayt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-20 05:39 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87088
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1373
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 372 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 05:41:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەر - ئاياللار باراۋەر دەپتىكەن ... ئەرلەر كەيمەيدۇ ئۇنداق كىيىملەرنى ... ئاياللار نىمانداق ئامراقتۇ -ھە ...!

شىرئەلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89134
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-12-26
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 05:58:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abduwayt يوللىغان ۋاقتى  2013-4-20 05:35 PM
رەھمەت قىرىندىشىم جاپا چكىپسىز   
مەن باشقا ئۇلمالاردى ...

سىزگىمۇ رەھمەت قېرىندىشىم.مەن ئادىل تۇنىيازنىڭ مۇنۇ مىىسراسىنى بەك ياقتۇرۇمەن.
قۇلىدا تەسۋى قۇڭىدا پىكاپ،
ئەرەب بايۋەچچە داچىغا ماڭار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90820
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 288
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2014-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 05:59:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما  ئىگىسى  ئاللا  سىزدىن  رازى  بولسۇن  ھەم   سىزنى   رازى  قىلسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش