بىلمەيمەن
ئاپتورى:ئەنىۋەر ئەمەت ئەزىزى
ئۆزۈم بولسام مىڭكاۋخەن تىلىمنىمۇ بىلمەيمەن،
ئىسلام دەيدۇ باشقىلار دىنىمنىمۇ بىلمەيمەن،
نەدە بولسۇن مەن ئۇيغۇر مۇسۇلمان دەپ سۆزلەيمەن،
‹‹بەش ۋاخ›› دىگەن نىمە گەپ نامازنىمۇ بىلمەيمەن.
گەر بولساممۇ ئەلاچى ھەممە تۈرلۈك پەنلەرگە،
سۆزلەلمەيمەن ساپ تىلدا تىلىم كېتەر ‹‹خەن››لەرگە،
مەدەنىيتى ئۇلارنىڭ سىڭىپ كەتتى تەنلەرگە،
‹‹艾山›› دەيدۇ باشقىلار ئىسمىمنىمۇ بىلمەيمەن.
مىللىتىمنى، تارىخنى، مەدەنىيەتنى، ئۇقمايمەن،
دۇتتار، راۋاپ، تەمبۈرنى پۇل بەرسىمۇ تۇتمايمەن،
گىتتارىمنى كۆتۈرۈپ دىبالاردىن چىقمايمەن،
‹‹مەخمۇت›› كىمۇ؟ ‹‹سادىر›› كىم؟ بوۋامنىمۇ بىلمەيمەن.
مەسچىتلەرگە كىرمەيمەن ئۆتۈپ كېتىپ ئايلىنىپ،
كىرگەنلەرنى توسۇدۇم ‹‹مىڭ بىڭ›› بولۇپ سايلىنىپ،
بۇ كەمگۈچە باقمىدىم ئۆلۈمدىنمۇ ئەيمىنىپ،
‹‹دوزاق››،‹‹جەننەت›› بارمۇ يوق؟ خۇدانىمۇ بىلمەيمەن.
2013-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى
مۇشۇ بىر ئىككى ھەپتە ئىچىدە يېڭى بىر ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ئۈستىدە ئىزدىنۋاتقان ئىدىم،<چانايمەن>ناملىق شېئىر بۇ ئىجادىيەتلىرىمنىڭ 3-سى ئىدى، لېكىن ئۈندىداردىن تارقىلىپ كېتىپ ناخشا بولۇپ ئېيتلىپ ئاخىرىدا مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە غولا-غۇلا قوزغاپتۇ. بۇ شېئىر <چانايمەن>نىڭ كەينىدىن يېزىلغان ئەسەر بولغانلىقى ئۈچۈن<چانايمەن>نىڭ ئىككىنچى قىسىمى دەپ يوللىدۇم. ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككلىسىدە بىر خىل ئۇسلۇپ يەنى 1-شەخىسلىك ساتىرا ئۇسلۇبى قوللىنىلغان بولۇپ، نۇرغۇن تورداشلارنىڭ مەزمۇنىنى چۈشۈنەلمەسلىكتەك ئاقىۋەتلىرى مەۋجۈت. شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ تازابىر ئوقۇپ مەزمۇننى چۈشۈنۈپ ئىنكاس يېزىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئەسلى مەن ئامالنىڭ بارىچە خەنزۇچە ئىشلەتمەي دىگەن ئەمما 1-دىن بۇ تېكىسنى يازغاندا زۆرۈرىيەت بوپ قالدى،2-دىن ئۇيغۇرچە قىلىپ ياسسام بەرىبىر شۇ ياشلىرىمىزغا دەل تېگىشى ناتايىن، 3-بۇ 1-شەخىس تىلى بويىچە يېزىلغان شۇڭا ‹مەن› دەپ ئېلىنغان بولغاچقا شېئىردا ئېيتىلغان باش پىرسۇناژنىڭ چىنلىقىنى ئىپادىلەش ۋە باشقىلارنى نەق ئاشۇنداق بۇزۇۋانلاردىن ئاڭلاۋاتقان گەپتەك ھېس قىلدۇرۇش مەخسىتىدە شۇنداق يازدىم، توغرا چۈشەنگەيسىزلەر...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا $$$xair$$$ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-20 12:51 PM