مۇشائىرە تەكلىۋى ۋە مۇشائىرە جەريانى تۆۋەندىكىدەك:
ئەلگە تونۇلغان پىشقەدەم شائىرىمىز ئالدىدا ئۆزەمنى چاغلىماي مۇشائىرىدىن سۆز ئېچىشىم، باشقىلارغا تولىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلىۋاتقاندۇ بەلكىم... مەيلى، تورداشلارنىڭ بىرنەچچە كۈنلۈك مەسخىرىسى بىلەن يۈزۈمنى شەلپەردەك قىزارتىپ بولسىمۇ، مۇشائىرە تامانىدا ئۇنىڭ ناۋائىيچە ھەيۋەتلىك سىماسىنى مەستانىلىرى ئالدىدا پەيدا قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ. سەۋەبى، يېقىندىن بېرىكى تور دۇنياسىدا مۇتلەق كۆپ قىسىم ياشلىرىمىز ئاتالمىش <<مۇشائىرە>>نى پەقەت قوشاق شەكلى بىلەنلا داۋاملاشتۇرۇپ، ئەنئەنىمىزدىكى كىلاسسكلارنىڭ ئارۇزچە پاساھەتكە تويۇنغان بېيىت شەكلىدىكى مۇشائىرە نەمۇنىلىرىگە ئېرەن قىلمايۋاتىدۇ. بۇ مۇناسىۋەتتە، ئەشۇ ياشلىرىمىزغا ئەجداتلىرىمىزنىڭ قىسمەن ئەندىزىسىنى نامايىش قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ، ناقابىللىقىمغا پىسەنت قىلماي مۆتىۋەر شائىرىمىزنى مۇشائىرە تۆرىگە تەكلىپ قىلماي ئامال بولمىدى...
تۆۋەندىكى مۇشائىرىگە قاتناشقۇچى «مەشرەپ» ئىھتىمال مۇھەممەدجان راشىدىن بولىشىمۇ مۇمكىن، ياكى مۇھەممەدجان راشىدىننىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغۇچى غەزەلخان بولىشىمۇ مۇمكىن. نىمىلا بولمىسۇن مۇشائىرە ئالتە كۈندە مۇۋەپپەقيەتلىك ئاخىرلاشتى
.
.
بارخان:
فىر ناۋائىي ھەزرىتىدەك تىلتۇمار ئارۇز پۈتەي،
«...قۇتتەيىر»سۇمرۇغ قارارى قەد-چىنار ئارۇز پۈتەي.
مەشرەپ:
كۆك-سامادا پەر قاقار قۇشلارمۇ مۇختاج شاھىغا
ھەركى تائىب، ھەر گوروھقا تاجىدار ئارۇز پۈتەي.
بارخان:
كى «ئاتاساغۇن-ئوغۇزخان» تۆت سارى مەكتۈبى مىسال،
ھەمجەھەت«ھون»،«ساك»تامانى شول«جاكار»ئارۇز پۈتەي.
مەشرەپ:
كەلدى «ئۈچ چىن»-ئۈچ قېرىنداش «يا»،«ئوق»ى ھېكمەت بىلەن،
بوي بېرەركى «يا»غا «ئوق»، تۇققانغا يار ئارۇز پۈتەي.
بارخان:
مەشرىقى «تاڭ غۇز» دىمەك، مەغرىپتا «ماچىن» كاش ئىلى،
ئورتا-«ئارچىن» جۈرى-جەمئىي «قورىغار» ئارۇز پۈتەي.
مەشرەپ:
«شۇ خاقان»، «ئالىپ ئايا» «تاۋغاچ»تا ئۆم «ئۈچ قورىقان»،
«سەددى ئىسكەندەر»دە سۈلھى، يول تاپار- ئارۇز پۈتەي.
بارخان:
گاھ تۇران، گاھى ئىران «شاھنامە» داستاندىن نەقىل؛
شول غەيۈر شاھ ئەرتۇڭادىن ئىپتىخار ئارۇز پۈتەي.
مەشرەپ:
قاي تالاپەت تۈپ سەۋەپ؟ كەلدى قېرىنداش بىز تامان،
رىشتى ماچىن ئۇرخۇنىمغا ئاھ! دىدار ئارۇز پۈتەي.
بارخان:
كەلدى ئىسلام نۇرى-نۇسرەت كى تۈرك سۇلتانىغا،
ئىككى دۇنيا بەختى-ئىقبال گۈل باھار ئارۇز پۈتەي.
مەشرەپ:
قىسمىتىم بىر كۈلگىنىدە مىڭ يىغا ھەمرا ئىكەن،
بىر كۈلۈپ مىڭ يىغلىشىمدىن مۇڭى زار ئارۇز پۈتەي.
بارخان:
قارقىتان-تاۋغاچ شىرەم مەغرىپ تامان ئالدى قەدەم،
كەلدى زور ئۇندىن ئەلەم، ئەركىم بىدار ئارۇز پۈتەي.
بارخان:
ئول يىپەك يوللار ئەمەسكى سودىغا مەنزىل ئەزەل،
ۋەھكى قايدا روھى كارۋان؟ لەك ئۇرار ئارۇز پۈتەي.
.
مەنبە: http://www.yexilaral.com/forum.php?mod=viewthread&tid=653&extra=&page=1
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tarurum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-20 11:49 AM