مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: shepereng

ئۇيغۇرلار يوقىلامدۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3553
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە شۇ تاقا - تۇقا گەپ قىلىدىغان شەپەرەڭكەنغۇ بۇ .



جىڭ  ، قاچان قارىسا    شۇ نداق تېمىلارنى يىزىپ ئولتۇردىكەن  بۇ بالا.    ئەمسە قوش تىل ئوقوتۇشنى   ۋاي ئاكامغا رەھمەت دەپ قوللاپ بەرسەك بولدىغان ئوخشايدۇ  بۇ    پەيلاسوپنىڭ قارىشچە .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3553
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىڭىزنىڭ چولتا بىلجىرلاشلىرىنى




پەتىۋا بەرگىلى تۇرۇپ تۇ بۇ بالا   ئۆز ئالدىغا .       ئەخلەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93782
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 64
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2013-4-20
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مۇنبەردىكىلەرنى كالۋا كورىدىغان ئوخشايدۇ.گەپ قىلىشتىن ئاۋال نىمە دەۋاتقىنىنى بىلەمدۇ بىلمەمدۇ،نىمانداق تېتىقسىز بىلجىرلاش بۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36142
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3549
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 2825 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لەيلى
لەيلى كۆزلىرى دۆپدۈگىلەك،دائىم نىمە ئۈچۈن؟ دىگەن سۆزنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان،خۇددى ئۈچ ياشلىق قىزنى بويىدىن تارتىپ ئۆستۈرۈپ قويغاندەكلا كۆرىنىدىغان ئوماق،ساددا،ئەمما تىرىشچان قىز ئىدى.كورستا دەسلەپ ئوقۇش باشلىغاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە تىزىملاتقان خەنزۇۋان ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ كۆپ قىسىمى دەرسنى ئانا تىلدا ئۆتكەچكە چۈشىنەلمەسلىكنى باھانە قىلىپ ياكى ئالىي مەكتەپكە كىلىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرچە ئوقۇغان ئانا تىل ئاساسى ياخشى كورسداشلىرىنىڭ مەسخرىسىدىن قېچىپ دەرس باشلاپ ئۇزاق ئۆتمەي توختاپ قېلىشتى.پەقەت لەيلىلا دەرسكە تولۇق قاتناشقاندى.ھەر سائەتلىك تاپشۇرۇقنى ئەستايىدىل ئورۇنداش بىلەن بىرگە يېڭى سائەتلىك دەرس ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق قىلىپ كىلەتتى.توختىماي سۇئال سوراپ مىنى تەرلەتكەن چاغلىرىدا مۇشۇنداق تىرىشچان ئوقۇغۇچىمنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ كىتەتتىم.ئوقۇغۇچىلار بەس-مۇنازىرىسىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ مۇنازىرىچىسىمۇ ،ئاكتىپ پائالىيەتچىسىمۇ،تۇنجى قېتىملىق كۇرس بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە ئالاھىدە دەرىجە مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىمۇ مۇشۇ لەيلى ئىدى.
سۆزلەنگەن مەزمۇنلارنى تېلففونىدا ئۈنگە ئېلىۋېلىپ دەرستىن كىيىن باشقىلاردىن سوراپ ئۈگىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ،دەرىستىن سىرت ئۇنىڭغا خەنزۇتىلىدا تەكرار قىلىپ بەردىم.ئەگەر خالىسا ئۇيغۇر تىلى ساۋادىنى چىقىرىشقا ياردەمدە بولىدىغانلىقىمنى ئېيىتسام ئۆزىنىڭ مەكتەپنىڭ ئختىيارى تاللاپ ئوقۇيدىغان دەرسى قاتارىدا ئۇيغۇرتىلى دەرسىنى تاللىغانلىقىنى ،بىر ئۇيغۇر مۇئەللىمنىڭ مەخسۇس خەنزۇۋان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋات چىقىرىشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن تاللاپ ئوقۇيدىغان دەرىسلەر قاتارىدا ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېيىتتى.مىنىڭ بىلىشىمچە مەكتەپتە خەنزۇۋان ئوقۇغۇچىلار 100دىن كەم ئەمەس،لىكىن بۇ دەرسنى پەقەت بىر لەيلىلا تاللاپتۇ.شۇنچە كۆپ بالىلارنىڭ تىزىملاتمىغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندىم.لەيلىنى رىغبەتلەندۇرگەچ بىز سۆيۈپ ئوقىغان ئېلىپبەدىن بىرنى سوۋغا قىلدىم.كۇرس ئاخىرلىشىپ خېلى بىر چاغلارغىچە ھەر كۈنى ئەتتىگەن لەيلىنى مەكتەپنىڭ ئارقىسىدىكى چىملىقتا ئنگىلىزتىلى يادىلاۋاتقان ھالەتتە ئۇچرىتىپ تۇردۇم.مەن دەرس بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا پەقەت لەيلىلا ئىزچىل ئۈگىنىشنى داۋاملاشتۇرۋاتقاندەك قىلاتتى.
بىر كۈنى لەيلى كۈتۈپخانىدا ئۇچىراپ قالدى.ئۇ ئۆزىنىڭ مەۋسۇملۇق ئۈگىنىش پىلانىنى تەپسىلى سۆزلەپ بەردى.ئىنگىلىزتىلى6-دەرىجە ئىمتىھانىغاتەييارلىق قىلىش،دۆلەت ئەدىليەئىمتىھانى،شوپۇرلۇق پىراۋا نەزىريە ئىمتىھانى،بوغالتىرلىق ئىمتىھانى،كەسپى دەرىسلىك....... ئۇيغۇرتىلى ساۋادىنىڭ چىققان چىقمىغانلىقىنى سورىسام ئۆزى ئوقۇغان سىنىپتا لەيلى بىرلا خەنزۇۋان ئۇيغۇر قالغىنى خەنلەر بولغاچقا مۇئەللىم بىر ماۋسۇمدا پەقەت 32ھەرىپنىلا سۆزلەپتۇ.دىمەك ساۋادى تېخى چىقماپتۇ.
-نىمىشقا ئۈگەنمەيسىز؟
_.....
ئىنگىلىز تىلىنى شۇنداق تىرىشىپ ئۈگەندىڭىزغۇ؟
_ ئۇيغۇر تىلى ئۇنىڭدىن مىڭ ھەسسە ئاسان. ئۇنتۇپ قالماڭ بۇ دىگەن سىزنىڭ ئانا تىلىڭىز!
ئاۋازىم يوقىرى چىقىپ كەتكەن بولسا كىرەك كۈتۈپخانىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە قاراشتى.لەيلىنىڭ لەۋلىرى ئۈمچىيىپ ، يۈزلىرى قىزاردى.ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمگە تەييارلىق قىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز لەيلىدىن ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالدىم.
-مۇئەللىم،ساۋادىمنى چىقىرىشىمغا ياردەم قىلالامسىز؟
تۇيۇقسىز ئۈگىنىش نىيىتىگە كىلىشىنىڭ سەۋەبىنى سورىدىم.سىنىپىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە لەيلى رىياسەتچى بولغانكەن.ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چىمەن دوپپىسىنى ئەتلەس كۆينىكىنى كىيىپ بارسا بىر خەن ساۋاقدىشى سەن يا ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمىسەڭ يا يازالمىساڭ بىزدىن نىمە پەرقىڭ؟ تېخى غەيرى كىيىنۋالغىنىنى تېخى دىسە يەنە بىر خەن ساۋاقدىشى بۇلار ئاز كۈندە باشقا ئازسانلىق مىللەتلەرگە ئوخشاش يوقىلىپ كىتىدۇ دەپتۇ.بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن لەيلى شۇ كۈنىلا ساۋاد چىقىرىش ئىرادىسىگە كەلگەنكەن.
-ئەمدى نىمىنى ئۈگىنىشنىڭ ئەڭ موھىملىقىنى ھەقىقى تونۇپ يىتىپسىز،ئەلۋەتتە سىزگە خوشاللىق بىلەن ياردەم قىلىمەن، دەپ ئۇچۇر قايتۇردۇم.
ھەپتىدە تۆت كۈن ھەر كۈنى ئىككى سائەتتىن دەرس ئاڭلاپ لەيلى خېلىلا ئىلگىرلەپ قالدى.ئۇنىڭ ئېلىپبەنى يېڭى تىلى چىققان بالىدەك ئوقۇشى مىنى ئالەمچە خۇشال قىلاتتى. ئۇنىڭ < ئېلىپبەنى تۈگەتتىم>دىگەن تىكىسىتنى دودۇقلىماي جاراڭلىق ئوقۇپ بولغاندىن كىيىنكى كۆز يېشىدىن ئۇنى شۇنچە يىلدىن بېرى ساۋادسىز يۈرگەنلىكىگە بولغان پۇشايمان،ئۆكۈنۈشىنى،ئانا تىلدا كىتاپ كۆرۈشنىڭ نەقەدەر پەخىرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلغانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم.ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ<ئىز >ناملىق شېئىرنى يادىلاپ كىلىشكە ئورۇنلاشتۇرسام ئەتىسىلا يادىلاپ كەپتۇ.
ئىز
ياش ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز .
ئەمدى ئاتقا مىنگىدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز،
ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز .
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق،قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.
قالدى ئىز چۆللەر ئارا،گايى داۋانلاردا يەنە،
قالدى نى-نى ئارسىلانلار دەشىت-چۆللدە قەۋرىسىز.
قەۋرىسىز قالدى دىمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،
گۈل-چىىچەككە پۈركىنەر تاڭنا باھاردا قەۋرىمىز.
قالدى ئىز ،قالدى مەنزىل،قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى،
چىقسا بوران،كۆچسە قۇملارھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز.
توختىماس كارۋان يولدىن گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق،
تاپقۇسى ھىچ بولمىسا،بۇ ئىزنى نەۋرىمىز ياكى ئەۋرىمىز.
شېئىرنى دىكلىماتسىيە قىلىپ بولغاندىن كىيىن تەسىراتىنى سۆزلەپ:
-تاڭ شېئىرلىرىنى يادىلىغاندىن مىڭ ھەسسە ئاسانكىنا!!؟دىدى.
-بارىكاللاھ،لەيلى!ئەمدى ھەقىقى ئۇيغۇر قىزىغا ئوخشىدىڭىز.سىزگە ئوخشاش سىڭىللىرىمىزلا بولىدىكەن ئۇيغۇر تىلى يوقالمايدۇ ھەم يوقىتالمايدۇ!دەپ ھاياجان بىلەن.

-ئويتاغ قەلىمى


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uzkui + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
wapa八 + 39 جاپا چەكتىڭىز

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 49   باھا خاتىرىسى

ھايات مەخسەت ئەمەس ،بىر جەريان.

تۈركلەر كىلۋاتىدۇ ھۇررا توۋلاپ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94847
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 214
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنۇ  تېمىنى  يازغان خۇمپەرنىڭ بۇرۇنقى ھەممە  تېمىسىدا  قېرىنداشلار ئارىسىغا زىدىيەت سېلىپ ،ئۇرۇشقا سېلىپ ، ھەتتاكى  بىر بىرسىنى  يەۋەتكۈدەك دەرىجىدە  ئارىدىكى ئىناقسىزلىقنى  بۇزۇپ ،نۇرغۇن  ئىلغار پىكىردىكى  قېرىنداشلىرمىزنىڭ  بۇ  مۇنبەردىن  چىكىنىپ  چىقىشىغا سەۋەب بولغانتى .
ھالا بۈگۈنكى  كۈندىمۇ  نۇمۇس قىلماي  ئۇشبۇ  ئوسۇرۇق بىر نەرسىنى كۆتۈرۈپ  چىقىپ
يەنە بىر  مەيدان مۇنبەر جېڭى قىلىش مەقسىتىدە  يازدى دىسەك خاتالاشمىغان بولىمىز .
ئىنكاسلاردا  خۇداغا  شۈكرى  ھەنىم بولسا  جېق قېرىنداشلىرمىز  بۇنىڭ  چالغان
دېپىغا ئۇسۇل  ئوينىماپتىمىز .
مىنىڭچە  بۇ  ئادەم  ئۇيغۇر يوقالسا خوش بولىدىغان بېرەسىدىن
ھارام  مائاش ئېلىپ  مۇشۇنداق  ئەرزىمەس بىر نەرسىلەرنى  يېزىپ  كاللا  قايدۇرماقچى .
10مىڭ يىلدەك  تارىخنىڭ شاھىدى بولغان ئۇيغۇرنى يوقىتىش  ئۇنداق  ئاسان ئەمەس ،
ئۇيغۇر كۈچەيسە كۈچۈيدىكى  ھەرگىز يوقالمايدۇ ،.
تارىختىكى ئۇيغۇرلار باش بولۇپ قۇرغان تۇران ئىمپىريىسىنى
مۇشۇ يىل تۈركىيە باش بولۇپ قايتا باشتىن   
تۇران ئىتپاقى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى ئۇيغۇرنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى  بىلدۈرۈپ قويدى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76939
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3806
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2012-3-4
ئاخىرقى: 2013-4-21
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇكام ئۆتكەندە خېلى ياخشى ماقالىلارنى يوللاۋاتقان ئىدىڭىز،سىز ئەگەر شۇ شەپەرەڭ شۇمۇ ئەمەسمۇ؟ ھىچ ئۆزىڭىزگە ئوخشىماي قالدىڭىز. ئەمدى مىللەتنى زەبۇنلۇققا باشلايدىغان قاراشلىرىڭىزنى بازارغا سالغىلى تۇرۇپسىز. ئاستا كەينىڭىزگە يېنىپ كېتىڭ بولامدۇ؟
مىللەتنىڭ مىللى ھىمايەت تۇيغۇلىرىنى ئۆلتۈرۈپ دىنى ھىفازەت تۇيغۇلىرىنى ئويغاتماقچى بولغاندەك قىلىسىز. بىز ئۇيغۇربىز، ياشاۋاتقان شارائىتىمىز، ئۆرپ -ئادىتىمىز، مەدەنىيتىمىز، تارىخىمىز ئوخشىمايدۇ.
بىز ئۇيغۇر ئۈچۈن دىنى ھىفازەت تۇيغۇلىرىمىزنى كۈچەيتىش قانچىلىك مۇھىم بولسا، مىللى ھىمايەت تۇيغۇسىمۇ شۈنچىلىك مۇھىمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 2318
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8933
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 770 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ تېمى ئىگىسىنىڭ بۇرۇنقى تېمىلىرىنى دىنىي سۆز ئىبارىلەر بىلەن پەدازلانغان تېما، ئۇنى بۇدسادۋالىق قىلۋاتدۇ، دىسەم، بەزى تورداشلار زادى ئىشەنمەي،  بىز ئۈچۈن ياخشى پەتىۋا پىچىپ بەردى، دەپ ئۇنى قوللاپ، تاس قالغان ئۇنى پەيغامبەر ئورنىغا چىقىرىپ قويغىلى.
مانا ئەمدى بۇ تېما ئىگىسىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى ئاشكارلاندى.
تېمىنى يېزىپ قيۇپلا يوقاپ كېتىشىدىكى سەۋەپمۇ ئېنىق بولدى.
پەقەتلا پەقەت قۇرئاننى خەنزۇچە ئوقۇسىمۇ بولدۇ، دىگەن مۇشۇ گېپىدىنلا، ئۇنىڭ قانچىلىك مۇسۇلمانچىلىقى بارلىقىنى بىلىپ قالغىنىڭلار ياخشى.
تېما ئىگىسى مەيلى سىز نىمە دەپ بىلجىرلاڭ، نوم تارقىتىڭ،
ئۇيغۇرنى خەنلەشتۈرۈش
بۇ ئۇسۇلىڭىز بىلەن ئۇيغۇرنى يوقىتالمايسىز، ھازىر ھەممە ئۇيغۇر ئۆز تىلىنى قوغداشقا شۇنچىلىك كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ.
سىزنىڭ دىننى قالقان قىپ، ئازدۇرۇش، بۆلگۈنچىلىك قىلىش، ئاخىرىدا ئۇيغۇرنى يوقۇتۇش بۇ سۈيىقەستىڭىز ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ،
ئەمدى يەنە تېما يازىمەن دەپ ئولتۇرماي، يوقۇلۇڭ بۇ مۇنبەردىن!

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
غەمكىن04 + 10 ئەخلەت ئىنكاس
nap~rat + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

پاك يۈرەك ئۇ قۇلۇپقا ئوخشار،
  يۈرەك تىۋىش،  ئۇ  تىڭشالايدۇ.
خاتا ئاچقۇچ ئاچالماس ھەرگىز،
  يۈرەك  بەرگەن  ئۇ   ئاچالايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70946
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3163
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2011-12-19
ئاخىرقى: 2013-4-21
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سىلەردەكلەرنىڭ ئالجۇقا بىلجرىلاشلىرى.ئۇيغۇر مىللىتى ھەرگىز يوقالمايدۇ.مىللىتىمىز تىخىمۇ پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقۇسى.

تۈركلەر كىلۋاتىدۇ ھۇررا توۋلاپ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94847
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 214
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەنزۇيىزىقى ئارقىلىق تەكلىماكاندىكى چاڭقاق ۋادىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ ئىسلامنىڭ يىشىلبوستانلىرىغا چۈشكىلى نىسىپ بولسۇن!....ئامىن!،،،
بالىلىرىمىزغابىكىنمىلىكتىن باشقىنى بىرەلمىگەن تەقىپلەنگەن ئانا تىلدىن ئەركىن خەن تىلى ئارقىلىقكەڭرى دۇنياغا تۇتۇشۇش بىزگە كەلگەن ياخشىلىقتىن بىرىدۇر!...
خەنچىنىكۈچەپ ئومۇملاشتۇرۇۋاتقان ھۆكىمىتىكامغا رەھمەت!...
خەنچەئوقۇتۇش ئومۇملاشقاي...توختاپ قالمىغاي!...
خەنچەئىسلامىي دەۋەتلەرمۇ ئومۇملاشقاي... توختاپ قالمىغاي!...
خەنچەئىسلامىي كىتاپلاررمۇ ئومۇملاشقاي... توختاپ قالمىغاي!...
خەنچەئىسلامىي توربەتلەرمۇ ئومۇملاشقاي... توختاپ قالمىغاي!...
خەنچەدېني ئوقۇشمۇ ئومۇملاشقاي... توختاپ قالمىغاي!...ئىنشائاللاھ!

.......................................................

ماۋۇ  گەپلەرنى يازىدىغان چاغدا قوللىرۇڭ تىتىرەپمۇ  قويمىدىما ھەي نا  ئەھلى !!!
باشقۇرغۇچىلار خۇدا ھەققى  مىنى  بىر  تىللىدى  دەپ خاتا چۈشىنىپ چەكىلىۋەتمىسەڭلا  
ماۋۇ گۇينى  بىر  ئېگىسىگە 5تە ياخشى سادىق ئىشت غالچا ھايۋان دەپ  ماختاپ قوياي .
ئەسلى دەيدىغان يەنە نۇرغۇن  گەپلىرىم  بار ئىدى ..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھونتۈرك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-20 04:03 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4067
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 351 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھونتۈرك يوللىغان ۋاقتى  2013-4-20 03:40 PM
مۇنۇ  تېمىنى  يازغان خۇمپەرنىڭ بۇرۇنقى ھەممە  تېمىسىدا  ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ھونتۈرك!  دەل كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزنى قېرىندىشىم دەۋاتىمەن!  دىگىنىڭىز توغرا!  بۇشەپەرەڭ دىگەن كىمدۇ؟  بىزنى ئانا تىلىمىزنى قوغداشتىن يالتايتىپ، خەن تىلى ئۆگۈنۈشكە قىزىقتۇرىدىغان، دىنى تونغا ئورىنىۋالغان غالچىمۇدۇ يا بۇ؟!  ھېلىمۇ خەلقىمىز ئويغاقكەن، بۇمۇناپىقنىڭ ئازدۇرىشىغا ئاساسەن 99٪ ئادەم ئېزىپ كەتمەي قارشى ئىنكاس يېزىپتۇ!  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش