مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 300|ئىنكاس: 4

ھىجران دەشىتلىرىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41689
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3090
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 10:49:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر دىكى بارلىق تورداشلار ....
كەمىنە شىرىن ئەسلىمىدىن سىلەرگە سالام . ئەمدى گەپكە كەلسەك . مەن ئۆزۈم يازغان بىر قىسقا ھىكايىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنماچىمەن . مەن ئۆزۈم مەكتەپتە ئۇقۇشتىن مەھرۇم بولغان بىر ئادەتتىكى ئادەممەن . مەن باشلانغۇچنىمۇ تۇلۇق پۈتتۈرەلمىگەن چالا ساۋات ئادەم   
ئەمدى ھىكايىگە كەلسەك ، بۇ ھىكايىدىكى مەھمۇنلارنى ئۆزۇم بۇرۇنلا ئويلاپ يۈرگەن خىيالىم ئىدى . بۈگۈن يېزىپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم . بايا دەپ ئۆتكەندەك . مەدەنىيەت سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا ، بەزى خاتالىقلاردىن خالىي بولالمىغان بۇلۇشۇم مۇمكىن . توغرا چۈشۈنۈشۈڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن  


بەدىنىمدىن ئېقىۋاتقان ئىسسىق قانلار، ئەتراپتىكى كىمدۇر بىركىملەرنىڭ ئېچىنىشلىق تەلمۈرۈشلىرى ئىچىدە ئىڭراپ يېتىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرىمنى بىرقۇر ئەسلەپ چىقماقتىمەن....

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...بۇ يېقىملىق نازۇك ئاۋازدا ئەدەپ بىلەن بىرىلگەن سالامدىن چۆچۈپ كەينىمگە قارىسام، چىرايىدىن تەبەسسۇم تۈكۈلۈپ تۇرغان 18ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز قولىدا دەزمال تۇتۇپ ماڭا قاراپ تۇراتتى....

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام....

مەن گەپ قىلىپ بولغۇچە ئۇ گىپىنى باشلىۋەتتى...

ماۋۇ دەزمال پەقەت قىزىمايدىغان بۇلۇپ قالدى. ھازىر شۇنداق جىددىي ئىشلەتمەكچى ئىدىم تىزراق رىمۇنىت قىلىپ بىرەلەمسىز. ماقۇل ھازىرلا ... شۇنداق دەپلا ماتىرياللىرىمنى ئېلىپ ئىشنى باشلىدىم. ئۇ ئالدىراۋاتقان بولسىمۇ مەن قەستەن ۋاقىتنى سوزۇپ ئالدىرماي رىمۇنىتلاۋاتىمەن. ئارلىقتا ئۇنىڭ بىلەن ئانچە مۇنچە پاراڭلىشىپمۇ قويدۇم.  ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى شۇنداق ئۇرۇنلۇق ئەدەپلىك ئىدى. مەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلنى سورماقچى بولدۇم، لىكىن نىيتىمدىن ياندىم.  چۈنكى تۇنجى كۆرۈشۈپلا بۇنداق ئۇدۇللا گەپ قىلسام ئۇ قانداق ئويلاپ قالدۇ.  شۇڭا مەن ئازراق ھىلە ئىشلەتتىم. دەزمالنى بىر ئىككى قېتىم ئىشلەتسە يەنە بۇزۇلۇپ قالدىغان قىلىپ قويدۇم، ئەلۋەتتە بۇ ئاسان ئىش دەزمالنىڭ مېقلىرىنى چىڭ ئورناتمىغاندا ئاشۇنداق تىز بۇزلاتتى.  بەك ئەقىللىق جۇمۇ مەن . ئەگەر بىرەر مەسىلە كۆرۈلسە يەنە ئەكىلىڭ ھەقسىز رىمۇنىتلاپ بىرمەن دەپ كاپالەت بەردىم. تۇرۇپ بۇ قىلغىننمدىن ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم. ئادەتتە قىزلاغا بۇنداق قىزغىن ھىسياتتا بۇلۇپ باقمىغان ئىدىم. توۋا بۇمۇ ئاللاھنىڭ بىر ئۇرۇنلاشتۇرشىدۇ .... بۈگۈن ئارىدىن بىرھەپتە ئۆتكەن ئىدى.  ھاۋا شۇنداق ئۇچۇق سىرىتنىڭ مەنزىرسىدىن ھۇزۇرلانغاچ دۇكۇنۇمنىڭ ئالدىدا ئولتۇغان ئىدىم. تۇيۇقسىز يىراقتىن ئۇنىڭ (ھېلىقى دەزمال ئەكىرگەن قىز)كىلۋاتقىنىنى قۇلدايەنە شۇ دەزمالنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ دەرھال كاللامغا بىر ئەقىل كەلدىدە دەرھال دۇكۇنۇمنىڭ يېندىكى خوشنامنىڭ دۇكۇنىغا كىرۋالدىم.  ئۇ مىنى كۆرمىگەن ئىدى. بىردەمدىن كىيىن يانفۇنۇم سايراشقا باشلىدى .    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دۇكۇنىڭىزغا....

ھېلىقى تۇنۇش يېقىملىق ئاۋا يەنە ئاڭلانماقتا. مەنمۇ ئەدەپ بىلەن سالام قايتۇرۇپ سىز كىم بولسىز؟ دەپ سوردۇم ئەلۋەتتە بۇمۇ بىر تاكتىكا . مەن گۈزەلنۇر، بىرھەپتە بۇرۇن كىلىپ دەزمال ئوڭشاتقان ... دۇكۇنىڭىزغا كىرگەن ئىدىم . ئۇنىڭ گىپىنى بۆلۋەتتىم، ھە مەن ھازىر چىقاي .....

دۇكانغا كىرسەم يانا شۇ ئۇماق تەبەسسۇم بىلەن سالام قىلدى ...

ھە يەنە چاتاق چىقىپتۇدە؟

شۇ سىزمۇ بىلگەندەك چاتاق چىقسا دەپ،  يەنە چەتاق چىقتى شۇ.  ئۇ ئۇششۇقلۇق بىلەن شۇنداق دىدى.

مەن قانداقمۇ بىلمەي.  مەن مەقسەتلىك شۇنداق قىلغان تۇرسام.  مانا بۇ تاكتىكىمۇ ئەسقاتتى ھىچ بولمىسا ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن تېلفۇن نۇمۇرى قولغا چۈشتى، بۇمۇ مەن ئۈچۈن چوڭ غەلبە.  شۇلانى ئويلىغاچ ئىشنىمۇ تۈگەتتىم.  بۇ قېتىم ھىلە ئىشلەتمەي ئۆلچەملىك پۈتكەزدىم. ئۇمۇ رەھمەت ئېيتىپ چىقىپ چىقىپ كەتتى.  قارا بۇنىڭ رەھمەت ئېيتىشلىرىمۇ شۇنداق يېقىملىق شۇنداق ئەدەپلىك....

ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتتى ، مەن ھەركۈنى دۇكاندىن چىقماي ئىشلەپ بەك چارچاپ كەتكەچكە بۈگۈن دۇكاننى تاقاپ ئايلىنىپ كىلىش ئۈچۈن ماڭدىم . بۈگۈن يەكشەنبە شايارنىڭ بازىرى شۇڭا ئۇدۇللا شايار تەرەپكە چاپتىم . ياز پەسلى بولغاچقا بازاردىكى مىۋە- چىۋە، قۇغۇن-تاۋۇز دىگەندەكلەرنىڭ خۇشبۇي ھىدى ئەتىراپنى بىر ئالغان ئىدى.

بازاردا ئادەملەر شۇنداق جىق . سودىگەرلەر ساتىمەن دەپ ۋارقىرىسا خېرىدارلار ئالىمەن دەپ ، ئىشقىلىپ شايارنىڭ بازىرى بەك قايناق بازار بولدۇچۇ... گۈزەلنۇر ... كىمدۇر بىرىنىڭ بۇ تۇنۇش ئىسىمنى چاقىرغىنىدىن ھەيران بۇلۇپ كەينىمگە قارىدىم .

بىر ئايال قىزىنى چاقىرۋاتقان ئىدى . 5~6 ياشلار چامىسىدىكى تاتلىققىنە بىرقىز ئىكەن قارىسام . گۈزەلنۇر ، توغرا مەن ئۇنىڭغا تېلفۇنمۇ قىلىپ باقماپتىمەنغۇ.  تېلفۇننى قۇلۇمغا ئالدىمدە نۇمۇرنى بېسىشقا باشلىدىم.  (جىمجىت يۈرەككە ئوت سالغان كىمۇ؟ مىسكىن ئاشىقنى ئويغاتقان كىمۇ؟)توۋا چىقىرۋالغان ناخشىسىمۇ مىنىڭكىگە ئەجەپ ئوخشاش. شۇلارنى ئويلاپ تۇرغىنىمدا. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.  مەن دەرھاللا مەمەتجان بارمىدۇ؟ دەپ سوردۇم.  ئۇ ياق بۇ مەمەتجاننىڭ نۇمرى ئەمەس ئاچامنىڭ نۇمرى. .. مەن دەرھاللا خاتا ئۇرۇپ قويغىنىمدىن كەچۈرۈم سوراپ تېلفۇننى قويدۇم. سەل تىرىكىپ قالدىم ،تېلفۇننى باشقىلار ئالغىنىغا.  تۇرۇپ خۇش بۇلۇپمۇ قالدىم نىملا بولمىسۇن بۇ نۇمۇر گۈزەلنۇرنىڭ ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۋالدىم ئەمەسمۇ.  مەن شۇنداق مېڭىپ يېقىن دوستۇم پەيزۇللانىڭ دۇكۇننىڭ ئالدىغا كىلىپمۇ قاپتىمەن. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆتەي دەپ كىرىپ بىر قۇر سالاملاشقاندىن كىيىن، سودا ئەھۋالىمىز توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ تۇرۇپ قالدىم.  كەچ كىرىپ قالغاچقا تاماق يىگەچ بىللە شايارنىڭ كەچلىك مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن چىقتۇق. شايارنىڭ كەچلىك مەنزىرسى ھەقىقەتەن بەك گۈزەل ئىدى. رەڭگارەڭ چىراق نۇرى،ھەرخىل مەنزىرە دەرەخلىرى ھەرخىل مەنزىرە ھاسىل قىلاتتى. بىز ئايلىنىپ دەريا ساھىلىغا (مىڭ جۈيەن دەپقۇيمىز ئادەتتە) بېرىپ تۇرۇشىمىزغا تلفۇنۇم سايراپ قالدى.  قارىسام گۈزەلنۇردىن كەلگەن تېلفۇن ئىكەن. خۇشاللىقتا سەكرىۋىتەي دەپ قالدىم. سالاملىشىپ بولغاندىن كىيىن، چۈشتە تېلفۇن قىلغانمىدىڭىز؟ دەپ سورىدى. ھەئە تېلفۇن قىلسام ئىنىڭىز ئالغانتى ئامال ئىشلىتىپ خاتا ئۇرۇپتىمەن دەپ تېلفۇننى قۇيۋەتتىم. خاتا چۈشنۇپ سىزگە ئاۋارچىلىق بولمىسۇن دەپ ...

بىردەم  پاراڭلاشقاندىن كىيىن بىربىرمىزگە ياخشى تىلەكلەرنى تىلەپ خوشلاشتۇق.  مەنمۇ ئۆيگە قايتىپ كەتتىم. ئۆيگە كىلىپلا.  باياتتىن.ئۇنىڭ بىلەن دىيىشكەن گەپلەرنى ئويلاپ يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. مەن گۈزەلنۇر ئىككىمىز بىرگە شۇنداق مەنزىرسى گۈزەل بىر باغچىدا قول تۇتۇشۇپ ماروژنى يىگەچ ئايلىنىڭ ئەتراپنىڭ مەنزىرسىدىن ھۇزۇر ئېلىپ شىرىن مۇھاببەت پەيزىنى سۈرۈپ يۈرمەكتەبىز. تۇيۇقسىز بىر توپ ئىت بىزگە قاراپ خىرىس قىلىپ ئېتىلىپ كەلدى. گۈزەلنۇر بەك قورقۇپ كەتكەچكە ئاغزىغا گەپمۇ كەلمەي مىنىڭ كەينىمگە ئۈتىۋېلىپ يىغلاشقا باشلىدى.  مەن ئامال قىلىپ بۇ خەتەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەتىراپقا قارىدىم. ئەپسۇس ئەتراپتا باياتىن بىرى ئايلىنىپ يۈرگەنلەرنىڭ بىرسىمۇ يوق. تۇيۇقسىز گۈزەلنۇر قاتتىق ۋارقىرىدى كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىسام ئۇنى بىر ئىت سۆرەپ مېڭىپتۇ.  ھۇشۇمنى تاپقۇچە باشقا ئىتلار مىنىمۇ ئورىۋالغان ئىدى. تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ مىنى چاقىرىشى بىلەن چۆچۈپ ئويغاندىم . ئاپام تۇرە بالاپ سائەت نەچچە بولدى مۇشۇ چاغقىچە ئۇخلامدۇ ؟

دىمسىمۇ تاڭ ئېتىپ قالغان ئىكەن.  توۋا چۈشۈم ئىكەندە. مىنى قارا بېسىپتۇ. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ تاھارەت ئېلىپ نامازنى ئۇقۇپ بۇلۇپ، ئاللاھنىڭ يامان كۆزلەردىن شۇم كۈنلەردىن ساقلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلدىم . ناشتا قىلىپ يەنە دۇكانغا يول ئالدىم.  توۋا چۈشۈمدىكى ئىشلارنى ئويلاپ شۇنداق بىئارام بولدۇم.  دۇكاننى رەتلەپ بۇلۇپ قارىسام، تېلفۇنۇمدا ئۇنىڭ ئاخشام تېلفۇن قىلغاندىكى نۇمۇرى تۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر يېزىپ يوللاپ قويدۇم. نىمە دەي، چۈشۈمدە سىزنى كۆردۈم لىكىن قارا بېسىپتۇ دەمدىم.  ياق بۇنداق دىسەم ئۇنىڭ مىنى خاتا چۈشۈنشى تۇرغانلا گەپ. شۇڭا سەمىمىي بۇلۇپ باشقىلارنى رەنجىتكەندىن يالغان سۆزلەپ كىيىنكى پىلانلىرىمغا ئاساس سالدىم.(ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشى تۇرۇپسىزمۇ ؟ كىچىدىن ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟)بىردەمدىن كىيىن ئۇ ئۇچۇر قايتۇردى .(ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ئاللاھقا شۈكرى ياخشى . سىزچۇ ؟ سىزمۇ ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ ؟) بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ شۇنداق خۇشال بولدۇم. يەنە ئۇچۇر يېزىشقا باشلىدىم .(ھەئە مەنمۇ شۇنداق ياخشى ئۇخلاپتىمەن، يەنە نۇرغۇن چۈشمۇ كۆردۈم.  لىكىن نىمىشقىكىن كۆڭلۈم يېرىم) ئۇچۇرنى يوللاپ تۇرۇشۇمغا دۇكانغا يەنە خېرىدارلار كىرىپ قالدى تېلفۇننى قۇيۇپ ئىشىمغا كىرىشتىم. ئىشىمنى تۈگۈتۈپ تېلفۇننى قۇلۇمغا ئالسام يەنە ئۇچۇر كەپتۇ. (نىمىشقا كۆڭلىڭىز يېرىم، بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ ) ئەمدى نىمە دەي.  ئېشىپ كەتسىمۇ بىر چاقچاق قىلىپ باقاي دەپ ئۇچۇر يېزىشنى باشلىدىم. (نىمىشقا بۇلاتتى، سىزنىڭ دەزمىلىڭىزنى رىمۇنىت قىلغۇم كىلىپ قالدى شۇ) .ئۇنى چىكىپ بېقىۋاتاتتىم . نىمىشقىكىن ئۇ تىرىكىپ (قالايمىقان گەپ قىلماڭ يەنە شۇنداق دىسىڭىز سىزگە قارىمەيمەن جۇمۇ )دەپ ئەركىلەپ قويدى .مەنمۇ باشقا گەپنى قۇيۇپ ئۇنىڭغا ئۇدۇللا گەپ قىلۋەتتىم . توۋا بۇرۇن قىزلانىڭ ئالدىدا قىزىرىپ نىمە دىيىشىمنى بىلمەيدىغان ئادەم . ئۆزۈمگە ھەيران قالدىم . ئۇمۇ بەك ھەيران قالغان چېغى نىمە دىيىشىنى بىلمەيلە قالدى . مەن ئويلۇنۇپ باقاي دەپ گەپنى ئۈزدى . مەن بەك خۇشال بولدۇم . چۈنكى قۇشۇلغۇسى بولمىسا ئويلىنىپ نىمە قىلىدۇ ....

مانا بۈگۈن ئۇنىڭ خۇش خەۋىرىنىمۇ ئالدىم . مەن بەك خۇشال ئىدىم. ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ ئىسىل سوغاتقا ئىرىشكەندەك ، ھەتتا ئوسكار مۇكاپاتىغا ئىرىشكەندەك خۇش بوپ كەتكەن ئىدىم . مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ، ھەر قېتىم ئۇ ئامراق تاماقلارنى بىللە ئولتۇرۇپ يەيتۇق . گاڭپەن دەيمىز . راڭپىزا ......دىگەندەك . بۈگۈنمۇ كۆرشمەكچى بولدۇق بىز بىرگە بازار ئايلانغاچ ، مەن ئەڭ ئامراق شاپتۇل ئېلىپ يىگەچ ماڭدۇق . بىز ئايلىنىپ يۈرۈپ بازارلارنى ھەتتاكى باغچىلارنى .. ئىشقىلىپ نەگە بارغۇمىز كەلسە شۇ يەرگە باردۇق . بىرگە باغچىدا قول تۇتۇشۇپ كىتۋاتقىنىمدا ، باشقىلار بىزگە ھەۋەس بىلەن قاراپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئىچ- ئىچىمدىن تېخىمۇ خۇشال بۇلاتتىم ...

بىز بىربىرىمىز گە شۇنداق ئامراق ئىدۇق . ئۇنىڭ بىلەن يۈرگەندىن كىيىن مىنىڭ ھەربىر ئىشىم شۇنداق مەنىلىك ، شۇنداق ياخشى بۇلۋاتاتتى . دۇكانغا كىرگەن ھەربىر خېرىدارمۇ مەندىن بەك رازى ئىدى . ئاتام ئاپاملارمۇ مىنىڭ بۇنداق تىز ئۆزگۈرۈپ كەتكىنىمدىن ھەيران ئىدى .ئۆزۈممۇ ھەيران ،مەندە شۇنچە ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلغان ئاشۇ پەرىزات ھەقىقەتەنمۇ يامانكەن جۇمۇ ....

بۈگۈن ھاۋا ئىنتايىن ياخشى . مەن ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلدىم .شۇنداق قىزغىن تاتلىق پاراڭلاشقاندىن كىيىن ئۇنىڭغا كۆرۈشۈشنى ئېيتتىم . بىز چۈشتىن كىيىن كۆرۈشمەكچى بۇلۇپ خوشلاشتۇق . مەن بالدۇرلا كىلىپ ئۇنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىدىم . تۇيۇقسىز كىلۋاتقان قىزغا قاراپ ھەيرەن قالدىم . ئۇ بۈگۈن شۇنداق ئوماق بۇلۇپ كىتىپتۇ . كىيۋالغان سۇس يېشىل رەڭلىك كىيىم ئۇنىڭغا بەك ياراشقان ئىدى . توۋا ئۇ راستىنلا شۇنداق بەك چىرايلىقمۇ ياكى ماڭا شۇنداق بىلىنەمدۇ ... ئۇ كىلىپلا يېقىملىق ئاۋازدا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ سالام قىلدى . مەنمۇ ئۇنىڭ سالامىغا جاۋاپ بىرىپ بۇلۇپ بىرگە يەنە كوچا ئايلىنىپ بىر ماروژنى خانىغا كىردۇق . ماروژنى يىگەچ پاراڭلىشىپ ئۇنىڭغا ھېلىقى قارا چۈشنى سۆزلەپ بەردىم . ئۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ قېتىپلا قالدى . بىز شۇنىڭدىن كىيىن ماروژنى يىمەسلىكنى قارار قىلدۇق . قىززىق ئىش ماروژنى يىگەنگە نىمە بولماقچى ... لىكىن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى مەن چۈشۈنۈپ بولغان ئىدىم . بىز بىر كۇنى ئاي تولغان ئاخشىمى يەنە كۆرۈشتۇق . بىز ئايغا قاراپ بىر بىرىمىزدىن ھەرگىز ئايرىلماسلىققا ۋەدە بەردۇق ، ھەم ئاللاھتىن بەختىمىزنى تىلىدۇق . ئۇنىڭ ئۈيىگە يېقىن بىر جايدا بىر تۈپ مەجنۇنتال دەرىخى بۇلۇپ بىز شۇنىڭ يېنىغا بېرىپ مۇھاببىتىمىزنىڭ بەلگىسىنى سالدۇق . كۈنلەر بىر بىرىنى قوغلاپ مانا ئارىدىن 5~6 ئايمۇ ئۆتتى . قىش پەسلىمۇ كىردى . بىز كەڭ دالىدا بىر بىرمىز گە قار ئېتىشىپ ئويناپ چارچىساق ئاپئاق قار ئۈستىدە يېتىپ شىرىن خىيالغا چۆمەتتۇق . ئۇنىڭ توڭلاپ كۆكۈرۈپ كەتكەن قۇلىنى كۆرۈپ دەرھاللا قۇلىنى تۇتۇپ ئىسسىتىپ قويماقچى بولدۇم، لىكىن ئۇ خىجىل بولدى بولغاي قارشى تۇرۇپ يەرگە قارىۋالدى.    مەن ئۇنىڭ ئاشۇ بۇلاقتەك كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ . شۇنچە توڭلاپ كەتكەن تۇرۇقلۇق نىمىشقا مەندىن يۇشۇرسىز ، شۇنداق قىلسىڭىز خاتىرجەم بۇلامسىز؟ سىز نىڭ قۇلىڭىز توڭلىسا مىنىڭ يۈرۈكۈم توڭلايدۇ ....

نۇرغۇن گەپ قىلۋىتىپتىمەن ئىشقىلىپ . قارىسام ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئەگەپ قېلىپتۇ . مەن ئۇنىڭغا بەزى قاتتىق گەپلەرنىمۇ قىلغان ئىدىم . ئەلۋەتتە بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ئۈچۈن بۇنداق قىلىشىممۇ . بىز ئۆز ئارا بىر بىرمىزگە كۈيۈنمىسەك ، بىر- بىرىمىزنى قەدىرلىمىسەك بىزنى كىم قەدىرلەيتى . مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن يوغان قىلىپ بىر قار بوۋاي ياساپ بەردىم. ئۇ بەك خۇشال بۇلۇپ كەتكەن ئىدى . مەن ئۇنىڭ خۇشاللىقىدىن ھۇزۇر ئېلىپ قاردا يېتىپ ئارام ئېلۋالدىم دە ئۇنىڭ بىلەن ھىچكىم ئاياغ باسمىغان قارلىق دالىغا يول ئالدۇق . بىز ئۆزىمىز چە يېڭىلىق چىقارماقچى ئىدۇق . بۇگۈننىمۇ ئاشۇنداق خۇشال كەچ قىلدۇق . ئۆيگە كىلىپلا يەنە تېلفۇندا پاراڭلىشىشنى باشلىۋەتتۇق. بىزچە بولغاندا ،ھىچكىم بىزدەك خۇشال ئەمەستەك بىزچىلىك بەخىتلىك ئەمەستەك سىزەتتۇق ئۆزىمىزنى . قىش پەسلى ئاياغلىشىپ مانا باھار پەسلىمۇ كىلىپ قالدى . باغلاردا ھەرخىل مىۋىلىك دەرەخلەر چىچەكلەپ ئەتراپنى خۇش پۇراقلار بىر ئالدى . ھەممە كىشىلەرئېتىز بېشىدا تېرىقچىلىق ئىشلىرىنى باشلىدى . مەنمۇ ئاتام بىلەن كىۋەز تېرىپ بۇلۇپ ئۆيگە كىرىپ تۇرسام ئۇنىڭدىن تېلفۇن كەلدى . بىردەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن ، ئۇ مەن بىلەن كۆرشكۈسى بارلىقىنى ، ماڭا دەيدىغان گىپىنىڭ بارلىقىنى ئېيىتتى . كۆڭلۇم بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بۇلۇپ ، تەييارلىق بىلەن بىز دائىم كۆرۈشدىغان ئاشخانىدا ساقلاپ تۇردۇم .

ئۇمۇ كىرىپ كەلدى ، لىكىن بۇرۇنقى قىزغىنلىقى ،بۇرۇنقى تەبەسسۇم بىلەن قىلدىغان سالام يوق ئىدى . . مەن ئۇنىڭغا بىمە بولدى؟ دىگەندەك نەزەردە قاراپ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ سالام ئېيىتتىم . ئۇ بوش ئاۋازدا سالام قايتۇرغاندىن كىيىن ، باشقا جايغا بارايلى جىمجىت جايغا ببارايلى دەپ تۇرۋالدى . مەن ئۇنىڭغا بىردەم ساقلاڭ تاماق چىقاي دەپ قالدى ،يەپ بۇلۇپ ئاندىن بارايلى دەپ توختۇتۇپ قويدۇم . تاماقمۇ چىقتى . ئۇ بىر چوكىمۇ تاماق يىمىدى. بەلكى ئۇمۇتسىز كۆزلىرى بىلەن ماڭا تىكىلىپلا ئولتۇراتتى . مەن تاماق يىمىسىڭىز سىز بىلەن ھىچ يەرگە بارمايمەن ھەرقانچە ئىش بولسىمۇ چىداملىق بۇلۇڭ ، ئاۋال تاماق يەڭ دەپ نەچچە يالۋۇرۇپ ئاران تاماق يىگۈزدۈم . بىز بىرگە دائىم بارىدىغان باغچىغا باردۇق . ئادەتتە بۇ يەرگە ئادەم جىق كەلمەيتى . بىز خالىيراق بىرجايغا باردۇق . مەن ئۇنىڭغا نىمە ئىش بولغىنىنى ئېيتىڭ دەپ بولغۇچە ئۇ ئۆزىنى مىنىڭ قۇچۇقۇمغا تاشلاپ مىنى مەھكەم قۇچاغلىغىنچە ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى . ئۇنىڭ يىغىسىدىن ھەتتاكى مەن ئەمەس ئەتراپتىكى بارلىق جانلىق جانسىز مەۋجۈداتلارمۇ تىتىرەشكە باشلىغان ئىدى . مەن مىڭ تەسلىكتە ئۆزۇمنى تۇتۋېلىپ ، ئۇنىڭدىن نىمە ئىش بولغىنىنى سورۇدۇم . ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى . ئەسلى ئۇنىڭ ئۈيدىكىلەر ئۇنى ئۆزى تاپقان بىرىگە ياتلىق بۇلۇشقا قىستىغان ئىكەن . ئۇمۇ ئامال قىلالماپتۇ . ئۇ مىنى چىڭ قۇچاغلىغىنىچە مىنى ئېلىپ كىتىڭ ، قانچە يىراققا كەتسەك شۇنچە ياخشى ،مەن سىز دىن ھەرگىز ئايرىلالمايمەن . مەن سىز ئۈچۈن ھەممىدىن كىچىشكە رازى دەپ يەنە ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى .

مىنىڭ ئۇنىڭ يىغىسىدىن ،ئۇنىڭ ئازابىدىن يۈرۈكۈم لەختە لەختە بولماقتا. مەن ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىگە نىمدەپ جاۋاپ بىرەي ؟ مەن قاتتىق ئىككىلەندىم . چۈنكى مەن بىر ئوغۇل بالا بۇلۇش سۈپتىم بىلەن بۇنداق ئىشلاردا ئۆزۈمنى ،ئۆز بەختىمنىلا ئويلىسام بولمايدۇدە.مەن ئۆزۇم سۆيگەن قىزنى ئاتا ئانىسىنىڭ رازىلىقىسىز ھەرگىز ئەكىتەلمەيمەن . مىنىمۇ ئاتا ئانام قانچىلىك ياخشى كۆرىدۇ ؟ئۇنىمۇ ئاتا ئانىسىمۇ ،مىنىڭ ئاتا ئانام مىنى قانچىلىك ياخشى كۆرسە ئۇنىمۇ شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدۇ.   مەنمۇ ئاتا ئانامنى قانچىلىك ياخشى كۆرىمەن .شۇنداق تۇرۇقلۇق . مەن ئۆز بەختىمنى دەپ  بىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا ئانىمىزنىڭ يۈرىكىنى زىدە قىلىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن . ھەر كىمگە شەخسىيەتچىلىك قىلسام قىلىمەنكى ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن كىشىمنىڭ ئائىلىسىگە ، ئۆز ئائىلەمگە يۈز كىلەلمەيدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن . مەن ئۇنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي بېرىپ بىزنىڭ بەختىمىزنى پەقەت ئاللاھتىنلا تىلەشنى ئېيتىپ خوشلاشتىم . كىتۋاتىمەن .نەگە ماڭدىم ؟نەدە كىتۋاتىمەن ؟ ھىچنىمىنى بىلمەيمەن كاللام قۇپقۇرۇق . ھىچنىمىنى ئويلۇغۇم يوق . بىرۋاقىتتا كۆزۈمنى ئاچسام دوختۇر خانىدا يېتىپتىمەن . ئاپام ماڭا قاراپ يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ . ئاپامنىڭ يىغلاپ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ يۈرۈكۈم ئېچىشتى . مەن نىمە قىلدىم ؟ نىمە گۇناھ ئۆتكەزگەن بولغىيتىم . مىنىلا ئەمەس ،مەن ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك ئەڭ سۈيۈملۇك كىشىلىرىم مەن ئۈچۈن ئازاپ چىكۋاتىدىغۇ ؟ بۇ زادى نىمە ئىش . يەنە خىياللار بىلەن بۇلۇپ بېشىم قاتتىق ئاغىرىپ يەنە ھۇشۇمدىن كىتىپتىمەن . ئارلىقتا مىنى نۇرغۇن دوسلۇرۇم يوقلاپ كىلىپ كىتىپ تۇردى . بەزىدە دوسلۇرۇم ئاپامنى كەتكۈزۋىتىپ مىنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالاتتى . پەيزۇللا ماڭا ھەممىدىن بەك كۈيۈنەتتى . بىر كۈنى يېقىن دوسلۇرۇمدىن ، توختى بىزنى تويغا تەكلىپ قىلىپ كەپتۇ . مەن مۇشۇنداق ياتسام قانداقمۇ تويغا بارالايمەن . ئۇ دوستۇمغا ئۆزىرە ئېيتىپ يولغا سالدۇق . ئۇ دوستۇممۇ مىنىڭ ھالىمنى ئوبدان بىلەتتى . ئۇمۇ پات پات كىلىپ ھالىمدىن خەۋەر ئالاتتى . مانا ئارىدىن 2ئاي ئۆتتى . دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان ۋاقتىممۇ كىلىپ قالدى . مەسئۇل دوختۇردىن ئۇقسام . ماڭا بىر ئىشلارنىڭ قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىدىن ،روھى بېسىم سەۋەپلىك بەدىنىم ئاجىز لىشىپ كىتىپتۇ . مىنىڭ تىز ساقىيىپ كىتىشىم ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى . ھاۋالىق مەنزىرىسى گۈزەل جايلارغا پات-پات بېرىپ كىلىپ دىگەندەك ، ئاندىن يەرلىك ئۇسۇلدا قۇۋۋەت تۇلۇقلاپ بىرىشىم كىرەك ئىكەن . مەن ھەر كۈنى دوستۇم پەيزۇللانىڭ دۇكۇنىىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىپ ئۆتىدىغان بولدۇم . مىنىڭ ئەڭ يېقىن بىردىن بىر سىرداش دوستۇم شۇ ئىدى . مىنىڭ كۆڭلۈمگە تەسەللىي بولالايدىغىنىمۇ شۇ دوستۇم ئىدى . بىر كۈنى بىز باغچا ئايلىنىپ كىلىش ئۈچۈن چىقتۇق . مەن ئايلىنىپ يۈرۈپ ئەينى ۋاقىتتا گۈزەلنۇر بىلەن دائىم ئولتۇردىغان ئۇرۇندۇقنىڭ يېنىغا كىلىپ قالدىم . بېشىم يەنە ئاغىرىشقا باشلىدى . يىقىلىپ چۈشەي دىگەندە پەيزۇللا چاققانلىق بىلەن يۆلەپ ئەشۇ ئەسلىمىىلىرىمىزنىڭ شاھىدى بولغان ئۇرۇنغا مىنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزدى . كۆزلىرىمدىن ياشلار ئىختىيارسىز قۇيۇلماقتا . قەلبىم ئاچچاق بىر پىغاندا نالە قىلماقتا ......

بۇگۈن مەن ئۇنىڭ مەھەلىسىگە بىز ۋەدىلەشكەن ، مۇھاببىتىمىزنىڭ سىمۋۇلى بولغان مەجنۇنتال تۈۋىگە كەلدىم . بىز ئويغان ھەربىر نەقىش كونىراپ قالغان بولسىمۇ ماڭا بۇرۇنقىدەكلا كۆرۈنمەكتە . مەن شۇ جايدا ئولتۇرۇپ ئۆتمۇشتىكى ھەربىر مىنۇتنى بىر قۇر ئەسلەپ چىقتىم، ھەم بۇنىڭدىن كىيىن .ئۆزۈمنىڭ يېڭى تۇرمۇشۇمنى قايتا باشلاپ ئازاپ دېڭىزىدىن ئۆزۈمنى تارتىپ چىقماقچى بولدۇم . بۈگۈن سەھەردىلا ئاتا-ئانامنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ ، دۇكۇنۇمنى قايتا ئېچىپ تىجارەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن يولغا چىقتىم . دۇكۇنۇمغا كەلسەم ھەممە يەرنى توپا بېسىپ كەتكەن . مەن دۇكاننى تازلاۋىتىپ تۇيۇقسىز بىر نەرسىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى . ئۇ گۈزەلنۇر بىلەن بىرگە چۈشكەن سۆرەت ئىدى .ئىچىم يەنە بىر قېتىم ئاچچاق بولدى. مەن يەنە بىر قېتىملىق ئازاپتىن ئۆزەمنى تارتىپ چىقىش ئۈچۈن ، ئۇ رەسىمنى كۈزۈم كۆرمەيدىغان يەرگە تىقىۋەتتىم . ئەسلى كۆيدۈرۋەتمەكچى ئىدىم لىكىن سۆرەتتە نىمە گۇناھ . .....

دۇكاننى رەتلەپ بۇلۇپ قارىسام بىر قانچە ماتىريالىم تۈگەپ قاپتۇ . مەن ماتىريال ئېلىش ئۈچۈن شايارغا باردىم . ماتىريالنى ئېلىپ بۇلۇپ   قايتىش ئۈچۈن بىىكەت ئالدىغا كەلگىنىمدە مەن ئويلاپمۇ باقمىغان بىر  ئىش يۈز بەردى . گۈزەلنۇر مىنىڭ يېقىن دوستۇم توختى بىلەن بىرگە    تۇراتتى . ئەسلى گۈزەلنۇر بىلەن توي قىلغىنى باشقا بىرى ئەمەس، دەل مىنىڭ يېقىن دوستۇم توختى ئىدى . توختى مىنى كۆرۈپلا دەرھال كەلدى .گۈزەلنۇر مىنى كۆرۈپ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى . كۆزلىرىدىن مۇنچاق مۇنچاق ياشلار تۈكۈلۈشكە باشلىغان ئىدى . توۋا بۇ جاھاننىڭ قىسمەتلىرى نىمە دىگەن ئادالەتسىز ھە ...... مەن سۆيگەن قىزنىڭ مىنىڭ ئەڭ يېقىن بىر دوستۇمنىڭ ئايالى بۇلۇپ قېلىشىنى پەقەت ئويلىمىغان ئىكەنمەن . توختى مىنىڭ كۆزۇمدىن ياش ئەگىپ قالغىنىنى كۆرۈپ مىنى تېخى ساقايمىغان ئوخشايدۇ دەپ قالغان چېغى . ئاداش مەن سىنى ئۆيۈڭڭە ئاپىرىپ قۇياي دەپ تۇرۋالدى . مەن بولدى ئاداش باشقا ئىش يوق زۇكام بۇلۇپ قاپتىكەنمەن . ئاپتاپقا چىقساملا مۇشۇنداق بۇلۋاتىدۇ دەپ كۆڭلۈمدىكىنى يۇشۇرۇپ خوشلاشتىم . خىيالغا غەرىق بۇلۇپ كىتۋاتساتىمەن تۇيۇقسىز قاتتىق ئۇرۇلغان سىگىنالدىن چۆچۈپ كەينىمگە قارىدىم لىكىن نىمە ئىش بولغىنىنى بىلىپ بولغىچە بىر نەرسە ماڭا قاتتىق سۇقۇلدى . بىر ۋاقىتتا كۆزۇمنى ئاچسام گۈزەلنۇر يېنىمدا بۇرۇن بىز ئايرىلغان ۋاقىتتىكىدەك مىنى چىڭ قۇچاغلىغىنىچە ئۆكسۈپ يىغلاۋىتىپتۇ . مىنىڭ كۆزلىرىم ئاستا ئاستا يۇمۇلماقتا . بەدەنلىرىم بوشۇشۇپ ئۇيقۇم كىلىپ مۇگدەپ قاپتىمەن .

خاتىمە

مانا ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتتى . گۈزەلنۇرنىڭ يىغلاپ كۆزىدىن ياش قۇرۇمىدى . ئۇنىڭ دائىم بارىدىغان جايى ، مۇرادىغا يىتەلمەي ئۆزى سۆيگەن نىگارىنى تاشلاپ . ئاتا ئانىسىنىڭ يۈرىكىنى قان قىلغان ، بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان مەشۇقىنىڭ تۇپراق بېشى ،ھەم دائىم بىىللە بارىدىغان باغچا . مەڭگۈلۈك مۇھاببەت ئۈچۈن قەسەم بەرگەن مەجنۇنتال دەرىخىنىڭ ئاستى ئىدى . ئۇ توختى بىلەن ئاجىرىشىپ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئابدۇلىتىپنىڭ ،يەنى مۇشۇ ھىكايىدىكى باش پىرسۇناژ نىڭ قەبرە بېشىنى يوقلاپ ئۈتۈشكە قەسەم قىلدى .

   

                        2013.يىلى 4.ئاينىڭ 19. كۈنى .جۈمە

        

               ئاپتۇرى : ئابدۇ لىتىپ ئابلا (شىرىن ئەسلىمە)
   

  مىنىڭ روخسىتىمسىز بۇ تىمىنى باشقا مۇنبەرگە يۆتكىمەسلىكىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .  يۆتكىمەكچى بولساڭلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ روخسىتىمنى ئالغاندىن كىيىن يۆتكەڭلا .
     ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى : تېلفۇن 13040462152  
             ئۈندىدار نۇمۇرى :shirinaslime  
                 QQ: 858758953               




      
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shirinaslime تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-20 02:53 PM  


ئۈمىدسىزلىك يىرىم ئۆلۈم.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60672
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4106
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 758 سائەت
تىزىم: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 12:32:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەينىڭىزگە قاراپ تۇرىۋەرمەي ئاخىرىنى تىزرەك يازارسىز-ھە.

بىلىملىك گېلى ۋە تىلىنى ياخشى باشقۇرۇشى كىرەك، گېلى ۋە تىلىغا ھېزى بولۇش ئۈچۈن بىلىملىك بولۇشى كىرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88838
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-12-20
ئاخىرقى: 2013-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 03:41:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مەن  بۇ قىسقا ھىكاينى ئوقۇپ  بۇنداق كۇنلەرنىڭ باشقىلارنىڭ بېشىغا كىلىپ قالماسلىقنى ئۇلۇغ ئالاھدىن تىلەيمەن .  بۇ ھىكاينى بەك ياخشى يېزىپسى  سىزگە قول قويدۇم . شۇنداق چۈشۈنىشلىك .  مەن ئاخىردا بىر - بىرنى  سۆيگەن ، ياخشى كۈرۈشكەن قىز يىگىتلەرنىڭ   ئۆز ئاتا - ئانلىرنىڭ رازىلىقى بىلەن مۇرادىغا يىتىشنى  ئۇلۇغ ئالاھدىن تىلەيمەن .  بىر ئادەم بېشىدىن ئوتكەن ئىشلارنى مۇشۇنداق  چۈشىنىشلىك بىر ھىكايە قىلىپ يېزىپ  چىقىشمۇ ئاسان ئەمەس .  
راستىنلا  بەزى يەرلىرى  ئادەمنىڭ يۈركىنى قاتتق ئېتىشتۇردىغان قاباھەتلىك ھىكايكەن  .   بەزى مەزمۇنى ئوقۇپ كىتۋېتىپ كوزلۈرۈمگە ئىختيارسىز ياش كىلىپ كەتتى .
ئۇلۇغ ئالاھ ئىشلىرىڭزگە ئاسانلىق بەرسۇن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   RazimaN136 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-21 03:58 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66853
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3401
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 233 سائەت
تىزىم: 2011-11-25
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 08:44:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ راس  ۋەقەمۇ  ياكڭ  تۇقۇلمىمۇ .....؟ قانداق  بولسۇن بەكلا  تەسىرلىككەن يەنىمۇ تېرشىڭ  بوندىن  كىيىن يەنىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى  يېزىپ چىقىشىڭىزغا تىلەكداشمەن  راس  چچ  رېڭزنى  قۇشالمىدىميا  نىمىشقا شۇنداق  بولدۇ ....................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41689
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3090
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 03:04:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىر تۇقۇلما . لىكىن ھىسىيات تېخىمۇ جانلىق ئىپادىلىنىشى ئۈچۈن ئۆز تۇرمۇشۇمغا يېقىن قىلىپ يازغان . مەسلەن ھىكايىدىكى (مەن)نىڭ كەسپى بىلەن دوسلىرى ھەقىقىي . چچ نىڭ قۇشۇلماسلىق سەۋەبىنى مەنمۇ بىلمىدىم .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش