مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2258|ئىنكاس: 16

تاكسىدىكى بۇلاڭچىلىق، شوپۇردىكى جاۋاپكارلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90206
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 585
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-1-17
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 10:12:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                               تاكسىدىكى بۇلاڭچىلىق، شوپۇردىكى جاۋاپكارلىق



                                             كامىل ئاۋۇت، مەمتىمىن ئابلىز



   «بۆرىنى مىڭ يىل ياخشى باقساڭمۇ بىر كۆزى ئورماندا»

                                                                            - خەلق ماقالى

   شامالباغلىق، 31 ياشلىق ئاشپەز رىشات ئەمەلگە ئاشمىغان باسقۇنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىنغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 2010-يىلى 11-ئايدا  تۈرمىدىن  چىققان ئىدى. 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئۇنىڭ يەنە شەيتىنى قوزغالدى. ئۇ ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن بىر يىللىق قاماق جازاسى بىرىلىپ بىر يېرىم  يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنىپ كىچىكتۈرۈش مۇددىتى توشقان پەختەگلىلىك دوستى ئەلقەم بىلەن يېڭىشەھەر ناھىيە بازىرىنىڭ چېتىدىكى ئىچىملىك داۇكىنىغا كىردى. ئۇلار پېۋە ئىچىپ پاراڭ سېلىپ خېلى ئۇزۇن ئولتۇردى. بۇ جەرياندا رىشات بىر چەتتە يالغۇز ئولتۇرۇپ ئىچىۋاتقان بىرىنى ئىزچىل كۈزەتتى. ئۇنىڭ مەس بولسىمۇ قوپماي ئىچىشلىرى، پۇللىرىنى چىقىرىپ پەش قىلىپ كۈتكۈچى خېنىمغا بۇيرۇق سوقۇشلىرى رىشاتنى قىزىقتۇردى. ئۇ ئەلقەمنىڭ قۇلىقىغا ئاستا پىچىرلىدى:

- ئاۋۇ دېھقان نوچىنىڭ پۇلى بىقىنىغا ئۈسسۈپ، تىرىسىگە پاتماي قاپتۇ، بىر تەرەپ قىلپ قۇيامدۇق؟

-ئەپلەشمەي قالارمۇيا ؟

-ئۆزەم ئەپلەشتۈرىمەن

رىشات كۈتكۈچىلەردىن ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ غوپۇر ئىكەنلىكىنى ئۇقىۋېلىپ ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا باردى:

-غوپۇرجان! بەك مەس بوپ كىتىپلا، تاكسىچى دوستۇم بار، چاقىرىپ بىرەي، ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ قويسۇنمۇ!؟

-بىز تۇنىشامدۇق؟ مەن... مەن ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ماقۇل، نا...ناۋاتتەك گەپ قىلدىڭ دوستۇم

رىشات شامالباغلىق تاكسىچى تونىشى ئەختەمگە تىلفۇن ئۇردى.  تاكسى بىر دەمدە دۇكاننىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى. ئىككىسى غوپۇرجاننى يۈلەپ ماشىنىغا چىقىرىپ ئوتتۇرىغا ئېلىپ ئولتۇرۇپ شوپۇرغا بۇيرۇق قىلدى:

ـ تاغارچىغا ھەيدە!

تاكسى چوڭ يولغا چىققاندا شوپۇر ئېغىز ئاچتى:

-     كىراغا 100كوي بىرىڭلار، كەم بولسا ماڭمايمەن

غوپۇرجان بېشىنى ئاران رۇسلاپ ئىشتان يانجۇقىدىن بىر تۇتام پۇلنى ئېلىپ شوپۇرغا 100يۈەن بىرىپ قالغان پۇلنى يانجۇقىغا سالماقچى بولغاندا رىشاتنىڭ تاقىتى توشۇپ قوللىرى قۇترىدى. گالاچ-گۇلۇچ، قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ غوپۇرجاننىڭ بۇرنىدىن ئوقتەق قان كەتتى. رىشات ئۇرۇپ بولۇپلا غوپۇرجاننىڭ قولىدىكى پۇلنى تارتىۋالدى

- نىمە بولدى ئۇرۇشماڭلار! جىدەل قىلىدىغان بولساڭلار ماشىنىدىن چۈشۈپ كىتىڭلار-دەپ شوپۇر ماشىنىنى توختاتتى

- ئىشىڭنى قىل سولامچى!- دىدى رىشات شوپۇرنى تىللاپ

ماشىنا توختىغاندىن كىيىن رىشات بىلەن ئەلقەم غوپۇرجاننى ماشىنىدىن تارتىپ چۈشىرىۋىتىپ ئىككىسى ماشىنىغا چىقىپ رىشات شوپۇرغا ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرۇپ يېڭىشەھەر تەرەپكە ھەيدەشكە بۇيرىدى. بازارغا كىرگەندىن كىيىن يول ياقىسىدا توختاپ قولغا كەلگەن ئولجىنى تەخسىملەشتى. بۇلىغان پۇل 1550يۈەن بولۇپ رىشات ئەلقەمگە 100يۈەن بەردى. شوپۇرغا « ماشىناڭنى يۇدۇرىۋال»- دەپ 50 يۈەن بەردى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىش شۇنداق پاكىز ئاخىرلاشتى.

   بىر دەمدىن كېيىن غۇپۇرجاننىڭ يول ياقىسىدا ئاغزى-بۇرنى قان  ياتقانلىقىنى كۆرگەن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ئۇنى يۈلەپ ئەھۋالنى ئۇقۇپ ساقچىغا مەلۇم قىلدى. شۇ ھامان ساقچىلارنىڭ جىددى ھەركەت قىلىشى بىلەن رىشات ئاۋالقى «لەي-لەيخانا»نىڭ ئالدىدا تورغا چۈشتى. شىرىكى ئەلقەم بىلەن شوپۇر ئەختەم ئەتىسى ۋە ئۆگۈنى ساقچىلار تىلفۇندا چاقىرغاندا كىلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدى. غوپۇرجاننىڭ زىيىنى ئەسلىگە كەلدى. 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى يېڭىشەھەر ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاۋاپكارلارنى بۇلاڭچىلىق، قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەپ سوت مەھىمىسىگە يوللىدى.

  يېڭىشەھەر ناھىيەلىك جەلق سوت مەھكىمىسى 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى بۇ دېلونى قانۇن بويىچە ئوچۇق سوت قىلدى. رىشاتنىڭ تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزۈپ بۇلاڭچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىپ شىرىكلىرىنى پاش قىلغانلىقى؛ ئەلقەمنىڭ بۇلاڭچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقى، تەكرار جىنايەت شەرتىگە چۈشمەيدىغانلىقى؛ شوپۇر ئەختەمنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش، نەق مەيداننى، دەلىل ئىسپاتنى ساقلاش  مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى سادىر قىلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقى ئېنىقلىنىپ؛ پەرقلەندۈرۈپ مۇنداق ھۆكۈم چىقاردى:

  1.جاۋاپكار رىشاتقا تەكرار جىنايەت ئۆتكۈگەن بۇلاڭچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك ئۈچ يىل ئالتە ئايلىق قاماق جاسى بېرىلسۇن، قۇشۇمچە ئۈچ مىڭ يۈەن شىتراپ قويۇلسۇن؛ 2. جاۋاپكار ئەلقەمگە بۇلاڭچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن بىر يىل ئىككى ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلسۇن، قۇشۇمچە ئىككى مىڭ يۈەن شىتراپ قويۇلسۇن؛3. جاۋاپكار(شوپۇر) ئەختەمگە قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى ئۈچۈن توققۇز ئايلىق  قاماق جازاسى بېرىلسۇن.  ( كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   goldiway تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-20 10:28 AM  


ئۈمىدسىزلىك يىرىم ئۆلۈم.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60672
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3587
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 894 سائەت
تىزىم: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 12:25:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۆرىنىڭ چىشى چۈشۈپ كەتسىمۇ پەيلى ئۆزگەرمەيدۇ.

بىلىملىك گېلى ۋە تىلىنى ياخشى باشقۇرۇشى كىرەك، گېلى ۋە تىلىغا ھېزى بولۇش ئۈچۈن بىلىملىك بولۇشى كىرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5477
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1340 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 12:54:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك دۆت نىمىلەركەن.

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

شۇنداق بىركۈنلەر كىلدۇكى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94868
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 466
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2013-4-15
ئاخىرقى: 2014-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 12:55:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىڭ  قاپاقباشلاركەنبۇ،   غايىپتىن تەلىي تەتۇر  كەپقاپتۇ بۇلارنىڭ ،،   بىزمۇ دىققەت قىلايلى  قانۇن  دىگەن  مۇشۇنداق نەرسە

دىل بىرىپ يارسۆيمىگەن،بىلمەيدۇ جانان قەدرىنى

ئۇيغۇر ئوغلانى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11677
يازما سانى: 984
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13061
تۆھپە نۇمۇرى: 492
توردا: 6475 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2013-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 01:42:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇن بىلەن ئويناشمىغان تۈزۈك،جاھاننىڭ ئىگىسى بار...

ياشاش ھەر بىر نەپەس بەدىلىگە ھىساب بىرىشتۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85542
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 421
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2012-9-30
ئاخىرقى: 2013-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 01:53:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك دۆت نىمىلەركەن.   پىلاننى ياخشى  قىلمامدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9599
تۆھپە نۇمۇرى: 454
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 03:04:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

‹‹مىليون گۈل››فىلىمىنى كۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟

   ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئەلكۈيى تورىدىكى بارىلىق تورداشلار،سىلەر بىلەن تۇنجى قېتىم ئۈزەم ئەڭ قىززىقىدىغان بىر ساھەدە يۈز كۈرۈشكەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن،مۇشۇ پۇرسەتتە مىنى قولىغان ،دوسلۇرۇم  ھەم  ھەرساھە زاتلارغا رەخمەت ئېيتىۋالاي. ھەممەڭلارنىڭ تىنىغا سالامەت ئىشلىرىغا ئامەت نىسىپ بۇلىشىنى تىلەيمەن.

‹‹مىليون گۈل››فىلىمىنى كۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ئەگەر كۆرگەن بولسىڭىز ھىس قىلغانلىرىم ھەققىدە ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم.ئەڭ ئاۋال فىلىم ئىدىيىسى جەھەتتە ئورتاقلاشماقچى بۇلىۋاتىمەن.  چۈنكى ۋەزىيەتكە نىسپەتەن ئاساسىي ئېقىمغا يېقىنلاشقان تەپەككۇر يۆلىنىشىدە ئۇمۇمىي ئىلغار ئىدىيە بولغاندىلا ئورتاق ئىتقاد ئىچىدە ياشاۋاتقان ھەربىرىمىز  ئۈزۈمىزنى كونتىروللاپ ئۆزلۈك تەپەككۇرى ئارقىلىق بىرلىكتە دۇنياغا يۈزلىنەلەيمىز.

u  ‹‹مىليون گۈل››فىلىمدىن ئۆگۈنۈشكە تىگىشلىك ئىشلار.

l     چىن دوسلۇق ھەمدە ھەقىقىي ئەركەكلىك : ئەمىليەتتە ئىككىسى بىر گەپ. چىن دوسلۇق   ئەركەك دىگەن توپلامغا تەۋە تۈركۈم. بۇفىلىمنىڭ دەسلەپكى 4قىسىم بىلال ئوبرازىداچىن دوسلۇق گەۋدىلەندى دەپ قارايمەن.تۈرمىدىن چىققان كۈنى گەرچە دوستىنىڭ نامىزىغا سەل     كىچىكىپ كەلگەن بولسىمۇ،بىراق دوستىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا دىگەن سۆزلىرى مىنىڭچە ئۈلۈپ كەتكەن دوستىنىڭ  دوسلۇق ھەققىنى رازى قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن.ھەربىر كۈرۈرمەن بىلالنىڭ كىيىنكى ھاياتىنىڭ دوستى ئۈچۈن قىساس ئېلىش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايدۇ. (مىنىڭچە ھەربىر ئوغۇل بالا ئۈزىنىڭ شۇنداق ئاغىنىسى بۇلىشىنى ئويلايدۇ، شەخسەن مەن)

l          يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا ئاز بولمىغان ئەركەزاتلار ياشاپ ئۆتكەن، بىراق بۈگۈنكى شەھەرلەشكەن جەمىيىتىمىزدە ئىتائەت دىگەن سۆز قوللاشقا ئاملاشتى،بىر تارىخ ھەۋەسكارىمىز يازغان مەلۇم ئەسەردىكى مۇنداق بىر يىغىنچاقلاش ئىسىمدە ‹‹ئەرلىك جاسارەتنىڭ ئورنىنى ئاياللىق نازاكەت ئىگەللەش››. بىرنەچچە ئاي بۇرۇن نەشىردىن چىققان ھەزەرتىئەلىنىڭ   ‹‹مەن بىلەن››ناملىق پىلاستىنكىسىنىڭ ھەم شۇنامدىكى ناخشا،م   ت   ۋ نىڭ ياشلىرىمىز ئارىسىدا كۆپ قوللاشقا ئىرىشىشى ئىدىيەدە ئوغۇلبالىلىقنىڭ كۈچلۈك بۇلىشىدادەپ قارايمەن ئەلۋەتتە بۇخىل ئىدىيە ‹‹مىليون گۈل››دىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈلۈپ ئۇرۇنلانغۇسى.



2-ۋاپا:  نۇرنىڭ  ئايالىي يۇلتۇز دەسلەپتە مەرھۇم ھالاپ جۈپتىگە قارلىق تۇتۇش ئۈچۈن ئۆيدىن كۈچۈشكە ئۇنمايدۇ،بىراق بىلالنىڭ قايىل قىلىشى بىلەن پەرزەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئاندىن قۇشۇلىدۇ.

   


3-ساپ مۇھاببەت: ئەختەم بىلەن قىز دوستى ئارىسىدا ئەختەمنىڭ ئېغىزىدىن چىقىرالمىغان ئاۋارچىلىقلىرى بولسىمۇ بىراق سەلىمەنىڭ ھەرۋاقىت ئۇنى قوللاپ رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىشى ئايللارنىڭ يېرىم دۇنيالىق رولىنى يۇرۇتۇپ بەرگەن.

4-ئۈمىدۋارلىق : باھادىر تۈرمىدىن چىققاندا گەرچە ئايالىي سوتقا ئاجىرشىش ئەزرى سىۇنۇپ     بالىسى ھەم ئىسكىلاتتىكى نۇرغۇن ماللارنى ئېلىپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا ئۈمۈتسۈزلەنمەيھەممىنى ئېلىپبەدىن(0دىن)باشلىماقچى بۇلىدۇ. (رىئاللىقتىكى نۇرغۇن قىسمەتداشلىرىدەك ھاراقكەش بۇلۇپ كەتمەيدۇ)


5-رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى : شۆھرەت باي بىلەن ئەزمەت پۇل،مال ـ دۇنيا ئۈچۈنلا  ياشايدىغان،ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان ئادەملەر بولسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ ئادەم باشقۇرۇش  ئۇسۇلى ئۆزگۈچە.(ناھىيىە يېزا بازارلىرىمىزدىكى بىرقىسىم پىچىغى كەسمەيدىغان ھەم دائىملائەتە كەل دەيدىغان باشلىقلىرىمىزدىن ياخشى)


يوقارقىلار‹‹مىليون گۈل››فىلىمىدىكى مەن ياقتۇرغان كۈرۈنۈشلىرى ھەم دىئالوگلار.

        ‹‹مىليون گۈل››فىلىمىنى كۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ئەگەر پىلاستىنكا سېتىۋېلىپ كۆرگەن بولسىڭىز  ئەسلى نەشىرنى سېتىۋالدىڭىزمۇ قانۇنسىز نەشىرنىمۇ؟نىمە ئۈچۈن؟باھاسى سىزنىڭچە نەچچە    پۇل بولسا مۇۋاپىق؟ مۇشۇ سۇئاللارغا ئىنكاس شەكىلىدە جاۋاپ قايتۇرساڭلار بۇلىدۇ!

  مەن ھۆرىيەت شىركىتىگە ۋەكىللىك قىلمايمەن بەلكى‹‹مىليون گۈل›› د  ۋ د پىلاستىنكىسىغا شۇڭا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارغا جاۋاپ قايتۇرمايمەن.ھەممىىز ۋاقتىمىزنى قەدىرلەيلى.

‹‹مىليون گۈل››نىڭ 1-2-3-4- قىسىملىرىنىڭ ھەممىنى تۇلۇپ كۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەگەر 3-4-قىسىملىرى قايتىدىن پۈتۈن شىنجاڭدا پارچە سېتىلىش باھاسى20 يۈەندىن بېكىتىلىپ   سىناق تەرىقىدە بازارغا سېلىنسا سېتىۋالامسىز؟ 1-2 قىسىملىرى(پارچە باھا 55 يۈەندىن) ئىلگىرى بەلگىلىك مىقداردا تارقىتىلىپ تۈگۈگەن( بەلكىم ئۇ چاغدا ھارام نەشىر تەرەققىي قىلمىغان ئوخشايدۇ)قايتا نەشىر قىلىشقا توغرا كەلسە ھازىرچە قالدۇق ئېھتىياج ئىنىق ئەمەس،3-4 قىسمىنى شىركەت ئوغۇرلۇچە نەشىر سەۋبىدىن سېتىشنى توختۇتۇپ يىغىۋالغان.شۇڭا بۇ قېتىمقى سىناق تەرىقىدە 20 يۈەندىن سېتىلىشقا پەقەت 3-4-قىسىملار قاتناشتۇرۇلىدۇ.

نىمە ئۈچۈن سىناق دىگەندە ھۆرىيەت شىركىتى فىلىمنىڭ كىيىنكى قىسىملىرىنى سۆرەتكە ئېلىش خىزمىتىنى باشلاپ بۇلدى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ياكى  5-ئاينىڭ  باشلىرىدا  بىز  بىلەن  يۈز كۆرىشىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ قېتىملىق 20 يۈەندىن سىناق تەرىقىدە سېتىش مۇۋاپىق بولسا   بۇندىن كىيىنكى قىسىملىرىمۇ مۇشۇخىل باھادا تاقىتىلىدۇ،ئەگەر بۇ باھامۇ قۇبۇل قىلىنمىسا   

ھۆرىيەت   شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن پىلاستىنكا تارقىتىش پىلانى ھازىرچە  يوق  ئىكەن  داۋاملىق   كارۋان تورى ياكى تاللا تېلىۋىزىيەدە كۆرسىڭىز بۇلىدۇ.                           

مىنىڭچە چۇقۇم پىلاستىنكا بازىرىمىز تەرەققىي قىلىشى كېرەك.چۈنكى بۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ كەڭ بازار،نۇپۇسىمىزدىكى كۆپ قىسىم ئائىلىلەردە تور ياكى تاللا تېلىۋىزىيە ئۇمۇمىيلاشمىغان.يەنە كىلپ بۇ كىنونى كومپىتۇرنىڭ ئالدىدا ئەمەس بەلكى قانۇنلۇق نەشىردىكى پىلاستنكىنى   سېتىۋېلىپ ئائىلە بۇيىچە ئۆيدە كۈرۈشىمىز كېرەك،‹‹مىليون گۈل››فىلىمى جەمىيەت تەرەققىياتىمىزدىكى ھازىرقى زامان تۇرمۇشى ئەكىس ئەتكەن تۇنجى فىلىم ھەرگىزمۇ ئەڭ ئاخرقى فىلىم ئەمەس. ‹‹تۈرمدىن قېچىش››ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىر يۇرتىمىزغا تاقىتىلىشتىن بۇرۇن  بىزنىڭ ئۈن ـ سىن بازىرىمىزنىڭ ئاخرىقى باسقۇچى بولسا ئەمدى  ‹‹مىليون گۈل››   يېڭى باھارى بولغۇسى،كىنو كىشلەرنىڭ گۈزەللىك قارىشىنى ئىپادىلەپ بىرىدىغان بىر تۈرلۈك كەڭ   ئامىۋىيلىققا ئىگە سەنئەت.ھازىر بىزگە كىنو ئىشلەۋاتقاندىن ھۆرىيەت شىركىتىلا قالدى  . ‹‹مىليون گۈل››شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىمكى ئۇفىلىم مۇشۇ دەۋىردە ياشاۋاتقان مىليون خەلىقنىڭ نىمە يەيدىغانلىقى؟نىمە كىيدىغانلىقى؟چىرايىنىڭ قانداقلىق؟مىللىي گۈزەللىك قارىشى ھەم  ئىجدىمائىي مۇناسىۋەت،سىياىي مۇھىت قاتارلىقلارنى ساقلاپ قالىدىغان جانلق ۋاستە. .

‹‹مىليون گۈل››فىلىمىنىڭ 4-قىسىم  14:01 لۇق يېرىدە باش پىرسۇناژ بىلال دەيدىغان     مۇنداق بىر قالتىس سۆز بار‹‹مەن ھەرقانداق رىقابەتكە تەييار›› توغرا بىز بۇئىدىيەگە  ئەگىشىشىمىز قوللىشىمىز كېرەك،ئەڭ مۇھىمى ئۈزىمىزگە ئىشىنىشنى بىلىشىمىز كېرەك.  ئۆزگىلەر تەرەققىياتىدىكى يالتىراقلار بىزنى جەلىپ قىلىپ كەلدى،بىز ئۈزىمىزنى ئۇلارنىڭ     تاشلاندۇق فىلىملىرى(سودىگەرگە نىسپەتەن كىنوخانا ياكى تېلۋىزىيەدە قۇيۇلۇپ ئاللىقاچان   پايدىسى چىقىپ بولغان) ئارقىلىق ئەمەس  بەلكى  تارىخ  بېتىدىكى  ئۆز زامانىدا  ئەڭ ئالدىغا كەتكەن  بوستانلىق  مەدەنىيەتلىرىمىز   بىلەن ھاياجان ئىلكىدە پەخىرلىنىش  ئارقىلىق ھىس قىلمىز.   

ئۇلارنىڭ يەيدىغانغا بولكىسى بولسا بىزنىڭ نېنىمىز بار،ئۇلارنىڭ ھامبۇروگ بولكىسى بولسا بىزنىڭ گۈش نېنىمىز بار.10 مىليون ئۇيغۇرمۇ ھەرقانداق رىقابەتكە تەييار.

   كىنوچىلىقتا مەيلى كورىيەپەرەس، ياكى ئامىركا ياۋرۇپاپەرەس  ۋەياكى تۈركىيەپەرەس بۇلۇشىڭىزدىن  قەتتىي  نەزەر  ئۇنتۇپ  قالماڭكى  بىز جۇڭڭۇ  شىنجاڭلىق  مۇسۇلمان  ئۇيغۇر، بىزنىڭمۇ  كىنوچىلىقىمىز بۇلۇشى ھەم تەرەققىي قىلىشى كېرەك.

    ئاناتىل ــ ئاسسىلماتسىيەگە(يىمەكلىكنىڭ ھەزىم بۇلۇش جەريانى) قارشى ئىمونىتنىڭ مۇھىملىقىنى ئۇمۇمىي پىكىر ھالىتىدە ھىس قىلىپ يەتكەن بولساقمۇ بىراق مەنىۋىيەت بىز ئۈچۈن راستىنلا ئېغىر سالماقنى ئىگەللەيدۇ.     ئۈن-سىن بازىرمىزغا نىسپەتەن يىلدا مۇقىم پەقەت  بىرلا  پىلاستىنكا چىقىۋاتقانلىقى(ئابدۇكېرەم ئابلىز ئېپىزوت كېچىلىكى) بىز دۇچ كەلگەن كىرزىسنى   ئىپادىلەيدۇ.بۇ راستىنلا تارىخىمىزدا قالغۇدەك ئىش،ئاچچىق كىنايە. مەنەۋىيىتىمىز خۇددى ئۇزۇن  يىل قۇرغاقچىلىق بولغان زىمىندىكى سۇسىز ئېتىزدەك چاك-چاك..يېرىلماقتا، بىز بۇنى يۇرۇت-  يۇرۇتلارغا  ئىنتايىن  كەڭ  ئۇمۇمىيلاشقان  ئىلىكتىرونلۇق قىماخانلارنىڭ  كۇنۇپكا  تاختسىنڭ توختىماي بېسىلىشىدىن چىققان تاك-تاك....ئاۋازلاردىن ھىس قىلالايمىز ئەلۋەتتە.

ھازىرقى ئۇمۇمىي ھالەتتىن ئېتقاندا خەلىق تەلىپى يۇقۇرىي بۇلۇپ ئۆزگىلەر ئارقىلىق كىنوچىلىق  ئىستىمالىمىز بەلگىلىك يۇقۇرىي كۆتۈرۈلدى. شۇڭا بىزنى زامانغا ماس ھالەتتە ئىشلەنگەن ئۈلگە خارەكتەرلىك كۈرۈنۈشلەر يىتەكلىشىى كېرەك.‹‹مىليون گۈل››  فلىمىنىڭ  تۇنجى  قىسىم  ئېلان فىلىمىنى كۆرگەن ۋاقتىمدا روھىيەت ۋاراقلىرىم قات-قېتىدىن سۈيۈنۈپ فىلىم ئېلاننىڭ   ئۈزۈنىلا     بىرنەچچە قېتىم كۆرگەن ئىدىم.رىقاببەت ۋە ھەرخىل كىرزىسلاغا تولغان بۇ زاماندا  ئوخشاش پىكىر يۆلىنىشىگە ئىگە بۇلالىساقلا سۈيۈنچە ئىلكىدە ياشىيالايمىز، ھەقىقەت  زاماندىن  ھالقىغان ئىتقادىمىز ئۈچۈن ئېتقاندا پەقەتلا بىر. ئوغۇزخاقان قويغان خاس نامىمىزغا پىداكار بۇلىشىمىز كېرەكلىكى  كىملىكىمىزگە يىزىلغان ھايات ھەققىمىزــ قىيامەتلىك قەرەز.ئويغۇر دىگەن سۆزنىڭ   ۋەزنى ھەرگىزمۇ 6 ھەرىپنىڭ قۇشۇلشىدىن بەلكى  10 مىليون خەلىقنىڭ  بىرگەۋدىلىشىدە  ئپادىلىنىدۇ.

مەن ئىلگىرى توردىن بىر ماقالە ئۇقۇغان ئۇنى ئوغۇرلۇقچە نەشىرگە تەمسىل قىلاي:

‹‹بىر يەھۇدى ماي قاچىلاش پونكىتى ئېچىپتۇ،يەنە بىرسى ماشىنا  يۇيۇش  ئورنى، يەنە  بىرى  ئاشخانا،يەنە باشقا بىرى مىھمانىخانا،  شۇنىڭ بىلەن ئۇجاي ئاۋات بازار بۇلۇپ شەكىللىنىپتۇ.››

ئەگەر ئۇنى جۇڭڭۇلۇق دەپ تەسەۋۋۇر قىلغاندا،بىر جۇڭڭۇلۇق ماي قاچىلاش پونكىتى ئاچسا     يەنە بىرىمۇ ماي قاچىلاش پونكىتى ئاچىدىكەن،  شۇنىڭ  بىلەن  ئىككىسىدىن  بىرسى  ۋەيران بۇلىدۇ.    مەن ئۇنى ئۇيغۇر دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ باختىم.   چۇقۇم بىر ئۇيغۇر  ماي قاچىلاش  پونكىتى ئاچسا سىزنىڭچە يەنە بىر قېرىندىشىمىز نىمە ئىش قىلىدۇ؟ مىنىڭچە ئۆزەمنىڭ يۇرتىدىن  ئېلىپ ئېتقاندا چۇقۇم ساختا ماي ساتىدۇ. مانا بۇ ھازىرقى  ئىجدىمائىي رىئاللىق،ھەركىم ئۆز   قازىنىنىڭ،ئۆز تۇرمۇشىنىڭ غېمىدە.

        يۇقارقىي مىسالنى سالاھىيەت جەھەتتى مەدەنىيەت،مەنىۋىيەتكە تەمسىل قىلىشقا مۇۋاپىق بولمىسىمۇ،بىراق مەنا ئىپادىلەش جەھەتتە ئۇنۇڭدىن ياخشى مىسال تاپالمىدىم. بەش بارماقنى بىراقلا ئېغىزغا تىققىلى بولمىغاندەك ھەممە ئىش نۆۋىتىدە بۇلىدۇ.مىنىڭچە ھازىرقى نۆۋەت كىنونىڭ.تورداشلا تاپقان بۇيىلقى ئەڭ مودا سۆز‹‹ئۆزەڭنىڭ تىلىدا سۆزلە!››گە قۇشۇمچە قىلسام ئۆز تىلىلىڭدىكى كىنونى كۆر،ئۆز چولپۇنىڭنى قوللا!!!! «قول قولنى يۇيسا،قول كىلىپ  يۈزنى يۇيۇىدۇ›› .ئەمەسمۇ.

ئەسكەرتىش: مەن  ھۆرىيەت  شىركىتىگە  ۋەكىللىك  قىلمايمەن   بەلكى  ‹‹ مىليون گۈل››    پىلاستىنكىسىغا،بۇقېتىمىلق 20 يۈەندىن بازارغا سېلىشقا پەقەت 3-4-قىسمىلا قاتناشتۇرۇلىدۇ،   (سەۋەبىنى يۇقۇردا كۆرسۈتۈپ ئۆتكەن) مىنىڭچە بۇ  بىزنىڭ ئادەملەرىمىز قۇبۇل قىلالايدىغان  باھا،قوللاش-قوللىماسلىق  يەنىلا  سىلەرنىڭ  ئىلكىڭلادىكى  ئىش. ئەگەر  بۇقېتىمقى  سىناق  مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا پاتئارىدا چىقىدىغان كىيىنكى قىسىملىرى مۇشۇ باھادا تارقىتىلىدۇ، ئەگەر    يەنىلا قۇبۇل قىلىنمىسا ھۆرىيەت شىركىتىنىڭ بۇ فىلىمنىڭ پىلاستىنكا قىلىپ تارقىتىش پىلانى ئۇزاق مەزگىلگىچە يوق ئىكەن.

توپ تارقىتىش مەخسۇس لىنيەسى:

15894600441


بۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94298
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-4-3
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 03:49:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جازا يىنىك بولۇپ قاپتىمۇ نىمە بۇلارغا

ما ئۈستىدىكى ئاداشنىڭ ئېلانى ئەجەپ ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقتا  ئايرىم تېما قىلىپ يوللىسا بولمىدىمۇ بۇ ئېلانىنى ...................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3503
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11367
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 5118 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 04:03:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
erkem يوللىغان ۋاقتى  2013-4-20 03:04 PM
‹‹مىليون گۈل››فىلىمىنى كۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟   ئەسسالاممۇ ...

مەن قەتئى قوللايمەن.20يىۋەنلىك  باھانى مىنىڭچە خەلقىمىز قوبۇل قىلالايدۇ،بايا تىخى 100گىرام قارا ئۈجمىنى 5يىۋەندىن ئالدىم،ساناقلىقلا ئۈجمە كەلدىم،مال باھاسىنىڭ بەك ئۈسۈپ كەتكىنىگە كىچىككىنە سۇلىياۋ خالتىغا سىلىنغان نەچچە تال ئۈجمىگە قاراپ تىخىمۇ ھىس قىلدىم.
مۇنۇ گەپ ماڭا بەك ياقتى: ئۇلارنىڭ يەيدىغانغا بولكىسى بولسا بىزنىڭ نېنىمىز بار،ئۇلارنىڭ ھامبۇروگ بولكىسى بولسا بىزنىڭ گۈش نېنىمىز بار.10 مىليون ئۇيغۇرمۇ ھەرقانداق رىقابەتكە تەييار.

   كىنوچىلىقتا مەيلى كورىيەپەرەس، ياكى ئامىركا ياۋرۇپاپەرەس  ۋەياكى تۈركىيەپەرەس بۇلۇشىڭىزدىن  قەتتىي  نەزەر  ئۇنتۇپ  قالماڭكى  بىز جۇڭڭۇ  شىنجاڭلىق  مۇسۇلمان  ئۇيغۇر، بىزنىڭمۇ  كىنوچىلىقىمىز بۇلۇشى ھەم تەرەققىي قىلىشى كېرەك.

http://1001keqa.blogbus.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81683
يازما سانى: 689
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5938
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 10:16:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
DAWRAN0991 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-20 04:03 PM
مەن قەتئى قوللايمەن.20يىۋەنلىك  باھانى مىنىڭچە خەلقىم ...


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئالماس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-20 10:17 PM  


ھاللالدىن كەلمىگەن ئاش،ئاش ئەمەس.
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش،ياش ئەمەس،
بېشىم بار دەپ غادىيىپ يۈرمە.
سەجدىگە بارمىغان باش،باش ئەمەس.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش