|
|
|
|
قۇسۇرچى
(مۇخەممەس )
ھەرئىشلارنى ھەر زامان ئالدىن كۆرەر قۇسۇرچى،
ھەر كىملەرگە ھەرجايدا قاپاق تۈرەر قۇسۇرچى ،
كىمنى كۆرسە كەيندىن پايلاپ يۈرەر قۇسۇرچى ،
يېڭى ئالغان ئاياقنى مايلاپ يۈرەر قۇسۇرچى ،
قۇسۇر بىلەن ھەرۋاقىت كەيب سۈرەر قۇسۇرچى.
بىرتوپ قوينى كۆرگەندە سانىماستىن يۈز دەيدۇ،
ئەگرى يولنى كۆرگەندە ئىككىلەنمەي تۈز دەيدۇ ،
ئۇچىراپ قالسا بەدبەشرە ،ئۇ ئەسلىدە ئۇز دەيدۇ ،
نىيىتى يامان قۇسۇرچى ھەممە ئىشنى بۇز دەيدۇ ،
ئىشەنگىنكى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرەر قۇسۇرچى .
بىرنى كۆرسە بىرىگە چىقىشتۇرۇپ داتلايدۇ ،
ھەقلىق بىلەن ناھەقنى ئىلىشتۈرۈپ چاپلايدۇ ،
كىر بولمىغان كيىمنى كىر بولدى دەپ قاتلايدۇ،
سۇ كەلمىگەن ئېرىقتىن كۆۋرۈك سىلىپ ئاتلايدۇ،
قىلدەك ئىشنى چوڭايتىپ پىلدەك ئېتەر قۇسۇرچى .
خوشال بولسا باشقىلار كۆرەلمەيدۇ ئەزەلدىن ،
ھەتتا قۇسۇر ئىزدەيدۇ،خەق ئېيىتقان غەزەلدىن ،
زورۈر بولسا ئاچچىقنى سۈزۈپ چىقار ھەسەلدىن ،
ياكى پەتۋا ئىزدەيدۇ باشلىق تۇتقان ئەمەلدىن ،
ھەممە يەردە شۇمبۇيا ئېچى زەھەر قۇسۇرچى .
ئىلىشقۇنى ئىز چېپىپ سوراپ يۈرەر قۇسۇرچى ،
بىلەرمەننى ھەرۋاقىت دوراپ يۈرەر قۇسۇرچى ،
ھەقىقەتكە ئورىنى كولاپ يۈرەر قۇسۇرچى ،
لالما ئىتتەك كوچىدا پۇراپ يۈرەر قۇسۇرچى ،
توخۇدىنمۇ سۈت سىغىپ چوقۇم ئىچەر قۇسۇرچى .
قۇسۇرچىنىڭ ئالدىدا يوغان ئىشتۇر كىچىك ئىش ،
قۇسۇرچىنىڭ ئادىتىدۇر ھەممە ئىشقا كۆز سىلىش ،
قۇسۇرچىدىن سوراپ باق كىسەكنىمۇ دەيدۇ خىش،
ۋاقىت تاللاپ يۈرمەيدۇ ياز ، ئەتىياز ياكى قىش،
قىلغان ھەربىر سۆزلىرى تاشنى تېشەر قۇسۇرچى .
مەنبە ؛ئىجادىيەت
ئەسكەرتىش ؛ باشقا مۇنبەرگە قالايمىقان كۆچۈرمەڭ !!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا danixman1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-20 10:06 AM
|
|
|
|
|
|