جىنىم،ئەمدى ئالدىمىغىن
(نەسىر)
قۇشلارنىڭ يىقىملىق ناخشىلىرى بىلەن تەڭ سۈبھىدىكى
شەبنەم تامچىلىرى ئارىسىغا يۇشۇرۇنغان گۈللەر باشقىچە
غۇنچە بۇلۇپ ئۈزگىچە خۇشبۇي ھىدلىرى بىلەن
دىماقلىرىنىمنى غىدىقلىماقتا.مەن ئىختىيارسىز قەدىمىمنى ئاستىلاتتىم.مەڭزىمنى يىنىككىنە سۈيۈپ ئۈتىۋاتقان شامال چاچلىرىمنى لەرزان يەلپۈۋاتاتتى. كۈز ئالدىمدا سىنىڭ سىمايىڭ
،كىلىشكەن قەددى قامىتىڭ ،مەنىلىك قاراشلىرىڭ زاھىر بۇلاتتى. جىنىم، سىنى قانچىلىك سىغىنغىنىمنى بىلەمسەن؟
سىنىڭ يادنامەڭ سۈپىتىدە يىنىمدىن ئايرىماي ساقلاۋاتقان
سۈرىتىڭگە قاراپ ،سەندىن ئىشەنچ،چىن سۈيگۈنى مەجنۇنلارچە ئۈتۈنۈپ سورىدىم.
ماڭا يىگىتلەرگە خاس مەردانىلىقىڭ بىلەن ھاياتىمدىكى
بىردىنبىر جۈرەم ،ئۆمۈرلۈك ھەمرايىم بولۇشقا ۋەدە
بىرەلەسەنمۇ؟ ياق،ياق .جىنىىم چىن مۇھەببەتنىڭ گۈل
تاجىنىنى ماڭا كەيدۈرەلمەيسەن.
بەلكىم ھازىر ئەتراپىڭدا پەرۋانىدەك ئەگىپ كىتەلمىگەن
خانقىزلارغا بارلىقىڭنى تارتۇق قىلىۋاتقانسەن.قەلىپ
قەسرىڭنىڭ شاھى تەختىگە قايسى چاغدا ئولتۇرۇپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن. بۇ ماڭا بەرگەن بىردەملىك ئىنئامىڭمۇ ياكى
ۋاقىتلىق ئامانەتكە بېرىپ تۇردۇڭمۇ بىلمىدىم.قەلبىمدە
كۈچلۈك بىر خىل ئوت يالقۇنجاچاتىدۇ،كىمدۇ بىرى ئۆتكۈر تىرناقلىرى بىلەن ياۋۇزلارچە تاتىلاۋاتىدۇ.
جىنىم،قاچانغىچە ئۈزەڭنىمۇ ئۈزگىنىمۇ ئالداپ يۈرىيدىغانسەن.
ئىسىڭدىمۇ؟
ئىشىك تۈۋىمدە قانچە كېچە كىرپىك قاقماي مىنى كۈتكۈنىڭدە ، مۇھەببەتنىڭ شىرىن تەمى سىنى بىھۇش قىلىپ مەس قىلغاندا، ئىسمىمنى تەنلىرىڭگە چەكمە قىپ ئويغانلىرىڭدا،ھازىرقىدەك ۋاپا دەرىخنىڭ يىلتىزىنىڭ
قۇمۇرۇلىشىنى ئويلىغان بولغۇيتۇڭمۇ؟
جىنىم،مەن قۇلۇڭدىكى قونچاق ئەمەس،ئويناپ بولغاندا
تاشلاپ قۇيىدىغان، ياكى بوۋاق بالا ئەمەس نىمىلا قىلساڭ
خوشال بۇلۇپ چاۋاك چالىدىغان ۋەياكى ئۈيۈڭدىكى
تىزىپ قۇيىدىغان بۇيۇپ ئەمەس. خالىغانچە توپا باستۇرۇپ ھەر يەرگە تىزىپ چىقىدىغان.
مەن شۇنچىلىك نازۇك.بەلكىم ساڭا تا ھازىرغىچە سەن ئۈچۈن تۈككەن بىھۇدە ،قەدىرسىز تامچىلارنى بىلىندۈر
مىگەنلىكىم ئۈچۈن مىنى شۇنداق قەيسەر چاغلايدىغانسەن.
بىراق تامغا مىخ قېقىپ باق جىنىم .قانچىلىك كۈچۈڭ كىتىدۇ. بولقا تۇتقان مۇبارەك قوللۇرۇڭ ئاغرىمدۇ؟ كىيىن ئۇنى
سۇغۇرۇپ باق ،ئىزى قالامدىكىيىن.
جىنىم،ئاخىردا سىەندىن كۈتىدىغىنىم .بولدى قىلغىن.
بۇ مۇھەببەت دىراممىسىدا ئۇستىلىق بىلەن ئوينىغان رولۇڭنى ھەممە كىشى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن.ھەممە قىزلار مەندەك سىنىڭ بەختىڭنى ،شۆھرىتىڭنى تىلەپ ئىپتىخارلىق
ئىلكىدە تاماشىبىن بۇلۇپ ئىككى قۇلىنى ئېگىز كۈتۈرۈپ
سەن ئۈچۈن چاۋاك چالماسلىقى،ساڭا مەدەت تىلىمەسلىكى
مۇمكىن. قەلبىڭدىكى چاڭ تۇزانلارنى سۈپۈرۈپ تازلاپ
،رۇھىڭنى پاكلىغىن. شاپاقلىقتىن ئىبارەت نىجىس كىسەل
سىنى مەڭگۈلۈك بىتاپ قىلىپ سۆيگۈ كوچىسىدا ماڭغۇدەك
كۈچ مادارىڭنىمۇ قالدۇرماي يىقىتىپ قۇيمىسۇن.
بۇ مۇقەددەس مۇھەببەت تۇغىنى ئېگىز كۈتۈرۈپ ھەممە
كىشى قەلبىدە ئۆز ئىززەت ئابرۇيۇڭنى تىكلەپ ،قەدەرلەشنى
قەدىرلىنىشنى بىلگىن جىنىم .مەن ھەر ۋاق نامىزىمدا يۈكۈنۈپ
ئولتۇرۇپ ئالاھتىن ساڭا ھەرۋاقىت ئىنساپ،ۋە ئىمان نۇرىنى
بىلەن غۇۋالىشىپ تۇتۇقلاشقان دىلىڭنى ئالتۇن نۇرى بىلەن
يۇرۇتىشىنى تىلەپ تۇرىمەن.باشقىچە مىھىرلىك يىگىتنى
كۈرۈش ئۈچۈن زارىقىپ كۈتىمەن جىنىم.
مەنبەسى: ئۆزۈم