مۇئەللىملە
مۇخەممەس
بىلىم بەردى جاپانى ھۆددىگە ئالغان مۇئەللىملە،
چاڭقاق دىلغا شىپائىي زەمزەم بولغان مۇئەللىملە،
بىتاپ بۇلۇپ ياتقانغا مەلھەم بولغان مۇئەللىملە.
باي-گادايغا ئىلمىنى ھەقسىز ساتقان مۇئەللىملە.
پەرزەنت ئىشقى ئوتىدا كاۋاپ بولغان مۇئەللىملە.
كىشى كۆڭلى رەنجىتمەس قانچە پۇللار بەرسىمۇ،
باش ئەگمەيدۇ قىلچىلىك كويزا كىشەن سالسىمۇ.
كۆر ئەماغا بوپ چىراق شاملار كەبى كۈيسىمۇ،
مىڭگەز قۇياش تەپتىدىن چارچاپ كېتىپ قالسىمۇ.
تىللاردا مەڭگۈ داستاندۇر نامى ئۇلۇغ مۇئەللىملە.
يولدىن ئازسا بالىلار ماياك بۇلۇپ يىتىلەپ،
نوتىلارنى تەربىيلەپ باغۋەن قىلىپ پەپىلەپ.
سامالاردا پەرۋاز قىپ قانات بۇلۇپ لەپىلدەپ،
تامچىلارنى يۇشۇرۇپ قەستەن كۈلۈپ ئەركىلەپ.
مائارىپ ئۈچۈن بارىنى قۇربان قىلغان مۇئەللىملە.
كۆڭلى ئۇنىڭ دەريادۇر سىغار ھەممە جاھانمۇ،
شۇڭا ئاڭا قۇتۇقلار شان شۆھرىتىنى تارىخمۇ.
سالام بىرەر يىراقتىن ھەتتاكى بارچە ساراڭمۇ،
ئىككى ئالەمدە مىھنىتى مىراس بۇلۇپ قالغانغۇ،
شاگىرتلارنى قەلبىدە ئوردىن ئالغان مۇئەللىملە.
خىزىر سۈپەت ئىنساندۇر ئايمۇ خىجىل ئالدىدا،
بەزى ئۇخشار شەبنەمگە، تاڭ سەھەرگە، باھارغا.
تەبەسسۇملار جىلۋە قىپ زاھىر بۇلار ناگاندا،
مەيلى جۇڭگو ،چەتئەلدە مەدھىيلىنەر بارغاندا.
ئىلىم ئېرپان باغىدا شوخ سايرىغان مۇئەللىملە.
ئەقىل ئىدراك بابىدا مەشئەل كەبى نۇر چاچقىن.
خۇشبۇي ھىدلار تارقىتىپ غۇنچە بۇلۇپ ئېچىلغىن
مەرت مەردانە ياشىغىن، دانالىقتا يول ئاچقىن،
بۈيۈكلۈكتە ساز بۇلۇپ ئۇسۇل سامانى باشلىغىن.
مۆتىۋەرلەر قاتارىدا شاھتاج كىيگەن مۇئەللىملە.
مەنبەسى: ئۈزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-20 12:46 PM