مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1143|ئىنكاس: 10

ھىكمەت دۇردانىلىرىدىن مەجمۇئەلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن  ئۇيغۇرنىڭ 

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59036
يازما سانى: 572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6181
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 678 سائەت
تىزىم: 2011-10-4
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 11:04:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                ھىكمەت دۇردانىلىرىدىن مەجمۇئەلەر

*ھەق يولىدىكى كىشىلەر ھەتتاكى دۈشمىنىنىمۇ مالال قىلماس.
*شەپقەتسىز قاراقچى زەپەر تاپقاندا ،كارۋان زارىغا پەرۋا قىلامدۇ؟
*ئۆزۈڭ توغرا بولساڭ،بەدنىيەت پىتنىچى كۈچى يەتمەي سەندىن قۇسۇر تاپالمايدۇ.راۋابنىڭ ئۈنى پەدىگە ماس بولسا ،چالغۇچى ئۇنىڭ قۇلىقىنى بىكار تولغىماس ئىدى.
*سەندە زوق-شوق بولمىسا دۆت مەخلۇقسەن.
*خۇددى قۇدۇق شەبنەم بىلەن تولمىغاندەك ،تەمەخورنىڭ كۆزى ئىنئام بىلەن تويمايدۇ.
*جاھىللارنىڭ ئادىتى شۇنداق بولىدۇ:دۈشمىنىنى دەلىل ئىسپات بىلەن يىڭەلمىسە،ئاداۋەت زەنجىرىنى جىرىڭلىتىشقا كىرىشىدۇ.
*نادانغا سۈكۈت قىلىشتىن ياخشى نەرسە يوق،ئەگەر بۇ مەسلىھەتنى چۈشەنسە ،ئۇ نادان بولماس ئىدى.
*كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئەيبىنى تاتىلاپ ئاچما ،ئۇلارنى رەسۋا قىلىش بىلەن بىللە ئۆزەڭنىمۇ ئىشەنچىسىز ئادەم قىلىپ قويىسەن.ھەركىم تاشقى كۆرۈنۈشتە چىرايلىق بولسا ،ئىچكى دۇنياسى گۈزەل بولىۋەرمەيدۇ.ئىش كۆڭۈلدە ھەرگىز تىرىدە ئەمەس.
*كىمىكى ئۇلۇغلار بىلەن ئىلىشسا ،ئۆز قىنىنى تۆكىدۇ.
*ئون ئادەم بىر داستىخاندا تائام يەيدۇ،ئەمما ئىككى ئىت بىر تاپ ئۈستىدە چىقىشالمايدۇ.ئاچ كۆز ئادەم پۈتۈن جاھان بىلەنمۇ تويمايدۇ،قانائەت قىلغۇچى بىر نان بىلەنمۇ توق يۇرۇيدۇ،شۇڭا دانىشمەنلەر ئىيتىدۇ؛سەئىدى:<<مال مۈلۈك بىلەن باي بولغاندىن كۆرە ،قانائەت بىلەن باي بولغان ياخشىراق>>.
*پەس ئادەملەر ھۈنەر سەنئەتتە باشقىلار بىلەن تەڭ كىلەلمىسە ،رەزىللىكى بويچە ئارقىدىن غاجىلاشقا باشلايدۇ.
*تۆۋە قىلىشقا قول كۆتۈرگەن گۇناھكار ئادەم غادىيىۋالغان سوپىدىن ياخشىراق.
*نامەرد ئادەم خوتۇن كىشىدۇر،تەمەگەر سوپى قاراقچىدۇر.
*تاشقى قىياپەت جەھەتتە مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى ئادەمدۇر،مەۋجۇداتنىڭ ئەڭ خار تۆۋىنى ئىتتۇر. ئەمما دانىشمەنلەرنىڭ بىردەك پىكىرى بويچە،ياخشىلىقنىڭ قەدرىنى بىلىدىغان ئىت ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان ئادەمدىن مىڭ ياخشى.
*ئەگەر ياخشى يولنى ئىزدىسەڭ پاك بول.
*ھىممەت يولى بارچە يولدىن ئەلا يول.
*ئاقىلنىڭ ئىشى ئۆزى بىلەن بولماقلىقتۇر.
*ئەلدىن كىچىپ غاردا ياتساڭمۇ ،ئەيپ ئىزدىگۈچىدىن قۇتۇلالمايسەن.
*دەريالارنى كۈچ بىلەن توسۇش مومكىن بولسىمۇ،چىقىمچىنىڭ تىلىنى توسۇيالمايسەن.
سەئىدى<<بوستان>>دىن.
*خەلق دۆلىتىدە تۈرتكە بولىدىغان بىر خىل مەركەز-گۈزەل ئەخلاق بولۇشى لازىم.
مونتىسكىيۇ.
*قانائەت بىر ئۇرۇقكى ،نەتىجىسى بايلىق.دەرەخكى مىۋىسى بىھاجەتلىك.ئۇ بىر مەيدۇركى ،ئاچچىق ،ئەمما نەتىجىسى تاماشاغا ئوخشاش.ئۇ بىر يولدۇركى،قاتتىق ئەمما مەنزىلى شاتلىق.
ئەلشىر نەۋائىې.
*بىلىقچىنىڭ تور سىلىشى قورساق بىقىش ئۈچۈن بولسا،بىلىقنىڭمۇ تورغا ئىلىنىشى ئاچلىققا گىرىپتار بولغانلىقتۇر.  ئەلشىر نەۋائىې.
*مىللەتنىڭ مۇقىم بايلىقى-خەلىقنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى بايلىقىدۇر.   ن،گ،چىرنىشۋىسكىې.
*دۆلەتنىڭ قەدىر- قىممىتى ئاخىرقى ھىساپتا ئۇنى تەشكىل قىلغۇچى شەخسلەرنىڭ قەدىر قىممىتىگە باغلىق.    ج،مىلل.
*ئەخلاق كىشىلىك جەميەتنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.  ۋ،ئى ،لېنىن.
*بۈيۈكلۈككە ئەڭ يىقىنى ھالاللىقتۇر.     ۋ.ھىيوگو.
*ھالاللىق دەۋرىمىزنىڭ تولۇق مەنىدىكى ئىسىلزادىلىكىدۇر.      ئە.رىنان.
*دۇنيادا ھالال ئادەمدىنمۇ بۈيۈكراق زات يوق.            ر.روللان.
*ھالاللىق ھەرقانداق مەرتىۋىنى بىزەيدۇ.                    ف.شىللىر
*ھەممە ئادەملەر ئەسلىدە بىر خىل،دۇنياغا كىلىشلىرىمۇ بىر خىل ،پەقەت تەبىئەتتە ھالال ئادەمنىڭلا نامى گىگانت.                     سېنېكا.
*ھالاللىق ئەڭ ياخشى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئەڭ توغرا پائالىيەت شەكلىدۇر.        ژ.لىببوك.
*شەرمەندە ئۇزاق ئۆمۈردىن ،قىسقا ،ھالال ئۆمۈرنى ھەمىشە ئەۋزەل كۆر.     ئىپىكتىت.
*ئۆمۈر بويى بەختلىك بولۇشنى خالىساڭ-ھالال ئادەم بول.             ت.فوللىر.


ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرى
*ماس ئەمەس جۈپتىن تاق ياخشى،
ئالدايدىغان ماقۇلدىن ياق ياخشى.

*لەقەم قويۇش خىزىرنىڭ ئىشى.

*مالنىڭ ئىسىللىقى تۇرقىدىن بىلىنەر،
ئادەمنىڭ ئىسىللىقى خۇيىدىن(بىلىنەر).


*موللىنىڭ يامىنى ۋاراقچى بولۇر.
بەندىنىڭ يامىنى يالاقچى(بولۇر).

*نەپىسى ئىماننى بىلمەس،
بەدنىيەت ۋىجداننى.

*نۇمۇسۇڭنى بەرگۈچە، جىنىڭنى بەر.

*ئوغرى تۇمانغا ئامراق،
ئىچى تار گۈمانغا(ئامراق)

*سۇدا ئىز يوق ،ھاياسىزدا يۈز(يوق).

*قاغىنىڭ قىرىسىنى بىلگىلى بولماس،
ئادەمنىڭ ئالىسىنى.

*خوشامەتچىنىڭ چىشى بولمىسىمۇ ،سۆڭەك غاجار.

*چىراغنىڭ ھۆرمىتى يورۇقى بىلەن،
قىزنىڭ ھۆرمىتى قىلىقى بىلەن.

*خەير-قىلدىڭ خوپ قىلدىڭ،
مىننەت قىلدىڭ يوق قىلدىڭ.

*بالىسىزنىڭ مىلى ھارام ،
ئىمانسىزنىڭ جىنى.

*بەڭگە قىرىسا سوپى بولۇر،
جالاپ قىرىسا بۈۋى.

*قىزنىڭ ئىپپىتى ،ئۇنىڭ ھاياتى.

قىنى قىرىنداشلار بۇ مەجمۇئەلەردىكى گۈزەل ئەخلاق بىلەن ئۆزۈڭلارنى بىزەپ ،بىر ئاي شۇ بويچە ھەركەت قىلىڭلار،ھۆرمەت بىلەن قوللاشقا ئىرىشمىگىنىڭىزنى مەن بىر كۆرەي.
بۇلاردىكى پەلسەپىلەرنى ئۆزەڭلارنىڭ مىڭىسىگە كىرگۈزۈپ تەھلىل قىلىپ بىقىڭلار،
ئۆزىڭىزنى قاندق ھىس قىلىسىزكىن؟
ئۆگىنىدىغاننى ئۆگىنىپ ،ئىستىمال قىلىدىغاننى چوقۇم ئىستىمال قىلىپ ،پەزىلەت ۋە ئادەت قىلىۋىلىڭ.چوقۇم ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشىسىز.

ئەخلاق ھەققىدە ھىكمەتلەر دىن ئۈزۈندىلەر.
2013-4-19

فانتىكىن.













بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   fanteken تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-19 09:14 AM  


ياراتقان  نارسىلەرنىڭ  ھەممىسى  بۇيۇكتۇر،  مەنمۇ  شۇ  بۇيۇكلەر  ئىچىدىكى بۇيۇكتۇرمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72043
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3729
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2011-12-26
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 12:06:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھازىرغاچە ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئېسىل ،،گەپلەركەن بۇ ،،سىز گە كۆپ تەشەككۈر ،،ساقلىۋالدىم ..ۋاقتى كەلگەندە چوقۇم ئىشلىتىمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaharibag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-20 12:13 AM  


00.jpg

تىرىشىش+ئىرادە=مۇۋاپپىقىيەت

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83894
يازما سانى: 647
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 885
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2012-8-13
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 12:20:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار  !
سالام دوسلۇقنىڭ يولىنى ئاچىدۇ .
سالامنى ئىلىك ئالغۇچى سالامەت بولىدۇ .
سالام قىلغۇچى كىشىگە ئامانلىق تىلەيدۇ .
سالام كىشىلەرنى يامانلىقتىن سالامەت ساقلايدۇ .
  يۈسۈپ خاس ھاجىپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34834
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3068
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2013-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 12:47:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى گەپلەركەن، مۇشۇنداق دۇردانىلەرنىڭ كۆپرەك بولغىنى ياخشى. ھارمىغايسىز.
لىكىن، كىچىككىنە بىر تەكلىپىم ھازىرمىغۇ ياخشى بولۇپتۇ، لىكىن ئەگەر سىز سىز شۇ چەتئەللىك داڭلىق كىشىلەرنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىرىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ ،شۇلارنىڭ سۆزلىرىنى يوللىغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن. مېنىڭچە بىزگە تېخى ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىرىنىڭ ھېكمەتلىرى يېتىشمەي باشقىلارنىڭكىدىن ئىزدىنىدىغان ئۇ ھالەتكە يەتمىدۇققۇ دەيمەن.
كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن بۇدېگەن مېنىڭ سەمىمي تەكلىپىم،ھەم شۇنداقلا ھازىرقى ئەمەلىيەت.

ئاۋاق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93957
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 467
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-3-27
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 07:40:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19518
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1944 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 08:42:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ھىكمەتلەرنى يوللاپسىز رەھمەت سىزگە.

راك كىسەلنىڭ دورىسى يوق،
  بىنا ئۆينىڭ مورىسى يوق.


كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

مەن  ئۇيغۇرنىڭ 

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59036
يازما سانى: 572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6181
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 678 سائەت
تىزىم: 2011-10-4
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 11:27:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
awak يوللىغان ۋاقتى  2013-4-19 10:47 AM
ياخشى گەپلەركەن، مۇشۇنداق دۇردانىلەرنىڭ كۆپرەك بولغى ...

شۇ  سىزنىڭ دېگىنىڭز توغرا .لىكىن ئەمەلىيەت ئەمەس.ئۆزەمنىڭ بار دەپ خەقنىڭكىگە قاراپمۇ سالماسلىق،خەقنىڭ ئەھۋالىدىن بىخەۋەر قالدۇرىدۇ.ئۇنىڭ ھىچبىر ئىچىنغۇچىلىكى يوق.
خەقنىڭكىنىمۇ بىلىش ،ئۆزىنىڭكىنىمۇ بىلش چوقۇم ئادەمنى ئالغا باستۇرىدۇ.
ئىسىڭىزدە بولسۇن ماۋزىدوڭ ئەپەندىمۇ ئازادلىق زامانلىرىدا ئۆز ئىدىيەسىنى تىخىمۇ يورۇتۇش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئەقلىيەلىرىدىن 6000دىن ئارتۇقىنى ئىشلەتكەن.
چۈنكى ئەقلىيە دىگەنگە بىر خەلىقنىڭ ئەقىلى مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ.
ئۆزلۈك ئىڭىمىزنى كۈچەيتەيلى ،لىكىن قالاق بولمايلى.
چەتئەل ئەدەبىياتىمۇ بىزنىڭ ئەدەبىياتتىن خىلىلا تەرەققى قىلغان.
مىللەتنىڭ مۇقىم بايلىقى-خەلىقنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى بايلىقىدۇر.   ن،گ،چىرنىشۋىسكىې.
بۇنى بىزدە بار دىسەكمۇ ،لىكىن سىز ئۇنى ئىنكار قىلالامسىز؟
بىزنىڭ مىللەتتە مەنىۋى بايلىقتىن قانچىلىك بار،ئەقلىيە بىزدە بولغان بىلەن شۇ بايلىق بىزدە بارمۇ قىنى.
لىكىن بۇنداق دىسەم مىنى چەتئەل پەرەسكەن دىمەڭ،كاللىمىز ئوچۇق بولسۇن.
،،،،،،،،،

ياراتقان  نارسىلەرنىڭ  ھەممىسى  بۇيۇكتۇر،  مەنمۇ  شۇ  بۇيۇكلەر  ئىچىدىكى بۇيۇكتۇرمەن!!!

مەن  ئۇيغۇرنىڭ 

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59036
يازما سانى: 572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6181
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 678 سائەت
تىزىم: 2011-10-4
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 11:30:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
awak يوللىغان ۋاقتى  2013-4-19 10:47 AM
ياخشى گەپلەركەن، مۇشۇنداق دۇردانىلەرنىڭ كۆپرەك بولغى ...

لىكىن مەن چەتئەللىك شۇ داڭلىق كىشلەرنىڭ ئىسمى ئورنىغا ئۆزەمنىڭ مىللىتىدىن بولغانلارنىڭ ئىسمىنى مەڭگۈ يازمايمەن .بۇ بىر نۇمۇس،قىرىندىشىم.
خەقنىڭكى خەق ئۈچۈن ،ئۆگەنسەك بولىدۇ،ئۆزەمنىڭ دىيىش نۇمۇستۇر.ئۆزىمىزنىڭكى مەڭگۈ ئۆزىمىزنىڭ ،ئۇنى قوغدايمىز.

ياراتقان  نارسىلەرنىڭ  ھەممىسى  بۇيۇكتۇر،  مەنمۇ  شۇ  بۇيۇكلەر  ئىچىدىكى بۇيۇكتۇرمەن!!!

ياسىنجان(سىرلىق)

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5357
يازما سانى: 3836
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 92771
تۆھپە نۇمۇرى: 1350
توردا: 5900 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 01:49:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ھىكمەتلەركەن......... تەشەككۈر  دوستۇم

سىرلىق سەنئەتلىك لايىھەلەش سىتودىيسى.

ماڭا يۇكسەك ئىرادە ھەمراھ.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37344
يازما سانى: 990
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8498
تۆھپە نۇمۇرى: 837
توردا: 3873 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 06:38:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئاڭلاپ  باقمىغان ھىكمەتلەركەن  بەك  خۇش  بولدۇم  رەھمەت سىزگە !

ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.!!!!!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش