مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1262|ئىنكاس: 14

مەستلەر قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلسا، سۇغۇرتا تۆلەم بەرمەمدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13025
تۆھپە نۇمۇرى: 1769
توردا: 6375 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 11:01:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەستلەر قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلسا، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بەرمەمدۇ؟


[دېلو ئەھۋالى]
رىشات 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ھاراق ئىچىپ مەست بولغان ئەھۋالدا ماشىنا ھەيدەپ، چوڭ يولنى كېسىپ ئۆتۈۋاتقان توختىنى سوقىۋەتكەن. توختى ئېغىر زەخمىلىنىپ نەق مەيداندا ئۆلۈپ كەتكەن. قاتناش ساقچى ئەترىتى رىشات ھادىسىدە ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى، توختى قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ ئېتىراپنامە چىقارغان. رىشاتنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنغان. رىشاتنىڭ ماشىنىسى قاتناش ھادىسىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلغان بولسىمۇ، سۇغۇرتا شىركىتى رىشات ھاراق ئىچكەن ئەھۋالدا ماشىنا ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان دەپ، توختىنىڭ ئۆلۈم تۆلىمىگە قارىتا، تۆلەم بېرىشنى رەت قىلغان. سوت مەھكىمىسى سۇغۇرتا شىركىتىنى توختىنىڭ ئۆلۈم تۆلىمى ئۈچۈن 110 مىڭ يۈەن تۆلەشكە ھۆكۈم قىلغان.


[تەھلىل]
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «يول قاتناش ھادىسىسىدىكى زىيان تۆلىمى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇن تەدبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات»قا ئاساسلانغاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 3-كىشى جىسمانىي زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى قاتناش ھادىسىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى چېكى (نۆۋەتتە، ئۆلۈم، مېيىپلىق تۆلىمى 110 مىڭ يۈەن، داۋالىنىش ھەققى تۆلىمى 10 مىڭ يۈەن، مال-مۈلۈك زىيان تۆلىمى 2000 يۈەن) ئىچىدە تۆلەم بېرىدۇ، قالغان قىسمىنى ھوقۇققا چېقىلغۇچى تۆلەيدۇ:
(1) شوپۇرلۇق پىراۋىسى يوقلار ياكى مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە بولمىغانلار ئاپتوموبىل ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان بولسا؛
(2) ھاراق ئىچىپ مەست بولغانلار ياكى دۆلەت چەكلىگەن مەست قىلىش دورىسىنى ئىشلەتكەنلەر ئاپتوموبىل ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان بولسا؛
(3) ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى قاتناش ھادىسىسىنى قەستەن پەيدا قىلغان بولسا.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان سۇغۇرتا سودا سۇغۇرتىسىنى ئەمەس، بەلكى قاتناش ھادىسىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىنى كۆرسىتىدۇ. 3-كىشى دېگەندە، شۇ ئاپتوموبىلنى ھەيدىگۈچى ۋە شۇ ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغانلاردىن باشقا كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. سۇغۇرتا شىركىتى 3-كىشىنىڭ زېيىنىنى تۆلىگەندىن كېيىن، ھوقۇققا چېقىلغۇچىدىن تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقى بولىدۇ.

ئابلاجان تۇردى تەييارلىغان


مەنبە: ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى


http://www.ilqut.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=473

ئۆز-ئۈزىنى قەدىر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60062
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4855
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 3332 سائەت
تىزىم: 2011-10-11
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 12:55:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭدا سۇغۇرتا ئالغۇچى بىلەن سۇغۇرتا ساتقۇچى ، يەنى ھاۋەلە قىلغۇچى بىلەن ھۆددىگە ئالغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى توختامنىڭ مەزمۇنىنى ئاساس قىلىش كىرەك . لىكىن يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تۈلەم تۈلەشنى رەت قىلغىنى تامامەن ئۇرۇنلۇق ، چۈنكى جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنىمۇ باشقا قانۇنلارغا ئوخشاش ئاساسى قانۇننى ئاساس قىلىدۇ ، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش دۆلتىمىز قاتناش قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق بۇلۇپ ، بۇنىڭدا سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ زىياننىڭ كىلىپ چىقىش دۆلىتىمىز قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ يوق بۇنى ئاساس قىلىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دىلو سۇغۇرتا  شىركىتىنىڭ زىياننى تۇلۇقلاپ بىرىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ . شۇڭىلاشقا ، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تۈلەم تۈلەشنى رەت قىلىشى تامامەن ئۇرۇنلۇق .
بۇ دىلودىكى 3-شەخىسكە كەلسەك بۇمۇ سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تۈلەم تۈلەش دائىرىسىدە ئەمەس ، يۇقۇردىكى تەھلىلدە ماشىنا ھەيدىگۈچى بۇ دىلونى قەستەن سادىر قىلمىغان  شۇنىڭ ئۈچۈن سۇغۇرتا شىركىتى 3-شەخىسنىڭ تۈلەم پۇلىنى تۈلىگەندىن كىيىن دىلو سادىر قىلغۇچىغا تۈلەمنى تۈلىتىۋېلىش ھەققى بار دىيىلىپتۇ . ئەمما ھاراق ئىچكەن ئادام ماشىنا ھەيدىسە دىلو سادىر قىلىش نىسبىتى ئادەتتىكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بۇلىدۇ ، مەنچە بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز ،ھەتتا بۇ دىلونى سادىر قىلغۇچى شوپۇرمۇ بىلىدۇ ، دىمەك شوپۇر بۇنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ماشىنا ھەيدەشنى داۋاملاشتۇرۇپ نەتىجىدە قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بىر قەستەن ۋەقە تۇغدۇرغانلىق بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ ، بۇ سەۋەبتىن سۇغۇرتا شىركىتى بۇ دىلودا تۈلەم تۈلەشنى رەت قىلىشى تامامەن يەنىلا تامامەن ھەقلىق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   monix تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-20 01:04 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91139
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2924
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 309 سائەت
تىزىم: 2013-2-4
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 01:10:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى قانۇنلار كەن

روناق تاپ، پاكىز ياشا!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5025
يازما سانى: 1835
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15785
تۆھپە نۇمۇرى: 423
توردا: 1103 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 01:12:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت يەنە بىر چۈشەنچىگە ئېگە بولدۇق

ئۇغۇل دىگەن ئەلگە يارالغان،
ۋاختى كەلسە جەڭگە يارالغان.
ئۈتۈك بىلەن سۇ كېچەر شوڭا،
ئۇغۇل نامى ئەلگە تارالغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94074
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 53
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2013-3-29
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 02:44:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرمۇ  شۇندا    يۈرەكلىكلە  بامىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5637
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1386 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 01:09:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
monix يوللىغان ۋاقتى  2013-4-20 12:55 AM
بۇنىڭدا سۇغۇرتا ئالغۇچى بىلەن سۇغۇرتا ساتقۇچى ، يەنى ھ ...


ئىنكاسىڭىز توغرا بولماپتۇ.

مەسىلەن:   پۇقرا ياكى ھۆكۆمەت ماشىنىلىرى بولسۇن، بارلىق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرماي، يول يۈرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

مۇشۇنداق بولغان تۇرۇقلۇق ‹‹ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش ›› قىلمىشىنى قانۇن توسوپ قالالمايدۇ. بۇ بەلكى شۇ شەخىسنىڭ ئەخلاق ھەم بىخەتەرلىك قارىشىغا باغلىق.

ئۇنداقتا: سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ، قاتناش ۋەقەسى سادىر بولغان ئەھۋالغا نىسبەتەن، زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنىنى، 1 - بولۇپ سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەشكە تىگىشلىك.

چۈنكى: ھەر قانداق بىر ئاپتۇمۇبىل سۇغۇرتا ھەقق تۆلەيدۇ. زىيانلانغۇچىنى ئىشەك ھارۋىسى ئەمەس بەلكى قانۇنلۇق سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغان ئاپتۇمۇبىل سوقوۋەتكەن.

بۇ ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى دەل سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ۋە سۇغۇرتا تۆلىمى بىرىشتىن ئىبارەت بۇ قانۇن كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بۇ دەل شوپورنىڭ يۈرىكىنى يوغىناتقان سۇغۇرتا تۆلىمى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-20 01:10 PM  


بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئۆز-ئۈزىنى قەدىر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60062
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4855
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 3332 سائەت
تىزىم: 2011-10-11
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 01:52:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2013-4-20 01:09 PM
ئىنكاسىڭىز توغرا بولماپتۇ.

مەسىلەن:   پۇقرا ياكى ھۆكۆ ...

سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىزمۇ  ھەقلىق ئەمما ، سىزمۇ ،مەنمۇ ھەتتا جەمىيەتتىكى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش قانۇنغا خىلاپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگەمەملىكىتىمىز قانۇنىدا ئەگەر ماشىنا ھەيدۈگۈچى ئىچكەن ھەر 100مىللىلىتىر ئىچىملىك ئىچىدە 20ەىرام ئىسپىرىت ماددىسى بولسا بۇ ئادەم ھاراق ئىچىپ  ماھشىنا ھەيدىگەن بۇلۇپ بۇنىڭدىن كىلىپ چىققان بارىلىق ئاقىۋەتلەرگە ئۈزى مەسئۇل . ھەمدە دۆلىتىمز سۇغۇرتا قانۇنىدا ئېنىق قىلىپ بەلگىلەنگەنكى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشتىن كىلىپ چىققان ۋەقە زىيىنىنى سۇغۇرتا شىركىتى يەنى ھۆددىگە ئالغۇچى تەرەپ ئۈستىگە ئالمايدۇ .ئەگەر  يۇقارقى مەزكۇر دىلودا دىيىلگەن 3-شەخىس ئۆز ئالدىغا باشقا سۇغۇرتا سېتىۋالغان بولسا (مەسلەن:تاساددىپى يارلىنىش سۇغۇرتىسىدىگەندەك) ئۇ ھالدا سۇغۇرتا شىركىتى 3-تەرەپكە سۇغۇرا شىركىتى بىلەن سۇغۇرتا سېتىۋالغۇچى ،يەنى ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ھۆددىگە ئالغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى كىلىشىم مەزمۇنىغا ئاساسەن بەلگىلىك دەرىجىدە زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۈلەپ بىرىش مەجبۇرىيىتى بار .
لىكىن بۇ دىلودا 3-شەخىسنىڭ باشقا سۇغۇرتا سېتىۋالغانلىقى توغرۇلۇق ئېنىق بىر مەلۇمات يوق ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر دىلودا سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تۈلەم تۈلەشنى رەت قىلىشى ئۇرۇنلۇق ۋە قانۇنى كۈچكە ئئئىگە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9599
تۆھپە نۇمۇرى: 454
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 03:05:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

‹‹مىليون گۈل››فىلىمىنى كۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟

   ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئەلكۈيى تورىدىكى بارىلىق تورداشلار،سىلەر بىلەن تۇنجى قېتىم ئۈزەم ئەڭ قىززىقىدىغان بىر ساھەدە يۈز كۈرۈشكەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن،مۇشۇ پۇرسەتتە مىنى قولىغان ،دوسلۇرۇم  ھەم  ھەرساھە زاتلارغا رەخمەت ئېيتىۋالاي. ھەممەڭلارنىڭ تىنىغا سالامەت ئىشلىرىغا ئامەت نىسىپ بۇلىشىنى تىلەيمەن.

‹‹مىليون گۈل››فىلىمىنى كۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ئەگەر كۆرگەن بولسىڭىز ھىس قىلغانلىرىم ھەققىدە ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم.ئەڭ ئاۋال فىلىم ئىدىيىسى جەھەتتە ئورتاقلاشماقچى بۇلىۋاتىمەن.  چۈنكى ۋەزىيەتكە نىسپەتەن ئاساسىي ئېقىمغا يېقىنلاشقان تەپەككۇر يۆلىنىشىدە ئۇمۇمىي ئىلغار ئىدىيە بولغاندىلا ئورتاق ئىتقاد ئىچىدە ياشاۋاتقان ھەربىرىمىز  ئۈزۈمىزنى كونتىروللاپ ئۆزلۈك تەپەككۇرى ئارقىلىق بىرلىكتە دۇنياغا يۈزلىنەلەيمىز.

u  ‹‹مىليون گۈل››فىلىمدىن ئۆگۈنۈشكە تىگىشلىك ئىشلار.

l     چىن دوسلۇق ھەمدە ھەقىقىي ئەركەكلىك : ئەمىليەتتە ئىككىسى بىر گەپ. چىن دوسلۇق   ئەركەك دىگەن توپلامغا تەۋە تۈركۈم. بۇفىلىمنىڭ دەسلەپكى 4قىسىم بىلال ئوبرازىداچىن دوسلۇق گەۋدىلەندى دەپ قارايمەن.تۈرمىدىن چىققان كۈنى گەرچە دوستىنىڭ نامىزىغا سەل     كىچىكىپ كەلگەن بولسىمۇ،بىراق دوستىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا دىگەن سۆزلىرى مىنىڭچە ئۈلۈپ كەتكەن دوستىنىڭ  دوسلۇق ھەققىنى رازى قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن.ھەربىر كۈرۈرمەن بىلالنىڭ كىيىنكى ھاياتىنىڭ دوستى ئۈچۈن قىساس ئېلىش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايدۇ. (مىنىڭچە ھەربىر ئوغۇل بالا ئۈزىنىڭ شۇنداق ئاغىنىسى بۇلىشىنى ئويلايدۇ، شەخسەن مەن)

l          يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا ئاز بولمىغان ئەركەزاتلار ياشاپ ئۆتكەن، بىراق بۈگۈنكى شەھەرلەشكەن جەمىيىتىمىزدە ئىتائەت دىگەن سۆز قوللاشقا ئاملاشتى،بىر تارىخ ھەۋەسكارىمىز يازغان مەلۇم ئەسەردىكى مۇنداق بىر يىغىنچاقلاش ئىسىمدە ‹‹ئەرلىك جاسارەتنىڭ ئورنىنى ئاياللىق نازاكەت ئىگەللەش››. بىرنەچچە ئاي بۇرۇن نەشىردىن چىققان ھەزەرتىئەلىنىڭ   ‹‹مەن بىلەن››ناملىق پىلاستىنكىسىنىڭ ھەم شۇنامدىكى ناخشا،م   ت   ۋ نىڭ ياشلىرىمىز ئارىسىدا كۆپ قوللاشقا ئىرىشىشى ئىدىيەدە ئوغۇلبالىلىقنىڭ كۈچلۈك بۇلىشىدادەپ قارايمەن ئەلۋەتتە بۇخىل ئىدىيە ‹‹مىليون گۈل››دىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈلۈپ ئۇرۇنلانغۇسى.



2-ۋاپا:  نۇرنىڭ  ئايالىي يۇلتۇز دەسلەپتە مەرھۇم ھالاپ جۈپتىگە قارلىق تۇتۇش ئۈچۈن ئۆيدىن كۈچۈشكە ئۇنمايدۇ،بىراق بىلالنىڭ قايىل قىلىشى بىلەن پەرزەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئاندىن قۇشۇلىدۇ.

   


3-ساپ مۇھاببەت: ئەختەم بىلەن قىز دوستى ئارىسىدا ئەختەمنىڭ ئېغىزىدىن چىقىرالمىغان ئاۋارچىلىقلىرى بولسىمۇ بىراق سەلىمەنىڭ ھەرۋاقىت ئۇنى قوللاپ رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىشى ئايللارنىڭ يېرىم دۇنيالىق رولىنى يۇرۇتۇپ بەرگەن.

4-ئۈمىدۋارلىق : باھادىر تۈرمىدىن چىققاندا گەرچە ئايالىي سوتقا ئاجىرشىش ئەزرى سىۇنۇپ     بالىسى ھەم ئىسكىلاتتىكى نۇرغۇن ماللارنى ئېلىپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا ئۈمۈتسۈزلەنمەيھەممىنى ئېلىپبەدىن(0دىن)باشلىماقچى بۇلىدۇ. (رىئاللىقتىكى نۇرغۇن قىسمەتداشلىرىدەك ھاراقكەش بۇلۇپ كەتمەيدۇ)


5-رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى : شۆھرەت باي بىلەن ئەزمەت پۇل،مال ـ دۇنيا ئۈچۈنلا  ياشايدىغان،ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان ئادەملەر بولسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ ئادەم باشقۇرۇش  ئۇسۇلى ئۆزگۈچە.(ناھىيىە يېزا بازارلىرىمىزدىكى بىرقىسىم پىچىغى كەسمەيدىغان ھەم دائىملائەتە كەل دەيدىغان باشلىقلىرىمىزدىن ياخشى)


يوقارقىلار‹‹مىليون گۈل››فىلىمىدىكى مەن ياقتۇرغان كۈرۈنۈشلىرى ھەم دىئالوگلار.

        ‹‹مىليون گۈل››فىلىمىنى كۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ئەگەر پىلاستىنكا سېتىۋېلىپ كۆرگەن بولسىڭىز  ئەسلى نەشىرنى سېتىۋالدىڭىزمۇ قانۇنسىز نەشىرنىمۇ؟نىمە ئۈچۈن؟باھاسى سىزنىڭچە نەچچە    پۇل بولسا مۇۋاپىق؟ مۇشۇ سۇئاللارغا ئىنكاس شەكىلىدە جاۋاپ قايتۇرساڭلار بۇلىدۇ!

  مەن ھۆرىيەت شىركىتىگە ۋەكىللىك قىلمايمەن بەلكى‹‹مىليون گۈل›› د  ۋ د پىلاستىنكىسىغا شۇڭا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارغا جاۋاپ قايتۇرمايمەن.ھەممىىز ۋاقتىمىزنى قەدىرلەيلى.

‹‹مىليون گۈل››نىڭ 1-2-3-4- قىسىملىرىنىڭ ھەممىنى تۇلۇپ كۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەگەر 3-4-قىسىملىرى قايتىدىن پۈتۈن شىنجاڭدا پارچە سېتىلىش باھاسى20 يۈەندىن بېكىتىلىپ   سىناق تەرىقىدە بازارغا سېلىنسا سېتىۋالامسىز؟ 1-2 قىسىملىرى(پارچە باھا 55 يۈەندىن) ئىلگىرى بەلگىلىك مىقداردا تارقىتىلىپ تۈگۈگەن( بەلكىم ئۇ چاغدا ھارام نەشىر تەرەققىي قىلمىغان ئوخشايدۇ)قايتا نەشىر قىلىشقا توغرا كەلسە ھازىرچە قالدۇق ئېھتىياج ئىنىق ئەمەس،3-4 قىسمىنى شىركەت ئوغۇرلۇچە نەشىر سەۋبىدىن سېتىشنى توختۇتۇپ يىغىۋالغان.شۇڭا بۇ قېتىمقى سىناق تەرىقىدە 20 يۈەندىن سېتىلىشقا پەقەت 3-4-قىسىملار قاتناشتۇرۇلىدۇ.

نىمە ئۈچۈن سىناق دىگەندە ھۆرىيەت شىركىتى فىلىمنىڭ كىيىنكى قىسىملىرىنى سۆرەتكە ئېلىش خىزمىتىنى باشلاپ بۇلدى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ياكى  5-ئاينىڭ  باشلىرىدا  بىز  بىلەن  يۈز كۆرىشىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ قېتىملىق 20 يۈەندىن سىناق تەرىقىدە سېتىش مۇۋاپىق بولسا   بۇندىن كىيىنكى قىسىملىرىمۇ مۇشۇخىل باھادا تاقىتىلىدۇ،ئەگەر بۇ باھامۇ قۇبۇل قىلىنمىسا   

ھۆرىيەت   شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن پىلاستىنكا تارقىتىش پىلانى ھازىرچە  يوق  ئىكەن  داۋاملىق   كارۋان تورى ياكى تاللا تېلىۋىزىيەدە كۆرسىڭىز بۇلىدۇ.                           

مىنىڭچە چۇقۇم پىلاستىنكا بازىرىمىز تەرەققىي قىلىشى كېرەك.چۈنكى بۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ كەڭ بازار،نۇپۇسىمىزدىكى كۆپ قىسىم ئائىلىلەردە تور ياكى تاللا تېلىۋىزىيە ئۇمۇمىيلاشمىغان.يەنە كىلپ بۇ كىنونى كومپىتۇرنىڭ ئالدىدا ئەمەس بەلكى قانۇنلۇق نەشىردىكى پىلاستنكىنى   سېتىۋېلىپ ئائىلە بۇيىچە ئۆيدە كۈرۈشىمىز كېرەك،‹‹مىليون گۈل››فىلىمى جەمىيەت تەرەققىياتىمىزدىكى ھازىرقى زامان تۇرمۇشى ئەكىس ئەتكەن تۇنجى فىلىم ھەرگىزمۇ ئەڭ ئاخرقى فىلىم ئەمەس. ‹‹تۈرمدىن قېچىش››ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىر يۇرتىمىزغا تاقىتىلىشتىن بۇرۇن  بىزنىڭ ئۈن ـ سىن بازىرىمىزنىڭ ئاخرىقى باسقۇچى بولسا ئەمدى  ‹‹مىليون گۈل››   يېڭى باھارى بولغۇسى،كىنو كىشلەرنىڭ گۈزەللىك قارىشىنى ئىپادىلەپ بىرىدىغان بىر تۈرلۈك كەڭ   ئامىۋىيلىققا ئىگە سەنئەت.ھازىر بىزگە كىنو ئىشلەۋاتقاندىن ھۆرىيەت شىركىتىلا قالدى  . ‹‹مىليون گۈل››شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىمكى ئۇفىلىم مۇشۇ دەۋىردە ياشاۋاتقان مىليون خەلىقنىڭ نىمە يەيدىغانلىقى؟نىمە كىيدىغانلىقى؟چىرايىنىڭ قانداقلىق؟مىللىي گۈزەللىك قارىشى ھەم  ئىجدىمائىي مۇناسىۋەت،سىياىي مۇھىت قاتارلىقلارنى ساقلاپ قالىدىغان جانلق ۋاستە. .

‹‹مىليون گۈل››فىلىمىنىڭ 4-قىسىم  14:01 لۇق يېرىدە باش پىرسۇناژ بىلال دەيدىغان     مۇنداق بىر قالتىس سۆز بار‹‹مەن ھەرقانداق رىقابەتكە تەييار›› توغرا بىز بۇئىدىيەگە  ئەگىشىشىمىز قوللىشىمىز كېرەك،ئەڭ مۇھىمى ئۈزىمىزگە ئىشىنىشنى بىلىشىمىز كېرەك.  ئۆزگىلەر تەرەققىياتىدىكى يالتىراقلار بىزنى جەلىپ قىلىپ كەلدى،بىز ئۈزىمىزنى ئۇلارنىڭ     تاشلاندۇق فىلىملىرى(سودىگەرگە نىسپەتەن كىنوخانا ياكى تېلۋىزىيەدە قۇيۇلۇپ ئاللىقاچان   پايدىسى چىقىپ بولغان) ئارقىلىق ئەمەس  بەلكى  تارىخ  بېتىدىكى  ئۆز زامانىدا  ئەڭ ئالدىغا كەتكەن  بوستانلىق  مەدەنىيەتلىرىمىز   بىلەن ھاياجان ئىلكىدە پەخىرلىنىش  ئارقىلىق ھىس قىلمىز.   

ئۇلارنىڭ يەيدىغانغا بولكىسى بولسا بىزنىڭ نېنىمىز بار،ئۇلارنىڭ ھامبۇروگ بولكىسى بولسا بىزنىڭ گۈش نېنىمىز بار.10 مىليون ئۇيغۇرمۇ ھەرقانداق رىقابەتكە تەييار.

   كىنوچىلىقتا مەيلى كورىيەپەرەس، ياكى ئامىركا ياۋرۇپاپەرەس  ۋەياكى تۈركىيەپەرەس بۇلۇشىڭىزدىن  قەتتىي  نەزەر  ئۇنتۇپ  قالماڭكى  بىز جۇڭڭۇ  شىنجاڭلىق  مۇسۇلمان  ئۇيغۇر، بىزنىڭمۇ  كىنوچىلىقىمىز بۇلۇشى ھەم تەرەققىي قىلىشى كېرەك.

    ئاناتىل ــ ئاسسىلماتسىيەگە(يىمەكلىكنىڭ ھەزىم بۇلۇش جەريانى) قارشى ئىمونىتنىڭ مۇھىملىقىنى ئۇمۇمىي پىكىر ھالىتىدە ھىس قىلىپ يەتكەن بولساقمۇ بىراق مەنىۋىيەت بىز ئۈچۈن راستىنلا ئېغىر سالماقنى ئىگەللەيدۇ.     ئۈن-سىن بازىرمىزغا نىسپەتەن يىلدا مۇقىم پەقەت  بىرلا  پىلاستىنكا چىقىۋاتقانلىقى(ئابدۇكېرەم ئابلىز ئېپىزوت كېچىلىكى) بىز دۇچ كەلگەن كىرزىسنى   ئىپادىلەيدۇ.بۇ راستىنلا تارىخىمىزدا قالغۇدەك ئىش،ئاچچىق كىنايە. مەنەۋىيىتىمىز خۇددى ئۇزۇن  يىل قۇرغاقچىلىق بولغان زىمىندىكى سۇسىز ئېتىزدەك چاك-چاك..يېرىلماقتا، بىز بۇنى يۇرۇت-  يۇرۇتلارغا  ئىنتايىن  كەڭ  ئۇمۇمىيلاشقان  ئىلىكتىرونلۇق قىماخانلارنىڭ  كۇنۇپكا  تاختسىنڭ توختىماي بېسىلىشىدىن چىققان تاك-تاك....ئاۋازلاردىن ھىس قىلالايمىز ئەلۋەتتە.

ھازىرقى ئۇمۇمىي ھالەتتىن ئېتقاندا خەلىق تەلىپى يۇقۇرىي بۇلۇپ ئۆزگىلەر ئارقىلىق كىنوچىلىق  ئىستىمالىمىز بەلگىلىك يۇقۇرىي كۆتۈرۈلدى. شۇڭا بىزنى زامانغا ماس ھالەتتە ئىشلەنگەن ئۈلگە خارەكتەرلىك كۈرۈنۈشلەر يىتەكلىشىى كېرەك.‹‹مىليون گۈل››  فلىمىنىڭ  تۇنجى  قىسىم  ئېلان فىلىمىنى كۆرگەن ۋاقتىمدا روھىيەت ۋاراقلىرىم قات-قېتىدىن سۈيۈنۈپ فىلىم ئېلاننىڭ   ئۈزۈنىلا     بىرنەچچە قېتىم كۆرگەن ئىدىم.رىقاببەت ۋە ھەرخىل كىرزىسلاغا تولغان بۇ زاماندا  ئوخشاش پىكىر يۆلىنىشىگە ئىگە بۇلالىساقلا سۈيۈنچە ئىلكىدە ياشىيالايمىز، ھەقىقەت  زاماندىن  ھالقىغان ئىتقادىمىز ئۈچۈن ئېتقاندا پەقەتلا بىر. ئوغۇزخاقان قويغان خاس نامىمىزغا پىداكار بۇلىشىمىز كېرەكلىكى  كىملىكىمىزگە يىزىلغان ھايات ھەققىمىزــ قىيامەتلىك قەرەز.ئويغۇر دىگەن سۆزنىڭ   ۋەزنى ھەرگىزمۇ 6 ھەرىپنىڭ قۇشۇلشىدىن بەلكى  10 مىليون خەلىقنىڭ  بىرگەۋدىلىشىدە  ئپادىلىنىدۇ.

مەن ئىلگىرى توردىن بىر ماقالە ئۇقۇغان ئۇنى ئوغۇرلۇقچە نەشىرگە تەمسىل قىلاي:

‹‹بىر يەھۇدى ماي قاچىلاش پونكىتى ئېچىپتۇ،يەنە بىرسى ماشىنا  يۇيۇش  ئورنى، يەنە  بىرى  ئاشخانا،يەنە باشقا بىرى مىھمانىخانا،  شۇنىڭ بىلەن ئۇجاي ئاۋات بازار بۇلۇپ شەكىللىنىپتۇ.››

ئەگەر ئۇنى جۇڭڭۇلۇق دەپ تەسەۋۋۇر قىلغاندا،بىر جۇڭڭۇلۇق ماي قاچىلاش پونكىتى ئاچسا     يەنە بىرىمۇ ماي قاچىلاش پونكىتى ئاچىدىكەن،  شۇنىڭ  بىلەن  ئىككىسىدىن  بىرسى  ۋەيران بۇلىدۇ.    مەن ئۇنى ئۇيغۇر دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ باختىم.   چۇقۇم بىر ئۇيغۇر  ماي قاچىلاش  پونكىتى ئاچسا سىزنىڭچە يەنە بىر قېرىندىشىمىز نىمە ئىش قىلىدۇ؟ مىنىڭچە ئۆزەمنىڭ يۇرتىدىن  ئېلىپ ئېتقاندا چۇقۇم ساختا ماي ساتىدۇ. مانا بۇ ھازىرقى  ئىجدىمائىي رىئاللىق،ھەركىم ئۆز   قازىنىنىڭ،ئۆز تۇرمۇشىنىڭ غېمىدە.

        يۇقارقىي مىسالنى سالاھىيەت جەھەتتى مەدەنىيەت،مەنىۋىيەتكە تەمسىل قىلىشقا مۇۋاپىق بولمىسىمۇ،بىراق مەنا ئىپادىلەش جەھەتتە ئۇنۇڭدىن ياخشى مىسال تاپالمىدىم. بەش بارماقنى بىراقلا ئېغىزغا تىققىلى بولمىغاندەك ھەممە ئىش نۆۋىتىدە بۇلىدۇ.مىنىڭچە ھازىرقى نۆۋەت كىنونىڭ.تورداشلا تاپقان بۇيىلقى ئەڭ مودا سۆز‹‹ئۆزەڭنىڭ تىلىدا سۆزلە!››گە قۇشۇمچە قىلسام ئۆز تىلىلىڭدىكى كىنونى كۆر،ئۆز چولپۇنىڭنى قوللا!!!! «قول قولنى يۇيسا،قول كىلىپ  يۈزنى يۇيۇىدۇ›› .ئەمەسمۇ.

ئەسكەرتىش: مەن  ھۆرىيەت  شىركىتىگە  ۋەكىللىك  قىلمايمەن   بەلكى  ‹‹ مىليون گۈل››    پىلاستىنكىسىغا،بۇقېتىمىلق 20 يۈەندىن بازارغا سېلىشقا پەقەت 3-4-قىسمىلا قاتناشتۇرۇلىدۇ،   (سەۋەبىنى يۇقۇردا كۆرسۈتۈپ ئۆتكەن) مىنىڭچە بۇ  بىزنىڭ ئادەملەرىمىز قۇبۇل قىلالايدىغان  باھا،قوللاش-قوللىماسلىق  يەنىلا  سىلەرنىڭ  ئىلكىڭلادىكى  ئىش. ئەگەر  بۇقېتىمقى  سىناق  مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا پاتئارىدا چىقىدىغان كىيىنكى قىسىملىرى مۇشۇ باھادا تارقىتىلىدۇ، ئەگەر    يەنىلا قۇبۇل قىلىنمىسا ھۆرىيەت شىركىتىنىڭ بۇ فىلىمنىڭ پىلاستىنكا قىلىپ تارقىتىش پىلانى ئۇزاق مەزگىلگىچە يوق ئىكەن.

توپ تارقىتىش مەخسۇس لىنيەسى:

15894600441


بۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26007
يازما سانى: 1178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9818
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 5907 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 08:21:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
erkem يوللىغان ۋاقتى  2013-4-20 03:05 PM
‹‹مىليون گۈل››فىلىمىنى كۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟   ئەسسالاممۇ ...

ئەمدى مۇنبەرمۇ ئامان قالماپتۇ- دە ؟  تىمىنىڭ ئوتتۇرسىغا ئىلان قىستۇرىدىغان ئىشتىن .   قايسى تىمىغا كىرسە بار بۇ ئىلان .  تىما بىلەن ئىنكاسنى پاخاللاشتۇرۇپ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11203
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2836 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 08:22:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما ئىلانچىنى سۇلايدىغانلار يوقما

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش