دۇغاپ.
چىڭ تۇمۇزدا چاڭقىغاننىڭ يۈرىكى يايرار دۇغاپ،
دەشت باياۋان ھالقىغاننىڭ جان قۇشى سايرار زۇغاپ.
ئوت چېچىپ ھارارىتىدىن سەراتان كەلسە يېتىپ،
ياشىرىپ ئاتەش يۈرەكلەر سەن بىلەن ئوينار دۇغاپ.
زۇمرەت سۈزۈك مۇزنى يۇناپ دوغچىلار ئۇرسا ۋاشاق،
نەۋ باھارنىڭ تەپتىدىن بۇلبۇل كېلىپ سايرار دۇغاپ.
رەستە مەسچىت خانىقا گۈزەر بازاردا توختۇشۇپ،
چاڭقىغان سەيياھ يولۇچى ئاپىرىن ئېيتار دۇغاپ.
گاھى قېتىق گاھى قىيام ئارلاشتۇرۇپ مۇز بىلەن،
زوقلىنىپ شوخ بالىلار گويا ناۋات چاينار دۇغاپ.
ئۇيغۇرۇمنىڭ تۇرمىشىدا سەن يىگانە مۆجىزە،
جان كىرىپ تىنجىق بازارغا سەن بىلەن قاينار دۇغاپ.
بىزدە بار ئالەمدە يوقكى سەن كەبى ئىسىل شاراپ،
كۈي قېتىپ دۇتتارۇ تەمبۇر سەن ئۈچۈن سايرار دۇغاپ.
مەنبە: چارتېكىن يازمىللىرى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qartekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-19 08:26 PM