مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 826|ئىنكاس: 12

ئېشەكنىڭ ئاقىل پىلانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94965
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 62
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-4-17
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 08:02:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                 ئېشەكنىڭ ئاقىل پىلانى              

                       (ئاق كۆڭۈل ئادەم)



-دەريانىڭ ئۇ تەرپىدىكى ئوتلار دەمالەتىن ياخشى ئۆسمىگەن بىلەن، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ناھايىتى كۆكىرىپ ئاۋۇپ بارىدۇ-دىدى ئېشەك دىمىقىنى قېقىپ تۇرۇپ ئۆزىگە سوڭدىشىپ مېڭىۋاتقان ئاتقا-ئۇ تەرەپكە سەن ئىگىدارچىلىق قىلىپ ھەمرالىرىڭنى باشلاپ يۈرسەڭ، بۇ تەرەپتكى ئوتلار ھازىر شۇنداق كۆكىرىپ تۇرغان بىلەن كەلگۈسى يوق. بالدۇر ئۈششۈك تىگىدۇ. شۇڭا بۇ تەرەپكە مەن ئىگىدارچىلىق قىلىپ، ۋەزىيەتنىڭ مۇشۇنچىلىك ۋاختىدا قوي-ئۆچىكىلەرنى ئاستا ھەيدىۋەتسەك قانداق دەيسەن!
-بۇ پىكىرنى سېنىڭ ئاغزىڭدىن چىقار دەپ ئويلىماپتىمەن ئېشەك. سەن بارغانسىرى يىتىلىپ ئاقىل بولۇپ كىتىۋاتىسەن جۇمۇ! يېقىندا بىر توپ چوشقىلارنى كۆچۈپ كىلىدىكەن دەپ غۇلا-غۇلا قىلىشىۋاتىدۇ. ئۇلار كەلسە ئوت تۈگۈل يىلتىزىنىمۇ قوشۇپ يەرمىش. ئۇلارنىڭ ئېغىزى تەگگەن گىيانى ئۈنىدۇ دەپ خىيال قىلىش ئەخمىقانىلىكمىش. ئۇلارنىڭ ئەڭ مەينەت يېرى شۇكەنكى ئوت تۈگەپ كەتسىمۇ ئۆزىنىڭ پوقىنى يەپمۇ نەچچە ئاي جان باقالارمىش.
-ئۇنى دىسەڭ كالىنى قوغلىۋەتسەك دىگەن خىيالغا كىلىپ قالدىم. ئۇنىڭ دىيىشىچە تۆگە دەيدىغان بىر ھايۋان بارمىش. ئۇ بىر قوسىقىنى توقلىۋالسا نەچچە كۈنگىچە ئاچلىققا بەرداشلىق بىرەرمىش. يېقىندا ئۇلارنىڭ بۇ جاڭگالغا كۆزى چۈپتىمىش. ئۇلار تېخى يايلاقنى قوغدارمىش. ساياھەتچىلەرنى توشۇپ كىلەرمىش. يايلاقتىن قوش ئۈنۈم ھاسىل قىلارمىش. يەنە ساياھەتچىلىكنى يولغا قويسا قوي بىلەن ئۆچىكىنىڭ بازىرى چىقارمىش. ئۇ ئاڭلىسام غايەت چوڭ ھايۋانمىش.
-ۋاي شۇ تۆگىمۇ؟ -دىدى مەڭسىتمەي ئات-ئۇ دىگەن ئىنتايىن يوۋاش ھايۋان. ئۇ ئۆچىكىنىڭ كەينىدىن ماڭىدىغان ئاخماق. ئۇنى يۈگەر يىتىم ئىشلارغا سالساق بولىدۇ. يىيىشى ئاز. چىقىمى يوق.
-شۇنداقتىمۇ ئۇنى جاھاننىڭ تېنىچ ۋاقتىدا بۇ يەرگە يولىتىشقا بولمايدۇ جۇمۇ. بەك كەلسۇن دىسەڭ سەن تەرەپتە ياشىسۇن-دىدى ئېشەك سەل ئاچچىغى تۇتۇپ.
- ئۇ كىلىۋالسىلا ئىشتىن چاتاق چىقىدۇ. بولدى سەن دىگەندەك بۇ نەرسىلەرنى چاپسان ھەيدەپ، يايلاققا دىكتاتۇر يۈرگۈزەيلى. ئەمدى مۇشۇ يۈزىمىز بىلەن نەچچە يىلدىن بىرى بىرگە ياشىغان مۇنۇ بىچارىلەرنى قانداقمۇ ھەيدەرمىز. ئېۋۇ كالىغۇ بوپتۇ بىز بىلەن بوي بەستى تەڭ. ئۇنى تېپىپ-چىشلەپ ھەيدىۋەتسەك، مەغلۇپ بولغان بولۇپ كېتەر. ماۋۇ ئۆچىكە بىلەن قويغا نىمىمۇ دەرمىز؟
-بەتنام چاپلايمىز-دىدى ئېشەك پەرۋاسىزلا
-قانداق بەتنام؟-سوردى ھاڭۋېقىپ ئات.
-بەتنام دىگەننىڭ تۈرى كۆپ.ئۆچىگە دىگەن ئانچە-مۇنچە قۇيرۇق پۇرايدۇ. ئۇنى <نېمە كۆتۈمگە مارايسەن؟!> دەپ رەھىم قىلماي تېپىمىز. ماۋۇ قوي دىگەن نەرسە يىيىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ. سانى تولا. بۇنىڭغا قانداق بەتنام تاپساق بولا. ھە تاپتىم بۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئوتلايمىز. شۇنىڭ بىلەن <مەن يەيدىغان ئوتنى يېۋالدىڭ> دەپ چىشلەيمىز. بۇنداق قىلمىشنىڭ سانىنى بارا-بارا كۆپەيتىمىز. ئاخىرى چىدىماي كىتىشىدۇ.
-ھەي ئېشەك، كاللاڭ راسلا ئىشلەيدىغان بولۇپ كەتتى جۇمۇ. مېنىڭ تۇۋقۇم بەك قاتتىق. تىگىپ كەتسە ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىمالى بار جۇمۇ! قانداق قىلىمىز؟
-بىر نەچچىسى ئۆلمەي بۇ يايلاقنى ئىگىلىگىلى بولماس.
-ئۆلسە قانداق قىلىمىز؟
-ئۆچىكە كۆپ شىكايەت قىلىدىغان نەرسە. ئۇنىڭغا <خاپا بولما، ماندالا پۇتۇمنى شىلتىپ قويسام ئۆلۈپ قالدى> دەپ قويساقلا  يىغلاپ-قاخشاپ بېسىقىدۇ. ماۋۇ قوي دىگەن يېنىدا دادىسى ئۆلىۋاتسىمۇ كارى يوق نەرسغۇ!؟
-بۇ پىلانلىرىڭدىن چاتاق چىقماس؟!
-نېمە چاتاق چىقاتتى. يۇۋاشنى بوزەك قىلمىساڭ قىيامەتتە سورىقى بار دىگەننى ئاڭلىمىغانما.
-ھە مانداق دە! بوپتۇ پۈتۈشتۈق. ئەتىدىن باشلاپ كۆچۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيلى!
        شۇنداق قىلىپ ئات دەريانىڭ تاغ تەرىپىدىكى قالقا يايلاققا، ئېشەك دەريانىڭ تۆۋىنىدىكى نەملىكى ئۆرلەپ تۇرىدىغان يېشىلچىلىق گىرەلەشكەن يايلاققا، شېرىكلىرىنى يۆتكىشىپ ئورۇنلاشتى. پىلان ئېشەك ئويلىغاندىنمۇ ئاسان پۈتىۋاتاتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ شېرىكلىرى <دوپپىسىنى ئال دىسە بېشىنى كىسىدىغانلار>دىن بولغاچقا چىشلەپ-تېپىپ يايلاقنىڭ ئېقىنى ئاق، قارىسىنى قارا قىلىپ،  ۋاقتىدا يايلاقنى ئىگىلەپ بولۇپتۇ. ئېشەكنىڭ بۇنداق ئاقىل پىلانى كىيىنكىلەرگە دەستۈر بولۇپ قاپتىكەنمىش.

                                              دوخوپكىدىن ھازىر چىققان يۇمۇرلار
ۋاقتى : 2013-04-19  مەنبەسى : مىسرانىم مۇنبىرى  يوللىغۇچى :

                ساقلانغان يۇمۇرلار

(ئەسكەرتىش:بۇ يۇمۇرلارنى ئەلكۈيى مىكرو بىلوگىدىكى  ناملىق تورداشنىڭ بىلوگىدىن پەقەت مۇنبەرداشلارغا كۈلكە ھەم جانلىقلىق ئاتا قىلىش مەقسىتىدە توغرا چۈشەنگەيسىلەر)

                            قۇلىقى ئېغىر

بىر مازاقچى قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان بىر كىشىنى مەسخىرە قىلىش مەقسىتىدە يېنىدا تۇرغان بىرىدىن : ـ ئاغىنە ئاۋۇ كىشىنىڭ قۇلىقى ئېغىركەن - ھە ؟ ـ دەپ سوراپتۇ . يېنىدىكى كىشى دەپتۇ : ـ مەن يا ئۇنىڭ قۇلىقىنى جىڭلاپ كۆرمىسەم نەدىن بىلەي

                                              دەم ئېلىش

بىرمۇئەللىم دوختۇردىن سوراپتۇ: -دوختۇر،ئالدىنقى قېتىم يىزىپ بەرگەن دورىدىن يەنە يېزىپ بەرگەن بولسىڭىز،شۇ دورا بەك پايداقىلغان ئىدى. دوختۇرئىسىگە ئالالماي: -ئالدىنقى قېتىم سىزگەقايسى دورىنى يىزىپ بەرگەن .ئىدىم؟ -بىرھەپتىلىك دەم ئېلىش

                                              ئادۇكاتنىڭ قابىليىتى

  جاۋاپكار ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتقا مۇنداق دەپتۇ: -ئەگەر قابىليىتىڭىزنى ئىشقا سېلىپ،مېنى تۈرمىدە ئالتە ئايلا ياتىدىغان قىلالىسىڭىز پۈتۈشكىنىمىزدىن باشقا يەنە مىڭ دوللار بېراتتىم. جاۋاپكار ئاخىرى ئارزۇسىغا يىتىپتۇ. -بۇ ماڭا ھەقىقەتەن تەسكە توىتىدى. ئەسلىدە سوتچىلار سىزنى گۇناسىز دەپ قۇيۇپ بەرمەكچى ئىدى،-دەپتۇ ئادۋۇكات ئالغان پۇلنى سانىغاچ.


                                                    گاس

بىر كۈنى تۆت توشقان بىر بىناغا ئوينىغىلى چىقىپتۇ، ئۇلار بىنانىڭ ئەڭ چوققىسىغا چىقىپ قاپتىكەن، تۆۋەندىكىلەر ئۇلارغا : ۋاي يىنىپ چۈشۈڭلار خەتەرلىك دەپتىكەن، ھەممىسى يىنىپ چۈشۈپ ، پەقەت بىرلا توشقان چۈشمەپتۇ، ئۇنىڭغا قايتا قايتا توۋلىسىمۇ چۈشمەپتۇ! نىمىشقىكىن دىسە ئۇ توشقان ئەسلىدە گاس ئىكەن !

                                               چىمپىيۇن

   بىرەيلەن يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدا ئەڭ ئاخىردا قالغان بىر ئاغىنىسىدىن سورىدى: -سەن سالپىيىپ ئاخىردا كېلىۋاتىسەنغۇ؟ -بۇ نېمە دېگىنىڭ، يەتتە ئادەمنى ئالدىمغا سېلىپ قوغلاپ كەلگىنىمنى كۆرمىدىڭمۇ؟- دېدى ئاغىنىسى ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ.

                                                   سىنىڭكى

ئا؛ سەن بۇ ئۈزۈكنى كوچىدىن تېپىۋالدىم دېۋىدىڭ، نىمە ئۈچۈن ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرمەيسەن؟ ب؛ چۈنكى بۇ ئۈزۈككە،مەڭگۈ سىنىڭكى دىگەن خەت ئويۇلغان ئىكەن.


                                               مودىدىن قالمىسۇن دەپ...

ساقچى: قەغەز سومكىدىكى نىمە ئۇ؟ شۇنداق تېز يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقىنىڭغا قارىغاندا، ئۇنى بىرەر يەردىن ئوغۇرلىغان ئوخشىمامسەن؟ ئەر: سومكىدىكىسى بايىلا ئايالىمغا سېتىۋالغان مودا كىيىم، ساقچى ئەپەندىم، ئۆيگە مېڭىپ بارغۇچە كىيىمنى مودىدىن قالمىسۇن، دەپ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتىمەن.

                                              ئايالىم مىنى چاقىرۋاتىدۇ

بىرەيلەن قوشنىسىنىڭ بېغىدا قوشنىسىنىڭ بويىغا يەتكەن قىزى بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرسا توساتتىن يالتىراپ تۇرىدىغان بىر قىڭراق «ۋىڭڭىدە» ئۇچۇپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ يېنىدىكى دەرەخكە قادىلىپ قاپتۇ. ئۇ كىشى چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپتۇ، قىز قارىسا ئۇنىڭ چىرايىدا قان دىدارى يوق، خىجالەت ئىچىدە قىزدىن ئەپۇ سوراپتۇ: - مەن، مەن كېتەي، ئايالىم مېنى تاماققا چاقىرىۋاتىدۇ!!!




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-20 12:20 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2013-6-2 09:48 PM):
ئەپقاچقىنىم ئەپقاچقان سېنى
سەيدى مەمەت   لوپ


ساڭا كۆڭلۈم چۈشكەندىن بېرى،


سەيدى مۇھەممەت

ھەركىم ئۆزنىڭ ئەركسى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 326
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8877
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2013-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 10:08:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل يۇمۇرلار ئىكەن ، مۇنبىرىمىزدىن مۇشۇنداق كۇلكە-چاقچاقلار ئۇزۇلمىسۇن ...

يۇركۈمگە تۇتاشقان بۇ ئوت بىلەن دۇنيانى كۆيدۇرۋىتىمەن،سەن بىلەن توي قىلىشقا پىتىنغان يىگىتنىڭ ئىتىنى ئۆلتۇرۋىتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 370 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 10:17:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل يۇمۇرلار ئىكەن

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34834
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3068
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2013-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 12:01:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما ما ما بولىدىغان گەپلەركەن جۇما !!!

ئاۋاق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87681
يازما سانى: 423
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 215
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 254 سائەت
تىزىم: 2012-11-24
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 12:58:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ۋاي نىمدا قىززىق يۇمۇرلا بۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92652
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 940
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 01:02:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەر ئەھلىگە كۈلكە  پەيدا قىلغىنىڭىزغا رەخمەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77894
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3493
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 01:14:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84876
يازما سانى: 516
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1085
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 280 سائەت
تىزىم: 2012-9-9
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 10:52:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە............كۈلكە جاننڭ ئوزىقى.............

ئىنساننڭ ئۆمرى پەقەت‹‹نامازسىز ئەزان بىلەن ئەزانسىز ناماز،ئارلىقىدىكى ۋاقىتچىلكلا..!!!  ئۆزۈڭدىن سوراق ئىپتۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1602
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3930
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 446 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 10:56:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسا كۈلىۋالدىم  

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92511
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 268
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-3-1
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 04:29:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ  ئېشەكنىڭمۇكاللىسى ئېشلەيدىغان بۇلۇپ كېتىپ تۇ-دە



بۇنداق يۇمۇرلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىزمۇنبەرئەھلىگە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش