ئانا تىلىم بولمىسا
ھەسەنجان ئابدۇرېھىم(نائىلدىن)
نە قىلاي مەن يېنىمدا شۇ گۈزەل ئانا تىلىم بولمىسا !
كېتەرمەنۇ دۇنيادىن ئارمان بىلەن شۇ جان تىلىم بولمىسا !
پاساھىتى كەڭ تارالغان ئىدى ئۆتمۈش زاماندا،
ئەمما يۈرەك بولۇر زېدە ئىشقىمدا شۇ تىل بولمىسا!
كۆرسىتەتتىڭ بارچىگە دىللىرىڭىدا ئوت ھارارەت،
يوق مەن ئىدىم ھەم سەن يوق شۇ جان تىلىم بولمىسا!
كۆزلىرىڭدىن قارايسەن دائىم ئۈمىدلىنىپ تاشلاپ نەزەر ،
چېچەكلىرىڭ پورەكلەرمۇ گۈل بولۇپ،باغرىغا باسقان تىلىم بولمىسا!
داستان يازسام سېنىڭدىن تۈگىمەيدۇ ، چىقماس ھەرگىز ئايىقى،
قىسالمايمەن چېكەمگە داستانىڭدىن بىر گۈلنى،ماڭا قۇۋەت شۇ نان
تىلىم بولمىسا!
قامىتىڭ ئىدى شەمشاد ، ئاسمان كەبى بوي تالاشقان ،
ئايرىلادۇرمەن قاناتىمدىن مېھرىمگە چىڭ باسقان تىلىم بولمىسا!
كەچكى شەپەق نۇرى شۇنچە لال قىلار تەشنا قەلىبلەرنى،
كىمگە بولۇر تەشنا ئەزىز خەلقىم ، شۇ خان تىلىم بولمىسا!
دەۋىرلەر قالدۇرۇپ ئىزنى، تالاي ئۆتتى ئەلۋەك ئېتىزلار،
قارا كۈلدەك يىغلىماسمەنمۇ بۇلۇڭدا،شۇ پاك تىلىم بولمىسا!
پەرۋاز قىلساڭ سامادا پەرۋانىدۇر ھەم ساڭا قۇياش بىلەن ئاي،
ئۈزەلمىسەڭ زەپەرلەر كىممۇ قىلار دۇئانى شۇ قۇرغۇي تىلىم بولمىسا!
بۇزۇپ ئېيىتتسا سېنى بىرسى بولۇر كۆڭلۈم تەشۋىش پەرىشان،
بارچە قەۋىم ئازاپتا قالۇر، شۇ ئۇلۇغ ئۇيغۇر تىلم بولمىسا!
يېقىن بولدۇڭ سەن ماڭا ،شۇڭا تۇتتۇم چىن دوست سېنى،
كىم ئاڭلايدۇ خۇشاللىق ھەم دەردىمنى مۇھتاج تىلىم بولمىسا!
تانماسمەن سېنىڭدىن ھەرگىز ھەم قوغدايمەن سېنى مەڭگۈ،
سەن بولمىساڭ كىم باش بولۇر، شۇ خانتاج تىلىم بولمىسا!
ئاڭلىسام ئەجەپ بىر كۈن بوپتۇ بۈگۈن،ئەل ئاۋامدا چوڭقۇر مۇڭ،
دەيتتى ئۇلار:ئايرىلامىزمۇ بۇ تەندىن شۇ قان تىلىم بولمىسا!
شۇنچە يېنىك لەرزان تىلىڭ، تەڭ قىلماسمەن ھېچبىرسىگە ،
گەر بولمىساڭ يېنىمدا ماتەم ماڭا شۇ جان تىلىم بولمىسا!
چاك كەتتىمىسۇن يۈرەكلەر ، چاڭ بولمىسۇن ئەزىز تەنلەر ،
ئۆتمەس سېنىڭسىز بىر كۈن، نەۋ باھارغا زار تىلىم بولمىسا!
شۇڭا شۇنچە ئۇلۇغسەن ئايرىلمايمىز سېنىڭدىن ھەر كۈن،
مەن كۆز ئاچقان دۇنيادا <ئانا>دەپ چىققان تىلىم بولمىسا!
كۈيلەيمەن سېنى دائىم ، ھىممىتىڭدىن مىڭ شۇكرىلەر ،
ئاشالماسمەن داۋان ھەرگىز،ماڭا ئوزۇق شۇ دان تىلىم بولمىسا!
ياشايمەن شۇڭا مەغرۇر بۈيۈك بىر تىل بولغاچ ھەمراھ،
قانداقمۇ ئادا قىلاي مەن بۇ كۈرەشنى ئانا تىلىم بولمىسا! !!
2013-يىل 19-ئاپېرىل
مەنبەسى :ئۆزۇم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا naildin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-19 07:37 PM