مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3580|ئىنكاس: 31

بۇ ئالدامچىلىقتىن ئاگاھ بولۇڭ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9737
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 601 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 04:33:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!سۆيۈملۈك قېرىنداشلار! پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى تېزلەشكەنسىرى بىزگە نۇرغۇن قولايلىق شارائىتلار يارتىلىۋاتىدۇ. جۈملىدىن كومپىيوتىرتېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىزنىڭ ئالاقە، تۇرمۇش، ئۆگىنىش ئىشلىرىمىزغا ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلىرى ھەممىمىزنى سۆيۈندۈرمەي قالمايدۇ. ھەممە ئىشنىڭ ياخشى ۋە يامان ئىككى تەرىپى بولغاندەك، تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىرقىسىم سەلبىي تەسىرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولماقتا. بۇ خۇددى ھەمىمىزگە تونۇشلۇق بولغان خەلقئارالىق كاتتا مۇكاپات تەسىس قىلغۇچى نوبىلنىڭ پارتىلىتىش دورىسىنى ئىنسانىيەتكە قولايلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلىپ ياسىغان بولسىمۇ(ئاڭلاشلارغا قارىغاندا نوبىل پارتىلىتىش دورىسىنى كان ئىشچىلىرىنىڭ ئەمگەك يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ياسىغان ئىكەن)، ئەمما ئۇنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرشىدا ئۇنى ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئىشلەتكەنلىكىدەك بىر ئىش. ئەمىلىيەتتە ياخشى، خەيرلىك ئىشلار ئۈچۈن نۇرغۇن زىھىن ۋە ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىجاد قىلىنغان تېخنىكىلار نۆۋەتتە بىر قىسىم ناكەس كىشىلەرنىڭ قولىدا باشقىلارغا زىيان يەتكۈزدىغان، جىنايەت ئۆتكۈزدىغان،ئالدامچىلىق قىلىدىغان رەزىل قورالغا ئايلىنىپ قالماقتا. سەمىمىزدە بولسۇنكى،ئاتالمىش"ئەقىللىق"كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلاقلىق ياكى ياخشى كىشىلەرئەمەس. قېنى قايسىمىز زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ياساپ كىشىلەرگە ئاپەت ئېلىپ كېلىۋاتقان، خىلمۇ-خىل يوللار بىلەن باشقىلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى ئالداپ ئېلىۋالغان ، ئۆزمەنپەئتى ئۈچۈن باشقىلارنى توزاققا دەسىتىۋاتقان كىشىلەرنى دۆت دېيەلەيمىز؟ ئۇلاردۆت كىشىلەر ئەمەس، ئەمما، ئەخلاقسىز كىشىلەردۇر. بىلىم باشقا ئىش، ئادەم بولۇش باشقا ئىش. بىلىمنى ھەقىقىي مەنىدىكى ئادەم بولۇش ئۈچۈن ئىگەللىگەن ھەم شۇ يولدا توختىماي ئىزدەنگەن، ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن كىشىلەرلا ھەقىقىي مەنىدىكى ئەخلاقلىق كىشىلەردۇر. شۇڭا، بىر ئادەمنىڭ پەزىلىتىگە باھا بېرىشتە يالغۇز بىلىمىگە قاراپ ئەمەس،باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش-يەتكۈزمەسلىكى، ئائىلىسىگە كۆيۈنۈش-كۆيۈنمەسلىكى،دوست-بورادەرلىرىگە ياردەمدە بولۇش-بولماسلىقى، جامائەت ئەخلاقىغا رىئايەقىلىش-قىلماسلىقىغىمۇ قاراش كېرەك. جەمىيىتىمىزنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسىدە خىل يىللاردىن بۇيان ئەمەلىي مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، بالىلارنىڭ ئەخلاقى تەربىيەلىنىشى ، ئادەم بولۇش يوللىرىنى ئۆگىتىش تەربىيىسىگە سەل قارالغان ئىدى.يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن جەمىيەتتە يۈز بەرگەن ھەم يۈز بېرىۋاتقان نۇرغۇن ئىجتىمائى مەسىلىلەر كىشىلەرنى ئويلاندۇرماي قالمىدى.نەتىجىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ،ئەخلاقى تەربىيەگە سەل قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن مائارىپ مۇتەخەسىسلىرى مائارىپتا بالىلارغا ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلىگىنى ھېس قىلىپ يەتمەكتە ھەم يېتىۋاتىدۇ. بىر ئادەمنىڭ قانداق ئادەم بولىشى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئائىلە، جەمىيەت ۋە مەكتەپتە ئالغان تەربىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭىلاشقا، ھەممىمىزئەڭ ئاۋال ئۆزىمىز ياخشى ئادەم بولۇش، باللىرىمىزنى ياخشى ئادەم قىلىش ئۈچۈن كۈچىسەك، جەمىيەتتىكى بىز قاقشاۋاتقان نۇرغۇن ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەتتا قەبىھ جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالالىشىمىز مۇمكىن.



قىسقىسى مېنىڭ بۇ يازمىنى يېزىشىمغا بىر نەچچە كۈن بۇرۇن چ چ دا يۈز بەرگەن كىچىككىنە ئىش سەۋەب بولدى. ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئىشلەيدىغان يېقىن بۇرادىرىم، ساۋاقدېشىم بار ئىدى. تۇيۇقسىز چ چ دا خەت يېزىپ قالدى. ئادەتتە بۇ بۇرادىرىم بىلەن پاراڭلاششاق، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتەتتۇق. قارىسام بۈگۈن ئۇ خەنچە خەت يېزىپ قالدى. مەن ئادىتىم بويچە يەنىلا ئۇيغۇرچە خەت بىلەن سالام قايتۇردۇم. ئۇيەنىلا خەنچە خەت يازدى. شۇڭا مەنمۇ كىرگۈزۈش كونۇپكىسىنى خەنچىگە تەڭشىدىم.پاراڭلىشا-پاراڭلاشماي ئۇ مەندىن ياردەم تەلەپ قىلدى. مەن قولۇمدىن كەلسە چوقۇم ياردەم قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم. ئۇ مەندىن بىر دوستىنىڭ ماشىنا بىلەن ئادەم سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىنى ،دوستىغا قەتئىي ياردەم قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى شۇڭا جىددىي پۇل ئۆتنە بېرىپ تۇرۇشۇم كېرەكلىكىنى، پۇلنى ئەتىسى چۈشتىن كېيىن چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ بۇرادىرىمنىڭ مەندىن تۇنجى قېتىم پۇل سورىشى بولغاچقا، ئۇنىڭغا ياردەم قىلماقچى بولدۇم. ھەمدە نەچچە پۇل كېتىدىغانلىقىنى سورىدۇم. ئۇ ماڭا 7000 يۇەن بېرىپ تۇرۇشۇمنى پۇلنى ئۇدۇللا دوستىنىڭ كارتىسىغا يۆتكەپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى. ئەمما، مەندە ھازىرچە راستىنلابۇنچىلىك نەق پۇل يوق ئىدى. شۇڭىلاشقا، بۇنچىلىك پۇلنىڭ يوقلىقىنى ئېيتىپ،خىجىللىقىمنى بىلدۈردۈم. ئۇ مەندە قانچىلىك پۇل بارلىقىنى سورىدى. مەن ئۆيدە ئىشلىتىش ئۈچۈن بىر-ئىككى مىڭ يۇەن بارلىقىنى ئېيتىم. تاكى مۇشۇ يەرگە كەلگۈچە ئۇنىڭدىن زىنھار گۇمان قىلماپتىمەن. تۇيۇقسىز كاللامغا كەلگەن خىيالدىن ئۆزۈمنى سەل توختىتىۋالدىم. بۇ بۇرادىرىم ئەمەلىيەتتە يۈزى شۇنداق تۆۋەن، كەم سۆز، باشقىلارنى تەڭلىكتە قويۇشنى قەتئىي راۋا كۆرمەيدىغان بالا ئىدى. لېكىن چ چ دا ھازىر مەن بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان بۇ "بۇرادەر" بولسا، ھەدەپ ماڭا بېسىم قىلىپ،مەندىن دوستىنىڭ كارتىسىغا پۇلنى يۆتكەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ قېلىنلىق بىلەن مېنى تەڭلىتە قويۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن سەزگۈرلۈكۈمنى سەل ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭغا ماڭا ھازىرلا تېلېفۇن قىلىشنى ، تېلېفۇندا كۆرۈشكەندىن كېيىن چوقۇم ياردەم قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇ يەنە باھانە كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئالدىراشچىلىقتا تېلېفۇننى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى كەچتە ئۆيگە قايتىپ چوقۇم تېلېفۇن قىلىدىغانلىقىنى ھازىر دەرھال دوستىنىڭ كارتىسىغا پۇلنى ئاغدۇرۋېتىشىم كېرەكلىكىنى ئيتتى. مانا شۇ چاغدىلا دوستۇمنىڭ چ چ سىنىڭ ئوغۇرلانغانلىقىدىن سەل گۇمان قىلدىم. لېكىن ، ئۇنىڭ ئالدامچىلارنىڭ قىلمىشى ئىكەنلىكىگە يەنىلا جەزىم قىلالمىدىم. چۈنكى، ئادەمنىڭ بېشىغا قانداق قىسمەتلەرنىڭ كېلىشىنى كىم بىلسۇن دەيسىز. مېنىڭ ئويلىغىنىم، بەزىدە تېلېفۇندا ياكى يۈز تۇرانە تۇرۇپ دېگىلى بولمىغان گەپلەرنى چ چ دا بىمالال دېيىشكىلى بولىدۇ. شۇڭا، بەلكىم دوستۇم بۇ باشقىلارنى تەڭلىتە قويدىغان ئىشنى بىۋاستە دېيىشكە خىجىل بولغان بولىشى مۇمكىن دېگەنلەرنى خىيالمىغا كەلتۈردۈم.شۇڭىلاشقا، ئۇنىڭدىن تېلېفۇن كېلىشنى كۈتتۈم. تېلېفۇن جىرىڭلىسىلا جىددىي ھالدا تېلېفۇننى ئالاتتىم. لېكىن بۇ تېلېفۇنلار باشقا تونۇشلاردىن كەلگەن بولۇپ چىقاتتى.شۇنداق قىلىپ ئۇ كۈن ئۆتۈپ كەتتى. ئەتىسى تېلفۇن قىلمىسا ئۆزۈم تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېلېفۇن قىلىپ، ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرگەچ ئاز بولسىمۇ ياردەم قىلىپ كۆڭلۈمنى بىلدۈرەي دەپ تۇراتتىم. چۈشتىن ئازراق ئۆتكەندە، دوستۇمنىڭ چ چ رىمغا يازغان ئۇچۇرىنى كۆرۈپ، گۇمانىمنىڭ ھەقىقەتەن توغرا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدىم. تۆۋەندە  مېنى توزاققا دەسسەتمەكچى بولغان"بۇرادىرىم "بىلەن قىلغان سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى كۆرۈپ باققايسىلەر:


1.png



كۆزنەكنى تىتىرىتىپ مېنىڭ جاۋاب قايتۇرشۇمنى تەلەپ قىلدى




2.png


دوستى ئۈچۈن مەندىن پۇلئۆتنە ئالماقچى بولدى



3.png


قانچە پۇل كېرەكلىكىنىئېيتتى، مەن خىجىلچىلىق ئىچىدە ئۆزرە ئېيتتىم




4.png


ئۆزىنىڭ ناھايىتى جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، مېنىڭ گۇمانىم دەل مۇشۇ يەردىن باشلاندى


5.png



ئۇنىڭدىن تېلېفۇن ئۇرۇشنى تەلەپ قىلدىم، تۇتامغا چىقمايدىغان باھانە كۆرسىتىشكە باشلىدى


6.png



ئىشنىڭ جىددىيلىكىنى ئېيتىپ تۇرۋالدى، مېنىڭ سەزگۈرلۈكۈم تېخىمۇ ئاشتى



7.png



ئەتىسى دوستۇمدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى كەلدى، بۇ ئالدامچىنىڭ ئالدامچىلىقى پاش بولدى


8.png


دوستۇم بارلىق بۇرادەرلەرگەچ چ سىنىڭ ئوغرلانغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى








شۇنداق قىلىپ بۇئالدامچىنىڭ ساختىلىقى پاش بولدى. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەن بولسىمۇ بۇ ئىش كاللامدىن نېرى كەتمىدى. ھەر قېتىم  چ چ نى ئاچقان ۋاقتىمدا ئۇشۇ نەپسانىيەتچى ئەبلەخكە غەزىپىم ئۆرلەتتى. شۇڭا ، باشقا قېرىنداشلارنىڭمۇ مۇشۇنداق بىرەر ئەھۋالغا يولۇقۇپ ئالدىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دەرھال بۇ يازمىنى تەييارلاپ چىقتىم. شۇڭا ، دوستلارنىڭ سەزگۈر بولىشىنى ئالدىراپ چ چ دا قارشى تەرەپكە پۇل-پۈچەك سېلىپ بەرمەسلىكىنى سەمىمىي ئاگاھلاندۇرىمەن. مۇمكىن بولسا چ چ رىڭلارنىڭ مەخپىي نۇمۇرىنى خەت ۋە سان ئارىلىشىپ كەلگەن ياكى ئۆزۈڭلار بىلىدىغان  بىخەتەر ئۇسۇللار بىلەن مۇستەھكەملىۋىلىڭلار. بۇ ئۇچۇرنى چ چ توپلىرىدا تارقىتىپ، باشقا قېرىنداشلارنىمۇئاگاھلاندۇرۇپ قويساڭلار. ئاللاھ، ھەمىمىزگە ئاسانچىلىق بەرسۇن، يامان نىيەتلىك بەدبەختلەرنىڭ رەزىل مەقسىتى ئىشقا ئاشمىسۇن.  مۇشۇنداق ناكەس ئالدامچىلارغا بولغان نەپرىتىمنى تۆۋەندىكى مىسرالىرىم بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇمەن:


ھارام يولنى تاللىغان، ھارام نىيەت ئالدامچى،


رەسۋالىقىڭ شەنىگە مىڭلاپ لەنەت ئالدامچى.


ئىشقا ئاشماس ھەرگىزمۇ  خىياللىرىڭ، پىلانىڭ،


ھىدايەتتىن چەتنىگەن شەيتان سۈپەت ئالدامچى.


ئاق يوللارغا يولىما قارا قاسماق پۇت بىلەن،


سەسكىنىمىزسېنىڭدىن سۆرۈن تەلەت ئالدامچى.


سەمىرتمەكنى ئىستەپسەن تويماس بالا نەپسىڭنى،


ئالدامچىلىق مەرەزدۇر، يامان ئىللەت ئالدامچى.


توزاق قورۇپ يۈرۈپسەن، بۇنى توغرا بىلىپسەن،


ئۆزئۆزڭگە قېزىپسەن ئورا- لەھەت ئالدامچى.


تالاي ئادەم كۆزىدىن ياش چىقىرىپ ئايانماي،


قارغىشلارنىڭ ئىچىدە ئۆلدۈڭ رەت-رەت ئالدامچى.


گەر يولۇڭدىن يانمىساڭ، نىشانىڭدىن تانمىساڭ،


بۇ قىلمىشىڭ دوزاققا بولار بېلەت ئالدامچى.


مەيلى ئەر بول ، ئايال بول بۇنى ئەستىن چىقارما،


ئىتقاۋاپا، ئادەمگە كېرەك  خىسلەت ئالدامچى.


2013-يىلى 4-ئاينىڭ19-كۈنى

مەنبە:لوپنۇرى تور خاتىرىسى











بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-19 04:57 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28759
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 08:36:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي يەنە ئاشۇ لەنىتىلەرنىڭ گېپىكەن ، ئەجەپ ئاچچىقىم كىلىدۇ ئاشۇ ماڭقۇرىتلارنىڭ گەېپى چىقسا .... نەچچە يىل ئاۋۋال مەھەللىمىزگە كىلىپ ئانام قاتارلىق نەچچە ئايالنىڭ ئالتۇن زىبۇ زىنەتلىرىنى قۇيۇپ خالىغانچە نۇسقىدا چىقىرىپ بىرىمىز دەپتىكەن .
ئۇ ھاماقەت خوتۇنلار ماقۇل بوپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر كىچىك ماشىندا كۆز ئالدىدا ئالتۇن زىبۇ زىننەتلەرنى ساپتۇ ، يەنە بىر تەرەپتىن  ئۆزى تاللاپ بەرگەن شەكلىدىكىسى چىقىتپۇ .
ئۇنى بىر كىچىك سۇلياۋ خالتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ بىرخىل سۇيۇقلۇق قۇيۇپ بىرىپ ، ئەتىسى ئېچىشنى شۇ كۈنى ئاۋسا يىڭى قۇيۇلۇپ چىققان ئالغۇن قېتىشمىغانلىقتىن شەكلى ئۆزگىرىپ كىتدىغانلىقنى ئېيتىپتۇ .
ئۇ ئىشنى مەن مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بىلدىم ، قارىسام بىرخىللا كۆرۈندى .
ئەتىسى خالتىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ ئۇنى قۇلىقىغا سالدى ، چۈشتىن كىيىنلا رەڭگى قارامتۇللىشىپ كەتتى .
دىمەك كۆز ئالدىدىلا قۇيۇلۇپ كەتكەن ئىكەن ، ئىش ھەققىگە بەرگەن بەش يۈەن ، يەنە تۆت گىرامغا يىقىن ئالتۇن يوق بولۇپ كەتكەن ئىدى .


ھازىر ئويلىساممۇ ئاشۇ ئالدامچى ماڭقۇرىتقا تازا ئاچچىقىم كىلىدۇ .

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1403 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 08:41:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىشلار ھازىر كۆپىيىپ قاپتۇ مەلۇم ئىدارىغا كىرسەممۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش گەپ......
ئىدارە باشلىغىنىڭ كامىرا سىن ھەركىتى ئىكراندا ئەكىس ئەتكەچكە  بىر يېقىنى بۇ ئىدارە باشلىغىنىڭ تەكلىۋى بىلەن ئۇنىڭغا پۇل سېلىپ بېرىش بىلەن چچ دىن چۈشۈپ بانكىغا بېرىپتۇ...............
قېرىشقانداك بانكا ئىشخانا بېزەش بىلەن ۋاختىنچە قىسمەن بۆلەكلەردە ئىش توختىتىشقا مەجبۇرلىغىنى بىلدۈرۈپتۇ...........
پۇل سېلشنىڭ بۈگۈنچە ئىمكان بولمىغانلىغىدىن تىت-تىت بولغان دوست ئىدارە باشلىغىغا تىلفۇن قىلىپ ئەھۋال چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولغىنىدىلا ئىدارە باشلىغى بۇنداق ئىشنىڭ يوقلىغىنى بىلدۈرۈپ چ چ دا باشقىلارغا بۇ ھەقتە جىددى بىلدۈرگۈ بېرىپ بارلىق مەخپى شىفىر قىسمىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى بىلدۈرۋاتىدۇ.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-19 08:43 PM  


قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19186
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7695
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 08:52:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئالدىنقى قېتىم مەن سىنىپتا دەرس ئوقۇۋاتسام يېنىمدا ئولتۇرغان ساۋاقدىشىم سېنىڭ چ چ  رىڭادا ماڭا خەت كېلىۋاتىدىغۇ دېدى.
      بۇ نېمە ئىش  ئەمدى دەپ تۇرساق ئەشۇنداق ئالدامچىلارنىڭ پۇل تەلەپ قىلىپ يازغان خەتلىرىكەن،  شۇ ئاچچىقىمدا  چۈشتىلا مەخپى نومۇرنى ئۆزگەرتىۋالغان ئىدىم!  
ھەممىىمىز   ھوشيارلىقىمىزنى ئاشۇرايلى!

غايە  يول  كۆرسەتكۇچ  نۇرلۇق چىراق!    نائىل

بىرى دېدى:تۇخۇمن

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32619
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4235
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2014-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 08:52:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنساپ-دىيانەت  يوقلاردىن  ھەر بالا   كىلىدۇ!

ھەممىز  ھەربىر تىنىق  ئۈچۇن جاۋاب  بىرەلىگۈدەك  ياشايلى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86084
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1838
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-10-15
ئاخىرقى: 2014-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 08:57:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئىشلار ھازىر راستىنلا كۆپۈيۈپ كەتتى.دىققەت قىلماي بولمايدۇ.تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت!!!

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 08:57:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن مىنىڭ كىيۇ كىيۇمنىمۇ بىرى ئۇغۇر لىۋىلىپ  مۇشۇ مۇنبەر دىكى بايخىنىمدىن پۇل سوراپتىكەن بايخىنىم باي بولغان بىلەن پىخىسىقلىقىنى بىلمەيدىغانچىغى ،ئۇ ماڭا مۇنبەر دىن ئۇچۇر قىلىپ مەندىن سورىغان ،مەن كىيۇ كىيۇم ئىچىلمايۋاتقىننى دىگەنتىم ،بەزى دۇسلۇرۇمنى تىللاپ كىتىپتۇ تېخى ھەي بۇنداق يۇزى قىلىنلا بەك تۇلىكەن ھازىر

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 08:57:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن مىنىڭ كىيۇ كىيۇمنىمۇ بىرى ئۇغۇر لىۋىلىپ  مۇشۇ مۇنبەر دىكى بايخىنىمدىن پۇل سوراپتىكەن بايخىنىم باي بولغان بىلەن پىخىسىقلىقىنى بىلمەيدىغانچىغى ،ئۇ ماڭا مۇنبەر دىن ئۇچۇر قىلىپ مەندىن سورىغان ،مەن كىيۇ كىيۇم ئىچىلمايۋاتقىننى دىگەنتىم ،بەزى دۇسلۇرۇمنى تىللاپ كىتىپتۇ تېخى ھەي بۇنداق يۇزى قىلىنلا بەك تۇلىكەن ھازىر

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

ۋاپاسىز ياردىن ۋ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1873
يازما سانى: 602
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6992
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 7885 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 09:04:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدايىم ساقلىسۇن بۇنداق ئالدامچىلارغا ئۇچراپ قىلىشتىن،بىزنى ئەسكەرتكەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92145
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 504
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 09:07:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالاخورلار

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش