مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 933|ئىنكاس: 8

ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ھاياتى (داۋامى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35040
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 04:28:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                     ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ھاياتى (داۋامى)

 ئابدۇللا ئىبنى ئابدۇلھەكىم ئۆزىنىڭ «ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن قىممەتلىك كىتاۋىدا بايان قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ:
  ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزگە ئۆلۈم يېقىنلاشقاندا، ئۇنىڭ يېنىغا مەسلەمە ئىبنى ئابدۇلمەلىك كىرىپ:
  - ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! بالىلىرىڭنى بۇ مالدىن ئايرىۋەتتىڭ. ئەگەر سەن بۇ بالىلىرىڭنى ماڭا ياكى ئۆزۈڭ ياخشى كۆرىدىغان بىرسىگە ۋەسىيەت قىلغان بولساڭ، بەك ياخشى بولاتتى، - دېدى. ئۇنىڭ سۆزى تۈگىگەندە، خەلىفە:
  - مېنى ئولتۇرغۇزۇڭلار، - دېدى. ئۇلار ئۇنى ئولتۇرغۇزدى. ئۇ:
  - مەسلەمە! سۆزۈڭنى ئاڭلىدىم. مەن بالىلىرىمنىڭ ئېغىزىنى بۇ مال – دۇنيادىن ئايرىۋەتتىم. اللە بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۇلارنىڭ شۇ مالدا ھەققى بار تۇرۇپ ئايرىۋەتتىم، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەققى بولمىغان نەرسىنىمۇ بەرمىدىم. ئەمما سېنىڭ بالىلارنى ماڭا ياكى ئائىلەڭدىن ئۆزۈڭ ياخشى كۆرىدىغان بىرىگە ۋەسىيەت قىلىپ قالدۇرساڭ، دېگەن سۆزۈڭگە كەلسەك، مەن ئۇلارنى قۇرئاننى ھەق بىلەن نازىل قىلغان اللەغا ۋەسىيەت قىلىپ تاپشۇرىمەن. اللە ياخشى كىشىلەرگە ئىگە بولىدۇ. مەسلەمە! بىلگىنكى، مېنىڭ بالىلىرىم ئىككى خىل ئادەمنىڭ بىرى، ياكى تەقۋا، سالىھ. اللە ئۇنى ئۆز مەرھەمىتىدىن باشقىلاردىن بىھاجەت قىلىپ چىقىش يولى ئاتا قىلىدۇ. ياكى ناچار، گۇناھقا پاتقان. مەن اللەغا قارشى چىققۇچىغا مال - دۇنيا بىلەن ياردەم قىلمايمەن.
  ئاندىن:
  - بالىلىرىمنى چاقىرىپ بېرىڭلار، - دېدى. ئۇلار چاقىرىلدى. ئۇلار ئون نەچچە بالا ئىدى. ئۇلارنى كۆرگەندە كۆزىگە ياش ئېلىپ:
  - ئۆزۈم بىر قانچە بالىنى يار - يۆلەكسىز قالدۇردۇم، - دەپ، ئۈنسىز ياش تۆكتى، ئاندىن ئۇلارغا قاراپ:
  - بالىلىرىم! مەن سىلەرگە نۇرغۇن ياخشىلىق قالدۇردۇم. سىلەر قانداقلا بىر مۇسۇلمان ياكى زىممىيلارنىڭ يېنىدىن ئۆتسەڭلار، ئۇلار سىلەرگە ياخشى قارايدۇ. ئى بالىلىرىم! سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى تاللاش بار. بىرى، ئۆزەڭلارنى باي قىلىسىلەر، داداڭلار دەۋزەخكە كىرىدۇ. يەنە بىرى، كەمبەغەل پېتى تۇرىسىلەر، داداڭلار جەننەتكە كىرىدۇ. مەن سىلەرنى بايلىقنى ئەمەس ، داداڭلارنى دەۋزەختىن قۇتقۇزىدۇ، دەپ قارايمەن، - دېدى، ئاندىن ئۇلارغا مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ:
  - تۇرۇڭلار! سىلەرنى اللە ساقلايدۇ. تۇرۇڭلار! اللە سىلەرگە رىزىق بېرىدۇ، - دېدى. مەسلەمە ئۇنىڭغا قاراپ دېدى:
  - ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! مەندە ئۇنىڭدىن ياخشى ئىش بار.
  - نېمە ئىش؟
  - مەندە ئۈچ يۈز مىڭ دىينار بار. بۇنى ساڭا بېرەي، بالىلىرىڭغا ئۆلەشتۈرۈپ بەرگىن، ياكى خالىساڭ سەدىقە قىلىۋەت.
  - مەسلەمە! ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسى بولسىچۇ؟
  - ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! نېمە ئىش ئۇ؟
  - ئۇنى ئېلىنغان ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەر. ئۇ سېنىڭ ھەققىڭ ئەمەس.
  مەسلەمە كۆزىگە ياش ئالدى ۋە مۇنداق دېدى:
  - ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى! اللە ساڭا مەيلى سەن ھايات ياكى ئۆلۈك بول، رەھمەت قىلسۇن. سەن قاتقان دىللارنى يۇمشاتتىڭ، ئۇنۇتقان ئىشلارنى ئەسلەتتىڭ. بىزگە ياخشىلار ئىچىدە ئەسلىمە قالدۇردۇڭ.
  كىشىلەر خەلىفىدىن كېيىن، ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىشىغا دىققەت قىلدى. ئۇلار بالىلاردىن ھېچقايسىسىنىڭ مۇھتاجلىقتا ياكى كەمبەغەللىكتە قالغانلىقىنى كۆرمىدى.
  بۈيۈك اللە راست ئېيتىدۇ: «(كىملەركى) ئۆزلىرىدىن قېلىپ قالغان كىچىك بالىلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن قانداق ئەندىشە قىلىدىغان بولسا، باشقىلارنىڭ قېلىپ قالغان كىچىك بالىلىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق ئەندىشە قىلسۇن، (يېتىملەرنىڭ ئىشىدا) اللەدىن قورقسۇن ۋە توغرا سۆزنى ئېيتسۇن». (سۈرە نىسا 9- ئايەت)
    *                     *                     *
  خەلىفە، تابىئىن- ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز توغرىسىدىكى سۆزلەر بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغان، كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان سۆزلەردۇر. سىز ئۇنىڭ مىسىلسىز ھايات كۆرۈنۈشىدىن بىرىنى ئوقۇپ، چۈشىنىپ بولماي تۇرۇپلا، تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ جەلىپكار، تېخىمۇ تەسىرلىك يەنە بىرىگە ئۇچرايسىز. ئالدىدا ھايات كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئۈچىنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق. قېنى بىز ھازىر توغرا يولدا ماڭغان بەشىنچى خەلىفىنىڭ ئۈچ ئىشىدىن بىرلىكتە لەززەت ئالايلى!
(1)
  رەجزە ۋەزنى شائىرلىرىدىن بىرى رۇكەين ئىبنى سەئىد دارمى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
  ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز مەدىنىگە ۋالى بولغاندا، مەن ئۇنى مەدھىيەلەپ شېئىر ئوقۇدۇم. ئۇ ماڭا ئېسىل تۆگىدىن ئون بەشنى بېرىشكە بۇيرىدى. تۆگىلەر قولۇمغا تەككەندە، ئۇلارنى كۆزدىن كەچۈردۈم- دە، ئۇلارنىڭ ھالىتى مېنى ھەيران قالدۇردى. مەن بۇلارنى ئېلىپ، يالغۇز مېڭىشتىن قورقتۇم، سېتىۋېتىشكىمۇ كۆڭلۈم ئۇنىمىدى. شۇنداق تۇرۇۋاتقاندا، بىزنىڭ يۇرت نەجدىگە سەپەر قىلماقچى بولۇۋاتقان كىشىلەر كەلدى. مەن ئۇلاردىن مېنىمۇ بىللە ئېلىۋېلىشنى سورىۋىدىم، ئۇلار:
  - قارشى ئالىمىز. بىز كېچىدە يولغا چىقىمىز، يولغا چىقىشقا تەييارلىق قىلغىن، - دېدى.
  مەن ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ يېنىغا خوشلاشقىلى باردىم، ئۇنىڭ يېنىدا مەن تونىمايدىغان ئىككى كىشى بار ئىكەن. قايتماقچى بولىۋىدىم، ئۈمەر ماڭا قاراپ:
  - ئى رۇكەين! مېنىڭ ئېسىل ئارزۇيۇم بار، ئەگەر مېنىڭ ھازىرقىدىن كۆپرەك نەرسىگە ئېرىشكەنلىكىمنى بىلسەڭ يېنىمغا كەل، ياخشىلىققا ئېرىشىسەن، - دېدى.
  - ئى ئەمىر! بۇ سۆزۈڭگە گۇۋاھچىنى گۇۋاھ قىلغىن.
  - اللەنى گۇۋاھ قىلىمەن.
  - ئاتا- ئانام ساڭا پىدا بولسۇن!  مەن سېنى تۇنىۋالاي، ئىسمىڭ نېمە؟ - دېدىم  ئەمىرگە قاراپ، ئاندىن يەنە بىر كىشىگە قاراپ:
  - سېنىڭ قۇربانىڭ بولاي، ئۆزۈڭ كىم؟ - دەپ سورىدىم.
  - ئەمىرنىڭ ئازات قىلغان قۇلى ئەبۇ يەھيا، - دېدى ئۇ.
  - بۇ ئۆز ئائىلىسىدىن چىققان گۇۋاھچى ئىكەن، - دېدىم، ئاندىن سالاملىشىپ تۆگىلەرنى ئېلىپ، نەجدەدىكى يۇرتۇمغا قايتتىم. اللە بۇ تۆگىلەرنى كۆپ بەركەتلىك قىلدى، ھەتتا مەن ئۇنىڭ بالىلىرىدىن كۆپ تۆگىلىك ۋە خىزمەتكارلىق بولۇپ قالدىم. كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتۈپ كەتتى. نەجدىدىكى يەمامە زېمىنىنىڭ بىر سەھراسىدا تۇرىۋاتاتتىم، مۇسىبەت خەۋىرىنى يەتكۈزگۈچى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى - سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىكنىڭ  ۋاپات بولغانلىقىنى يەتكۈزدى، مەن ئۇنىڭدىن:
  - ئۇنىڭ ئورنىغا كىم خەلىفە بولدى؟ - دەپ سورىۋىدىم، ئۇ:
  - ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز، - دېدى. ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپلا شام دىيارىغا قاراپ يولغا چىقتىم. دەمەشىققە يېتىپ بارغاندا، خەلىفىنىڭ يېنىدىن قايتىۋاتقان جەير (ئۇمەۋىييە دەۋرىدىكى مەشھۇر ئۈچ شائىرنىڭ بىرى. ئۇلار: جەير، پەرەزدەق ۋە ئەختەل) بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇنىڭغا سالام قىلىپ دېدىم:
  - ئى ئەبۇ ھەزرە! قەيەردىن كېلىۋاتىسەن؟
  - كەمبەغەللەرگە بېرىپ، شائىرلارغا بەرمەيدىغان خەلىفىنىڭ يېنىدىن كېلىۋاتىمەن، - دېدى ئۇ.
  - كەلگەن يېرىڭگە قايت، شۇنداق قىلغىنىڭ ياخشى.
  - مېنىڭ ئەھۋالىم سىلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ..
  - خالىغىنىڭ بولسۇن.
  مەن مېڭىپ خەلىفىنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدىم. ئۇ ھويلىدا بولۇپ، ئەتراپىنى يېتىملەر، تۇل خۇتۇنلار، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار ئورىۋاپتۇ. ئۇلارنىڭ زىچلىقىدىن خەلىفىنىڭ يېنىغا بارالمىدىم- دە، ئاۋازىمنى كۆتۈرۈپ مۇنداق دېدىم:
  - ئالىجاناپ قېىندىشىمدىن قەرزىمنى تەلەپ قىلىپ كەلدىم.
  ئۇنىڭ ئازات قىلىۋەتكەن قۇلى ئەبۇ سەھبا ماڭا ئۇزاق نەزەر سېلىپ، ئاندىن خەلىفىگە قاراپ:
  - ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى! سېنىڭ ئالدىڭدا بۇ كۆچمەننىڭ ئىشىغا گۇۋاھ بولغان ئىدىم، - دېدى. خەلىفە:
  - ئۇنى تونۇيمەن، - دېدى، ئاندىن ماڭا قاراپ - ئى رۇكەين، يېقىن كەل، - دېدى.
  ئالدىغا بارغىنىمدا ماڭا قاراپ:
  - ساڭا مەدىنىدە مېنىڭ يۈكسەك ئارزۇلىرىم بار دېگەنلىكىم ئېسىڭدىمۇ؟ - دېدى.
  - ئېسىمدە بار، ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى! - دېدىم مەن.
  - مانا، دۇنيالىقتىكى غايەمگە يەتتىم. ئۇ - ھۇقۇق. روھىم ئاخىرەتتىكى غايىگە يېتىشكە تەشنا، ئۇ- جەننەت، يەنى ئۇلۇغ اللەنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش، - دېدى خەلىفە - پادىشاھلار ھۇقۇقىنى دۇنيانىڭ ئۇلۇغلۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن بولسا، مەن ئۇنى ئاخىرەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا ئېرىشىدىغان يول قىلىمەن.
  ئارقىدىن يەنە مۇنداق دېدى:
  - ئى رۇكەين! اللە بىلەن قەسەمكى، مەن خەلىفە بولغاندىن بېرى مۇسۇلمانلارنىڭ مېلىدىن بىر دىرھەم ياكى بىر دىنار چاغلىق نەرسە ئالمىدىم. مەندە پەقەت مىڭ دىرھەم بار. سەن يېرىمىنى ئال، قالغان يېرىمىنى ماڭا قالدۇرۇپ قوي.
  مەن ئۇ ماڭا بەرگەن مالنى ئالدىم. اللە بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنداق بەركەتلىك مالنى كۆرۈپ باقمىغان.
(2)
  مۇۋسىلنىڭ قازىسى يەھيا غەسسائى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
  بىر كۈنى ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز سودا- سېتىق ۋە مال باھاسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن ھىمسىنىڭ بازىرىنى ئايلىنىۋاتاتتى. ئۇچىسىدا ئىككى قىزىل تون بار بىر ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇنداق دېدى:
  - ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى! مەن سېنىڭ ناھەقچىلىككە ئۇچرىغانلارنى يېنىڭغا كېلىشكە بۇيرىغانلىغىڭنى ئاڭلىدىم.
  - شۇنداق.
  - مانا يېنىڭغا ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان بىر ئادەم يىراق جايدىن كەلدى.
  - ئائىلەڭ قەيەردە؟
  - ئەدەندە.
  - اللە بىلەن قەسەمكى، ئۆيۈڭ بىزنىڭ جايىمىزدىن ھەقىقەتەن يىراق ئىكەن، - دەپ ئۇلىغىدىن چۈشتى ھەمدە ئۇ كىشىنىڭ ئالدىدا توختاپ:
  - قانداق ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان ئىدىڭ؟ - دەپ سورىدى.
  - مېنىڭ بىر تېرىلغۇ يېرىم بار ئىدى. ئۇنى سىلەرنىڭ دائىرەڭلاردىكى بىرى ئىگەللىۋېلىپ، مەندىن تارتىۋالدى.
  ئۈمەر ئەدەندىكى ۋالى ئۇرۋە ئىبنى مۇھەممەدگە مۇنداق دەپ خەت يازدى: «مەقسەت: ساڭا مېنىڭ بۇ خېتىم يېتىپ بارغان ھامان، خەت ئاپارغۇچىنىڭ ئىسپاتىغا قۇلاق سال. ئەگەر ئۇنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلانسا، ئۇنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇپ بەر.» خەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ھېلىقى كىشىگە بەردى. ئۇ كىشى قايتماقچى بولغاندا، ئۈمەر ئۇنىڭغا:
  - تۇرۇپ تۇر، سەن بىزنىڭ يېنىمىزغا يىراق جايدىن كەلدىڭ. ئېنىقكى سەپىرىڭدە كۆپ چىقىمدار بولدۇڭ، يېڭى كىيىملىرىڭ كونىرىدى. بەلكى ئۇلىغىڭمۇ تۈگەشكەندۇ!؟ - دېدى، ئاندىن بۇنىڭ ھەممىنى ھېساپلىۋىدى، 11دىرھەم چىقتى. شۇنىڭ بىلەن خەلىفە بۇ پۇلنى ئۇنىڭغا بېرىپ:
  - كىشىلەرگە ئېيتقىن، زۇلۇم  قىلىنغانلار بۇنىڭدىن كېيىن ئورنى قانچىلىك يىراق بولسۇن، سەل قارىمىسۇن، كېچىكمىسۇن، - دېدى.
(3)
  ئىبادەتكار، تەقۋا زىياد ئىبنى مەيسىرەتەل مەخزۇمى سەمىيمىلىك بىلەن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
  خۇجايىنىم ئابدۇللا ئىبنى ئابباس مېنى ئۆزىنىڭ ھاجەتلىرى بىلەن مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى - ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن دەمەشىققە ئەۋەتتى. ئۈمەر بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇ مەدىنىنىڭ ۋالىسى بولغان ۋاقىتتىن باشلاپلا مۇناسىۋىتىمىز بار ئىدى. ئۇنىڭ يېنىغا كىردىم، يېنىدا ئۇنىڭ خېتىنى يازىدىغان كاتىۋى بار ئىكەن. مەن ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەلگەندە:
  - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! - دېدىم. ئۇ:
  - زىياد! ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ، - دېدى، ئاندىن خىجالەت ئىچىدە ئۇ تەرەپكە ماڭدىم، چۈنكى مەن ئۇنىڭغا مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى دەپ سالام بەرمىگەن ئىدىم. يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا:
  - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى تەئالا ۋەبەرەكاتۇھۇ، ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى! - دېدىم. ئۇ:
  - ئى زىياد! بىز سېنىڭ بىرىنچى سالىمىڭغا قارشى چىقمىغان، ئىككىنچىسىگە نەھاجەت؟ - دېدى. كاتىپى ئۇنىڭغا بەسرەدىن كەلگەن ناھەقچىلىق توغىرىسىدىكى خەتنى ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئىكەن. خەلىفە ماڭا:
  - ئى زىياد! ئىشىمىز تۈگىگىچە ئولتۇرۇپ تۇرغىن، - دېدى. مەن ئىشىكنىڭ ياغىچىدا ئولتۇردۇم. كاتىپ ئۇنىڭغا خەتلەرنى ئوقۇپ بېرىۋاتاتتى، ئۇ غەمدىن ئېغىر تىناتتى. كاتىپ خەتلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆز ئىشىغا كەتتى. ئۈمەر ئورنىدىن تۇرۇپ، مەن تەرەپكە كېلىپ ئىشىكنىڭ يېنىدا ئالدىمدا ئولتۇرۇپ، قۇلىنى تىزىمغا قويۇپ مۇنداق دېدى:
  - سېنى تەبرىكلەيمەن ئى زىياد! سەن چاپىنىڭنىڭ راھىتىنى كۆرۈۋاتىسەن، بىزدىكى خاپىلىقلاردىن ئازات.
  ئۇچامدا يۇڭدىن ئىشلەنگەن چاپان بار ئىدى. ئۈمەر مەندىن مەدىينە كىشىلىرى توغرىسىدا بىر - بىرلەپ سوراشقا باشلىدى، بىرنىمۇ قويماي ھەممىسىنى سوراپ چىقتى. ئاندىن مەدىينىگە ۋالى ۋاقتىدا بىزگە بۇيرىغان ئىشلارنى سوراپ چىقتى، ئۇنىڭ بارلىق سوئالىغا جاۋاپ بەردىم. ئۈمەر چوڭقۇر بىر تىنىۋېتىپ:
  - ئى زىياد! ئۈمەر گىرىپتار بولغان ئىشقا قارىمامسەن؟ (خەلىفىلىكنى دىمەكچى)
  - بۇنىڭ ساڭا كۆپ ياخشىلىق ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
  - بەك يىراق، - دەپ يىغلاپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ:
  - ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى! ئۆزەڭنى ئاسرا، مەن ساڭا كۆپ ياخشىلىق تىلەيمەن، - دېدىم. ئۇ:
  - «ئى زىياد! سەن ئۈمىت قىلغان نەرسىگە يېتىش ھەقىقەتەن تەس. مەن ھازىر باشقىلارغا خاپا بولالايدىغان، باشقىلار ماڭا خاپا بولالمايدىغان، باشقىلارنى ئۇرالايدىغان، باشقىلار مېنى ئۇرالمايدىغان، كىشىلەرگە زىيان سالىدىغان، ماڭا ھېچكىم زىيان سالالمايدىغان ئادەم بولۇپ قالدىم»، - دەپ يىغلاپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساپ تەسەللى بەردىم. مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئۈچ كۈن تۇرۇپ خۇجايىنىم بۇيرىغان ئىشلارنى تۈگىتىپ قايتماقچى بولغاندا، خەلىفە خۇجايىنىمغا مېنى ئۆزىگە سېتىپ بېرىشنى سوراپ، بىر پارچە خەت يېزىپ ماڭا بەردى.ئاندىن كۆرپىنىڭ ئاستىدىن 20 دىينار چىقىرىپ:
  - بۇنى دۇنيا ئىشلىرىڭغا ئىشلەت، ئەگەر خىراجەتتە ھەققىيانىڭ بولسا ئۇنى بېرىمەن، - دېدى.
  مەن ئالغىلى ئۇنىمىدىم. ئۇ:
  - ئال بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مېلى ئەمەس، مېنىڭ مائاشىمدىن ئالغان پۇل، - دېدى. مەن يەنىلا ئۇنىمىدىم، ئۇ: ئۇنىماي، ئاخىرى ئالدىم ۋە يۇلىمغا ماڭدىم. مەدىنىگە يېتىپ كەلگەندە، مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرىنىڭ خېتىنى خۇجايىنىمغا بەردىم، ئۇ خەتنى ئېچىپ:
  - ئۇ سېنى ئازات قېلىۋېتىش ئۈچۈن ئۆزىگە سېتىپ بېرىشىمنى سوراپتۇ. مەن ئازات قىلسام بولمامدىكەن؟! - دېدى، ئاندىن مېنى ئازات قېلىۋەتتى.
  اللە توغرا يولدا ماڭغان بەشىنچى خەلىفە ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزدىن رازى بولسۇن ۋە رازى قىلسۇن. ئۇنىڭ قەبرىسىنى ھەمدە ئوغلى ۋە جىگەر پارىسى - ئابدۇلمەلىكنىڭ قەبرىسىنى نۇر بىلەن تولدۇرىۋەتسۇن.


مەنبە :تابىئىنلار ھاياتىدىن تاللانما

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Hislet + 33

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 33   باھا خاتىرىسى

‹‹ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بىرىلگەن) نېئمەتلەردىن سۇئال-سوراق قىلىنىسىلەر›› تەكاسۇر سۈرىسى 8-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89160
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1630
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 343 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 09:31:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93768
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 251
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2014-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 09:34:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەخمەت قىلسۇن! داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 10:22:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم ،تولىمۇ ياخشى بېلىملەردىن خەۋەردار قىلدىڭىز ،لىكىن يېزىلىش جەھەتتە ئازىراق مۇرەككەپلىك بارمۇ نېمە؟بەزىدە  ئادەم كەينىگە يېنىپ ئوقۇمىسا دىئالوگلاردىكى شەخىسلەرنى  ئالماشتۇرۇپ قويىدىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2604
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 570 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 11:43:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەخمەت قىلسۇن

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8948
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 3165 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 12:49:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۆپرەك  دوستۇم بولسا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35040
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 02:37:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
lokmanhakim يوللىغان ۋاقتى  2013-4-19 10:22 PM
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم ،تولىمۇ ياخشى بېل ...

بۇ ئەسلى ئەرەب تىلىدىن تەرجىمەقىلىنغان كىتاب  بولغاچقا چۈشەنمەك سەل قىيىن بولغان بۇلىشى مۇمكىن

‹‹ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بىرىلگەن) نېئمەتلەردىن سۇئال-سوراق قىلىنىسىلەر›› تەكاسۇر سۈرىسى 8-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9599
تۆھپە نۇمۇرى: 454
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 03:06:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

‹‹مىليون گۈل››فىلىمىنى كۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟

   ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئەلكۈيى تورىدىكى بارىلىق تورداشلار،سىلەر بىلەن تۇنجى قېتىم ئۈزەم ئەڭ قىززىقىدىغان بىر ساھەدە يۈز كۈرۈشكەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن،مۇشۇ پۇرسەتتە مىنى قولىغان ،دوسلۇرۇم  ھەم  ھەرساھە زاتلارغا رەخمەت ئېيتىۋالاي. ھەممەڭلارنىڭ تىنىغا سالامەت ئىشلىرىغا ئامەت نىسىپ بۇلىشىنى تىلەيمەن.

‹‹مىليون گۈل››فىلىمىنى كۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ئەگەر كۆرگەن بولسىڭىز ھىس قىلغانلىرىم ھەققىدە ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم.ئەڭ ئاۋال فىلىم ئىدىيىسى جەھەتتە ئورتاقلاشماقچى بۇلىۋاتىمەن.  چۈنكى ۋەزىيەتكە نىسپەتەن ئاساسىي ئېقىمغا يېقىنلاشقان تەپەككۇر يۆلىنىشىدە ئۇمۇمىي ئىلغار ئىدىيە بولغاندىلا ئورتاق ئىتقاد ئىچىدە ياشاۋاتقان ھەربىرىمىز  ئۈزۈمىزنى كونتىروللاپ ئۆزلۈك تەپەككۇرى ئارقىلىق بىرلىكتە دۇنياغا يۈزلىنەلەيمىز.

u  ‹‹مىليون گۈل››فىلىمدىن ئۆگۈنۈشكە تىگىشلىك ئىشلار.

l     چىن دوسلۇق ھەمدە ھەقىقىي ئەركەكلىك : ئەمىليەتتە ئىككىسى بىر گەپ. چىن دوسلۇق   ئەركەك دىگەن توپلامغا تەۋە تۈركۈم. بۇفىلىمنىڭ دەسلەپكى 4قىسىم بىلال ئوبرازىداچىن دوسلۇق گەۋدىلەندى دەپ قارايمەن.تۈرمىدىن چىققان كۈنى گەرچە دوستىنىڭ نامىزىغا سەل     كىچىكىپ كەلگەن بولسىمۇ،بىراق دوستىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا دىگەن سۆزلىرى مىنىڭچە ئۈلۈپ كەتكەن دوستىنىڭ  دوسلۇق ھەققىنى رازى قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن.ھەربىر كۈرۈرمەن بىلالنىڭ كىيىنكى ھاياتىنىڭ دوستى ئۈچۈن قىساس ئېلىش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايدۇ. (مىنىڭچە ھەربىر ئوغۇل بالا ئۈزىنىڭ شۇنداق ئاغىنىسى بۇلىشىنى ئويلايدۇ، شەخسەن مەن)

l          يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا ئاز بولمىغان ئەركەزاتلار ياشاپ ئۆتكەن، بىراق بۈگۈنكى شەھەرلەشكەن جەمىيىتىمىزدە ئىتائەت دىگەن سۆز قوللاشقا ئاملاشتى،بىر تارىخ ھەۋەسكارىمىز يازغان مەلۇم ئەسەردىكى مۇنداق بىر يىغىنچاقلاش ئىسىمدە ‹‹ئەرلىك جاسارەتنىڭ ئورنىنى ئاياللىق نازاكەت ئىگەللەش››. بىرنەچچە ئاي بۇرۇن نەشىردىن چىققان ھەزەرتىئەلىنىڭ   ‹‹مەن بىلەن››ناملىق پىلاستىنكىسىنىڭ ھەم شۇنامدىكى ناخشا،م   ت   ۋ نىڭ ياشلىرىمىز ئارىسىدا كۆپ قوللاشقا ئىرىشىشى ئىدىيەدە ئوغۇلبالىلىقنىڭ كۈچلۈك بۇلىشىدادەپ قارايمەن ئەلۋەتتە بۇخىل ئىدىيە ‹‹مىليون گۈل››دىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈلۈپ ئۇرۇنلانغۇسى.



2-ۋاپا:  نۇرنىڭ  ئايالىي يۇلتۇز دەسلەپتە مەرھۇم ھالاپ جۈپتىگە قارلىق تۇتۇش ئۈچۈن ئۆيدىن كۈچۈشكە ئۇنمايدۇ،بىراق بىلالنىڭ قايىل قىلىشى بىلەن پەرزەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئاندىن قۇشۇلىدۇ.

   


3-ساپ مۇھاببەت: ئەختەم بىلەن قىز دوستى ئارىسىدا ئەختەمنىڭ ئېغىزىدىن چىقىرالمىغان ئاۋارچىلىقلىرى بولسىمۇ بىراق سەلىمەنىڭ ھەرۋاقىت ئۇنى قوللاپ رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىشى ئايللارنىڭ يېرىم دۇنيالىق رولىنى يۇرۇتۇپ بەرگەن.

4-ئۈمىدۋارلىق : باھادىر تۈرمىدىن چىققاندا گەرچە ئايالىي سوتقا ئاجىرشىش ئەزرى سىۇنۇپ     بالىسى ھەم ئىسكىلاتتىكى نۇرغۇن ماللارنى ئېلىپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا ئۈمۈتسۈزلەنمەيھەممىنى ئېلىپبەدىن(0دىن)باشلىماقچى بۇلىدۇ. (رىئاللىقتىكى نۇرغۇن قىسمەتداشلىرىدەك ھاراقكەش بۇلۇپ كەتمەيدۇ)


5-رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى : شۆھرەت باي بىلەن ئەزمەت پۇل،مال ـ دۇنيا ئۈچۈنلا  ياشايدىغان،ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان ئادەملەر بولسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ ئادەم باشقۇرۇش  ئۇسۇلى ئۆزگۈچە.(ناھىيىە يېزا بازارلىرىمىزدىكى بىرقىسىم پىچىغى كەسمەيدىغان ھەم دائىملائەتە كەل دەيدىغان باشلىقلىرىمىزدىن ياخشى)


يوقارقىلار‹‹مىليون گۈل››فىلىمىدىكى مەن ياقتۇرغان كۈرۈنۈشلىرى ھەم دىئالوگلار.

        ‹‹مىليون گۈل››فىلىمىنى كۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ئەگەر پىلاستىنكا سېتىۋېلىپ كۆرگەن بولسىڭىز  ئەسلى نەشىرنى سېتىۋالدىڭىزمۇ قانۇنسىز نەشىرنىمۇ؟نىمە ئۈچۈن؟باھاسى سىزنىڭچە نەچچە    پۇل بولسا مۇۋاپىق؟ مۇشۇ سۇئاللارغا ئىنكاس شەكىلىدە جاۋاپ قايتۇرساڭلار بۇلىدۇ!

  مەن ھۆرىيەت شىركىتىگە ۋەكىللىك قىلمايمەن بەلكى‹‹مىليون گۈل›› د  ۋ د پىلاستىنكىسىغا شۇڭا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارغا جاۋاپ قايتۇرمايمەن.ھەممىىز ۋاقتىمىزنى قەدىرلەيلى.

‹‹مىليون گۈل››نىڭ 1-2-3-4- قىسىملىرىنىڭ ھەممىنى تۇلۇپ كۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەگەر 3-4-قىسىملىرى قايتىدىن پۈتۈن شىنجاڭدا پارچە سېتىلىش باھاسى20 يۈەندىن بېكىتىلىپ   سىناق تەرىقىدە بازارغا سېلىنسا سېتىۋالامسىز؟ 1-2 قىسىملىرى(پارچە باھا 55 يۈەندىن) ئىلگىرى بەلگىلىك مىقداردا تارقىتىلىپ تۈگۈگەن( بەلكىم ئۇ چاغدا ھارام نەشىر تەرەققىي قىلمىغان ئوخشايدۇ)قايتا نەشىر قىلىشقا توغرا كەلسە ھازىرچە قالدۇق ئېھتىياج ئىنىق ئەمەس،3-4 قىسمىنى شىركەت ئوغۇرلۇچە نەشىر سەۋبىدىن سېتىشنى توختۇتۇپ يىغىۋالغان.شۇڭا بۇ قېتىمقى سىناق تەرىقىدە 20 يۈەندىن سېتىلىشقا پەقەت 3-4-قىسىملار قاتناشتۇرۇلىدۇ.

نىمە ئۈچۈن سىناق دىگەندە ھۆرىيەت شىركىتى فىلىمنىڭ كىيىنكى قىسىملىرىنى سۆرەتكە ئېلىش خىزمىتىنى باشلاپ بۇلدى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ياكى  5-ئاينىڭ  باشلىرىدا  بىز  بىلەن  يۈز كۆرىشىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ قېتىملىق 20 يۈەندىن سىناق تەرىقىدە سېتىش مۇۋاپىق بولسا   بۇندىن كىيىنكى قىسىملىرىمۇ مۇشۇخىل باھادا تاقىتىلىدۇ،ئەگەر بۇ باھامۇ قۇبۇل قىلىنمىسا   

ھۆرىيەت   شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن پىلاستىنكا تارقىتىش پىلانى ھازىرچە  يوق  ئىكەن  داۋاملىق   كارۋان تورى ياكى تاللا تېلىۋىزىيەدە كۆرسىڭىز بۇلىدۇ.                           

مىنىڭچە چۇقۇم پىلاستىنكا بازىرىمىز تەرەققىي قىلىشى كېرەك.چۈنكى بۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ كەڭ بازار،نۇپۇسىمىزدىكى كۆپ قىسىم ئائىلىلەردە تور ياكى تاللا تېلىۋىزىيە ئۇمۇمىيلاشمىغان.يەنە كىلپ بۇ كىنونى كومپىتۇرنىڭ ئالدىدا ئەمەس بەلكى قانۇنلۇق نەشىردىكى پىلاستنكىنى   سېتىۋېلىپ ئائىلە بۇيىچە ئۆيدە كۈرۈشىمىز كېرەك،‹‹مىليون گۈل››فىلىمى جەمىيەت تەرەققىياتىمىزدىكى ھازىرقى زامان تۇرمۇشى ئەكىس ئەتكەن تۇنجى فىلىم ھەرگىزمۇ ئەڭ ئاخرقى فىلىم ئەمەس. ‹‹تۈرمدىن قېچىش››ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىر يۇرتىمىزغا تاقىتىلىشتىن بۇرۇن  بىزنىڭ ئۈن ـ سىن بازىرىمىزنىڭ ئاخرىقى باسقۇچى بولسا ئەمدى  ‹‹مىليون گۈل››   يېڭى باھارى بولغۇسى،كىنو كىشلەرنىڭ گۈزەللىك قارىشىنى ئىپادىلەپ بىرىدىغان بىر تۈرلۈك كەڭ   ئامىۋىيلىققا ئىگە سەنئەت.ھازىر بىزگە كىنو ئىشلەۋاتقاندىن ھۆرىيەت شىركىتىلا قالدى  . ‹‹مىليون گۈل››شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىمكى ئۇفىلىم مۇشۇ دەۋىردە ياشاۋاتقان مىليون خەلىقنىڭ نىمە يەيدىغانلىقى؟نىمە كىيدىغانلىقى؟چىرايىنىڭ قانداقلىق؟مىللىي گۈزەللىك قارىشى ھەم  ئىجدىمائىي مۇناسىۋەت،سىياىي مۇھىت قاتارلىقلارنى ساقلاپ قالىدىغان جانلق ۋاستە. .

‹‹مىليون گۈل››فىلىمىنىڭ 4-قىسىم  14:01 لۇق يېرىدە باش پىرسۇناژ بىلال دەيدىغان     مۇنداق بىر قالتىس سۆز بار‹‹مەن ھەرقانداق رىقابەتكە تەييار›› توغرا بىز بۇئىدىيەگە  ئەگىشىشىمىز قوللىشىمىز كېرەك،ئەڭ مۇھىمى ئۈزىمىزگە ئىشىنىشنى بىلىشىمىز كېرەك.  ئۆزگىلەر تەرەققىياتىدىكى يالتىراقلار بىزنى جەلىپ قىلىپ كەلدى،بىز ئۈزىمىزنى ئۇلارنىڭ     تاشلاندۇق فىلىملىرى(سودىگەرگە نىسپەتەن كىنوخانا ياكى تېلۋىزىيەدە قۇيۇلۇپ ئاللىقاچان   پايدىسى چىقىپ بولغان) ئارقىلىق ئەمەس  بەلكى  تارىخ  بېتىدىكى  ئۆز زامانىدا  ئەڭ ئالدىغا كەتكەن  بوستانلىق  مەدەنىيەتلىرىمىز   بىلەن ھاياجان ئىلكىدە پەخىرلىنىش  ئارقىلىق ھىس قىلمىز.   

ئۇلارنىڭ يەيدىغانغا بولكىسى بولسا بىزنىڭ نېنىمىز بار،ئۇلارنىڭ ھامبۇروگ بولكىسى بولسا بىزنىڭ گۈش نېنىمىز بار.10 مىليون ئۇيغۇرمۇ ھەرقانداق رىقابەتكە تەييار.

   كىنوچىلىقتا مەيلى كورىيەپەرەس، ياكى ئامىركا ياۋرۇپاپەرەس  ۋەياكى تۈركىيەپەرەس بۇلۇشىڭىزدىن  قەتتىي  نەزەر  ئۇنتۇپ  قالماڭكى  بىز جۇڭڭۇ  شىنجاڭلىق  مۇسۇلمان  ئۇيغۇر، بىزنىڭمۇ  كىنوچىلىقىمىز بۇلۇشى ھەم تەرەققىي قىلىشى كېرەك.

    ئاناتىل ــ ئاسسىلماتسىيەگە(يىمەكلىكنىڭ ھەزىم بۇلۇش جەريانى) قارشى ئىمونىتنىڭ مۇھىملىقىنى ئۇمۇمىي پىكىر ھالىتىدە ھىس قىلىپ يەتكەن بولساقمۇ بىراق مەنىۋىيەت بىز ئۈچۈن راستىنلا ئېغىر سالماقنى ئىگەللەيدۇ.     ئۈن-سىن بازىرمىزغا نىسپەتەن يىلدا مۇقىم پەقەت  بىرلا  پىلاستىنكا چىقىۋاتقانلىقى(ئابدۇكېرەم ئابلىز ئېپىزوت كېچىلىكى) بىز دۇچ كەلگەن كىرزىسنى   ئىپادىلەيدۇ.بۇ راستىنلا تارىخىمىزدا قالغۇدەك ئىش،ئاچچىق كىنايە. مەنەۋىيىتىمىز خۇددى ئۇزۇن  يىل قۇرغاقچىلىق بولغان زىمىندىكى سۇسىز ئېتىزدەك چاك-چاك..يېرىلماقتا، بىز بۇنى يۇرۇت-  يۇرۇتلارغا  ئىنتايىن  كەڭ  ئۇمۇمىيلاشقان  ئىلىكتىرونلۇق قىماخانلارنىڭ  كۇنۇپكا  تاختسىنڭ توختىماي بېسىلىشىدىن چىققان تاك-تاك....ئاۋازلاردىن ھىس قىلالايمىز ئەلۋەتتە.

ھازىرقى ئۇمۇمىي ھالەتتىن ئېتقاندا خەلىق تەلىپى يۇقۇرىي بۇلۇپ ئۆزگىلەر ئارقىلىق كىنوچىلىق  ئىستىمالىمىز بەلگىلىك يۇقۇرىي كۆتۈرۈلدى. شۇڭا بىزنى زامانغا ماس ھالەتتە ئىشلەنگەن ئۈلگە خارەكتەرلىك كۈرۈنۈشلەر يىتەكلىشىى كېرەك.‹‹مىليون گۈل››  فلىمىنىڭ  تۇنجى  قىسىم  ئېلان فىلىمىنى كۆرگەن ۋاقتىمدا روھىيەت ۋاراقلىرىم قات-قېتىدىن سۈيۈنۈپ فىلىم ئېلاننىڭ   ئۈزۈنىلا     بىرنەچچە قېتىم كۆرگەن ئىدىم.رىقاببەت ۋە ھەرخىل كىرزىسلاغا تولغان بۇ زاماندا  ئوخشاش پىكىر يۆلىنىشىگە ئىگە بۇلالىساقلا سۈيۈنچە ئىلكىدە ياشىيالايمىز، ھەقىقەت  زاماندىن  ھالقىغان ئىتقادىمىز ئۈچۈن ئېتقاندا پەقەتلا بىر. ئوغۇزخاقان قويغان خاس نامىمىزغا پىداكار بۇلىشىمىز كېرەكلىكى  كىملىكىمىزگە يىزىلغان ھايات ھەققىمىزــ قىيامەتلىك قەرەز.ئويغۇر دىگەن سۆزنىڭ   ۋەزنى ھەرگىزمۇ 6 ھەرىپنىڭ قۇشۇلشىدىن بەلكى  10 مىليون خەلىقنىڭ  بىرگەۋدىلىشىدە  ئپادىلىنىدۇ.

مەن ئىلگىرى توردىن بىر ماقالە ئۇقۇغان ئۇنى ئوغۇرلۇقچە نەشىرگە تەمسىل قىلاي:

‹‹بىر يەھۇدى ماي قاچىلاش پونكىتى ئېچىپتۇ،يەنە بىرسى ماشىنا  يۇيۇش  ئورنى، يەنە  بىرى  ئاشخانا،يەنە باشقا بىرى مىھمانىخانا،  شۇنىڭ بىلەن ئۇجاي ئاۋات بازار بۇلۇپ شەكىللىنىپتۇ.››

ئەگەر ئۇنى جۇڭڭۇلۇق دەپ تەسەۋۋۇر قىلغاندا،بىر جۇڭڭۇلۇق ماي قاچىلاش پونكىتى ئاچسا     يەنە بىرىمۇ ماي قاچىلاش پونكىتى ئاچىدىكەن،  شۇنىڭ  بىلەن  ئىككىسىدىن  بىرسى  ۋەيران بۇلىدۇ.    مەن ئۇنى ئۇيغۇر دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ باختىم.   چۇقۇم بىر ئۇيغۇر  ماي قاچىلاش  پونكىتى ئاچسا سىزنىڭچە يەنە بىر قېرىندىشىمىز نىمە ئىش قىلىدۇ؟ مىنىڭچە ئۆزەمنىڭ يۇرتىدىن  ئېلىپ ئېتقاندا چۇقۇم ساختا ماي ساتىدۇ. مانا بۇ ھازىرقى  ئىجدىمائىي رىئاللىق،ھەركىم ئۆز   قازىنىنىڭ،ئۆز تۇرمۇشىنىڭ غېمىدە.

        يۇقارقىي مىسالنى سالاھىيەت جەھەتتى مەدەنىيەت،مەنىۋىيەتكە تەمسىل قىلىشقا مۇۋاپىق بولمىسىمۇ،بىراق مەنا ئىپادىلەش جەھەتتە ئۇنۇڭدىن ياخشى مىسال تاپالمىدىم. بەش بارماقنى بىراقلا ئېغىزغا تىققىلى بولمىغاندەك ھەممە ئىش نۆۋىتىدە بۇلىدۇ.مىنىڭچە ھازىرقى نۆۋەت كىنونىڭ.تورداشلا تاپقان بۇيىلقى ئەڭ مودا سۆز‹‹ئۆزەڭنىڭ تىلىدا سۆزلە!››گە قۇشۇمچە قىلسام ئۆز تىلىلىڭدىكى كىنونى كۆر،ئۆز چولپۇنىڭنى قوللا!!!! «قول قولنى يۇيسا،قول كىلىپ  يۈزنى يۇيۇىدۇ›› .ئەمەسمۇ.

ئەسكەرتىش: مەن  ھۆرىيەت  شىركىتىگە  ۋەكىللىك  قىلمايمەن   بەلكى  ‹‹ مىليون گۈل››    پىلاستىنكىسىغا،بۇقېتىمىلق 20 يۈەندىن بازارغا سېلىشقا پەقەت 3-4-قىسمىلا قاتناشتۇرۇلىدۇ،   (سەۋەبىنى يۇقۇردا كۆرسۈتۈپ ئۆتكەن) مىنىڭچە بۇ  بىزنىڭ ئادەملەرىمىز قۇبۇل قىلالايدىغان  باھا،قوللاش-قوللىماسلىق  يەنىلا  سىلەرنىڭ  ئىلكىڭلادىكى  ئىش. ئەگەر  بۇقېتىمقى  سىناق  مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا پاتئارىدا چىقىدىغان كىيىنكى قىسىملىرى مۇشۇ باھادا تارقىتىلىدۇ، ئەگەر    يەنىلا قۇبۇل قىلىنمىسا ھۆرىيەت شىركىتىنىڭ بۇ فىلىمنىڭ پىلاستىنكا قىلىپ تارقىتىش پىلانى ئۇزاق مەزگىلگىچە يوق ئىكەن.

توپ تارقىتىش مەخسۇس لىنيەسى:

15894600441


بۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95248
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2013-4-23
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 12:13:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
谢谢你啊,好帖子不顶不行












查看洛奇英雄传新手卡,了解洛奇英雄传新手卡就上http://guoxinkeji.com

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش