مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 575|ئىنكاس: 2

تۇرمۇشتىكى پېرسوناژىڭىزنى ياخشى ئويناڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90206
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 585
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-1-17
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 04:04:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۇرمۇشتىكى پېرسوناژىڭىزنى ياخشى ئويناڭ

ئەسقەر ئەمرۇللا

     ئادەم ئۆمرىدە قايسى ئىشنى ئەڭ كۆپ قىلىدۇ؟ روھنىڭ ئوزۇقى بولغان ئۇيقۇدا چۈش كۆرىدۇ. چۈش پەقەت ئۆزىڭىزلا كۆرەلەيدىغان سىرلىق كىنو. نۆۋەتتە قانچىلىكىمىزنىڭ پىسخىلوگىيە ئاتىسى فىروئودنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئەسىرى" چۈشنىڭ تەبىرى" نى ئوقوغانلىقى ئۆزىمىزگە ئايان. ئىتالىيەنىڭ داڭلىق رىجىسورى فېلېنى " چۈش ھەقىقى رائاللىق " دەپ ئېيتقان، بۇ توغرىسىدا كۆپ توختالمايلى!
    چۈشتىن ئويغان ھالىتىمىزگە كەلسەك، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولغان، بىر ئائىلىنى بىقىۋاتقان كىشىلىرىمىز ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئۇتۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەر، خۇلۇم-خوشنا، خىزمەتداش بولۇپ مىنىڭچە يۈدەك ئادەم بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. بىزنىڭ خۇشاللىق قايغۇلىرىمىز ئاشۇ يۈز كىشىدىن كىلىدۇ، رولنى قانداق ئوينايسىز، بۇنىڭغا ياشانغان ئىقتىدار كىتىدۇ. ئەتراپىڭىزدىكى چوڭ-كىچىك ياشتىكىلەرنىڭ چوڭقۇر كۆزىتىپ، تەپەككۇر قىلساق، كىشىلىك ھاياتىمىزنىڭ ئەينەن ئۆزىنى كۆرەلمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ شولىسىنى بولسىمۇ كۆرەلەيمىز. روسسۇ "ھەممە ئادەم تۇغۇلىشدىنلا ئەركىن بولىدۇ، لىكىن كىشەن ئىچىدە بولمايدىغىنى يوق" دەپ ئىنتايىن توغرا ئىيتقان. كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئۆز-ئارا چۈشەنمەسلىك، گۇمان، ھەسەت، ئۆزىنىڭ ئاجىزىلىقى ۋە كەمچىلىكىنى ئىتىراپ قىلماسلىق ھەر ۋاقىت مەۋجۇت. كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ قابىليەت چەمبىرىكىنىڭ كىسىشكەن قىسمى بىلەن سىردىشىدۇ، قابىليەت چەمبىرىكىنى باشقىلارنىڭ ئۆزى بىلەن كىسىشكەن قىسمى بىلەن سىلىشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ قابىليىتىنى يۇقىرى چاغلاپ ، ئۆزىگە روھىي ھەركەتلەندۈرگۈچ قىلىشىدۇ.
    ھايات ئىقىنلىرىنىڭ پەيتلىك خۇشاللىقى بولغان  بەخت تۇرمۇشقا بولغان پوزىتسىيە تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. توغرا پوزىتسىيە ساغلام مۇھىت بىلەن ئىجتىھاتلىق ئۈگىنىشتىن كىلىدۇ. ئەمدى ئۆزىمىزنى دەڭسەپ كۆرسەك، ئاتا-ئانا بولماي تۇرۇپ   ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ۋاپادار پەرزەنتى بولالىدىڭىزمۇ؟ يىرىم دۇنياندىن بولغان ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىنىڭ روھىي دۇنياسىغا كىرىپ سىردىشالاۋاتامدۇ؟ پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ يىقىن دوستى بولالىدىڭىزمۇ؟ شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىڭىز خەلققە پايدىلىق ئىكەنلىكىدىن ھوزۇرلىناۋاتامسىز؟ ......ياكى زىننەتلەنگەن ئۆي، پىكاپ، سورۇن قاتارلىق ماددى قوغلىشىش مۇسابىقىسىدە يۈگرەۋاتامسىز؟ ئىپىزوتتا دىگەندەك "ئاشخانىلاردا لىق ئادەم، كىتاپخانىلار قۇپقۇرۇق"دىن روھىي بايلىق ئەڭ چوڭ بايلىققا ئۆتەيلى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-19 08:04 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77608
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3761
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-3-18
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 09:40:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19186
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7695
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 09:41:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇشتا قانداق رول ئېلىشىمىز ئۆزىمىزگە باغلىق!

غايە  يول  كۆرسەتكۇچ  نۇرلۇق چىراق!    نائىل
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش