مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 738|ئىنكاس: 5

كىشلەرنىڭ جاپاسىغا سەۋر قىلىش ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49551
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3793
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2191 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 11:29:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇ دۇنيادا كىشلەرنىڭ تىلىدىن يىراق كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلامسىلەر؟ئىشىكىنى تاقاپ تەركى دۇنيا بولغان كىشىدۇر.
  كىشلەر خاھى ئىككى يۈزلىمە بولسۇن،خاھى توغرا-دۇرۇس بولسۇن،نېمىشقىدۇر گەپ-چۆچەكتىن خالىي بولالمايدۇ.
  پەرىشتىدەك ئاسماندا ئۇچساڭ،يامان نىيەتلىك بىرى جەزمەن پېشىڭگە يېپىشىدۇ.تىرىشىش ئارقىلىق دەجىلە دەرياسىنىڭ سۈيىنى توسقىلى بولسىمۇ،يامان نىيەتلىكنىڭ تىلىنى باغلىغىلى  بولمايدۇ.
  بىر توپ نومۇسسىزلار  ئولتۇرۇشۇپ:پالانى كىشى قۇرۇق سوپى،پالانى تەمەخور دەپ غەيۋەت قىلشىدۇ.
  ئەزىز دوستۇم،سەن كىشلەرنى قويۇپ،يۈزۈڭنى ھەققە قارات.ئۇلار نېمە دېسە دېسۇن.ئاللا قۇلىدىن خۇرسەن بولسا،كىشلەرنىڭ سەندىن مەمنۇن بولغان - بولمىغىنىنىڭ نېمە ئەھمىيتى بار؟
  باشقىلارغا يامانلىق ئويلىغانلار ھەقتائالادىن خەۋەرسىزدۇر،چۈنكى ئۇلار خەلق بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن ھەقنى ئويلاشقا ۋاقت چىقىرالمايدۇ.
  بۇنداقلار بىرىنجى قەدەمدىلا خاتا يول تۇتقاچقا، ھەققە باردىغان يولنى تاپالمايدۇ ۋە بىر مەنزىلگە يېتەلمەيدۇ.
  بەزىدە ئوخشاش بىر سۆزنى ئاڭلىغان ئىككى كىشى ئارسىدا پەرىشتە بىلەن شەيتاندەك پەرق بار.پەرىشتە مىجەزلىكى ئاڭلىغان سۆزدىن نەسىھەت ئالدۇ.شەيتان روھلۇقى بولسا، ئېيتىلغان سۆزدىن قۇسۇر ئىزدەپ،نەسىھەت تەرىپىنى كۆرەلمەيدۇ.قاراڭغۇدىن باشقىنى بىلمىگەن كىشى قۇياشنى نەدىن بىلسۇن؟
  خاھى شىر بول،خاھى تۈلكە بول،نە باتۇرلۇق،نە ھىيلە بىلەن كىشلەردىن قۇتۇلالمەيسەن.
  بىر كىشى پىنھان جايغا كېتىپ كىشلەردىن يىراق ياشىسىمۇ،ئۇنى:<<بۇ ئىككى يۈزلىمە ھىيلىگەرلىك قىلىۋاتىدۇ.....ئادەمدىن خۇددى شەيتاندىن قاچقاندەك قېچىپ يۈرىيدۇ>>دېيىشىدۇ.
گۈزەل چىراي ۋە ئىللىق مىجەز بولسىمۇ ئۇنى نۇمۇسلۇق ۋە تەقۋادارلاردىن ھېسابلىماي <<ئىپەتسىز>> دىيشىدۇ.
  باينى يامانلاپ تېرىسىنى سويدۇ:<<بۇ ئالەمدە بىر پىرئەۋىن بولسا ،مۇشۇ شۇ >>دەيدۇ.
  بىرى يوقسۇل بولسا ۋە ھاجەتمەنلىكتىن قىينىلىپ زارلانسا،ئۇنى<<شو پېشانە گاداي>>دەيدۇ ۋە <<بۇ ھال ئۇنىڭ بوشاقلىقىدىن،ئۆز گۇناھى ئۆزىگە >>دەپ ئەيىبلەيدۇ.
  قول ئىلكىدە بار بىر كىشى ۋەيران بولسا،خۇشال بولۇپ ۋە بۇنى پۇرسەت بىلىپ:<<خوپ بولدى،ھاكاۋۇرلۇقىدىن يېنىغا بارغىلى بولمايتى،بايلىقىغا ئىشىنەتتى،يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈشىنىڭ چۈشۈشىمۇ بولدىغانلىقىنى ئەقلىگىمۇ كەلتۇرمەيتى>>دېيىشىدۇ.
  يوقسۇلنىڭ ئىشى ئوڭىغا تارتىپ،ھال-كۈنى ياخشىلانسا،زەھەرلىك چىشلىرىنى غىچىرلىتىپ:<<خۇدانىڭ كۆزى يوق ئىكەن،بۇ پەسلەرگە بەرگىنىنى قاررىمامدىغان>>دېيشىدۇ.
  ئىش بىلەن مەشغۇل بىرىنى كۆرسە:<<ۋاي،نېمدىگەن ئاچ كۆز،پۇلغا ئۆزى تويسىمۇكۆزى تويمايدىكەن>>دەيدۇ.كىچىككىنە ھۇرۇنلۇق قىلغاننى كۆرسە:<<تىلەمچى مىجەز،تەييارغا ھەييار،تەييار تاپ...>>دېگەن ناملارنى قويىدۇ.
  چىرايلىق گەپ قىلساڭ:<<ھەزىل-چاقچاق،داقا-دۇمباق>>،چىرايلىق گەپ قىلالمىساق<<بىلىمسىز>>دەيدۇ. سەۋىرلىك بولساڭ،<<قورقۇنچىدىن زۇۋان سۈرەلمىدى>>دەيدۇ.باتۇر ۋە شىجائەتلىك بولساڭ،<<خۇمپەرنىڭ پەيلى يامان>>دەپ قاچىدۇ.
  ئاز يېگەننى <<مىراسخورلىرىغا ساقلايدۇ >>دېسە ھالال ئەمگىكى بىلەن يەپ - ئېچكەننى <<ئاچ كۆز >>دەيدۇ.
  بىرى باي بولسىمۇ،ئاددىي-ساددا كىيىنسە،<<پىخسىق،ئۆز پۇلىنى ئۆزىدىن ئايايدۇ>>دەپ تىلىنى قىلىچتەك ئۇزارتىدۇ.لېكىن بىر كىشى بىر داچا ياستىپ،نەقىشىلەتسە ياكى كىيىنىپ يۇرسە،<<ھەشەمەتلىك بىنا ياساتتى ئاياللاردەك كىيىدى >>دەپ ئۇنى جېنىدىن تويدۇرىدۇ.
  ساياھەتكە چىقمىغانلارنى نامەردكە چىقىرىپ<<خوتۇنىنىڭ قوينىدىن چىقمايدىغان ئادەمدە ئىلىم،ھۈنەر ۋە ئارتۇقچىلىق بولسۇنمۇ؟>>دەيدۇ.بىرەر ساياھەتچىنى كۆرسە،<<سەرگەردان ئابدال،ياخشى ئادەم بولسا شەھەردىن- شەھەرگە سۈرۈلۈپ يۈرەمتى..>>دەپ تېرىسىنى تەتۇر سويىدۇ.
  بويتاقلارنى <<بۇلاردىن يېتىپ-قوپقان يەرلىرىمۇ ئاغرىنىدۇ>>دەپ ئەيىبلىسە،ئۆيلەنگەنلەرنى<<كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ئېشەكتەك بوينىغىچە پاتقاققا پاتتى >>دەيدۇ.
  ئاچچىقى يامان ئادەمنى<<سەپرا مىجەز>>دېسە،سەۋىرلىك،ياۋاشلارنى<<ئېتىبارسىز،غورۇرسىز>>دەپ ئەيىبلەيدۇ.
  بىر كىشى مەرد بولسا <<ۋاي، نېمانچە چېچىۋېتىسەن؟ئەتە ئەۋرىتىڭنى ياپقۇدەك لاتىمۇ تاپالماي ،بىر قولۇڭ بىلەن ئالدىڭنى يەنە بىر قولۇڭ بىلەن كەينىڭنى يېپىپ يۈرىيسەن>>دەپ ئەيىبلەيدۇ.
  بىر كىشى قانائەتكار بولسا،ئىقتىسادچىللىقىلىقىغا تىل تەكۈزۈپ،<<بۇ پەسمۇ ئاتىسىنى دوراپتۇ.ئۇمۇ بۇنىڭدەك يېمەي-ئىچمەي،يىغىپ-توپلاپ،ئاخىرى ھەسرەت بىلەن كەتكەن >>دەيدۇ
  سەتنى <<سەت>>دەپ غاجىسا،چىرايلىقنى<<ۋاي ئۇنىڭ ھالىنى>>دەپ كۆرەلمەيدۇ.سالامەت ماكانىدا كىم راھەت ئولتۇرالىسۇن ۋە بېشى ساق بولالىسۇن؟
   يەكۈن شۇكى كىشلەرنىڭ قولىدىن،تىلىدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس.تىلغا چۇشكەن كىشى ئۈچۈن بىرلا چارە باركى ،سەۋر قىلىش............

                                                  مەنبە:<<گۈلىستاندىن>>



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
forever1 + 10 ماڭا ھەقىقەتەن يارىدى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

سەۋر قىل !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91323
يازما سانى: 367
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 667 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 04:15:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى  توغرا گەپ بوپتۇ،  سەۋر قىلىش ئەڭ ئاقىلانىلىكتۇر،
خەق نىمە دىسە  دىسۇن،  توغرا يولدىن  ئېزىپكەتمىگەن كىشىلەر  ئەڭ ئاخىردا ئۇتۇپ چىققان كىشىلەر بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22775
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6653
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 873 سائەت
تىزىم: 2010-12-18
ئاخىرقى: 2014-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 05:11:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
intikam يوللىغان ۋاقتى  2013-4-19 04:15 PM
ناھايىتى  توغرا گەپ بوپتۇ،  سەۋر قىلىش ئەڭ ئاقىلانىلىك ...

توغرا دەيسىز...........

سۆيسەڭ سۆيىمەن جېنىمنى بېرىپ............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 882
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34537
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 567 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 05:35:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۇردانىلەر نى مەن يادلىۋالدىم. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:-ياخشى سۆز مۆئمىننىڭ يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىسىدۇر. ئۇ ئۇنى قەيەردە تاپسا شۇ يەردە ئېلىۋېلىشقا ھەقلىق!

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24093
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3830 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 05:40:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن ھەمشىرەم .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2611
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 573 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 08:48:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا دەيسىز

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش