مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 832|ئىنكاس: 15

يامغۇر ئازابى (نازۇك) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 971
يازما سانى: 1640
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15404
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 2015 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 10:09:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




يامغۇرلۇق ئاشۇ كۈن ھېلىمۇ ئېسىمدە، بىز كۆرۈشكەن شۇ كۈنى تۇيۇقسىز يامغۇر يېغىپ كەتتى. مەن سومكامدىن كۈنلۈكمنى ئالدىمدە، ئۇنى ساڭا تۇتتۇم. سەن مېنى ئاستا يېنىڭغا تاتتىڭ، بىز كۈنلۈكنىڭ ئاستىدا بىللە ماڭدۇق، كېتىۋاتىمىز، مەن بۇرۇن ئانچە نەزىرىمنى سالمىغان بۇ كوچىلار، مانا ئەمدى ياپ-يېشىل گۈزەل كوچىغا ئايلاندى. بۈگۈن بۇ كوچىدا ئىككىمىزدىن باشقا ئادەم يوقتەك شۇنداق ئەركىن مېڭىپ كېتىپ بارىمىز.شىرىلدىغان يامغۇر ئاۋازى قۇلىقىمغا مۇڭلۇق مۇزىكىنىڭ ئاۋازىدەك تۇيۇلدى، توۋا مەن بۇرۇن يامغۇرلۇق كۈنلەرنى ياخشى كۆرمەيىتتىم، ئەمدىلىكتە بۇ يامغۇرلۇق كۈنگە نىسبەتەن ئاجايىپ بىر خىل شېرىن سېزىم پەيدا بولدى، بۇ مۇھەببەتنىڭ خاسىيىتىمىدۇ.............







ئاشۇ يامغۇرلۇق كۈن ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتىنىڭ شاھىدى ئىدى، شۇنىڭدىن بېرى يامغۇردىنمۇ قوقماي كۆرىشىدىغان بولدۇق، ئوتلۇق ۋىسالغا زارىققان قەلبىمىزدىن بىر- بىرىمىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنىمىز كۆزلىرىمىزدىن ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. بىز بىر- بىرىمىزگە مۇھەببەتلىك كۆزلىرىمىز بىلەن قارىدۇق. ھەممە نەرسە شۇنچىلىك گۈزەل، ھاۋامۇ شۇنچىلىك ساپ بىلىنەتتى. بىزنىڭ شېرىن سۆزلىرىمىز تۈگەيدىغاندەك ئەمەس، سەن خۇددى مېنىڭ ئۇچۇپ كېتىشىمدىن ئەنسىرگەندەك بېلىمدىن چىڭ تۇتىۋالغان ئىدىڭ. ،مېنىڭ ، بۇ سۆيگۈمىزنى ئالەمگە تەنتەنە قىلغۇم كەلدى.






مۇھەببەتنىڭ مېھرى ئاجايىپ ئىسسىق بولىدىكەن ھە! بىز مۇزلىغىنىمىزنىمۇ بۈلمەي دېڭىز بويىدا مۈرەڭگە بېشىمنى قويغىنىمچە دېڭىزنىڭ يامغۇر يېغىۋاتقان ھالىتىنى تاماشا قىلىپ ئولتۇردۇق. دېڭىزدىن كۈۋەجەپ چىققان دولقۇنلارنىڭ ئاۋازى ، خۇددى بىزگە ئاتاپ ناخشا ئېيتىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. بىز شۇنداق تاتلىق مىنۇتلارنى ئۆتكۈزىۋاتقان پەيىتتە ، سەن ئاستا قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ، مەندىن كەچۈرۈم سورىدىڭ. مەن ھەيرانلىق ئىلكىدە ساڭا قارىدىم، سېنىڭ نىمە ئۈچۈن مەندىن كەچۈرۈم سورىغىنىڭنى بۈلەلمەي قالدىم.






سەن مۇھەببىتىمىزدىن ۋاز كېچىشنى ئېيىتقان ۋاقتىڭدا، يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم، مەن ئورنۇمدىن قانداق تۇرغىنىمنىمۇ بۈلمەيمەن، خۇدۇمنى بۈلمەي يۈگرەپتىمەن، بەلكىم سېنىڭدىن يىراقراق يەرگە بېرىپ ئاۋازىمنى قويىۋىتىپ ساراڭلارچە ۋاقىراپ يىغلىۋىلىش ئۈچۈندۇ، ياكى بەلكىم قەلبىمنى قاتتىق لەرزىگە سېلىپ ئەشەددى قورقۇنۇچلۇق سۆزلىرىڭنى قايتا ئاڭلىماسلىق ئۈچۈندۇ...... كېتىۋاتىمەن، يۈگرەۋاتىمەن، ھەممە يەر ئازاپ بىلەن يۇغۇرۇلغاندەك....
مۇھەببىتىمىزگە گۇۋاھ بولغان بۇ يامغۇرمۇ نالىلىرىمغا چىدىمىغاندەك تېخىمۇ كۈچەپ ياغماقتا، توختىماي ئاققان كۆز ياشلىرىمغا قوشۇلۇپ دەريا ھاسىل قىلىپ ماڭماقتا....






ماڭا شادلىق ئاتا قىلغان بۇ يامغۇرنىڭ،يامغۇر ياغقاندىكى شۇ شېرىن مىنۇتلارنىڭ مەڭگۈ داۋام قىلىشىنى، يېقىملىق ناخشىدەك ماڭا ئارام- بەخىش ئېتىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم. لېكىن بۇ شادلىق مەندىن بارغانسىرى يىراقلاپ كەتتى، مەن يالغۇز قالدىم. شادلىقتىن كۈلگەن شۇ تۇيغۇلار مەندىن بارغانسىرى يىراقلاپ بارماقتا. كۆزۈمدىن يامغۇر بىلەن تەڭ ياشلار قۇيۇلۇشقا باشلدى، مەن ئۆزەمنى بۇ ئازاپلاردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يامغۇر سۈيىگە چېلىنىپ تۇردۇم، شۇ يامغۇر سۈيى بىلەن قەلبىمدىكى شۇ ئازاپلىرىمنىڭ تەڭ يۇيۇلىشىنى ئارزۇ قىلدىم. ئۈستۈمگە تامچىغان يامغۇردىن توڭلاپ شۈمشەيسەممۇ، سېغىنىشنىڭ ئازابى بۇ توڭلاشلارنى بېسىپ كەتتى. مەيلى مەن سەن ئۈچۈن توڭلاشقا رازى، سەن بىلەن ئۆتكەن شۇ ئەسلىمىلەر ئۈچۈن مەڭگۈ مۇشۇنداق تۇرۇشقا رازى.






مەن خيال قىلىۋاتىمەن، يامغۇردا يىراقلارغا نەزەر تاشلاۋاتىمەن، يامغۇرنىڭ تەبىئەتكە ئاتا قىلغان گۈزەللىكىدىن ھوزرۇ ئېلىۋاتىمەن، يەنە سىېنىمۇ ئەسلەۋاتىمەن، شۇ گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئەسلەۋاتىمەن، سەنمۇ ئەسلەۋاتامدىغانسەن....
مەن ھازىر يامغۇردا يالغۇز يۈرۈپ كۆنۈپ قالدىم، ھىچقىسى يوق، ئىنسان نىمىگە كۆنمەيدۇ دەيسەن. مەن ھەممىگە كۆندۈم ، يەنە ھەممىنى چۈشەندىم، سەن ئۆزۈڭنىڭ بەخىتسىزلىكىڭنى ماڭا تاڭغۇڭ كەلمىدى، مېنىڭمۇ بەخىتسىز بولۇپ قېلىشىمنى خالىمىدىڭ، مېنىڭ بەخىتلىك بولۇشۇم ئۈچۈن ئۆزۈڭنى مەندىن تاتتىڭ، لېكىن بىلسەڭ ئىدىڭ، سەن مېنىڭ بەختىم ئىدىڭ، لېكىن سەن خالىمىدىڭ






سېنى سېغىنىۋاتىمەن ، شۇ تاپتا يامغۇردا ھۆل بولغان ئۈستىبېشىم بىلەنمۇ پەرۋايىم پەلەك. سەن بۇنى ھېس قىلالارسەنمۇ...
كۆز ئالدىمدا غايىۋانە خياللار بىلەن سەن بىلەن سىردىشىۋاتىمەن. يەنە، ئوتلۇق سۆيۈشنىڭ تەپتى كەتمىگەن لەۋلەر بىلەن تاتلىققىنا كۈلۈۋاتىمەن ...........
لېكىن ھايات يەنە داۋاملىشىۋىرىدىكەن، مەنمۇ قەدەملىرىمىنى ئاستا ئېلىپ كەلگۈسىگە قاراپ مېڭىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن، ئازاپلارنىڭ روھىمنى ئاستىن- ئۈستىن قىلىشىنى خالىمايمەن. ئاچچىق ئازاپ ھاياتنىڭ ئېكىكى ئىكەن، مەن تاغلارنى تالقان قىلغۇدەك ئىرادە ، قەيسەرلىك بىلەن ئۆزۈمگە يول ئاچىمەن، مۇھەببەتتىن ئازار يېگەن كۆڭلۈمنى ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە مېھرىبانلىق قىلىش ۋە نۇرغۇن ساخاۋەتلىك ئىشلارغا قارىتىمەن.



نازۇك..................





ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tamken + 300 تەسىرلىك چىقىپتۇ.
XERHAN + 111 نازۇكقىز خۇش كەپسىز !
پەرى + 300 لىرىك چىقىپتۇ..ھارماڭ .
ئۆل + 200 ئېسل .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 911   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41116
يازما سانى: 817
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12885
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 11:59:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەسىرىڭىزنى ئوقۇۋېىتىپ تاتلىق بىر خىيال مېنى قاياقلارغىدۇر ئېلىپ كەتتى . چىن يۈرەكتىن تامغان ھاياجانلىق تۇيغۇلار ئۈزۈلۈپ قالمىغاي

قەلەمىي بېلوگى

ئەسەرلىرىمدىن زوقلىنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىمگە ھۆرمەت قىلىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75511
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4583
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 807 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2014-12-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 12:46:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3025
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5939
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2541 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 12:49:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈنۈگۈن ياغقان يامغۇردا مەنمۇ شۇنداق شىرىن ئىزگۈخىيال ئىچىگە شۇڭغۇپ كەتكەنىدىم ، يامغۇرغا چىلىشىپ تازا  تاماشا قىلىۋاپتىمەن  لېكىن سىز يامغۇردىن خوشاللىق ئەمەس بەلكى ئازاپ ئىزلەپسىز ئەمەسمۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ap~qilam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-19 04:52 PM  


باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئوقۇتقۇچى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48789
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5724
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 732 سائەت
تىزىم: 2011-7-22
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 12:57:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز خاسىيەت سامىلاق (يالپۇز) شۇمۇ ؟  
ماۋۇ ئەسەر يېزىشىڭىز  ئەجەپ ئوخشاپلا تۇرىدا ،،،

ئۇلارنىڭ جاينامازدا ئىمانى، ئەل ئالدىدا ۋىجدانى، يۈرىكىدە پىغانى، سەپ ئالدىدا مەيدانى، تىغ ئالدىدا تەن- جېنى، تومۇرىدا دولقۇنلۇق قېنى  ھاياتىدا ئۆلۈم ھەم شان- شەرىپى نېسى ئىدى

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 02:16:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي نىمانداق ئېسل چىقتى بۇ ..ئاجايىپ شېرىن لىرىكا بوپتۇ ..مۇزىكىنىڭ كەپ كەتكىنى تېخى ..راسلا قالتس ..بەكلا ياقتۇردۇم ..

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 758
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6716
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1078 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 02:28:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ياخشى يىزىپىسز بولسا چۇشۇركىدەك قىلىپ يوللىغان بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10176
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2328 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 05:30:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئىسىل چىقىپتۇ ئەسىرىڭىز چەكسىز ھۇزۇرلاندىندىم  مۇزىكىمۇ بەك ماس كەپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12642
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 06:00:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا لېرىك ئىسىل چىقىپتۇ، ھەر بىر رەسىمدىن شۇ قۇرلار ئۆزلىكىدىن مۇزىكىغا تەڭكەش بوپ، مۇڭلۇق ئاۋازدا سۆزلەۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى.
بۇ يامغۇردىكى يۈرەك تىۋىشلەر بەك ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ.

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91024
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 427
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 168 سائەت
تىزىم: 2013-2-2
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 08:04:01 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ  نىمدىگەن ھىسسياتلىق  سۇرەتلەر بەك ياخشى ماسلاشتۇرۇلۈپتۇ،،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش