مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1485|ئىنكاس: 22

بەگزات: ئىچىمنى ئاچچىق قىلغان خاتىرىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73725
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5000
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 474 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 09:23:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئىچىمنى ئاچچىق قىلغان خاتىرىلەر


بەگزات


        مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىلا كۆڭلۈمدە بىر سەپەر ئىشتىياقى قوزغالدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان بېرىپ باقمىغان ئانا يۇرتۇمنى سېغىنش ھېسسىياتى بىلەن بۇ ئىشتىياق تېخمۇ كۈچەيدى، نىھايەت سەپەرگە ئاتلاندىم. 2013 – يىلى 12 –يانۋار چۈشتىن كېيىن قەشقەر ئايرىدرۇمىدا ئىنىم ئىككى ئاغىنىسى بىلەن مېنى كۈتىۋالدى. ئاقۇچ توپىلار لەيلەپ تۇرغان ئاسماندا قۇياش نۇرى غۇۋا كۆرۈنسىمۇ ھاۋا سوغۇق ئەمەس ئىدى. ئانا يۇرتۇمنىڭ تونۇش سىماسى كۆز ئالدىمدا نامايان بولۇشىدىن ھاياجانلاندىممۇ قانداق ئىنىم بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىۋاتقىنىمدا كۆز چاناقلىرىمدا ياش پايدا بولدى. ئىنىمنىڭ ئاغىنىسىنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ شەھەر ئىچىگە يۈرۈپ كەتتۇق. ماشىنا قەشقەر شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئاقىدىغان تۈمەن دەرياسى بىلەن دەريا بويىدىكى تۈمەن كۆل(قەشقەرلىكلەر دۇڭخۇ كۆلى دەپ ئاتايدۇ) نىڭ تار يېرىگە سېلىنغان ئۇزۇن كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋاتقاندا قەشقەرنى ئېچىۋېتىلگەن شەھەر قىلىش ئۈچۈن دەريا ۋە كۆل بويىغا سېلىنىۋاتقان قۇرلۇشلار ۋە كۆلنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىكى قەشقەرنىڭ قەدىمىي قۇرلۇش مەدەنىيەتىنىڭ سىمۋۇلى سۈپتىدە ساقلىنىپ قالغان كوزچى يار بېشى مەھەلىسى ئېنىق كۆرۈندى. گەرچە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىسەممۇ قەشقەرنىڭ ئېچىۋېتىلگەن شەھەربولۇپ قۇرۇلغانلىقىنى، شەھەر ئىچىدىكى نەچچە يۈز يىللىق تارىخنىڭ جانلىق شاھىتى بولغان قەدىمىي كوچا ۋە ئۆيلەرنىڭ يېڭىلاپ سېلىنىشقا باشلىغانلىقىنى، قەشقەرشەھرىنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنىڭ شەھەر قۇرلۇشى پىلانىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، مۇشۇپىلاننىڭ ئىجراسى سۈپتىدە كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئانا يۇرتۇم، يەنى قەشقەر شەھىرى بىلەن قەشقەر شەھرىگە ئون ئالتە كىلۇمىتىر كېلىدىغان قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدىغان ئوغۇساق يېزىسى دۆلەتنىڭ شەھەر قۇرلۇش پىلانىغاكىرگۈزۈلۈپ ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋەردار ئىدىم.

ماشىنا ئۇچقاندەك مېڭىپ كىچىك چاغرىمىزدا تولا تاشقىن بولىدىغان، لېكىن ھازىر سۈيى قۇرۇپ كىتىپ پەقەت كىچىكرەك بىر ئۆستەڭلىكلا سۇ ئېقىۋاتقان قىزىل دەرياسىنى (يەنى قەشقەردەرياسى) ئارقىدا قالدۇرۇپ پاختەكلى يېزىسى بىلەن ئوغۇساق يېزىسىنىڭ تەبئىي پاسىلى بولغان تەلۋەچۈك دەرياسىنىڭ «بىلىقلىق كۆۋرۈكى» دېيىلىدىغان كۆۋرۈكىگە كەلگەندە توختىدى. ئەسلىدە قەشقەر شەھىرىدىن قەشقەركوناشەھەر ناھىيەسىگە چىقىدىغان ئادەملەرنىڭ كىملىكى تەكشۈرىلىدىكەن. شۇڭا بىزمۇ ماشىندىىن چۈشۈپ باشقا ئادەملەر بىلەن بىرگە قاتار تېزىلىپ قاڭالتىردىن ياسالغان ۋاقىتلىق تەكشۈرۈش ئۆيىنىڭ دىرىزىسى ئالدىغا كېلىپ كىملىكىمىزنى تەكشۈرتتۇق. كىرىلىپ ئولتۇرغان كۆرەڭ ساقچىلار كىملىكىمىزنى قولىمىزدىن سىلكىپ ئېلىپ تەكشۈرۈش ئەسۋابىغاسۈركەپ بولۇپ يەنە قوپاللىق بىلەن قايتۇرۇپ بەردى. بۇ ئەھۋال مەن ئۈچۈن ھەيران قالارلىق ئەمەس ئىدى. مەن ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا ماڭغان يىلى مۇشۇ كۆۋرۈك بېشىدا يولغا قويۇلغان بۇنداق تەكشۈرۈشلەر بەش يىل كېيىنمۇ يەنە داۋاملىشىۋاتاتتى. بىرلا ئوخشىمايدىغان يىرى ئىلگىرى ساقچىلار ئاپتۇبۇسقا چىقىپ ياكى كىچىك ماشىنىلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئادەملەرنى چۈشۈرمەيلا تەكشۈرەتتى، ياكى ئۆزلىرى گۇمانلىق دەپ قارىغانلارنى ئايرىپ تەكشۈرەتتى. ئەمدىلىكتە بولسا ئادەملەرنىڭ ھەممىسى تولىمۇ يۇۋاشلىق بىلەن ساقچىلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزلىرىنى تەكشۈرتىۋاتاتتى. بەش يىلدىن بۇيان قەشقەر شەھىرىدىن قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىگە ياكى قەشقەر كوناشەھەرناھىيەسدىن قەشقەر شەھرىگە قاتناپ خىزمەت قىلىدىغانلار ياكى تىجارەتچىلەر كۈندە دېگۈدەك قەشقەر شەھرىگە كىرگۈچە تىكەنبېشى دېيىلىدىغان يەردە، قەشقەر شەھرىدىن چىقىپ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىگە كىرگۈچە مۇشۇ بىلىقلىق كۆۋرۈكىدە كىملىك تەكشۈرىتەتتى. بۇ خىل تەكشۈرۈشتىن ساقچى تەرەپ بىرەر نەتىجىگە ئېرىشتىمۇ؟ ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق تەكشۈرۈشلىرى بىلەن قەشقەرنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ كىشىلەر رازى بولدىمۇ؟ لېكىن ھەق گەپنى قىلغاندا بۇ خىل تەكشۈرۈشلەر كىشىلەرنى تولىمۇ بىزار قىلغانىدى. كىشىلەرنىڭ چىرايىدىن نارازىلىق ئالامەتلىرى ۋەئېغىزلىرىدىن نارازىلىق گەپ – سۆزلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. دۆلەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ساقچىلىقتىن ئىبارەت بۇ ھەيۋەتلىك كەسپنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ قالغان نۇرغۇنلىغان تولۇق ئوتتۇرا ۋە تىخنىكۇملارنى پۈتتۈرگەن «ساقچىلار» تولىمۇ كۆرەڭ ۋە تەكەببۇر ئىدى.

     ئۆچرەتتە تۇرۇپ تەكشۈرۈشنى تۈگىتىپ ماشىنىغا چىقتۇق. ماشىنا مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، لېكىن ئەمدىلىكتەئەسلىدىكى تۇرقىدىن ھېچقانداق ئىزنا قالمىغان ھەممە يەردە دېگۈدەك  قۇرلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئوغۇساق يېزىسىنىڭ ئوتتۇرىسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان 314 – دۆلەت تاش يولىنى (كىشىلەر جۇڭگۇ پاكىستان تاشيولى دەپ ئاتايدۇ) بويلاپ كوناشەھەر ناھىيەسىگە يۈرۈپ كەتتى.  

    ئىنىم مېنى ناھىيەمەركىزىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان ئاھالىلەر ئولتۇراق رايۇنىدىكى بىربىنانىڭ تۆتىنچى قەۋىتىگە باشلاپ چىقتى. تەخمىنەن 50 كىۋادىرات مېتىر چوڭلۇقتىكىبۇ ئۆي بىزگە ۋاقتىنچە ئولتۇرۇپ تۇرۇش ئۈچۈن بېرىلگەن ئۆي ئىكەن. ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ قىزغىن پاراڭ بىلەن كۈننى كەچ قىلىپ ئۇخلاش ئۈچۈن ياتتىم، لېكىن ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس. ئۆيدىكىلەرنىڭ بىر – بىرىگە گەپ بەرمەي ماڭا چۈشەندۈرگىنىدىن قارىغاندا كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرگە بىز كىچىكىمىزدە قوي باقىدىغان جاڭگالغا يېقىنبىر جايغا ئىككى قەۋەتلىك داچىلار سېلىنىۋېتىپتۇ. قارىغاندا ئۇزۇن يىللار يە رتېرىپمۇ قولى تۈزۈكرەك پۇل كۆرمىگەن، ئايىغى چىقماس ھاشار ۋە ئالۋان – ياساقلار تۈپەيلىدىن تېخىچە ھاللىنالمىغان دېھقانلار دۆلەتنىڭ بۇ قېتىمقى شەھەر قۇرلۇش پىلانى تۈپەيلىدىن ئۆي ۋە يەرلىرىدىن ئايرىلىپ دۆلەتتىن بەرگەن باغلام – باغلام تۆلەم پۇلىغا ئېرىشىپ راستىنلا گاڭگىراپ قالدىمۇ ياكى پەقەت كىنولاردىلا كۆرەلەيدىغان ئىككى قەۋەتلىك داچىلاردا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان دېھقانلار ئەس– ھۇشىنى يوقىتىپ قويدىمۇ؟ بۇنداق دېسەك ئەلۋەتتە دېھقانلارغا ئۇۋال قىلغان بولىمىز. پارتىيە ئىچىگە سوقىنىپ كىرىۋالغان قايسىدۇر بەتنىيەتلەرنىڭ شالىلىرىنى چاچرىتىپ تۇرۇپ قورقاق سېلىشى بىلەن دېھقانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە ھېچقانداق سۆز قىلالمىغانلىقى، «بىز بىلەن قارشىلاشساڭلار پارتىيە ۋەھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىققان بولىسىلەر» دەپ تەھدىت سېلىشلىرى بىلەن يەر بەرمەي پۇل بەرسىمۇ ئۈندىمەي ئالغانلىقى، ھەتتا ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان دېھقانلارنىڭ «سىياسەتكە قارشى چىققان» دەپ قارىلىپ ساقچىخانىغا سولاپ قويۇلغانلىقىنى بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئاڭلىدىم. دېھقانلارغا ئىككى قەۋەتلىك داچا ئەمەس بەلكى تىرىلغۇ يەر كېرەكلىكىنى ئاڭقىرالمىغان نادان كادىرلارنى نېمە قىلىش كېرەك؟ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈش سىياسىتىگە بوي سۇنۇپ ئۆي ۋە يەرلىرىنى بىكارلاپ بەرگەن، ئاقىۋەتتە بىر نەچچە بەتنىيەت كادىرنىڭ پوپۇزاقىلىشلىرى  بىلەن تىرىلغۇ يەرلىرىدىن قۇرۇق قالغان بىچارە دېھقانلارنى يەنە ئەيىپلەش كېرەكمۇ؟ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ توغرا سىياسەتلىرى بىلەن ئوينىشىپ، دېھقانلارنىڭ تەقدىرىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتكەنلەردىن ھېساپ ئالىدىغانلار يوقمۇ؟ ئەزەلدىن ئاچچىق توپىغا مىلىنىپ ياشايدىغان، يەرگە چۈشكەن ناننىڭ ئۇۋىقىنى پۈۋلەپ ئاغزىغا سالىدىغان، بېشى پاتقۇدەك ماكان، ئۇچىسى پېيىنغۇدەك كىيىم، قورسىقى تويغۇدەك تائام بولسىلا شۈكرى قىلىدىغان بىچارە دېھقانلارنى ئىككى قەۋەتلىك داچىغا كۆچۈرۈش بىلەن ئۇلارنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزگىلى بولامدۇ؟... مۇشۇنداق ئايىغى چىقماس خىياللار بىلەنقاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمىدىم.

ئەتىسى ئىنىم ۋە باشقا ئاغىنە بالىلار بىلەن قەشقەر شەھرىگە كىردۇق. بۈگۈن قەشقەر شەھرىنىڭ بازار كۈنىئىدى. مۇڭسىراپ تۇرغان ھېيتىگاھ جامەسىنىڭ ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ قەشقەرشەھرىنىڭ ئۆزگەرتىپ سېلىنغان كونا كوچا ۋە ئۆيلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن ئارقا ئوردا دەپ ئاتىلىدىغان كوچىغا كىردۇق. بەش يىلنىڭ ئالدىدا مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن «ساچ مەدرىسى» دەپ خەت يېزىلغان ۋىۋىسىكا ئەسلى ئورنىدا كۆرۈنمەيتى. قاراخانىيلاردەۋرىگە مەنسۇب بولغان بۇ مەدرىسىنىڭ گەرچە خارابىسى ساقلىنىپ قالمىغان بولسىمۇ ئەسلى ئورنى نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئارقا ئوردا كوچىسىدا خەلقىمىزنىڭ كۆزى ھەم ئىڭىدا ساقلىنىپ قالغانىدى. ئەپسۇس، بۇ قىتىمقى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش بۇ مەدرىسنىڭ ئورنىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا خاتىرە قىلىپ قالدۇرۇش ئارزۇيىمىزنى بەرپات قىلىۋەتكەنىدى. يەنە مۇشۇ كوچىنىڭ ئارقىسىغىراق جايلاشقان، قاراخانىيلار دەۋرىگە مەنسۇب بولغان 900 يىللىق تارىخقا ئىگە مەسچىتمۇ «يېڭىلاپ» سېلىنغانىدى.

       قەشقەر شەھرىدىكى كونا قۇرلۇشلارنى يېڭىلاپ سېلىش ئاڭلىماققا كىشىنى خۇشال قىلسىمۇ لېكىن بۇ يېڭىلاشنىڭ نەچچە ئەسىرلىك تارىخىمىز ۋە مەدەنىيەتىمىزنى تامامەن غايىپ قىلىش بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى، مۇشۇ يېڭىلاپ سېلىش بىلەن قەشقەرنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرئۇسلۇبىدىكى تارىخى ئىزنالىرىنىڭ يوقالغانلىقىنى، مۇشۇ يېڭىلاپ سېلىش بىلەن تەڭ ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئەسلىمىسىدە ئەجدادلىرىنىڭ تارىخى ئەستىلىكلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆچۈپ كىتىدىغانلىقىنى، مۇشۇ يېڭىلاپ سېلىش بىلەن قەشقەرنىڭ سەلتەنەتلىك ئۆتمۈشىگە گۇۋاھ بولغۇچى تالايلىغان كوچا ۋە قۇرلۇشلارنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخىي ھەم مەدەنىي قىممىتىنى يوقۇتىدىغانلىقىنى، مۇشۇ يېڭىلاپ سېلىش بىلەن قەشقەرنىڭ قەدىمي تارىخىي شەھەرلىك سۈپتىگە خېلىلا نۇقسان يېتىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

        13 – يانۋار چۈشتىن كېيىن ئاغىنە بالىلار بىلەن خوتەنگە قاراپ يولغا چىقتۇق. دۇنياغا داڭقى كەتكەنخوتەن قاشتىشىنىڭ ئەسلى ماكانى بولغان يۇرۇڭقاش دەرياسىنى كۆرۈش ئارزۇيۇم 14 –يانۋار ئەمەلگە ئاشتى. دەريانىڭ تار كۆۋرۈكىدىن ئالدىرىماي ئۆتۈۋاتقان ماشىنا ۋە ئادەملەرگە قارىغاندا سۈيى تاتىلغان دەريادا تاش كولاۋاتقان ئادەم ۋە توپائىتتىرىش، توپا قىزىش ماشىنىلىرى كۆپ ئىدى. بىزمۇ قىزىقىپ دەرياغا چۈشتۇق. قىرى –ياش، ئەر ئايال، ئوغۇل – قىز ئارلاش ھالدا تاش كولاۋاتقانلارنىڭ بىزگە قاراشقا ھەپسىلىسى يوق ئىدى. شىغىللىق دەريا قىرىدا ئۆمىلىپ تاش ئىزدەۋاتقان ئاق ساقاللىق بوۋاي، قولىدىكى ساختا قاشتىشىنى ماڭا ساتماقچى بولۇپ ئارقامغا كىرىۋالغان، كۆپكۈك ماڭقىسى ئىقىپ تۇرغان بالا، يۈزىنى يۆگىۋىلىپ ئېرى بىلەن تاش ئىزدەۋاتقان ئايال،دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان توپا قىزىش ماشىنىسى بىلەن تاش كولاۋاتقانلار ئاجايىپ بىر مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

شۇ پۇرسەتتە بىر نەچچە تاش كولىغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. قاشتىشى كولاپ مىليۇن – مىليۇنلاپ پۇل تاپقانلارنىڭ ھېكايىسىنى، يەنە شۇ قاشتىشى كولايمەن دەپ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىۋەتكەنلەرنىڭ ئىچىنىشلىق سەرگۈزەشتىسىنى باشقىلاردىن ئاڭلىدىم. قاشتىشى تېپىپ قالسا شۇنى سېتىپ  ئاتا – ئانىسىنى ھەرەمگە يولغا سالماقچى بولغان ياش بالىلارنى، ئالىي مەكتەبتە ئوقۇۋاتقان بالىلىرىنىڭ خىراجىتى ھەل بوپ قالارمىكىن دەپ قاشتىشى كولاۋاتقان ئاتا –ئانىلارنى، قىمارئويناپ مال – مۈلۈكلىرىنى ئۇتتۇرۇپ تۈگىتىۋەتكەن نوچىلارنىڭ قاشتىشى تېپىپ يەنە قىمار ئويناپ ئۇتتۇرىۋەتكەنلىرىنى قايتۇرىۋالماقچى بولغانلىقىنى، ئاتا- ئانىسىغا ئېغىرچىلىق سالماي، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانئۆسمۈرلەرنى كۆرۈپ ۋە ئۇلارنىڭ نەچچە يىلدىن بىرى تاش كولاپمۇ بىرەر تال قاشتىشى تاپالمىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئويلاپ قالدىم. قاشتىشىغا شۇنچە ئۈمىت باغلىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارزۇسىغا يېتىشى ناتايىن ئىدى. ئەگەر مۇشۇ كىشىلەرنىڭ ئازدېگەندىمۇ يېرىمى باشقا كەسپ ياكى ئىش ئوقەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسا نەچچە يىللاپ دەريادا قۇرۇق ئاۋارە بولۇشتىن ساقلىنىپ قالغان ۋە بىرەر تىرىكچىلىكنىڭ يولىنى تاپقان بولاتتى.

     جىددىي قايتىشقا توغراكەلگەچكە 15 – يانۋار خوتەندىن قايتىپ كەچكە يېقىن قاغىلىق ناھىيە بازىرىغا كىردۇق. قەشقەردىن خوتەنگىچە بولغانبېرىش مۇساپىمىزدە ھېچقانداق كىملىك ياكى باشقا تەكشۈرۈشلەر بولۇنمىغانىدى. لېكىنقايتىش سەپىرىمىزدە قاغىلىق بازىرىغا كىرىشتىن ئاۋۋال بىر يىرىم سائەت ئۆچرەتتە تۇرۇپ كىملىك تەكشۈرتتۇق. بىر كىچىنى قاغىلىق ناھىيە بازىرىدا ئۆتكۈزۈپ ئەتىسى چۈشۋاقتى بىلەن قەدىمي ئاستانە يەكەنگە كەلدۇق ۋە يەكەن كونا شەھەردىكى تارىخىئىزلارنى زىيارەت قىلدۇق. سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئوردا خارابىسى سۈپتىدە قايتىدىن سېلىنىۋاتقان قۇرلۇش نېمە ئۈچۈندۇر توختاپ قالغانىدى. خانىش ئاماننىساخان ۋەسەئىدىيە خانلىقىنىڭ خان جەمەتىنىڭ قەبرىلىرىنى ھەم چىلتەنلىرىم مازىرىنى زىيارەت قىلدۇق. چىلتەنلىرىم مازىرىدىكى ھەر خىل تۇغ ئەلەملەر، سوپى  - ئىشانلارنىڭ ناماز ئوقۇماي مازارغا چوقۇنۇپئىبادەت قىلىشلىرى، كىشىلەرنىڭ سەدىقىلىرىگە تەمەگەر بولۇپ ئولتۇرغان تىلەمچىلەر،ھايۋانلارنىڭ باش سۆڭەكلىرى ۋە رەڭگاراڭ رەختلەر ئېسىلغان بىر مازارنىڭ ئالدىدائوت قالاپ ئولتۇرغان نەشىكەش دەرۋىشلەر، شۇ دەرۋىشلەرنىڭ ئالدىغا پۇل تاشلاپ دۇئا ئېلىۋاتقان كىشىلەر، بوش قەبرىدە سوغۇقتىن تىتىرەپ ئولتۇرۇپ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىۋاتقان ياش سوپى، يۈزلىرىنى يۆگىۋېلىپ زىيارەتكە كەلگەن كىشىلەرگە ھال ئېيتىۋاتقان ئاياللار بەئەينى تارىخىي خاتىرىلەردە خاتىرىلەنگەن ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ جاھالەتلىك دەۋرلىرىنى ئەسلىتەتتى.

خوتەن سەپىرىدىن قايتىپ كەلگەن كۈنىنىڭ ئەتىسى ئۆينىڭ تېمىغا چاپلانغان ئىككى ۋاراق رەڭلىك قەغەزگە كۆزۈمچۈشتى. بۇ كوناشەھەر ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە پايدىسىز گەپ ۋە ئىش قىلغانلار، دىندىنپايدىلىنىپ قالايمىقانچىلىق چىقارغانلار، بالا ئوقۇتقانلار ۋە كونا قوليازما كىتابلارنى ساقلىغانلارنى ھۆكۈمەتكە چېقىپ بەرگەنلەرگە بېرىدىغان مۇكاپاتنىڭ سوممىسى يېزىلغان ئۇقتۇرۇش ئىدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆزۈم چوڭ بولغان يۇرتۇم ئوغۇساق يېزىسىغا كەلدىم. يېزىنىڭ مەن بىلىدىغان قىياپەتلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان،رەتلىك سېلىنغان بىنالار، سودا سارايلىرى، خەنزۇچە ئىسىم قويۇلغان كەڭرى كوچىلار ئىچىمنى بىر خىل ئاچچىق قىلىۋەتتى. چۈنكى بۇ يېزىنىڭ ئىسمى ۋە  يېزىدىكى كەنت مەھەلىلەرنىڭ ناملىرىدىن تارىخنىڭئەكسىنى كۆرگىلى بولاتتى. يەنى ئوغۇساق دېگەن ئىسىمنىڭ ئوغۇز ۋە ساك قەبىلىلىرىبىلەن بىرەر تارىخى باغلىنىشى بارلىقى ئېنىق ئىدى. چۈنكى ئوغۇساققا يېقىنجايلاردىن توققۇزاق، ئىنساق، ساقساق دېگەن جاي ناملىرىمۇ ساك قەبىلىسىنىڭ نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىدى. يەنە ئوغۇساق يېزىسىنىڭ  يۇقىرىقى ئوغۇساق كەنت تەۋەلىكىدىكى ئوردىرىق(ئوردا ئېرىق) مەھەلىسىنىڭ نىڭ بىرەر خانلىقنىڭ ئوردىسى بىلەن، مېنىڭ ئۆيۈيۈم جايلاشقان تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتى تەۋەلىكىدىكى قىغزىرىق (قىرغىز ئېرىق) مەھەلىسىنىڭنىڭ قىرغىزلار بىلەن، ئاغچام پاشا مەھەلىسىنىڭ پاشاھلارنىڭ ئاغچىلىرى، يەنىپادىشاھلارنىڭ خانىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى، غوجىلا كەنتىنىڭ غوجىلاربىلەن، پاچىيە كەنتىنىڭ تارىختا يۈز بەرگەن بىرەر ئۇنتۇلماس قانلىق پاجىئە بىلەن، ھىلاكۇكەنتىنىڭ چىڭگىزخان ئوغلانلىرىدىن بولغان ھىلاكۇ ئىسىملىك خان بىلەن، ئويباغ كەنتىنىڭ تارىختا ياسالغان بىرەر مەشھۇر باغ بىلەن مۇناسەۋەتلىك بولۇشى ئىھتىمالغا يېقىن ئىدى. يەنە مۇسۇما، قاقۇلا قاتارلىق مەنىسىنى بىز بىلمەيدىغان كەنت ناملىرىنىڭمۇقەدىمكى ئۇيغۇر (ياكى تۈرك) تىلى، سانسىكىرت تىلى ھەم ساك تىللىرى بىلەن بىرەرباغلىنىشى بارمىكىن دەپ ئويلايتىم. ئەپسۇسكى بۇ تارىخى ناملار شەھەر قۇرلۇش ىپىلانى بىلەن بىراقلا ھۆكۈمەت تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈلگەن، بۇ ناملارنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان خەنزۇچە سودا ساراي ئىسىملىرى، يول ناملىرى ئالماشقانىدى. ھەممىدىن قىزىققارلىقى ھەم تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى كۆپ قىسىم دىھقانلارنىڭ ئاغزىدا «بىزنى گۇاڭجۇدىن باشقۇرىدىكەن» دېگەن گەپنىڭ ئېقىپ يۈرگىنى ئىدى. چۈنكى ئوغۇساق يېزىسىنىڭ ئاھالىلىرى كۆچۈرۈلگەن يەرلىرىگە گۇاڭجۇ شەھرىنىڭ نامىدا نۇرغۇنلىغان ئولتۇراق بىنالىرى، سودا سارايلار ۋە زاۋۇتلار سېلىنىۋاتاتتى.

18 – يانۋار مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مەقبرىسىگە زىيارەتكە چىقتىم. سايباغ يېزىسى بىلەن ئوپال يېزىسىنىڭ ئارلىقىدىكى«ئالۋاستىنىڭ ئۈزۈكى» دېيىلىدىغان چۆلگە يېڭىدىن قۇرلۇشلار سېلىنىۋاتاتتى. پولات تۈۋرۈكلەرگە ئورنىتىلغان رەڭلىك ۋېۋىسكىلاردا «گۇاڭجۇ شەھەرچىسى» دېگەن خەت ئېنىق كۆرىنىپ تۇراتتى. قارىغاندا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تاجىكىستان رىسبۇبلىكىسى (ھازىرقى تاجىكىستان)، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق مەملىكەتلەرگە چىققىلى بولىدىغان، ھەجگە ماڭغۇچىلار ۋە سودىگەرلەر تولا قاتنايدىغان بۇ يولنىڭ  مۇشۇ بۆلىكىدە ئىلگىرىكى چاغلاردا كۆپلىگەن سىرلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەچكە «ئالۋاستىنىڭ ئۈزۈكى» دەپ ئاتالغان بۇ چۆلگە گۇاڭجۇ شەھرىدىن يەنەبىرسى قۇرۇلماقتا ئىدى.

      مىللىتىمىزنىڭ بۈيۈك ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ تەۋەرۈك قەبرىسىگە يېتىپ بارغان ۋاقتىمىزدا كۈن چۈشتىن قايرىلغانىدى. يىراقتىنلا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ئالىمنىڭ ھەيۋەتلىك ھەيكىلىنى كۆرۈپلا بىر خىل پەخىرلىنىش ئىلكىدە ئۇلۇغ كىچىك تىندىم. ئىلگىرى نەچچە قېتىم زىيارەت قىلغاندا قەبرىگاھنىڭ يان تەرىپىدىن ئوغۇرلۇقچە كىرىپ ھەقسىز زىيارەت قىلغانىدىم. لېكىن بۇ قېتىم قائىدىلىك دەپ قەبرىگاھنىڭ چىڭ يېىغلىقتۇرغان چوڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى بىلەت سېتىش كۆزنىكىنىڭ ئالدىغا كەلدىم. بىلەت ساتقۇچى قىزدىن سورىدىم:

     -يەرلىكلەردىنمۇپۇل ئالامسىلەر؟

     -ھەئە، بىلەت ئاممايچىسىلىرى بوممايدۇ.

     -بىز مەھمۇدقەشقىرى بىلەن تۇغقان كىلىمىز دەڭە، ئۇ زات مېنىڭ بوۋام بولىدۇ، بوۋامنىڭ قەرىسىگىمۇ پۇل تۆلەپ كىرىمەنمۇ؟

     بىلەت ساتقۇچى قىزماڭا تىكىلىپ قاراپلا قالدى. بىر نەرسە دەيمەن دەيتتىيۇ، لېكىن ئېغىزى مىدىرلىغىنىبىلەن ئاغزىدىن گەپ چىقمايۋاتاتتتى. مەن گېپىمنى داۋام قىلدىم:

     -ئۇيغۇرلارنىڭ بوۋىسى بولغان بۇ ئالىمنىڭ قەبرىسىنى نەۋرىلىرى بولغان بىز ئۇيغۇرلار پۇل تۆلەپزىيارەت قىلساق قانداق بولىدۇ. خاپا بولماي باشلىقىڭىزغا تېلفۇن قىلىپ «مەھمۇدقەشقىرىنىڭ بىر نەۋرىسى زىيارەتكە كەپتىكەن، بىلەت ئالامدۇ ئالمامدۇ؟» دەپ سوراپباققان بولسىڭىز بوپتىكەن.

      بىلەت ساتقۇچى قىز  گېپىمنى چۈشەندى. بايىقى مۇز چىرايى ئېچىلىپ سەل كۈلۈمسىرەپ دېدى:

     -بۇنىڭغا بىزنىڭمۇ ئامالىمىز يوق، يۇقىرىدىن ھەممە ئادەمگە بىلەت سېتىپ كىرگۈزۈشنى بۇيرىغان. ھازىرسىلەرنى بىلەتسىز كىرگۈزىۋەتسەم ھەممە ھەرىكىتىڭلار جىيەنكوڭغا  (كۆزىتىش ئاپپاراتى) چۈشىدۇ، ئۇ چاغدا ماڭىمۇ گەپ كېلىدۇ.

         مەيلى دېدىم،مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكەم بولغاچقا يېرىم باھادا، مەن بىلەن بىرگە چىققان ئىككى ئىنىم پۈتۈن باھادا بىلەت سېتىۋېلىپ قەبرىگاھنى زىيارەت قىلدۇق.

         21 – يانۋار ئۈرۈمچىگە مەلۇم بىر ماتىرىيالنى توردىن يوللاش ئۈچۈن ناھىيە بازىرىدىكى تورخانىغا كىردىم. لېكىن كومپىيۇتىرلارنىڭ ھېچقايسىسىغا بارماق دىسكا چاتقىلى بولمايدىكەن. تورخانا خادىمىنىڭ دېيىشىچە ھۆكۈمەتتىن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن توردىن ھېچقانداق نەرسە چۈشۈرگىلى، قوبۇل قىلغىلى ۋە يوللىغىلى بولمايدىكەن. ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق قانۇنغا چۈشمەيدىغان كۈلكىلىك بەلگىلىمىلەرنى چىقارمايدىغانلىقىنى دەپ تورخانا خىزمەتچىسى بىلەن خىلىلا ئېيتىشقان بولساممۇ ئۇ بالىنىڭ پارتىيە ۋەھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى پەش قىلىپ ئېيتقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ جىم بولدۇم. چۈنكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت شۇنداق بۇيرىغان بولسا جەزمەن بوي سۇنۇشۇم كېرەك ئىدى. يەنە كېلىپ يول يوللاردا ساقچىلار توسۇل كىشىلەرنىڭ تىلفۇنلىرىنى  تەكشۈرۈپ تىلفۇندىكى كۆپ ۋاستىلىك كارتىدا قىرائەت، تەبلىغ بولسا تارتىۋىلىپ كارتا ئىگىسىنى سولاپ قويىدىغانلىقى ۋە ئېغىر جەرىمانە ئالىدىغنالىقى ئادەتتىكى ئەھۋال ئىدى.

      ئانا يۇرتۇمدا مۇساپىر بولۇپ تۇرغان ئون نەچچە كۈن مەندە تولىمۇ ئاچچىق خاتىرىلەرنى قالدۇردى. تەپسىلى يېزىپ زارلىنىۋەرسەم ئوقۇرمەنلەرنى زىرىكتۈرۈپ قويۇشىم مۇمكىن. بۇ ئاچچىق خاتىرىلەر مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشسۇن...

        ئۈرۈمچىگە جىددىي قايتىشقا توغرا كەلگەچكە 23 – يانۋار چۈشتىن كىيىن يولغا چىقتىم. ئايرۇپىلان قەشقەر ئاسمىنىدىن كۆتۈرۈلىۋاتقاندا يۇرتۇمنىڭ مەندە قالدۇرغان ئاچىق ئەسلىمىلىرى بىلەن تىرىكچىلىكنىڭ غىمى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت، ياشاشتىكى ئىنتىلىش ۋە چەكلىنىش، ئادالەت ۋە ئادالەتسىزلىك، بۇزەك قىلىش ۋە بوزەك قىلىنىشلار؛ شۇنداقلا كېيىنكى ھايات مۇساپەم، ئارزۇ ئارمان ۋە ئاداققى نىشان گىرەلىشىپ كەتكەنزىددىيەتلىك خىياللار قاينىمىدىن  چىقالمىدىم.

      خەيرىيەت، بىزتەقدىرىمىزگە پۈتۈلگەننى كۆرىۋاتقاندىمىز ۋە يەنە نىمىلەرنى كۆرىمىز؟ بۇ تېخى    بىزگە قاراڭغۇ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-19 09:50 AM  


ھەقىقەتكە ئەمەل قىلىش ئۇنى ئىسپاتلاشتىنمۇ مۇھىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94430
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 107
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2013-4-6
ئاخىرقى: 2013-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 11:17:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرەققىيات بىرقىسىم قۇربانلىق بەدىلىگە قۇرۇلسىمۇ ،لىكىن قەشقەرنىڭ تۆلىگەن بەدىلى بەك ئىغىر بولۇپ قالدى .قايسى ۋاقىتلاردىكى قەشقەرلىكلەر كالمىغان ئوخشايدۇ ،ھازىرقى قەشقەرلىقلەرنىڭ ئوكسىگنى ھۆكۈمەت ئوخشايدۇ .قەشقەرلىك قىرىنداشلىرىم مەن ئاتۇشتىن بولىمەن شۇڭا ھازىرقى ۋەزىيەتتە قەشقەرلىقلەر تونۇپ يەتكەن ئىشتىن كۆپرەكنى ياندا تۇرغان كىشىلەر سەل جىراق كۆرۈپ تۈرىدىكەن ئەمەسمۇ  ،بەزى گەپلەرنى بەك ئىغىر كەتكەن بولسا قەشقەرلىك قىرىنداشىرىم خاپا بولماڭلار!

http://www.dolanlik.com

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7539
يازما سانى: 526
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11295
تۆھپە نۇمۇرى: 1085
توردا: 11349 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 11:20:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەر ھەقىقەت، مانا بۇ جەنۇبى شىنجاڭنىڭ كارتىنىسى،ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.

كۈزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمىي تەپەككۇر.

tik turganning hammisila dangl

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9655
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 1676 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 11:35:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەينەن كارتىسى ئىكەن،ئازراق ئايلىق بېرىمىز دىسە مۇناپىقلار ئاپىسىنىمۇ سولاپ بېرىدۇ بۇ ساقچى مۇناپىقلار ،بۇ جەنۇپ تەرەپتە ساقچى بولغانلارنىمۇ ئانىسى تۇغامدىغاندۇ ياكى چوشقا بىلەن جۇپلاشتۇرۇپ كىلون قىلىپ كوپەيتەمدىغاندۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75511
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4137
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 619 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 11:41:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3446
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 1999 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 12:15:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈزۈمگە  ياش كەلدى  .

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

ياخشى ئەخلاق-راستچىللىق ۋە پاك

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38489
يازما سانى: 612
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6537
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 1953 سائەت
تىزىم: 2011-4-23
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 12:19:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇددى مەن يولۇققانغا سىزمۇ يولۇققاندەكلا يېزىۋىتىپسىزغۇ؟؟؟؟

چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84232
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-8-22
ئاخىرقى: 2013-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 12:39:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ مۇشۇنداق ئىشلارغا يۇلۇققىنىمدا  قەلبىم تەسۋىرىلگۈسىز بىر خىل ئاچچىق ھىسىياتلارغا تولىدۇ.
----------------------------

بەخت ئىرىشەلمىگەنلىكىڭدە ئەمەس،ھىس قىلالماسلىقىڭدا.
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94892
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-4-15
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 01:00:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22775
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6641
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 873 سائەت
تىزىم: 2010-12-18
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 01:24:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز...................

سۆيسەڭ سۆيىمەن جېنىمنى بېرىپ............
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش