مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2295|ئىنكاس: 16

مەكىت ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94843
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 11:35:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەكىت ناھىيسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ غەربى جەنۇبى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شەرقى ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربى تەرپىگە ،يەكەن دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئىقىنىغا ، تىزناپ دەرياسىنىڭ تۇۋەن ئىقىنىغا جايلاشقان. دىڭىز يۇزدىن ئىگىزلىكى 1105 مىتىردىن 1155 مىتىرغىچە. شەرق تەرىپى چوڭ قۇملۇق ئارقىلىق خۇتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھيىسى بىلەن ،شەرقى شىمال تەرىپى ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيسى بىلەن ، شىمال تەرپى مارالبىشى ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى پەيلۇ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانى ئارقىلىق يۇپۇرغا ناھىيسى بىلەن غەربى جەنۇپ تەرىپى يەكەن ناھىيىسى بىلەن ،جەنۇپ تەرپى قاغىلىق ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئۇمۇمى يەر مەيدانى 15200 كۇۋادىرات كىلومىتېر كىلىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ناھىيە تەۋەسىدىكى  ئىگەللىگەن يەر كۇلىمى 14047 كۇۋادىرات كىلومىتېر بۇلۇپ پۇتۇن ناھىيە زىمىنىنىڭ %92 دىن كوپىرەكىنى ئىگەللەيدۇ. 1922-يىلى6-ئايدا ناھىيە بۇلۇپ قۇرۇلغان.
پۇتۇن ناھىيە تەۋەسىدە توققۇز يېزا بىر بازار ، 3 باغۋەنچىلىك مەيدانى بار. نۇپۇسى 210000 ئەتىراپىدا.
توققۇز يېزا، بىر بازار : بازار جەمى يىزىسى، شىھتدۆڭ يېزىسى، يانتاق يېزىسى، تۈمەنتال يېزىسى، غازكۆل يېزىسى، قىزىلئاۋات يېزىسى، قۇمقىسار يېزىسى، ھاڭغىتلىق يېزىسى، قۇرما يېزىسى ، مەكىت بازىرىدىن ئىبارەت.
     مۇقامشۇناس ، شائىرە ئاماننىساخان :
ئاماننىساخان مىلادى 1525-يىلىدىن 1559-يىلىغىچە ياشىغان. ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ بىر پۇتۇن گەۋدىگە ئايلىنىشى ، رەتلىنىشى ئۇچۇن ئاجايىپ ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى قوشقان مۇتەپەككۇر، شائىرە ، ئۇستا خەتتات. ئۇ تارختىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدە ئەڭ شۆھرەت قازانغان ئايال، ئالىم ۋە مۇقام ئۇستازى .
ئاماننىساخان مىلادى 1525-يىلى مەكىتنىىڭ غازكۆل يېزىسى تىزناپ دەرياسى بۇيىدىكى قۇمۇش مەھەللە كەنىتىدە دۇنياغا كەلگەن بۇلۇپ دادىسى مەخمۇت ئۇتۇنچىنىڭ زىرىكمەي ئۇگىتىشى، يىتەكلىشى نەتىجىسىدە مۇقامچى ۋە شائىرە بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ . كۇنلەرنىڭ بىرىدە شىكارغا چىققان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ پادىشاھى ئابدۇرىشىتخانغا يۇلۇقۇپ خاتۇنلۇققا ئېلىنىدۇ. ئاماننىسخان ئابدۇرىشىتخانغا ياتلىق قىلىنغاندىن كىيىن شاھنىڭ نىكاھىدە 20يىل تۇرۇپ ، 34 يېشىدا تۇغۇتتا قازا قىلىدۇ.
  قوڭغۇز يىگەن دۇلانلىق :
مەكىت ناھىيىسىدىكى دولانلارنى باشقا جايدىن كۇچۇپ كەلگەنلەر كەم سۇندۇرۇش مەنىسىدە قوڭغۇز يىگەن دولانلىق دەپ ئاتىشىدۇ. بۇ لەقەم ھەققىدە مۇنداق رىۋايەت بار. ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى يات ئەلدىن بۇ يۇرتقا ياۋ لەشكەرلىرى باستۇرۇپ كەپتۇ. دولانلار كۇچىنىڭ بىرىچە ئۇرۇش قىلىپ دوشمەننى كۆپ تالاپەتكە ئۇچىراتقان بولسىمۇ لىكىن يەنىلا ياۋ ئۇستىدىن غالىپ كىلەلمەي شەھەر قولدىن كىتىپتۇ.
كۆپ تالاپەتكە ئۇچىرىغان ياۋ لەشكەرلىرىنىڭ قۇماندانى دەرغەزەپكە كىلىپ پۇتۇن يۇرت ئەھلىنى قىرىپ تاشلىماق بولغاندا ئۇنىڭ بىر ياردەمچىسى :- پەقەت ساراڭ خەلىقلا مۇشۇنداق تەلۋىلەرچە جەڭ قىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. بىز بۇلارنىڭ راسىت ساراڭ ياكى ساراڭ ئەمەسلىكىنى ئىنىقلىغاندىن كىيىن ئۆلتۇرسەكمۇ كىچىكمەيمىز-دەپتۇ.
-قانداق ئىنىقلايمىز؟ -دەپ سوراپتۇ قۇماندان.
-بۇ ئاسان- دەپ يول كۆرسىتپتۇ قۇمانداننىڭ يارىدەمچىسى- ئىككى پەتنۇسنىڭ بىرىگە قارا قۇڭغۇز، يەنە بىرىگە قارا ئۈجىمە سىلىپ بىر نەچچىسىنى يىيىشكە بۇيرۇيلى، قۇڭغۇزنى ساراڭ  دىگەن شۇ ، ساراڭنى ئۆلتۇمەيلى، ئۈجىمىنى يىسە ھەممىسىنى ئۆلتۇرۋىتەيلى-دەپتۇ.
قۇماندان بۇ مەسلىھەتنى قۇبۇل قىلىپ ئەسىردىن بىر قانچىنى ئىلىپ كىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قوڭغۇز بىلەن ئۈجىمىنى قۇيۇپتۇ. بۇنىڭ بىر شۇملۇق ئىكەنلىكىنى سەزگەن بىرەيلەن : تۇرغىنى تۇرۇپ تۇرسۇن ، ئاۋال قاچقىنىنى يىۋىتەيلى -دەپ قۇڭغۇزلارنى تۇتۇپ يىگىلى تۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پۇتۇن يۇرت خەلىقى بىر مەيدان بالا-قازادىن قۇتۇپ قاپتۇ-يۇ شۇندىن باشلاپ قوڭغۇز يىگەن دولانلىق دىگەن ئاتاققا ئىگە بوپتۇ .
مەكىتتىكى ئايرۇپىلان ئىستانسىسى :
1937-يىلى شىڭ شىسەي ئەكسىيەتچىل ھۇكىمىتى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئابدۇنىياز سىجاڭ قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيتىدە داۋالغۇش كۇرۇنىدۇ. ئەممە شىڭ شىسەينىڭ زامانىۋىي قۇراللار بىلەن قۇراللانغان قىسىملارنى كۆپلەپ يۆتكەپ كىلىشى ۋە تورغات ئارقىلىق كىرگەن سوۋىت ئىتپاقىدىن ئىۋەتىلگەن روس قىسىملىرىنىڭ بىرلىكتە باستۇرۇپ كىلىشى نەتىجىسىدە ئابدىنىياز سىجاڭ قىسىملىرى يەكەن دەرياسىنى بويلاپ مەكىتكە چىكىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەكىت ۋەزىيتى بىردىنلا قالايمىقانلىشىپ كىتىدۇ. چۇنكى شىڭ شىسەينىڭ تەلىۋى بۇيىنچە روس قۇشۇنىنىڭ ئاتلىق قىسىملىرى مامۇت سىجاڭنى قوغلاپ مارالبىشى ئارقىلىق مەكىتكە كىرىدۇ. تانكا قىسىملىرىمۇ يەكەن ئارقىلىق مەكىتكە كىرىدۇ.روس قۇشۇنلىرى ئىككى پولىك بۇلۇپ ئۇلاردا زامانىۋىي قۇراللاردىن 5 دانە تانكا ،20 زەمبىرەك، 30 قا يىقىن ئىغىر پىلىمۇت بار ئىدى. سوىت قۇشۇنى مەكىتتە ئىككى ئايچە تۇرغان بۇلۇپ، بۇ جەرياندا ئولجا ئىلىنغان ھەر خىل قۇراللارنى بۇزۇپ كىرەكسىز تۇمۇر قاتارىدا تۇمۇرچىلەرگە سىتىپ بايلىق توپلايدۇ. ھەم تىزناپ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ سازلىققا بىر ھەربىي ئايدۇرۇم ياساپ ھەربىي ئايروپىلانلارنى ئىشقا سالىدۇ. 1937-يلنىڭ ئاخىرى ۋەزىيەتتىكى داۋالغۇش پەسىيىپ شىڭ شىسەينىڭ مەكىت خەلىقىدىن سىياسىي ھىساپ ئېلىشى باشلاندى. چۇنكى شۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن مەكىت خەلىقى ئابدۇنىياز سىجاڭ قۇشۇنلىرىغا قىزغىن ياردەملەردە بولغان ئىدى. ۋەقە جىمىققاندىن كىيىن شىڭ شىسەي مەكىتنىڭ ئىككى نەپەر ھاكىمى باشلىق 72 نەپەر ئادەمنى قولغا ئېلىپ ھىمىتنىڭ سېيىدا توك سوقتۇرۇش ئارقىلىق ئۆلتۇرۋىتىدۇ. بۇ ۋەقە خەلىقنىڭ يادىدىن مەڭگۇ كۇتۇرۇلمەيدۇ.  
يانتاقتىكى سوپىلار ۋەقەسى :
1941-يىلى ياز. يەكەندە ئىشانلىق قىلغان ھۇسەيىن ئاخۇن غۇجام دىگەن كىشى 70 ياشتىن ئاشقان ۋاقىتتا ئاخىرقى ئۆمىرىنى مەكىت يانتاق يېزىسىدىكى چىراق ئاتام مازىرىغا كىلىپ پىرى چىراق ئاتامنىڭ بىشىدا ئېستىقامەت قىلىپ ئۆتكۇزۇشنى ئىختىيار قىلغان ھەمدە ئۇزى قازا قىلسا شۇ كىشىنىڭ يېىنىغا دەپىنە قىلىشنى تاپىلاپ ، مۇرىتلىرى بىلەن رازىلىشىپ يانتاققا كەلگەن .
ئۇ كىشى يانتاققا كىلىپ ئون نەچچە كۇندىن كىيىن  قازا قىلغان .بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كىيىن يەكەن، پوسكام، قاغىلىق قاتارلىق جايلاردىكى سۇپىلاردىن قېرى -ياش، ئاتلىق-پىيادە بۇلۇپ 5000 دىن ئارتۇق ئادەم ھەلقە-سۆھبەت بىلەن يانتاققا كەلگەن. قاتتىق يىغا-زارىلەردىن كىيىن ئادەم سانى 8000 غا يەتكەن . جايلاردىن كەلگەن سوپىلار غۇجامنى مەكىتتە قويمايمىز، ئۇزىمىزنىڭ يۇرتىغا ئەكىتىمىز دەپ جىدەل چىقارغان. ۋەزىيەتتە ئىنتايىن جىددىي ئەھۋال كۇرۇنگەن. شۇ ۋاقىتتىكى ناھىيە ھاكىمى ئەھۋالنى قەشقەر ھەربىي رايۇنغا دوكىلات قىلغان. قەشقەر ھەربىي رايۇنى مەكىتكە ئەسكەر يۆتكەپ كىلىپ ، سوپىلارنى ئۆز جايلىرىغا قايتۇرغان. ۋەقەدىن كىيىن بىر نەچچە يۇرت ئاقساقاللىرى سوپىلارغا ياتىدىغان جاي، ئات-ئۇلاغلىرىغا يەم-خەشەك ھازىرلاپ بىرىپ سوپىلارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ۋەقەگە سەۋەپچى بولدى دىگەن نام بىلەن ھەپسىگە ئېلىنغان.  

مەنبە: ئادىل مەمەت تۇراننىڭ مەكىت تارىخىدىن تىزىسلار دىگەن كىتابىدىن ئېلىندى.   
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بالاجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-18 11:39 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8535
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 802 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 10:36:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم .مەكىت توغۇرلۇق تەپسىلى ئۇچۇر بەرگىنىڭىزگە تەشەككۈر .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94892
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-4-15
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 10:37:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35062
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4299
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 1720 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 10:47:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مەكىتكە 1985-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتى 82-يىللىق 1-سىنىپتىكى ساۋاغداشلىرىم بىلەن ‹‹خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى››توپلىغىلى بارغان.شۇندىن بېرى ئۇ يۇرتقا بېرىپ باقمىدىم.بىز شۇ چاغدا مەكىتنىڭ يانتاق،تۈمەنتال،غازكۆل يېزىلىرىدا ‹‹خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى››توپلىغان ئىدۇق.مەكىت ھەققىدىكى يازمىنى كۆرۈپ مەكىتنى بەكمۇ سېغىندىم.شۇ چاغدا مەدەنىيەت ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان مۇتەللىپ سىيىت ئاكا بىزگە كۆپ غەمخورلۇق قىلغان،مەكىت بازا ئىچىدە يىگەن 30پۇڭلۇق لەغمەن مەن ھاياتىمدا يىگەن ئەڭ ئەرزان،ئەڭ تەملىك لەغمەن بولسا كېرەك.مەكىت كىتاپخانىسىدىن سېتىۋالغان يېڭى يېزىقلىق‹‹خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت››تا ھازىرغىچە قورال كىتاپ تەرىقىسىدە قۇلۇمدىن چۈشمەيدۇ.

مۇيۇنچۇر
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94892
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-4-15
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 10:49:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھەمىسى ھەممىمىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 574
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7033
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 1580 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 10:58:26 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
numus يوللىغان ۋاقتى  2013-4-19 10:37 AM
ئويەي ، ئاماننىساخاننى مەكىتلىك دەپتىغۇ ئەمدى .
مەخمۇت ...

ئاماننىساخان تۇغۇلغان يەر ھازىر مەكىتكە قارايدۇ، مەكىت ئەينى چاغدا سەئىدىيە خانلىقىغا قارىغان،  ھېچكىم مەخمۇت قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى  تۇغۇلغان يېرىدىن باشقا جايغا يۆتكەپ قويغىنى يوق، بىراق ئاماننىساخاننىڭ تۇغۇلغان جايىنى بەزىلەر يەكەن دېسە بەزىلەر مەكىت دېيىشىپ،  يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىشىۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ەممىسى ئارتۇقچە،  سىزنىڭ بۇ پىكىرىڭىزمۇ شۇنداق.  

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى، چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94892
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-4-15
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 11:03:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھەمىسى ھەممىمىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 574
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7033
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 1580 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 11:05:01 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تۇغۇلغان،  چوڭ بوغان يۇرت مەكىت،  مەكىتنىڭ بۇغدىيىنى،  مەكىتنىڭ سۈيىنى يەپ،  مەكقتتە خىزمەت قىلىۋاتىمەن.
ئاۋۇ شېىتدۆڭ دېگەن يەرنىڭ قاقشال دەيدىغان سەكسەن ئائىلىدىن تەركىپ تاپقان بىر كەنتى بار ئىدى،  تۇپرىقى مۇنبەت،  يېرى كەڭرى ئىدى،  ئۈلۈش يىلى شۇ يەرلەرنى باشلىقىرىمىز ئانىسىنى خەققە تۇتۇپ بەرگەندەك بېرىۋەتتى.

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى، چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94814
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 11:06:07 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامانىساخان مەكىت بەشىنجى يىزىدىنغۇ ـمەنمۇ مەكىتلىك ـئۇيەردە ھەيكىلىمۇ بار

http://www.dolanlik.com

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7539
يازما سانى: 528
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11319
تۆھپە نۇمۇرى: 1085
توردا: 11364 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 11:14:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇمۇش مەھەللە شائىرە ئاماننىساخاننىڭ تۇغۇلغان جايى.

كۈزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمىي تەپەككۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش