1-بۇ مىنىڭ دىنىم
سەمىمىي ئەسكەرتىش : بۇ ئەسەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى ، مەرىپەت يولى مۇنبىرىدىكى Ana1013 تەرجىمىسى ۋە يوللانمىسى !
فىرانسىيەدىكى چوڭ بىر تاللا بازىرىدا ، يۈزىنى تولۇق ياپىدىغان نىقاپ تاقىۋالغان بىر قىز ئۆزىگە لازىملىق تۈرلۈك ماللارنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن ، پۇل تۆلەش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇراتتى . ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭغا نۆۋەت كىلىپ پىركازچىكنىڭ يىنىغا كەلدى . پىركازچىك قىز گەرچە ئەرەب مۇسۇلمانلىرىدىن بولسىمۇ ، ھىجابلانمىغان ئىدى . ئۇ نىقاپلىق قىزنىڭ ماللىرىنى بىر - بىرلەپ ئۆتكۈزۈپ كومپىيوتۇرغا كىرگۈزۈشنى باشلاپ بىردەمدىن كىيىن ، ئۇنىڭغا ناھايىتى ھاكاۋۇرلۇق بىلەن بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن دىدى : ھازىر بىز فىرانسىيەدە نۇرغۇن ئاۋاچىلىقلارغا ئۇچراۋاتىمىز ، ئۇنىڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى دەل سىزنىڭ مۇشۇ نىقابىڭىز ! بىز ئەرەب كۆچمەنلىرى دىگەن بۇ دۆلەتكە سودا - سىتىق قىلىپ جان بىقىش ئۈچۈن كەلگەن ، دىنىمىزنى ياكى تارىخىمىزنى كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈن ئەمەس ! ئەگەر سىز دىني تۇرمۇش كەچۈرۈپ نىقابلىق ياشايمەن دىسىڭىز ، بۇ يەردە بىزگە ئاۋارچىلىق تىپىپ بەرمەي ، ئۆزىڭىزنىڭ ئەرەب دۆلىتىگە قايتىپ شۇ يەردە خالىغىنىڭىزنى قىلغايسىز ! نىقابلىق قىز ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ناھايىتى ھەيرانلىق ھىس قىلغان بولسىمۇ ، ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ ، ماللىرىنى خالتىغا سىلىشتىن توختىدى - دە ، نىقابنى قايرىپ يۈزىنى كۆرسەتتى . سۇبھاناللاھ ! پىركازچىك قىز ئۇنىڭ كۆك كۆزلۈك يەرلىك فىرانسۇز قىزى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ھاڭ - تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قالدى . بۇ چاغدا نىقابلىق قىز ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن : مەن فىرانسىيەلىكمەن ، ئەرەب كۆچمەنلىرىدىن ئەمەس ! بۇ يەر مىنىڭ دۆلىتىم ، مانا بۇ مىنىڭ ئىسلام دىنىم ! سەنلەر مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ، مۇسۇلمان پىتى چوڭ بولغان تۇرۇقلۇق دىنىڭنى سىتىشتىڭ ، بىز دىننى سەنلەردىن سىتىۋالدۇق ! - دىدى . ۋە ماللىرىنى يىغۇشتۇرۇپ دادىل قەدەملەر بىلەن تاللا بازىرىدىن چىقىپ كەتتى .
ئاللاھ ئىيتىدۇ : .... ئەگەر سىلەر ( ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن ) يۈز ئۆرىسەڭلار ، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى ئالماشتۇرىدۇ ....
تەرجىماندىن :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار . بۇ ھىكايىنى توردا ئۇچرىتىپ قىلىپ ، ئىنگىلىسچىدىن تەرجىمە قىلىپ ئەكەلدىم . ئۆزى ئىنتايىن قىسقا ۋە ئاددى ھىكايە بولسىمۇ ماڭا ئىنتايىن تەسىر قىلدى . ئوقۇپ بولۇپ يۈرەك سوقۇشلىرىممۇ تىزلىشىپ كەتتى ، قانداق ھىسىيات ئىكەنلىكىنى قانداق دىيىشنىمۇ بىلمەيمەن ، ئىشقىلىپ يۈرىكىمنى تىترەتتى . مۇشۇنداق ئەسلى مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلماي ، كىيىن ھەقنى ھەقنى تاپقانلارنىڭ نۇرغۇن ھىكايىلىرى ئادەمنى خېلى ئويغۇتۇپ قويىدۇ .
ئەمدىكى مەسىلە ، قىرىنداشلار ھىكايىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ، قانداقتۇر ئاۋۇ نىقابلىق قىزنى ماختاشقا ، ياكى ئەرەب قىزىنى ، ھەتتا پۈتۈن ئەرەبلەرنى تىللاشقا چۈشمەستىن ، ھەرقايسىمىز ئۆزىمىز توغرىسىدا ئازراق بولسىمۇ پىكىر يۈرگۈزۈپ باقساق دىگەن ئۈمۈدتىمەن .
يۇقۇردىكى ھىكايىنى تەرجىمە قىلغان شۇ قىرىندىشىمىز ۋە بىزلەرنى ئاللاھ ھىدايەتكە باشلىسۇن !
2-ئوپتۇبۇستىكى قىز
ئابتۇبۇس تاغ يۇلىنى ئەگىپ بىرخىل رىتىمدا كىتىپ باراتتى، يولوچىلار بولسا ئۇخلايدىغىنى ئۇخلاپ خىيال سۈرىدىغىنى خىيال سۈرۈپ ئولتىراتتى. پەقەت ئۈچ كىشىلا بىر نوختىغا تىكىلگەن پىتى ئاللا قانداقتۇر يامان نىيتى بىلەن شوپۇر قىزغا شۆلگەيلىرىنى ئېقىتقان پىتى قاراپ ئولتۇراتتى. ئۇ ئۈچى ئاخىرى شەھۋانى ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆزلىرىنىڭ ھايۋان كەبى تۇرىقىنى ئاشكارلىدى، شۇنداقلا قىزغا ئابتۇبوسنى توختىتىشقا بۇيرۇق قىلدى. قىز ئىچ ئىشتىن خەۋەرسىزلا ماشىننى يولنىڭ چىتىگە توختاتتى بەلكىم ئۇ بۇ ئۈچىنى چۈشىدۇ دەپ ئويلىسا كېرەك. لىكىن ئىش ئۇنداق بولمىدى ئەكىسچە بۇ ئۈچ لۈكچەك قىزغا يوقىلاڭ تەلەپلەرنى قويۇشقا باشلىدى،بۇ چاغدا ئابتۇبۇستىكىلەر سەل سەگەكلەشكەن ئىدى، بىراق ئىچكىم ئوتتۇرغا چىقىپ بۇ ئىشنى توسۇشنى خالىمىدى، بۇلارنىڭ قىلغىنىغا چىدىمىغان ئوتتۇر ياشلاردىكى بىرسى ئۇلارنى توسماقچى بولۇپ ئوتتۇرغا چۇشكەن ئىدى ،ئۈچ لۈكچەك تەرىپىدىن ئۇرۇلۇپ ئاغزى بۇرنى قانغا مىلىنىپ كەتتى. ,
قىز مەجبۇرى ماشىندىن چۈشۈرلۈپ ئورمانلىق ئىچىگە سۆرەپ ئەكىتىلدى، يىگىت ئامالسىز لەۋلىرىنى چىشلىدى. ئۇ ماشىندىكىلەرگە شۇنداق بىر نەزىرىدە قارىۋەتتىكى خۇددى ئۇلارنى چايناپ پۇركۈۋەتكۈدەك بوپ كەتتى .
يېرىم سائەتلەردىن كىيىن ھېلىقى لۈكچەكلەر بىلەن كىيىملىرى يىرتىلغان قىز شوپۇر قايتىپ كەلدى.
قىز ماشىنىغا چىقىپلا ، ھېلىقى ياردەم قىلغان يىگىتنى ماشىندىن چۈشۇپ كىتىشكە بۇيرۇق قىلدى، يىگىت باشتا نىمە ئۈچۈنلىكىنى ئاڭقىرالماي قالدى، قىز يەنە شۇ گەپنى قايتىلدى چۈشۇپ كەت مەن سەندەك ئادەمنى ماشىنامغا چىقارمەيمەن... ! يىگىت بۇ قىتىم سەل ئاچچىقلاندى، نىمە دىگىنىڭىز بۇ ؟ مەن ياخشى كۆڭلۈم بىلەن سىزگە ياردەم قىلسام ماڭا مۇشۇنداق جاۋاپ قايتۇرامسىز... مەن نىمە دەپ چۈشكىدەكمەن چۈشمەيمەن ،مەن تېخى چۈشىدىغان يەرگە كەلمىدىم..،
قىز بۇ قىتىم تېخىمۇ قاتتىق تەلەپپۇزدا ئۇنۇڭغا بۇيرۇق قىلدى تېز چۈشۈپ كەت...!!!!
بايامقى يولوچىلار ئەمدى زۇۋانغا كەلدى، يىگىت چۈشۈپ كەت دىگەندىن كىيىن چۈشۈپ كەتمەمسىز..بىز ئالدىرايمىز ۋاقتىمىزنى ئالماڭ....! بەزىلەر مەسخىرە ئارلاش يىگىتكە قارماقتا ئىدى.
يەنە تېخى ھىلىقى لۈكچەكلەرنىڭ تەنە گىپى ( بۇرادەر بىز بايا بۇ قىز بىلەن ئويناپ سەل ئاچچىغىنى كەلتۈرۈپ قويدۇق شۇڭا سەن ئاستا چۈشۈپ كەتسەڭ بۇلامىكى ....تىتىقسىز كۈلۈشلەر.....)
شۇنىڭ بىلەن بىر لۈكچەك ئۇنىڭ يۈك تاقىلىرىنى ئابتۇبۇستىن تاشىۋەتتى ،ئارقىدىن ئۇنىمۇ چۈشىرۋەتتى
قىز ماشىننى ئاستا قوزغىدى .ئۇ چاچلىرىنى ئوڭشىغاچ ئۈن ئالغۇنى بۇلىشىغا قۇيىۋەتتى،يول تاغلىق ئىدى ،ئالدىدا بىر ئايلانما بار ئىدى، قىزنىڭ چىرايى شۇنچىلىك تەمكىن،ئىككى قۇلى رولدا كۆزلىرىدىن ئىقتىيارسىز ياشلار چۈشىۋاتاتى، ئۇ تۇيدۇرماستىن ماشىننىڭ سۈرىتىنى ئىتتكلەتتى، ماشىنا ئوقتەك كىتىپ باراتتى ، قانداقتۇر بىر ئىشنى كۆڭلى سەزگەن بىرەيلەن (ئاستا ئەيدە...ئاستا ھەيدە....سەن نىمە قىلماقچى ) دىدى.. لىكىن قىزدىن سادا قايتمىدى، ئاپتۇبۇس شۇ ماڭغانچە تىك ياردىن ئۆزىنى ئاتتى...............!!!
ئەتىسى گېزىتتە بىر ئاپتۇبۇسنىڭ تىك ياردىن چۈشۇپ كىتىپ شوپۇرۋە 13نەپەر يولوچىنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرى بىسىلدى. يىگىت گېزىتتىكى خەۋەرنى كۆرۈپ ئۈنسىز يىغلاپ كەتتى.....
مەنبە : تور دۇنياسى
ئەسكەرتىش: مەنبەسىنى توغرا تەمىنلىسىڭىز، "تور دۇنياسى" دېگەن سۆز مەنبە ھېسابلانمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-19 07:52 AM