مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1209|ئىنكاس: 1

شېئىر قارىشىم (نەسىر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84666
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 135
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-9-3
ئاخىرقى: 2014-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 10:42:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                            مېنىڭ نەزىرىمدىكى شېئىر
                                                    (نەسىر)
ئۇـ سامادىن چۈشكەن ئىككىنجى بىر زىيا. ئۇـ ئىنسانلار تىلىدىكى ئەجمەللىكنى، تاكامۇللىقنى ئۆزىگە مۇجەسسەم ئەيلىگەن قەغەز يۈزىدىكى گۈزەللىك مەنزىلى. ئۇـ شائىرنىڭ تومۇر-تومۇرلىرىدا كۈۋەجەپ ئاققان ئەڭ ئۇلۇغ، پىنھان لاتاپەت غەليانى، باتىنى ئەسرارلارنى قەلەم بىلەن زاھىر قىلغۇچى؛ ئۇنىڭغا ئاقىللارنىڭ ئىزگۈ تىلەكلىرى، پاساھەت دۇردانىلىرى يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن؛ ئۇنىڭدا ئادەتتە كەمدىن كەم ئۇچىرايدىغان، رىۋايەتلەردىكى تىلسىم بولۇپ كەتكەن غايىۋى گۈزەللىك ئەكس ئېتىدۇ؛ ئۇ ئىنسانلار قولىدىن پۈتۈلگەن ، ئەجمەل پىكىر-كەلىمىلەر بىرلە بېزەلگەن نامە. ئۇ مەنىۋيىتى قاغجىرىغان ئىنسانىيەتنىڭ روھىي تەشنالىقىنى ئابى كەۋسەر كەبى قاندۇرىدۇ. گەرچە ئۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلب چەشمىسىدە مەۋجۈت بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۇرغۇلۇق ھالدا ئىپادىلەشكە قادىر بولالايدىغانلار ناھايىتى ئاز.
ئۇ گاھىدا زەردارلارنىڭ دۇر بىلەن تولۇپ ياتقان خەزىنىسىدىمۇ ناقىس(كەم) بولسىمۇ، گاھىدا مىسكىنلەرنىڭ توزان ئۆرلەپ تۇرغان غېرىبانە كۆلبىسىدىمۇ زىيادە. ئۇنى چىن مەنىسىدىن چۈشىنىپ، ئۇزلۇقىدىن لەززەتلىنەلەيدىغان كىشى ئالەمگە ھەر كەررە باققاندا ئالەمنىڭ گۈزەللىكىنى، ھەر شەيئىدە ھېكمەت بارلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. ئۇ قەغەزگە پۈتۈلگەن مۇقەددەس بىر ئاجايىبات .
  ئۇنىڭ راۋاجى باركى زاۋالى يوق . ..

قەلىمىمنىڭ تازا پىشمىغانلىقىدىن بەزى يەرلەردىن كېتىپ قالغان بولۇشۇم مۇمكىن ، تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سولماس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-18 10:45 PM  


ھۆكۈمران قەلبىمگە گۈزەل ئارمان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 1056
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7574
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 746 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 08:32:30 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز، شېئىرنىڭ زاۋالى يوق راۋاجى بار…

مەن مېنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىنىڭ مەن ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىنى ياخشى كۆرىشىنى ياخشى كۆرمەيمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش