مۇشۇ يېقىنىقى بىر نەچچە يىلدىن بىرى «ئىشتان» دەيدىغان بىر نەرسە ھەممىمىز نىڭ كۆزمىزگە سەت كۈرنىشكە باشلىدى ، بۇلۇپمۇ ھېلقىدەك.. ۋېلسىپىتنىڭ ئىچ كامىرغا ئوخشايدىغان ، ھېلقى بازا دا 5 يۈەندىن توۋلاپ سېتۋاتقان قىش ۋاقتى ئىچگە ، ياز ۋاقتى تېشغا كىيدىغان ئىشتان چۇ ... ئۇنىڭدىن باشىقا يەنە بەك جىق ...تىمنى ئۇقۇپلا «لاۋزا ،تەمسىز ، تۇسسىز » نىمكەن بۇ دەپ قالماڭلا ،مەنمۇ ھەقىقەتەن ئامالسىز قالدىم .
ئەمدى ھەقىقىي گەپكە كەلسەك ، مۇشۇ قىسىپ چىپپىدە كىلدىغان ئىشتانلار بىزنىڭ تۇرمۇشمىزغا نۇرغۇنلىغان قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى . مەسلەن ئېلىپ ئېيتساق 1.ئاشۇ قىسىپ تۇردىغان ئىشتاننى قىزلا ئۈزى يالغۇز كىيەلىشگە شەخسەن مىنىڭ كۈزۈم يەتمەيدۇ ،چۇقۇم ئىككى - ئۈچى بىر بۇلۇپ ، بىر-بىرگە ياردەملىشىپ كىيىشمىسە كىيەلمەيدۇ ،(ۋاقىت ۋە كۈچ ئىسراپچىلقى ) 2.شۇ قىسىپ تۇردىغاننى كىيۋالغاندىن كىيىن نۇرغۇنلىغان كىسەللىكلەرگە دۇچار بۇلدۇ.(سالامەتلىك ) 3. قىزلىرمىز سەل سەمرىپ كىتىپ قالسا ،ئىشتانغا تىنى چوڭ كەپ قېلىپ، « يالڭاچ » قېلىشتىن قورقۇپ ،تاماق يىمەي ، كىچسى ئۇخلىماي قارغۇلارچە ئۇرۇقلايدىغان بۇلۋالدى( يەنلا سالامەتلىك )4. ئاشۇ ئىشتان « قىممەتلىك » بولغاچقا ،ھەم قىزلىرمىز كىچىككىنە سەمرىپ كەتسە ئىچگە پاتمىغاچقا يېڭنى ئېلىشقا توغرا كىلدىكەن، ئاتا-ئانسىنىڭ پۇلنى خەجلەشكە ،تەييارچۆپ يەپ پۇل تىجەشكە توغرا كىلدىكەن (ئىشتان ئۈچۈن ).(ئىقتسادىي زىيان) 5. ئەڭ مۇھمى بولسا ئەرلەرنى تالاغا قالىتىشنىڭ ئوت پىلتىسى،ياشلارنى يولدىن چىقارغۇچى ۋە شەھۋەت ئوتنى سالغۇچى مەلئۇندۇر(روھىي زىيان )......
مۇشۇنداق كۆپ زىيانلارنى سېلىپ يۈرۈپتۇ مۇشۇ ئىشتان دىگەن كىيىم .ئەمدى مەكتەپتە كۆرسەك ئىچمىزدە تىللاپ قۇيمىز ،تېخى يولداشلارنى دورۋالغان «خاسيەتلىك ئادەم» لەرمۇ ئۇچراپ قالدۇ ئاندى-مۇندى ( خاسيەتلىك ئادەم بىلەن نورمال ئادەمنىڭ پەرقىنى بىلدىغانسىز ھە !!
)ئىشقىلىپ ھەي خۇدايىم توۋا ، قىزلار ئۇغۇللاردىن كۈردۇ ، بىزنى شۇلا يولدىن چىقاردى دەپ ،ئەمدى ئۇنداق كىينىۋېلىپ يۈرسە ، بىز ئۇلارنى «كەلگۈسى مىللەتنىڭ ئانسى » دىيىشكە تىلمىز بارمايدىكەن ،بىر قاراپلا ....ھەي بولدى .بىز ئەمدى ئۇلارنى«رىزىنكە ئىشتان كىيىڭ خېنىم يارشىدىكەن،قسىپ كىيىڭ خېنىم ھەممە تەڭ قارشىدىكەن ، خاسيەتلىك ئادەمدەك يۈرۈڭ خېنىم ئاسماندا ئۇچسىزكەن» دىدۇقمۇ ؟؟؟؟ بىلىمەن ،بەزى قىزلارنىڭ نىمدىن خۇشال بۇلدىغنىنى ئوبدان بىلمەن ، ۋاي ناھايتى كەسە يولدا كىتىۋاتقان نەچچە «يىگىت» شەھۋەت نەپسى بىلەن قاراپ قويدىغۇ شۇ ؟؟؟ شۇنىڭ نىمگە خوش بولغىچىلكى با ؟؟؟ سىز ئېچۋالغانغا خوش بۇلامسىز يا ؟؟؟ بولدىلا
بۇلارنى قانداق قىلمىز ئەمدى ؟ بەزىدە تۇرۇپ ئاشۇ قىزلارنىڭ ئاكسى يوقمىدۇ دەپ ئويلاپ قالاتتىم ، بىرقېتىم بىر قىزنىڭ تىلفۇندا پاراڭلىشۋاتقىننى يولدا كىتىۋېتىپ ئاڭلاپ قالغاندىن كىيىن ئاندىن چۈشەندىم :«ھە ! نىمە چاتقىڭ ،ئاكام بولساڭ نىمە بوپتۇ ،مەنمۇ سىنىڭ ئىشىڭغا ئارلىشىپ باققانمۇ ؟ مىنىڭ نىمە ئىش قىلشىم بىلەن سىنىڭ نىمە چاتقىڭ !!!!» مۇشۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ، مىڭەمدىن ئىس چىقىپ كەتتى،خۇدايىم توۋا ...يەنە ئاڭلىسام ئۈرۈمچىدە بىر ياش قىزلارغا كىينىشگە دىققەت قىلىش توغرىسدا تەربىيە قىلىپ ، ئېتلىپ كىتىپتۇ ، شۇڭا ئەمدى ئۇلارغا تەربىي قىلىشتىن يالتىيىپ قالدىم ، شۇڭا ئاشۇنداق ئىشلارغا يۇلۇقۇپ قالغان ، ۋە ماڭا ئوخشاش -ئوي پىكىردىكلەر بولسا بىرلىشىپ قانۇن بويچە « ئىشتان زاۋۇتى ئۈستىدىن ئەرىز »سۇنۇشنى توغرا تاپتىم ، بولسا شۇ «زاۋۇتلارنىڭ »قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرنى ئاستىغا ئىنكاس قىلىپ يېزىپ قۇيشىنى چىندىلىمدىن تىلەيمەن . قالغىنغا خۇدا ئۆزى كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەي.
ماۋۇ «غۇرۇرى كۈچلۈك، قەلمى ئۆتكۈر»ئىنكاسداشلا ،ئۇقۇماي تۇرۇپلا مىنى تىللاشقا چۈشمەي ،توغرا پىكىردە بۇلشىڭلارنى ئۈمۈد قىلمەن ...
باشقۇرغۇچى قېرىندىشىم ،بولسا مۇشۇ تىمامنىڭ ئېشىپكەتكەن يېرى بولسا ئۆزگەرتىپ تەستىقلاپ قويسىڭىز ،قىزلىرمىزنىڭ شۇ نىجىستىن قۇتۇلىشغا ئازراق بولسىمۇ سەۋەپ بولالىسا ئەجەپ ئەمەس ،رەھمەت سىزگە !