|
|
|
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ھۆرمەتلىك تورداشلار!!!!
5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەلقارالىق دوپپا بايرىمىنى قىزغن كۈتۈۋىلىش مۇناسۋىتى بىلەن، يېقىندا مەملىكەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا "دوپپىنىڭ ئىزى" ناملىق تەشۋىقات پائاليتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلۋاتىدۇ. بۇ پائاليەت 4-ئاينىڭ 5-كۈنى باشلانغان بولۇپ ئككى تۈرگە بۆلۈنگەن. بىرىنجىسدە كىشلەر قولىدا ئۆزى لاھيەلىگەن "دوپپامنى سۆيمەن" تىمىسدىكى لوگونى تۇتۇپ ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەردىكى مەشھۇر قۇرۇلۇشلار ئالدىدا رەسىمگە چۈشۈپ ئويۇشتۇرغۇچى تەرەپكە ئەۋەتىپ بېردۇ. ئككىنجىسىدە ئۆزلىرنىڭ دوپپا ھەققىدە يۈرەك سۆزلىرنى سىن شەكىلدە كىرېشتۈرۈپ ئويۇشتۇرغۇچى تەرەپكە ئەۋەتىپ بېردۇ. ئويوشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ ئادېرسى:Email:cooldancer@126.com
بۇ پائاليەتنىڭ ئەھمىيتى بولسا دوپپنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى ئىزلىرنى ئاددى خاتىرلەپ ئۆزمىزنىڭ يۈرەك سۆزلىرنى بىلدۈرۈشتۇر. يەنە رەسىمگە تارتىش ياكى سىنغا ئېلىش جەريانىدا ئەتراپىمىزدىكى كىشلەرگە مىللىتىمىزنى ، مەدەنيېتىمىزنى تونۇشتۇرغىلى بولىدۇ.
مىنىڭچە بۇ ناھايتى بىر ياخشى پائاليەت بولۇپتۇ. گەرچە تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن دوپپا قاتارلىق مىللى كىيىملىرمىز بارغانسىرى ئىشلتىشتىن قېلۋاتقان بولسىمۇ، بۇ خىل پائاليەت ئارقىلىق ھېچ بولمىغاندا "ئەسلەپ"تۇرساقمۇ بىر ياخشى ئىش بولىدۇ. شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى تۆۋەنلىك بىلەن سورايمەن. ئۆزىڭىزنىڭ لوگوسىنى لاھيەلەڭ دە ئاپارات ياكى تېلفۇنىڭىز بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ ئويوشتۇرغۇچىغا ئەۋەتىپ بېرىڭ، شۇ جەرياندا مەدەنيېتىڭزنى ، شەھرېڭىزنى ۋە يۈرەك سۆزلىرڭىزنى تەشۋىق قىلىڭ.ئۆزمىزنىڭ مەدەنيېتىنى ئۆزمىز تەشۋىق قىلايلى!!!!
تۆۋەندە تورداشلارنىڭ بىر نەچچە ئەسەرلىردىن ھوزۇرلانغايسىلەر!!!!!
گوللاندىيە ئامىستىردامدىكى قېرىنداشلار
ئاكتىپ قاتنىشايلى!!!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nursiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-18 10:10 PM
|
|
|
|
|
|