مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 462|ئىنكاس: 7

بۈيۈك سەپەر ،بۈيۈك ئىنتىلىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92661
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 934
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 05:06:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماددىي دۇنيا بۇلغانمىغا،مەنىۋىي دۇنيا ساختىلىق،مەنپەئەتپەرەسلىك،شەخسىيەتچىلىككە تولغان بۇجاھاندا،ھەقىقىي ساپ نەرسىنى ئىزدەش گويا دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەكلا بىر ئىش،بەلكى جاھاندا ساپ ۋە پاك نەرسىلەر قالمىغاندۇ؟توختا،،،،باردۇ بەلكى؟مانا ئىزدىمەكتىمەن...ئىزدەۋاتىمەن...تاپاي دېمەۋاتىمەن،،،بەزىلەر ئېيىتتى ‹سۆيگۈ پاك،سۆيگۈ ساپ›،كۆردۈم،ئانچىكى مەنپەئەت ئالدىدامەجنۇنتالدەك باش ئەگكەن ئاتالمىش سۆيگۈلەردىن يەنە نېمە پاكلىق كۈتۈش مۇمكىن؟ھەق سۆيگۈسى دەمسەن؟دۇرۇس ،ھەق سۆيگۈسى ئەڭ پاك سۆيگۈ،ئەمما ئۇ ئىلاھىي سۆيگۈدۇر.                                                
توساتتىن يامغۇر چۈشتى، مۇشۇ ئەڭ پاك،ئەڭ ساپ بولشى مۇمكىن....يۈرىكىم ئەنەشۇنداق شىۋىرلايتى...
-داد!-يامغۇر چۈشكەن ئەزايى بەدىنىم كۆيۈشمەكتە ئىدى،بىلمەپتىمەن بۇ يۇرتتا قاچاندىن بېرى كىسلاتالىق يامغۇر ياغدىغان بولۇپ قالدىكىنە؟
ئۈمۈدسىزلەندىم....ئەمما يەنە ئۈمۈدسىز قەدەملىرىمگە ئۈمۈد بىلەن كۈچ بېرىپ توختىماستىن ئىزدىدىم.ئايدالا-چۆللەردە ماڭدىم...مۇشۇ چۆلدىكى تۇپراق ساپ دەپ ئويلاپ ،جانسىز قوللىرىم بىلەن ئاختۇرۇشقا باشلىدىم،
يا رەب!.....كېرەكسىز ئەخلەت ۋەبۇلغانمىلار چۆللۈكنىڭ ئاستىدا بەخىرامان ئاقماقتا ئىدى...
يەنە بىر قېتىم ئۈمۈدسىزلەندىم....
بىراق نەدىندۇر كېلۋاتقان غەيرەت،پاكلىققا ،ساپلىققا بولغان ئىنتىلىش مېنى توختىماستىن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەشكە دەۋەت قىلاتتى،ئېغىرلاشقان قەدەملىرىم بىلەن پاكلىق،ساپلىق ۋە غۇبارسىزلىقنى تېپىش ئۈچۈن باسقان بۇ بۈيۈك سەپرىمنى يەنە داۋام ئەتتىم.
ئەنە ئالدىمدا كىچىككىنە بالىلار كۈلۈشمەكتە،توغرا ،شۇ سەبىئيلەرنىڭ كۈلكىسىچۇ؟چۇقۇم ئاشۇ كۈلكە ئەڭ پاك ،ئەڭ ساپ بولىدۇ.يۈگرەپ ئۇلارنىڭ يېنىغا باردىم،مەن يېقىنلاشقانسېرى ئۇلارنىڭ كۈلكىسى تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى،،،ئۇلار نېمىگە كۈلىدىكىنە؟
.....بىلدىم.....ئۇلار مېنىڭ تۇرقۇمغا قاراپ كۈلۋېتىپتۇ...چۇۋۇلغان چاچلىرىمغا،توپا باسقان يۈز-كۆزۈمگە،قانىغان تىرناقلىرىمغا،جۇل-جۇل بولۇپ كەتكەن كىيىملىرىمگە قاراپ مەسخىرىلىك كۈلۋېتىپتۇ....ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دەي؟ئەجىبا مازاق ۋە مەسخرىدىن تۇغۇلغان بۇ كۈلكىلەر ساپ بولارمۇ؟بۇ كۈلكىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ساختاكۈلكىلىردىن پەرقى نېمە؟ئەنە قارا.....بەزىدە ياشلارمۇ،ياشانغانلارمۇ،ئوتتۇرا ياشلىق كىشلەرمۇ مەندەك جۇل-جۇل كېپەننى كۆرسە مازاق قىلىشىپ كۈلشىدۇ،،،قىن-قىنغا پاتماي مەسخىرە قىلىپ راھەتلىنىپ كۈلىشىدۇ.....بۇ كىچىك بالىلارنىڭ كۈلكىسنىڭ ئاشۇلارنىڭ كۈلكىسى بىلەن نېمە پەرقى قالدى ھازىر؟

بۇ ھوسۇلسىز سەپەر مېنى ھالسىزلاندۇرغان ئىدى،
ئۈمۈدسىزلىكىم چېكىگە يەتتى...پاكلىققا،ساپلىققا،غۇبارسىز ئاقلىققا بولغان تەلپۈنۈشۈمنى بۇ دۇنيادىن قاندۇرالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتتى،ئىزدەپمۇ تاپالمايدىغانلىقىمنى ھېس قىدىم.....تەغدىرگە تەن بەردىم....
پۇت-قولۇمنى ئۇزۇن سۇنۇپ،ئاشۇ چۆلدە ساختىلىق ۋە ناپاكلىقتىن ئۆمۈرلۈك شەربەت ئىچكەن پانىي ئالەم بىلەن خوشلىشىشنى ئويلىدىم،دېمىسىمۇ نېمە قىلاي بۇ ساپلىقنى تاپقىلى بولمايدىغان جاھاندا ھاياتىمنى زايە قىلىپ ياشاپ...؟؟؟ئۈلۈپلا كېتەي....بەلكىم روھىم غۇبارسىزلىقنى،پاكلىقنى تېپىپمۇ قالار......
گۈپپىدە يىقىلىپ،ئاشۇ چۆلدە پۇت-قولۇمنى ئۇزۇن سۇنۇپ ،ئۆزۈمنى تاشلاپ ياتتىم...
شۇنداق تىنىچ،شۇنداق راھەت بىر سېزىم....خىيالىمدا ئۆلىۋاتىمەن...
گۈپ!گۈپ!گۈپ!
جىمجىتلىقنى بۇزغان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم،سوقۇشلىرى شۇنچە رېتىملىق،ئاۋازلىرى شۇنچە جاراڭلىق،تۇيغۇلىرى شۇنچە بىغۇبار.....
ئاھ،مېنىڭ يۈرىكىم!!!
پاكلىققا تويۇنغان ،ساپلىقنى سۆيگەن ،غۇبارسىز يۈرىكىم......!!!
كۆزلىرىم ئۈمۈدتىن چاقناپ كەتتى،چۈنكى مەن ئاخىرى ئىزدىگەن نەرسەمنى تاپقان ئىدىم.شۇنداق بىر ئىلاھىي مەدەت بىلەن ئاشۇ پاك يۈرەكنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمەكچى بولدۇم....ئۆسۈپ كەتكەن ترناقلىرىم گويا بىر پىچاققا ياكى ۋېلكىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى..... كۆكرىكىمگە قولۇمنى ئاستا يېقىنلاشتۇرۇپ،ئەڭ ئاخىرقى كۈچۈمنى يىغىپ كۈچىدىم-دە،كۆكرىكىمنى ياردىم.......
قىپقىزىل قانلار چۆللەرگە ئاقتى........
تىترەپ تۇرغان قولىرىم بىلەن يۈركىمنى سۇغۇرۇپ ئالدىم،كۆزۈمنىڭ ئۆچەي دەپ قالغان نۇرى بىلەن گۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقان قىپقىزىل يۈرىكىمنى كۆردۈم.........
ساپ قاننىڭ پۇرىقى،پاك يۈرەكنىڭ سوقۇشى،قانائەت تاپقان بۈيۈك ئىنتىلىش......!
جانۇ –جىسمىم،پۈتكۈل روھىم قانائەت تاپقان ئىدى.....بىراق
يۇمۇلۇش ئالدىدىكى كۆزلىرىمدە بىر ئۆمۈر ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ تاپقان بۇ بۈيۈك پاكلىقنى ناپاك دۇنياغا قويۇپ كېتىشكە قىيالماسلىق ئەكىس ئەتمەكتە ئىدى............


مەنبە:ئىجادىيىتىم   (ئەسكەرتىش:تېمامنى رۇخسەتسىز باشقا مۇنبەرلەرگە يۆتكىمەڭ)

بىلىشكە ئالدىرمىدىم ،ئۆزى كېلىپ بىلدۈرۈپ قويار دەپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94331
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2013-4-4
ئاخىرقى: 2014-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 09:36:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنى بەك ياخشىكەن . ياخشى يېزىپسىز! تىرىشىڭ! ئەمما بىر سۇئال سورىغىم كېلۋاتىدۇ. قايسى بىر ئىشنىڭ تەسىرىدە بۇ يازمىڭىزنى يېزىپ قالدىڭىز؟ ئالاھىدە سەۋەپ بارمۇ قانداق؟

نەتىجە قانچە جاپا بىلەن قولغا كەلسە ئۇنىڭ ھالاۋىتى شۇنچە قەدىرلىك بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3346
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9221
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 3315 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 12:48:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى نەرسىلەرنى،بەزى ئىشلارنى ئۆزىمىزنىڭ ئويلىغان شەكلى ھالىتىدە تاپالىشىمىز ناتايىن. نۇرغۇنلىرى سىرىتقى مۇھىتنىڭ تەسىردە شەكلى ھالىتدە ئۆزگۈرۈپ بىز كالىمىزدا تەسۋىرلەپ ئۆلچەم قىلىپ بېكىتىۋالغاندىن پەرىقلىق بولىشى مۇقەرەر. بىراق ئۇنىڭ ئىچكى ماھىيتى  يەنىلا شۇنداق پاك ،ساپ ،بۇلغانمىغان بۇلىشى مۇمكىن. تەپسىلى كۆزەتسە ،بايقىغىلى بولدۇ.

چۇقۇم ھاياتىمنىڭ  ئاخىرىغىچە  تىرىشىمەن !!!!

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8751
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 01:18:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ...بۇ نەسرىي ئەسىرىڭىز خېلى ۋايىغا يىتىپ يېزىلىپتۇ...مەن قېرىنداشلىرىم ئىچىدىن
يىتىشىپ چىققان...يەنە بىر ‹دانكۇ›نىڭ يۈرىكىنى كۆرگەندەك بولدۇم...بۈيۈك سەپەر،
بۈيۈك ئىنتىلىش جەريانىدا،ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىڭىز تېخىمۇ مول مىۋە بەرگەي...سىزگە
ئۇتۇق تىلەپ؛_چىراقپاي.

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19964
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10615 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 12:47:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل تىمىكەن .يېزىپ تۇرۇڭ ...

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92661
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 934
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 03:01:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oghuz531 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-18 09:36 PM
مەزمۇنى بەك ياخشىكەن . ياخشى يېزىپسىز! تىرىشىڭ! ئەمما ب ...

رەھمەت....قانداقتۇر ئالاھىدە سەۋەپمۇ يوق،رېئال تۇرمۇشنىڭ بەزىبىر كارتىنىلىرى ئادەمنى شۇخىل ئويلارغا باشلايدىكەن،ئەلۋەتتە،ئىلھاممۇ ئۆز يارىشىقىدا كېلىپ قويىدىكەن.........

بىلىشكە ئالدىرمىدىم ،ئۆزى كېلىپ بىلدۈرۈپ قويار دەپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92661
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 934
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 03:03:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
orkixi يوللىغان ۋاقتى  2013-4-19 12:47 PM
ئېسىل تىمىكەن .يېزىپ تۇرۇڭ ...

رەھمەت....بەك ئالدىراشقۇ ئۆركەش ئاكا،ھەجەپ يوقاپ كېتۋاتسىزجۇمۇ؟

بىلىشكە ئالدىرمىدىم ،ئۆزى كېلىپ بىلدۈرۈپ قويار دەپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92661
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 934
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 03:05:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qirakpay يوللىغان ۋاقتى  2013-4-19 01:18 AM
...بۇ نەسرىي ئەسىرىڭىز خېلى ۋايىغا يىتىپ يېزىلىپتۇ...م ...

تىلەكلىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر،قېرىندىشىم!مەمنۇن بولدۇم!

بىلىشكە ئالدىرمىدىم ،ئۆزى كېلىپ بىلدۈرۈپ قويار دەپ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش