ئەمدىلا ياشلىق دەۋرنىڭ بوسۇغۇسىغا قەدەم ئالغان شۆھرەتجان بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بىلەن يىقىلدى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوغلىنى داۋالىتىش جەريانىدا مال-بىساتىدىن تامامەن ئايرىلىپ، قاق سەنەم بولۇپ قالدى. ئەجەل چاڭگىلىدا ئاچچىق ئىڭراۋاتقان يۈرەك پارىسىنى قۇتۇلدۇرىۋېلىشنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىككى ئامالىنى قىلالماي، ھەريان تىپىرلاپ، يۈرەك-باغرى پارە- پارە بولۇپ كەتكەن بىچارە ئاتا-ئانا ئەڭ ئاخىرىقى ئۈمىدىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن،جەمئىيەتتىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ مېھىرلىك ساخاۋەت تامچىلىرىدىن ئىزدەشكە مەجبۇرى بولدى...! شۆھرەتجانغا شەپقەتلىك قولىمىزنى سونايلى
«ئاقسۇگېزىتى» مۇخبىرى مۇختار ئابدۇقادىر
«ئوغلىمىز شۆھرەتجان تېخى ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن ئىدى. بىلمەيلا قالدۇق، ئۇ بۇلتۇر 3- ئايدا زۇكام بولغان بانا بىلەن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ۋىلايەتلىك 1- دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىپ تەكشۇرتسەك، «ئىككىلا بۆرەك زەئىپلىشىپتۇ» دەپ يەكۈن چىقاردى. ئارقىدىن 1- دىۋىزيە دوختۇرخانىسىدا قايتا تەكشۈرتسەك دئىاگۇنۇز نەتىجىسى يەنە ئوخشاش چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئوغلىمىزنى ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا، ئاندىن شىجاجۇاڭ بۆرەك كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا ئاپىرىپ، ئۈچ ئايغا يېقىن داۋالاتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سالامەتلىكى خېلىلا ياخشى بولۇپ قالغان ئىدى. تولىمۇ ئەپسۇس، بۇلتۇر 11- ئايدا ئۇنىڭ بۆرەك كېسىلى قايتىدىن قوزغالدى. شۇندىن بۇيان ۋىلايەتلىك 1- دوختۇرخانىدا داۋالىتىپ كېلىۋاتىمىز، ھەپتىدە ئۈچ قېتىم قان سۈزۈپ داۋالاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە ئوغلىمىزنى داۋالىتىشقا 380 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق خىراجەت كەتتى. بۇ جەرياندا تېرىپ تىرىكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان 33 مو يېرىمىزنى، مال- چارۋىلىرىمىزنى، قىسقىسى پۇلغا يارۇغىدەك بىساتىمىزنى سېتىۋەتكەندىن سىرىت، بانكا ۋە شەخسلەرگە يەنە 100 مىڭ يۈەن قەرزدار بولۇپ بولدۇق. ھازىر بىزنىڭ ئۈچ ئېغىزلىق ئولتۇراق ئۆيىمىزدىن باشقا نەرسىمىز قالمىدى. دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيەسى قىلمىغاندا ئوغلىمىزنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغىلى بولمايدىكەن. ماس كېلىپ قالسا ئەر-ئايال ئىككەيلەن ۋە بىر قىسىم ئۇرۇغ تۇققانلار بۆرىكىمىزنى بەرمەكچى بولىۋاتىمىز. پەقەت ئوپراتسىيە خىراجىتى ئۈچۈنلا 200 مىڭ يۈەن ئىقتىساد كېتىدىكەن. ئوغلىمىزنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئولتۇراق ئۆيىمىزنىمۇ ساتماقچى بولىۋاتىمىز، ئۆيىمىز كۆپ بولسا 70، 80 مىڭ يۈەنگە يارىشى مۈمكىن. شۇ تاپتا ئوغلىمىزنىڭ بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيەسىگە كېرەكلىك خىراجەتنى قانداق غەملەش مەسىلىسىدە ئامالسىز قالدۇق! ....».
ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ياشلار دېھقانچىلىق مەيدان 6- ئەتىرىتىدە ئولتۇرۇشلۇق تۇردى توختى تەھرىر بۆلۈمىمىزگە كېلىپ، مۇخبىرغا ئەزرائىل بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىۋاتقان ئوغلى شۆھرەتجاننىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندا كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن تارام-تارام ياش ئۇنىڭ غەم-قايغۇدىن تاتارغان يۈزىنى ھۆل قىلىۋەتتى... ئىلگىرى نى نى قىسمەتلەر ئالدىدا ھېچنىمىگە پەرۋا قىلماي، كىرپىكى زەرىچە نەمدىلىپ باقمىغان، تۇرمۇشنىڭ ئېغىر بېسىملىرى ئاستىدىمۇ بىراۋغا مۇڭغىيىپ باقمىغان بىر ئاتا – بىر ئەركەك رەھىمسىز كېسەللىك سەۋەبىدىن يۈرەك پارىسىنىڭ بېشىدا ئەجەل تۇمانلىرى قۇترىغاندا خۇددى كىچىك بالىدەك ئەنە شۇنداق كۆز يېشى قىلدى، تۇنجى قېتىم باشقىلارنىڭ ئوغلىغا ياردەم قولىنى سۇنىشىنى مۇراجەت قىلدى! ئۇ، ئوغلىنىڭ بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيەسىگە كېرەكلىك خىراجەتنى غەملەش مەسىلىسىدە ھەقىقەتەن ئامالسىز قاپتۇ ! ئاھ، رەھىمسىز تەقدىر، سەن بەزى چاغلاردا كىشىلەرنى نىمانچە ئېغىر تەشۋىش ۋە ئازاپلارغا مۇپتۇللا قىلىدىغانسەن ھە؟!.....
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، بۇ دۇنيا مېھىر مۇھەببەت بىلەن تېخىمۇ گۈزەل، تېخمۇ سۈيۈملىك. ھاياتلىق ھەممىدىن قىمەتلىك ھەم قەدىرلىك! جاھاندا ھاياتىقنى–جاننى قۇتۇلدۇرىۋېلىشتىنمۇ ئارتۇقراق ساۋاپلىق ئىش بولمىسا كېرەك. ئەنە قاراڭ، ئەمدىلا ياشلىق دەۋرنىڭ بوسۇغۇسىغا قەدەم ئالغان شۆھرەتجان تۇردى ئىسىملىك ياشقىنە بىر قېرىندىشىمىز بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بىلەن يىقىلدى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوغلىنى داۋالىتىش جەريانىدا مال-بىساتىدىن تامامەن ئايرىلىپ، قاق سەنەم بولۇپ قالدى. ئەجەل چاڭگىلىدا ئاچچىق ئىڭراۋاتقان يۈرەك پارىسىنى قۇتۇلدۇرىۋېلىشنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىككى ئامالىنى قىلالماي، ھەريان تىپىرلاپ، يۈرەك-باغرى پارە- پارە بولۇپ كەتكەن بىچارە ئاتا-ئانا ئەڭ ئاخىرىقى ئۈمىدىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن، جەمئىيەتتىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ مېھىرلىك ساخاۋەت تامچىلىرىدىن ئىزدەشكە مەجبۇرى بولدى...!
بىزدە «تاما تاما كۆل بۇلار» دەيدىغان ھېكمەت بار. ئەگەر ھەر بىرىمىز قەلب دېڭىزىمىزدىن ئاز ئازدىن بولسىمۇ ساخاۋەت تامچىلىرىنى ھەدىيە قىلالىساق شۆھرەتجاننىڭ قايتىدىن ساغلام ھاياتلىققا ئېرىشىشىگە ئۈمۈد ئاتا قىلالىغان بولاتتۇق. قېرىنداشىم، سىز ھاياتى خەۋىپ ئىچىدە تۇرىۋاتقان بۇ قېرىندىشىمىزغا ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇپ، مەدەت بېرىشنى، مېھىرلىك ساخاۋەت تامچىلىرىڭىزدىن بىر تامچە ھەدىيە قىلىشنى خالامسىز؟!
دۇنيا مېھىر شەپقەتكە تولسۇن!
ئەسكەرتىش: بىمارغا قەلب ئىزھار قىلغۇچىلار 13899254017 ئارقىلىق بىمارنىڭ ئاتا- ئانىسى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ.(بانكا ھېساۋات كارتىسى : 6210082008379597 (ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى)، 6222023014004974331 (سودا- سانائەت بانكىسى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-19 12:33 AM