مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1324|ئىنكاس: 16

ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ھاياتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35040
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 03:46:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      
                         ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇلمەلىك                           

« بىلەمسەن؟ ھەر بىر قەۋمنىڭ ئەڭ ئېسىلى بار. ئۇمەييە جەمەتىنىڭ ئەڭ ئېسىل ئادىمى
- ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز، ئۇ قىيامەت كۈنىدە تەنھا بىر مىللەت قىلىپ تىرىلدۈرىلىدۇ. »
     _ مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھۇسەن

ئۇلۇغ تابىئىن، مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى - ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئۆزىدىن بورۇنقى خەلىفە سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىكنىڭ قەبرە توپىسىدىن قولىنى قاقماي تۇرۇپلا، كۈچلۈك ۋاراڭ - چۇرۇڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى ۋە مۇنداق دېدى:
- بۇ نېمە ئىش؟ ئۇلار مۇنداق دېدى:
- ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى! بۇ - خەلىفىنىڭ تەختىراۋانى، بۇ سىزنىڭ چىقىشىڭىز ئۈچۈن تەييارلانغان. ئۈمەر كۆزىنىڭ قىرى بىلەن ئۇنىڭغا قارىدى ۋە كۆتۈرەڭگۈ ئاۋاز بىلەن:
- مەن ئۇنىڭدا ئولتۇرۇپ نېمە قىلىمەن؟ ئۇنى مەندىن يىراق ئېلىپ كېتىڭلار، اللە سىلەرگە رەھمەت قىلغاي، ماڭا خېچىرىمنى ئەكىلىپ بېرىڭلار، شۇلا كۇپايە.
ئۇ ھارغىنلىق بىلەن ئۇيقۇسىزلىققا چۆمگەن ئىدى. ئۇ خېچىرىغا مىندى. ساقچى باشلىغى ئۇنىڭ ئالدىدا مېڭىش ئۈچۈن كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئوڭ - سولىدا قول ئاستىدىكى ساقچىلار سەپ تۈزۈپ ماڭغان ئىدى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا چاقناپ تۇرغان نەيزىلەر بار ئىدى. خەلىفە ئۇلارغا قارىدى ۋە مۇنداق دېدى:
- ماڭا سەن ۋە ئۇلار ھاجەت ئەمەس، مەن پەقەت مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى بىر ئادەم، ئەتىگىنى ئۇلاردەك تۇرىمەن، كەچتە ئۇلاردەك ياتىمەن.
ئاندىن ئۇ ماڭدى، كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ بىلەن مېڭىپ مەسجىدكە كىردى، كىشىلەر جامائەت نامىزىغا چاقىرىلدى. كىشىلەر ھەر قايسى تەرەپلەردىن مەسجىدكە سەل كەبى ئېقىشقا باشلىدى. كىشىلەر يىغىلىپ بولغاندا خەلىفە ئورنىدىن تۇرۇپ اللەغا ھەمدۇ – سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئوقىدى، ئاندىن مۇنداق دېدى:
- ئى خالايىق، مېنىڭ مەسلىھەتىمسىز، مەن بىخەۋەر، مۇسۇلمانلار كېڭەشمەستىن مەن بۇ ئىش بىلەن سىنالدىم، مەن گەردىنىڭلاردىكى ماڭا بەرگەن بەيئەتتىن ئايرىلدىم. سىلەر ئۆزۈڭلارغا سىلەر رازى بولىدىغان خەلىفە تاللىۋېلىڭلار.
كىشىلەر بىرلىكتە قاتتىق توۋلىشىپ:
- بىز سېنى تاللىدۇق، ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى! ساڭا رازىمىز. اللەنىڭ رەھمىتى ۋە بەركىتى بىلەن بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى قولۇڭغا ئال.
خەلىفە ئاۋازلارنىڭ پەسەيگەن، دىللارنىڭ ئارامىغا چۈشكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن،اللەغا يەنە بىر قېتىم ھەمدۇ - سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت ۋە سالام يوللاپ، كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇلارنى تەقۋالىققا قىزىقتۇراتتى، دۇنياغا بېرىلمەسلىككە ئۈندەيتتى، ئاخىرەتكە رىغبەتلەندۈرەتتى. قاتقان دىللارنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان، ئاسى كۆزلەردىن ياش تۆككۈزىدىغان، قەلىبتىن چىقىپ ئاڭلىغۇچىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئورۇن ئالىدىغان تەلەپپۇز بىلەن كىشىلەرگە ئۆلۈمنى ئەسلىتەتتى. ئاندىن ھالسىرىغان ئاۋازىنى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاڭلىغۇدەك قىلىپ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
- ئى خالايىق! كىمكى اللەغا ئىتائەت قىلسا، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش لازىم، كىم اللەغا ئاسى بولسا، ئۇنىڭغا ھېچكىم ئىتائەت قىلماسلىغى كېرەك. ئى خالايىق! ئەگەر مەن اللەغا ئىتائەت قىلسام، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر اللەغا ئاسى بولسام، ماڭا ھەرگىز ئىتائەت قىلماڭلار.
ئۇ سۆزىنى تۈگۈتۈپ، مۇنبەردىن چۈشۈپ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى ۋە ھوجرىسىغا كىرىپ كەتتى. دېمىسىمۇ خەلىفە سۇلايماننىڭ ۋاپاتىدىن بېرى قاتتىق چارچاپ كەتكەچكە، بىردەم ئارام ئېلىۋېلىش ناھايىتى زۈرۈر بۇلۇپ قالغان ئىدى. لېكىن ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز يېنىنى ئورۇنغا قۇيا - قويمايلا ئوغلى ئابدۇلمەلىك كىرىپ كەلدى. ئۇ شۇ كۈنلەردە ئون يەتتە ياشقا قاراپ مېڭىۋاتقان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
- ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى! نېمە ئىش قىلماقچى سەن؟
- ئى ئوغلۇم! ئازراق كۆزۈمنى يۇمۇۋالاي دېگەن، بەدىنىمنىڭ مادارى قالمىدى.
- ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى! ناھەق ئېلىنغان نەرسىلەرنى ئىگىلىرىگە قايتۇرماي تۇرۇپ ئۇخلىماقچىمۇ؟
- ئوغلۇم! كېچە تاغاڭ سۇلايماننىڭ ئىشى بىلەن ئۇخلىيالمىغان ئىدىم. اللە خالىسا پېشىن ۋاقتى بولغاندا نامازنى ئوقۇپ بولۇپ، كىشىلەردىن ناھەق ئېلىنغان نەرسىلەرنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىمەن.
- ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى! كىم سېنى پېشىن ۋاقتىغىچە ياشايدۇ دەيدۇ؟
بۇ سۆز ئۈمەرنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتتى، كۆزىدىن ئۇيقۇنى قاچۇردى، چارچىغان بەدىنىدە كۈچ ۋە ئىرادىنى ئۇرغۇتتى. ئۇ ئوغلىغا مۇنداق دېدى:
- ئوغلۇم! ماڭا يېقىن كەلگىنە.
ئوغلى ئۇنىڭغا يېقىن كەلدى. ئۇ ئوغلىنى باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ، ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا سۆيدى ۋە مۇنداق دېدى:
- اللەغا يۈزمىڭ قەتلە شۈكرى، مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدىن ماڭا، دىنىمغا ياردەم بېرىدىغان كىشىنى چىقىرىپتۇ.
ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ كىشىلەرگە: ناھەق ئېلىۋېلىنغان مېلى بارلار ئېلىپ كەتسۇن، دەپ جاكارلاشقا ئەمىر قىلدى.
*                     *                     *
ئابدۇلمەلىك كىم؟ كىشىلەر ئۇ توغرىسىدا: ئۇ دادىسىنى ئىبادەتكە باشلىغان، تەقۋالىق يولىغا ئېلىپ ماڭغان، دېگەن بۇ بالىنىڭ خەۋىرى قانداق؟ كېلىڭلار، بۇ دىيانەتلىك ياشنىڭ ھېكايىسىگە باشتىن نەزەر سالايلى!
ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ئون بەش بالىسى بار بولۇپ، ئۈچى قىز ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەقۋا ھەم دىيانەتلىك ئىدى. لېكىن ئابدۇلمەلىك قېرىنداشلىرى ئىچىدە ئىمان رىشتىسى كۈچلۈك ۋە نۇر چېچىپ تۇرغان مەشئەل ئىدى. ئۇ كىچىك تۇرۇپلا زېرەك ئەدىپ بولۇپ، ئوتتۇرا ياشلارغا خاس ئەقىل پاراسەتكە ئىگە ئىدى. ئۇ ئەقلىگە كەلگەندىن تارتىپلا بۈيۈك اللەنىڭ ئىتائىتىدە ئۆسۈپ يېتىلدى. ئۇ نەسەپ جەھەتتە ئۇمۇمەن خەتتاب جەمەتىگە يېقىن ئىدى، تەقۋادارلىق، گۇناھ سادىر قىلىشتىن قورقۇش، ئىتائەت بىلەن اللەغا يېقىنلىشىشتا خۇسۇسەن ئابدۇللا ئىبنى ئۈمەرگە ئوخشايتتى.
ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ئاسىم سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ:
دەمەشىققە ۋەكىل بولۇپ كېلىپ، تاغامنىڭ ئوغلى ئابدۇلمەلىكنىڭ ئۆيىگە چۈشتۈم. ئۇ بويتاق ئىدى. بىز خۇپتەن نامىزىمىزنى ئوقۇپ بولۇپ، ھەممىمىز ئۆز ئورنىمىزغا بېرىپ ياتتۇق. ئابدۇلمەلىك تۇرۇپ چىراقنى ئۆچۈردى. ھەممەيلەن ئۇيقۇغا كەتتى. كېيىن مەن يېرىم كېچىدە ئويغانسام، ئابدۇلمەلىك ناماز ئوقۇۋېتىپتۇ. ئۇ اللەنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىنى ئوقۇۋاتاتتى: « ئېيتىپ باققىنا! ئەگەر ئۇلارنى نۇرغۇن يىللار ( نىئمەتلىرىمىزدىن ) بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاپ كەلسە، ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولغان نىئمەتلىرى ( ئۇلادىن ئازاپنى دەپئى قىلىشتا ) ھېچنەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. » ( سۈرە شۇئەرا 205 ~ 207- ئايەتلەر )

ئۇنىڭ ئايەتنى تەكرار ئوقۇشى، يۈرەك رىشتىسىنى ئۈزگىدەك ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلىشى مېنى ھەيران قالدۇردى. ئۇ ئايەتنى ئوقۇپ بولۇپ، يەنە قايتا ئوقۇيتتى. مەن ئۇنى يىغا سىقىلدۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قۇيامدىكىن، دېدىم. مەن بۇلارنى كۆرۈپ:
- لا ئىلاھە ئىللەللاھ، ۋەلھەمدۇلىللاھ، - دېدىم.
ئۇيقۇدىن ئويغانغۇچى يىغىنى ئۈزۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلاتتى. ئۇ مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلاپ، جىمىپ كەتتى، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق تىۋىش ئاڭلىمىدىم.

بۇ ئۇمەۋىيلىك ياش ئۆز دەۋرىدىكى ئۆلىمالارنىڭ كاتتىلىرىدىن تەلىم ئالدى، قۇرئان بىلىملىرىنى تۇلۇق ئۆگەندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەرىسلىرىدىن تۇلۇق نېسىۋىگە ئېرىشتى، دىنى بىلىملەردىن تويۇندى. ئاخىرى يېشى كىچىك تۇرۇپلا، ئۆز زامانىسىدىكى شاملىق دىنى ئۆلىمالارنىڭ بىرىنچى تەبىقىسىگە قوشۇلدى.
ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز شامنىڭ بارلىق كىتاپ ئوقۇرمەنلىرىنى يىغىپ، مۇنداق دېدى:
- مەن سىلەرنى جەمەتىم قولىدىكى زۇلۇم بىلەن ئېلىنغان ماللارنىڭ ئىشى بىلەن چاقىردىم، بۇ توغرىسىدا سىلەرنىڭ قارىشىڭلار قانداق؟
ئۇلار دېدى:
- ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى! بۇ سېنىڭ رەھبەرلىكىڭ ئاستىدا بولغان ئىش ئەمەس، بۇلارنىڭ گۇناھى شۇنى زۇلۇم بىلەن ئالغان كىشىگە بۇلىدۇ.
ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزىگە خەلىفىنىڭ كۆڭلى تىنمىدى. قارىشى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىر كىشى خەلىفىگە قاراپ مۇنداق دېدى:
- ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى! ئابدۇلمەلىككە ئادەم ئەۋەتكىن، ئۇ بىلىم، ئەقىل ۋە دىنى ھۆكۈم جەھەتتە بۇ سورۇندىكىلەردىن ھەرگىز قېلىشمايدۇ.
ئابدۇلمەلىك خەلىفىنىڭ قېشىغا كىرگەندە، خەلىفە ئۇنىڭغا:
- تاغىمىزنىڭ بالىلىرى كىشىلەردىن ناھەق ئالغان بۇ ماللارنى قانداق قىلىمىز؟ ئۇنىڭ ئىگىلىرى كېلىپ، بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەققى بارلىغىنى بىلدۇق.
- مېنىڭ قارىشىم - ئېنىقلىيالىساڭلا، ماللارنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭ، شۇلارنى زۇلۇم بىلەن ئالغان كىشىلەرنىڭ شېرىكى بولۇپ قالىسەن.
خەلىفىنىڭ چىرايى ئېچىلىپ، كۆڭلى ئارامىغا چۈشۈپ، چىرايىدىن غەم ئالامەتلىرى يۇقالدى.
*                     *                     *
ئۈمەۋىيلىك بۇ يىگىت چىگرا قاراۋۇللىغى ۋە شام دىيارىدا تۇرۇش ئۈچۈن، شۇ يەرگە يېقىن شەھەردىن بىرىدە تۇرۇشنى تاللىدى. ئۇ گۈزەل باغلىرى، سايىلىق دەل - دەرەخلىرى، يەتتە دەرياسى بار بۇ كاتتا يۇرت - دەمەشىقنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئۆز يولىغا راۋان بولدى.
ئۇنىڭ دادىسى ئۇنىڭ دىيانىتى ۋە تەقۋادارلىغىنى ئوبدان بىلىدىغان تۇرۇغلۇق، ياشلىق ھېسسىياتى بىلەن ئوغلىنى شەيتاننىڭ ئازدۇرۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى. بىلىشكە تېگىشلىك بارلىق ئىشلىرىدىن خەۋەر تېپىپ تۇرۇشقا بەك قىزىقاتتى. ئوغلىنىڭ ئىشىدىن بىخەۋەر قالمايتتى ھەم ھەرگىز سەل قارىمايتتى.
ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ۋەزىرى، قازىسى، مەسلىھەتچىسى مەيمۇن ئىبنى مەھران بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«مەن ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ يېنىغا كىردىم، ئۇ ئوغلى ئابدۇلمەلىككە نەسىھەت قىلىپ، يول كۆرسىتىپ، گۇناھتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، دەۋزەختىن قورقۇتۇپ، جەننەتتىن خۇشخەۋەر بېرىپ خەت يېزىۋاتقان ئىكەن. ئۇ يازغان خەتتە تۆۋەندىكىلەر بار ئىدى:
- مەقسەت، مېنى ۋە مېنىڭ سۆزۈمنى ھەممىدىن بەك سەن چۈشىنىشكەلايىق، اللە بىلەن قەسەم قىلىمەن، ئۇنىڭغا چەكسىز مەدھىيىلەر بولسۇن، اللە بىزگە بارلىق چوڭ كىچىك ئىشلاردا غەمخورلۇق قىلدى. ئوغلۇم! اللەنىڭ ساڭا ۋە داداڭغا قىلغان ئىنئام ۋە پەزىلىتىنى ئېسىڭدىن چىقىرىپ قويما. كىبىر ۋە تەمەننادىن يىراق قاچ، ئۇ شەيتاننىڭ ئەمىلى. شەيتان مۇئمىنلەرگە ئېنىق دۈشمەن. ئوغلۇم! بىلگىنكى، مەن بۇ خەتنى سېنىڭ بىرەر يامان ئىشىڭ ماڭا يېتىپ كېلىپ يېزىۋاتقان يېرىم يوق. مەن سەن توغرىلىق ياخشى ئىشلارنىلا بىلىۋاتىمەن. لېكىن مەن سېنىڭ ئۆزۈڭدىن ئەجەپلىنىۋاتقانلىغىڭدىن خەۋەر تاپتىم، ئەگەر بۇ سېنى مەن ياقتۇرمايدىغان ئىشقا ئېلىپ بارسا، ئەلۋەتتە سەنمۇ مەندىن ئۆزۈڭ ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى كۆرىسەن.
مەيمۇن مۇنداق دەيدۇ:
ئۈمەر ماڭا قاراپ مۇنداق دېدى:
- ئى مەيمۇن! ئوغلۇم ئابدۇلمەلىك ئۆزەمگە ياخشى كۆرۈنىدۇ، مەن بۇ سەۋەپلىك ئۆزەمدىن شىكايەت قىلىمەن، مېنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈشۈم ئۇنى بىلىپ تۇرۇشۇمنى بېسىپ چۈشۈپ، ئاتىلىق مېھرى بىلەن بالىلىرىنىڭ ئەيىبىنى كۆرمەيدىغان ئاتىلاردىن بولۇپ قېلىشىمدىن بەك ئەنسىرەيمەن. سەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنى چوڭقۇر كۆزەتكىن. ئۇنىڭدا كىبىر، تەمەنناغا ئوخشايدىغان ھالەتتىن بارمۇ، ئوبدان نەزەر سال. ئۇنىڭ يېشى كىچىك، شەيتان ئازدۇرۇپ كېتىشىدىن بەك ئەنسىرەيمەن.
مەيمۇن مۇنداق دەيدۇ:
يۈك تاقامنى تېڭىپ، ئابدۇلمەلىك تەرەپكە يول ئالدىم، بېرىپ ئىزنى سوراپ يېنىغا كىردىم. ئۇ ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان، چىرايى نۇرلۇق، ناھايىتى كەمتەر بالا ئىكەن. ئۇ يۇڭدىن ئىشلەنگەن ئاق پالازدا ئولتۇردى، ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، مۇنداق دېدى:
- دادامنىڭ سېنى مۇۋاپىق تەرىپلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. سەن ئارقىلىق اللەنىڭ ماڭا پايدا يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن دېدىم:
- ئۆزۈڭ قانداقراق تۇرىۋاتىسەن؟
- اللەنىڭ ياردىمى ۋە ئىلتىپاتى بىلەن ياخشى. بىراق دادامنىڭ ماڭا بولغان ياخشى تۇنۇشى مېنى مەغرۇرلاندۇرۇپ قويىشىدىن ئەنسىرەيمەن. دادام ئويلىغان پەزىلەتنىڭ ھەممىسىگە يەتمىدىم تېخى. دادامنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى مېنى ھەقىقى چۈشىنىشنى بېسىپ چۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئاپەت بولۇشىدىن قورقىمەن.
مەن بۇلارنىڭ قارىشىنىڭ ئوخشاشلىغدىن ھەيران قالدىم ھەم ئۇنىڭغا دېدىم:
- ماڭا دېگىنە، تۇرمۇش خىراجىتىڭ نەدىن كېلىۋاتىدۇ؟
- ئۆزۈمنىڭ يېرىدىن، ئۇنى دادىسىدىن مىراس قالغان بىرسىدىن سېتىۋېلىپ، ھالال، ساپ پۇلدىن بەردىم. بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ مالىيەسىدىن ھەق ئالمايدىغان بولدۇم.
- يېيىشىڭ نېمە؟
- بىر كۈنى گۆش، بىر كۈنى پۇرچاق ۋە زەيتۇن يېغى، بىر كۈنى سىركە، زەيتۇن يېغى... مۇشۇ يېتەرلىك.
- ئۆزۈڭگە سەل ئەجەپلىنىش بارمۇ؟
- ئازراق شۇنداق ئىدى، دادام نەسىھەت قىلىپ، روھىيىتىمنى كۆرسىتىپ، ئۇنداق قىلىشنىڭ قىلچە قىممىتى يوقلىغىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، اللە ماڭا ھىدايەت بەردى. اللە دادامغا كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن.
مەيمۇن مۇنداق دەيدۇ:
مەن ئۇنىڭغا سۆزلەپ، سۆزىنى ئاڭلاپ خېلى ۋاقىت ئولتۇردۇم، مەن چىرايدا ئۇنىڭدىن چىرايلىق، ئەقىل جەھەتتە ئۇنىڭدىن مۇكەممەل، يېشىنىڭ كىچىك، تەجرىبىسىنىڭ كەملىكىگە قارىغاندا ئۇنىڭدەك ئەدەپلىك ياشنى كۆرمىگەن ئىدىم. كەچ كىرگەندە بىر يىگىت كېلىپ ئۇنىڭغا دېدى:
- اللە سېنى سالامەت قىلسۇن، قىلىپ بولدۇق.
ئۇ گەپ قىلمىدى. مەن:
- ئۇلار قىلىپ بولغان ئىش نېمە؟
- ھاممام.
- قانداق قىلىپ؟
- ئۇنى ماڭا كىشىلەردىن بىكار قىلغان.
- سەن ئۆزەڭنى كىشىلەردىن چوڭ تۇتىدىغان بوپسەندە.
ئۇ چۈچۈپ : ئىننە لىللاھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئۇن ( ھەقىقەتەن بىز اللەنىڭ ئىلكىدىمىز، جەزمەن اللەنىڭ دەرگاھىغا بارىمىز ) دەپ مۇنداق دېدى:
- ئۇنداق ئىش يوق تاغا، اللە ساڭا رەھمەت قىلسۇن.
- ئەمىسە مۇنچا سېنىڭمۇ؟
- ياق.
- ئۇنداقتا ئۆزەڭنى كىشىلەردىن ئۈستۈن قويماقچى. ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئورنۇڭنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولغاندەك، نېمىشقا ئۇلارنى ھاممامدىن چىقىرىسەن؟ يەنە كېلىپ ھاممامنىڭ كۈندىلىك كىرىمىگىمۇ زىيان سالىسەن، ھاممامغا كەلگەنلەر يۇيۇنماي قايتىپ كېتىدۇ.
- ھاممامنىڭ ئىگىسىگە بىر كۈنلۈك كىرىمىنى بېرىپ رازى قىلدىم.[
- بۇ مەنسىتمەسلىك ئارىلاشقان ئىسراپخورلارچە چىقىم. ھاممامغا ئەل قاتارى كىرسەڭ بولمامدىكەن؟ سەنمۇ ئۇلارغا ئوخشاش تۇرساڭ؟
- ماڭا تۇسالغۇ بولغىنى بىر بۆلۈك ئاددى كىشىلەر ھاممامغا يالىڭاچ كىرىدۇ، مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئەۋرىتىنى كۆرگۈم يوق. ئۇلارنى ئەۋرىتىنى يېپىشقا مەجبۇرلىغۇممۇ يوق. بۇ ئۇلارغا ھۇقۇقۇمنى ئىشلەتكەنلىك بولۇپ قالسا قانداق بولىدۇ؟ اللەدىن شۇنىڭدىن ساقلىنىشنى تىلەيمەن. ماڭا پايدا بەرگىدەك نەسىھەت قىلساڭ، اللە ساڭا رەھمەت قىلسۇن، مۇشۇ ئىشتا ماڭا بىر چىقىش يولى بەر.
- ئاخشىمى كىشىلەر ھاممامدىن چىقىپ، ئۆيلىرىگە قايتىپ بولغانغا قەدەر ساقلاپ تۇر، ئاندىن كىرگىن.
- چۇقۇم شۇنداق قىلاي، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز كۈندۈزى كىرمەيمەن. بۇ يۇرتنىڭ سوغۇقى قاتتىق بولمىغان بولسا، مۇتلەق كىرمەيتتىم.
ئۇ بىر ئىش ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقاندەك بىر ئاز جىم تۇرۇپ، ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇنداق دېدى:
- مۇشۇ ئىشنى دادامدىن سىر تۇتساڭ، ئۇ ماڭا غەزەپلىنىپ يۈرمىسىكەن دەيمەن. ئۇنىڭ مەندىن رازى بولمايلا بۇ دۇنيادىن كېتىپ قېلىشىدىن قورقىمەن.
مەيمۇن مۇنداق دەيدۇ:
مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەقلىنى سىنىماقچى بولۇپ، مۇنداق دېدىم:
- ئەگەر مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى مېنىڭدىن سەندىن بىر ئىشنى كۆردۈڭمۇ دەپ سورىسا يالغان ئېيتسام بولامدۇ؟
- ياق، خۇدا ساقلىسۇن. لېكىن ئۇنىڭغا: ئۇنىڭدا بىر ئىش بار ئىكەن، نەسىھەت قىلىپ خاتالىغىنى كۆرسىتىپ بېرىۋىدىم، ئۇنىڭدىن دەرھال قايتتى، دېگىن. ئۇ سەن ئاشكارە قىلمىغان ئىشنى سورىمايدۇ. چۈنكى ئۇلۇغ اللە ئۇنى يۇشۇرغان ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلىشتىن ساقلىغان.
مەيمۇن مۇنداق دەيدۇ:
- مەن ئۇلاردەك دادا ۋە ئۇلاردەك بالىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن، اللە ئۇلاغا رەھمەت قىلسۇن.»
*                     *                     *
مەدىنىڭ ئالىمى، قازىسى، ئۇستازى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىفىسى ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ يېنىغا كەلدىم، ئۇ ھەلەپ تەۋەلىكىدىكى خۇناسىرە دېگەن جايدا ئىكەن. ئۇ مەندىن ياشتا چوڭ بولۇپ، بىز كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بولغان ئىدى. ئۇنى ئۆيىنىڭ ئالدىدىن تاپتىم، لېكىن مەن كۆرگەندىن كۆپ ئۆزگىرىپ كەتكەچكە، تونىيالمىدىم. ئۇنىڭ بىلەن ئۇ مەدىنىنىڭ ۋالىسى بولغان ۋاقتىدا كۆرۈشكەن ئىدىم. ئۇ مېنى قارشى ئالدى ۋە:
- ئى ئەبۇ ھازىم! يېقىن كەل، - دېدى. مەن يېقىن كېلىپ:
- سەن مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى – ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئەمەسمۇ؟ - دېدىم، ئۇ:
- ھەئە، مەن شۇ، - دېدى.
- ساڭا نېمە بولدى؟ يۈزۈڭ نۇرلۇق، تېرەڭ سىلىق، تۇرمۇشۇڭ بەختىيار ئەمەسمىدى؟
- ھەئە.
- ئالتۇن كۈمۈشكە ئىگە بولۇپ، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە ئايلانغاندىن كېيىن سېنى نېمە شۇنداق ئۆزگەرتىۋەتتى؟
- ئى ئەبۇ ھازىم! مەندىن نېمە ئۆزگىرىپتۇ؟
- جىسمىڭ ئورۇقلاپتۇ، تېرەڭ يىرىكلىشىپ كېتىپتۇ. چىرايىڭ سارغىيىپتۇ، كۆزۈڭنىڭ نۇرى ئۆچۈپتۇ.
خەلىفە يىغلىدى ۋە مۇنداق دېدى:
- مېنى قەبرەمدە ئۈچ ئىش بولۇپ بولغاندىن كېيىن، يەنى كۆزلىرىم ئېقىپ كەتكەن، قۇرسىقىم ئىسىلىپ يېرىلغان، قۇرتلار بەدىنىمدە مېڭىۋاتقاندىن كېيىن كۆرسەڭ قانداق قىلارسەن؟ ئەبۇ ھازىم! سەن مېنى شۇ ۋاقىتتا كۆرسەڭ، ھازىرقىدىن بەك قارشى چىققان بولاتتىڭ.
ئاندىن ماڭا قاراپ دېدى:
- ئى ئەبۇ ھازىم! مەن ساڭا مەدىنىدە سۆزلەپ بەرگەن بىر ھەدىس يادىڭدا بارمۇ؟
- ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى! سەن كۆپ ھەدىس سۆزلەپ بەرگەن. قايسىسىنى دەيسەن؟
- ئەبۇ ھۇرەيرە رىۋايەت قىلغان ھەدىسنى.
- ھەئە، يادىمدا بار، ئى مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى!
- قايتا بىر سۆزلەپ بەرگىن، سېنىڭدىن ئاڭلىماقچىمەن.
- ئەبۇ ھۇرەيرەدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: پەيغەمبەر ئەلەيسىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ناھايىتى ئىگىز، خەتەرلىك بىر داۋان بار، ئۇنىڭدىن پەقەت ئىبادەت ۋە جىھاد جاپاسىدىن ئورۇقلاپ كەتكەن يەڭگىل ئادەملا ئۆتەلەيدۇ».
ئۈمەر قاتتىق يىغلاپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ يۈرىگىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىدىن قورقتۇم. ئاندىن ياشلىرىنى كەينى - كەينىدىن سۈرتۈپ، ماڭا قاراپ مۇنداق دېدى:
- ئى ئەبۇ ھازىم! مەن شۇ داۋاندىن ئۆتەلمەسمەنمىكىن دەپ قاراپ، شۇنىڭدەك ئۆتۈش ئۈچۈن ئىبادەت قىلىپ ئورۇقلاۋاتسام، ماڭا مالامەت قىلامسەن؟
*                     *                     *
تىبرىي تۇفەيل ئىبنى مىرداس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى- ئۈمەر ئەبنى ئابدۇلئەزىز خەلىفە بولغاندا، سوغدىنىڭ ۋالىسى سۇلايمان ئىبنى ئەبۇ سەرىغا مۇنداق دەپ مەكتۇپ يازدى:
- دىيارىڭدا مۇسۇلمانلارنى كۈتىۋالىدىغان سارايلارنى سالغىن. ئەگەر مۇسۇلمانلاردىن بىرەرسى ئۆتسە، ئۇنى بىر كېچە- كۈندۈز ياخشى كۈتۈپ، ئەھۋالىنى ياخشلاپ، ئۇلاق تەييارلاپ بەرگىن. ئەگەر قىيىنچىلىغى بارلىغىنى ئېيتسا، ئىككى كېچە- كۈندۈز ياخشى كۈتۈپ، ئۇنىڭغا ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار. ئەگەر ئۇزۇق- تۈلۈكى ۋە ئۇلاقلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسا، ھاجىتىنى راۋا قىلىپ، يۇرتىغا يەتكۈزۈپ قويۇڭلار.
ۋالى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ دېگەنلىرى بۇيىچە مېھمانخانىلارنى تەييارلىدى. بۇ خەۋەر پۈتۈن جاھانغا تارالدى. پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى مۇشۇ توغرىلىق سۆزلەشكە، خەلىفىنىڭ ئادىللىقى ۋە تەقۋالىغىنى مەدھىيىلەشكە باشلىدى. سەمەرقەنتنىڭ پېشىۋالىرى ۋالى سۇلايمان ئىبنى ئەبۇ سەرىينىڭ يېنىغا كىرىپ مۇنداق دېدى:
- سەندىن بورۇنقى قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم بىزنىڭ يۇرتىمىزنى خەۋەرلەندۈرمەستىن يۇرتلىرىمىزنى ئىگەللىۋالدى. بىز بىلەن ئۇرۇش قىلىشتا سىلەر مۇسۇلمانلار تۇتقاندەك يول تۇتمىدى. بىز شۇنى بىلدۇقكى، سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارنى ئىسلامغا كىرىشكە چاقىرىدىكەنسىلەر، ئۇنىمىسا جىزىيە تۆلەشكە چاقىرىدىكەنسىلەر، ئۇنىڭغىمۇ ئۇنىمىسا ئۇرۇش ئېلان قىلىدىكەنسىلەر. لېكىن بۇرۇنقى بىزگە قىلىنغان ئۇرۇش ئۇنداق بولمىدى. بىز سىلەرنىڭ خەلىفەڭلارنىڭ ئادىل ۋە تەقۋالىغىنى بىلىپ، سىلەرنىڭ قۇشۇنۇڭلار ئۈستىدىن سىلەرگە شىكايەت قىلىشنى، سىلەر ئارقىلىق سىلەرنىڭ قۇماندانىڭلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى قارار قىلدۇق. ئى ئەمىر! ئىجازەت بەرسەڭ، بىزنىڭ ۋەكىللىرىمىز خەلىفەڭلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، بىزنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىغىمىزنى ئېيتسا. ئەگەر بىزنىڭ توغرا بولسا ئېرىشەرمىز، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، بارغان يېرىمىز بىلەن قايتىپ كېلىمىز.
ۋالى سۇلايمان ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ دەمەشىقكە، خەلىفىنىڭ يېنىغا بېرىشقا رۇخسەت بەردى. ئۇلار خەلىفىنىڭ يېنىغا بارغاندا، ئەرزىلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىفىسى- ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزگە سۇندى. خەلىفە سۇلايمان ئىبنى ئەبۇ سەرىيغا خەت يېزىپ مۇنداق دېدى:
- مەقسەت، مېنىڭ بۇ خېتىم يېتىپ بارسا، سەمەرقەنتلىكلەرنىڭ شىكايىتىنى ئاڭلايدىغان قازى تۇرغۇز. قازى ئۇلارنىڭكىنى توغرا دەپ ھۆكۈم قىلسا، مۇسۇلمانلار قۇشۇنىنى ئۇلارنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلىشقا بۇيرىغىن. شۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنى ئىختىيارىغا قوي. سىلەر قۇتەيبە ئۇلارنىڭ دىيارىغا كىرىشتىن بۇرۇنقى ھالىتىڭلارغا قايتىڭلار.
ۋەكىللەر سۇلايماننىڭ ئالدىغا كېلىپ خەتنى بەرگەندە ئۇلارغا ئەڭ يۇقىرى قازى – جۈمەي ئىبنى ھازى نىناجنى قازى قىلىپ قازى قىلىپ تەيىنلەپ بەردى. قازى ئۇلارنىڭ شىكايىتىنى كۆرۈپ چىقتى، ئىشلىرىدىن خەۋەر تاپتى. مۇسۇلمانلار قۇشۇنى ۋە ئۇلارنىڭ قۇماندانلىرىدىن بىر بۆلۈكىنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلىدى- دە، ئۇلارنىڭ دەۋاسىنىڭ توغرىلىقى ئايدىڭلاشتى. سەمەرقەنتلىكلەرنىڭكىنى توغرا قىلىپ ھۆكۈم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ۋالى مۇسۇلمانلار قۇشۇنىنى يۇرتىنى تاشلاپ، ئۆزىنىڭ بارگاھىغا قايتىشقا، ئۇ جايغا كېيىن ياكى سۈلھى بىلەن كىرىش ياكى جەڭ بىلەن غەلىبە قىلىپ كىرىش ۋە ياكى مەغلۇپ بولۇشقا قالدۇرۇشقا بۇيرىدى. سەمەرقەنتلىكلەرنىڭ مۆتىۋەرلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئالى قازىسىنىڭ ھۆكۈمىنى ئاڭلاپ، ئۆز- ئارا مۇنداق دېيىشتى:
- ھەي، قاراڭلار بىزگە! بىز ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ بىرگە ياشىدۇق. ئۇلارنىڭ ئادىل، راستچىل ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. ئۇلارنى ئېلىپ قالايلى. ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتۈپ، بىزمۇ خاتىرجەم، خۇشال ياشايلى.



داۋامى بار...

مەنبە:تابىئىنلار ھاياتىدىن تاللانما

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ihsanjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-18 04:10 PM  


‹‹ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بىرىلگەن) نېئمەتلەردىن سۇئال-سوراق قىلىنىسىلەر›› تەكاسۇر سۈرىسى 8-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89160
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1630
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 343 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 09:13:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭ جېنېىم  قېرىندىشىم  ،  بۇ تېمىغا  كىچىكىپ كىرىپتىمەن،  بۇنداق ئېسېل تىمىغا ھېچكىم ئىنكاس يازماپتۇ، نېم ئۈچۈن يازمايدۇ،   ھەي................... ئاللا سىزگە كۆپ رەخمەت قىلغاي ئامىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93794
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 971 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 09:23:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەس مۇنازىرە قىلىدىغان ،بىلمىگەنلەرنى سورايدىغان ،تېمىلارغا ئىنكاسلارنىڭ يېزىلمىغىنىغا ھەيرانمەن.....................؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ناماز بىلەن رامزان ئادەمگە قالقان › ئۇنى تېشەر غەيۋەت بىلەن يالغان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93794
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 971 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 09:24:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ناماز بىلەن رامزان ئادەمگە قالقان › ئۇنى تېشەر غەيۋەت بىلەن يالغان .

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8948
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 3165 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 10:12:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم  بەك خورسەن بولدۇم

كۆپرەك  دوستۇم بولسا

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8948
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 3165 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 10:12:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم  بەك خورسەن بولدۇم

كۆپرەك  دوستۇم بولسا

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8948
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 3165 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 12:21:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مۇنبەردە تالاش-تارتىش جىدەل-ماجرالار بۇلىدىغان تىمىلارنىڭ ئىنكاسچىلىرى بەك كۆپ لىكىن بۇنداق تەربىيۋى تىمىلارغا كىرىدىغان ئىنكاس يازىدىغان ئىلھام ئالىدىغانلار يوق  بۇ قانداق ئىشتۇ.
ئى ئاللاھ كىشلەرنىڭ دىلىنى نەسىھەتكە ئىنتىلىدىغان قىلىپ  بەرسىلە

كۆپرەك  دوستۇم بولسا

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 12:48:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم  .  اللە نىڭ  رەھمىتى  بولسۇن . امن   1

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32889
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4192
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2013-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 01:34:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ۋاقىتلاردا  بۇ خەلىفەنىڭ تارىخنى ئوقۇپ كۆزلىرىمنىڭ يېشىنى تۇتالماي قالغانىدىم ،  . . . .
  ‹‹  ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز خەلىفلىك قىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە باشقا يۇرتتىن بىر ئايال خەلىفەنى ئىزدەپ كىلىپ ئۆيىگە كىرىدىكەن، ئۇ ئايال قارىسا خەلىفەنىڭ ئايالى بىر ئادەمگە لاي سۇنىۋېتىپتۇ، ھېلىقى ئەركىشى تامنى سۇۋۋاتقانىكەن ، ئايال ھەيران بۇلۇپ خەلىفەنىڭ ئايالىدىن سوراپتۇ : سىز يات ئەرنىڭ قېشىدا يۈزىڭىز ئوچۇق تۇرۇپسىزغۇ  ... ،  مەن خەلىفەنى ئىزدەپ كەلگەنتىم .
خەلىفەنىڭ ئايالى كۈلۈمسىرەپ ھېلىقى ئەرگە : بۇ ئايال سىزنى ئىزدەپ كەپتۇ ، دەپتۇ .
تام سۇۋۋاتقان ئادەمنىڭ خەلىفە ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئايال  يىغلاپ كەتكەنىكەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahis تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-19 01:38 AM  


تۇركان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77782
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3554
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 255 سائەت
تىزىم: 2012-3-22
ئاخىرقى: 2014-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 09:40:01 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)نىڭ خەلىپىلىك دەۋىرىدە،خەلىپە ئۆمەر  ھەر كېچىسى خەلىقنىڭ ھالىنى بىلىش ئۈچۈن مەھەللە-كەنىتلەرنى ئارىلايدىكەن.بىركۈنى كېچىسى بىر ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتسا،ئانا-بالىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپتۇ،ئانا سۈتكە سۇ قوشماچى بولغاندا قىزى،ئانا بۇ ئالدامچىلىق ئەمەسمۇ،
ئانىسى:بۇ قاراڭغۇ كېچىدە ھېچكىم كۆرمەيدۇ.
قىزى:ئەممە خەلىفە ئۆمەر سۈتكە سۇ قوشۇپ سېتىشنى چەكلىگەن تۇرسا.
ئانا:ئۆمەر بۇنى بىلمەيدۇ.
قىزى:ئەمما بۇنى ئۆمەرنىڭ رەببى كۆرىدۇ.
بۇنى ئاڭلىغان خەلىپە ئۆمەر ئاللاھقا دۇئا قىلىپتۇ(دۇئانىڭ مەزمۇنى ئېسىمدە قالماپتۇ)كىين ئانىسىنى سۈتكە سۇ قوشۇپ سېتىشتىن توسقان قىز،خەلىپە ئۆمەرنىڭ ئوغلىغا ياتلىق بولۇپتۇ ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى تۆت خەلىپىدىن كىيىنكى  ئەڭ ئادىل ھەققانى خەلىفە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىزنى تەۋەللۇت قىپتۇ.
  ئىنكاسنى تېلىفۇندا يوللىغاچقا خاتا كەتكەن جايلىرى بولىشى مۇمكىن،تۈزۈتۈپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش