مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 795|ئىنكاس: 7

‹‹ پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى››قايتا يېزىلسا.... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قىممەت- ھەقىقەتت

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8444
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8308
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 144 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2013-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 02:56:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

‹‹ پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى››قايتا يېزىلسا....

ئەيساجان تۇردى ئاچچىق

مۇقەددىمە

مائارىپ ھەققىدە يالغان گەپ قىلىش، پادىشاھلارغا يالغان گەپ قىلىشتىن ئارتۇق جىنايەت بولسا كېرەك.ئوقۇغۇچىلارنى ئالداش ، پادىشاھلارنى ئالداشتىن خەتەرلىك. ئوت قويغانلار تۈرمىگە كىرىۋاتىدۇ، ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر ئېغىر جازالىنىۋاتىدۇ،  ئوغۇرلۇق قىلغانلار قانۇن بويىچە باشقۇرۇلۋاتىدۇ.بىمارلارغا خاتا دورا بىرىپ قويغان دوختۇر جاۋاپكارلىققا تارتىلۋاتىدۇ، دۆلىتىمىزدە قانۇن ھەقىقەتەن كۆپ، دۆلەتنى قانۇن ۋ ئەخلاق ئارقىلىق باشقۇرۇش ئىزچىل تەكىتلىنىۋاتىدۇ. قانۇنچىلىق دۆلىتى قۇرۇش نىشانىمىز تولىمۇ نۇرلۇق ھەم مۇقەددەس نىشاندۇر. بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرى بۇ يولدىن ئاداققىچە تەۋرەنمەيمىز...بىراق ،بىرەر  ئوقۇغۇچىنىڭ روھىنى نابۇت قىلغان، بىر ۋە بىر قانچە ئوقۇغۇچىغا خاتا تەربىيە بىرىپ قويغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى كۆمىۋەتكەن، ئوقۇغۇچىلار تەرەققىياتىنى توسقان،ئۆز ئىدىيەسىنى ئوقۇغۇچىلارغا مەجبۇرى تاڭغان،  ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلىگەن ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۈمىتسىزلىك پاتقىقىغا پاتقۇزۇپ قويغان.... ئوقۇتقۇچىلار قانۇن سىرتىدا قېلىۋاتىدۇ، جازالانمايۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مائارىپقا بىمەنە چاقچاق قىلىۋاتقان، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غۇرۇرىغا تىگىۋاتقان ، ئىلمىي بولمىغان قائىدە- تۈزۈملەرنى، شۇئارلارنى مەكتەپكە ئېلىپ كىرىۋاتقان، مەكتەپلەردە بولۇشقا تىگىشلىك مۇھىم تەربىيەلەرگە سەل قاراۋاتقان ياكى يول قويمايۋاتقان..... مەسىلىلەرگە قانداق قاراش، قانداق بىر تەرەپ قىلىش، قانۇنغا قانداق تەدبىقلاش قاتارلىق  مەسىلىلەر قانۇنشۇناسلارنىڭ  دىققىتىنى تارتمايۋاتىدۇ.  بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەندىن كۆرە، روھنى چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن ئەلا.  بىر بىمارغا خاتا دورا بىرىپ قويغاندىن،  ئوقۇغۇچىلارغا خاتا تەربىيە بىرىپ قويغان نەچچە ھەسسە خەتەرلىك ئەمەسمۇ ؟؟  مائارىپ ھەققىدە راست گەپ قىلىشنى باتۇرلۇق دىگىلى بولمىسىمۇ ،  دۆلەتكە كۆيۈنگەنلىك دىيىش ئانچە ئارتۇق كەتمەيدىغۇ دەيمەن.

قەدىرلىك ئوقۇرمەن! مەن بۆگۈن ژورنال يۈزىدە سىز بىلەن پىچىرلاشقانلىقىمدىن تولىمۇ مەمنۇن بولىۋاتىمەن.مەن بۇ يازمامدا مائارىپ ھەققىدە، ئوقۇتقۇچى ھەققىدە، رەھبەرلەر ھەققىدە، ئاتا-ئانىلار ھەققىدە، مەكتەپ شارائىتى، قىممەت قارىشىمىز ھەققىدە، جەمىيەتنىڭ بالىلار تەربىيەسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە،مائارىپ تۈزۈلمىسى ھەققىدە، بالىلارنىڭ ئىنتىلىشلىرى ھەققىدە، بىلىم بىلەن ئەخلاقنىڭ بىرلىكى ھەققىدە، مەسئۇلىيەت ھەققىدە، بىر قىسىم ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاجايىپ ئىنتىلىشلىرى ھەققىدە ، مائارىپىمىزدىكى ياخشى نەتىنجىلەر ۋە تۈزۈتۈشكە تىگىشلىك بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە ... يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەققىدە ‹‹ خەت›› يازماقچى بولىۋاتىمەن. بۇ خەتنىڭ بىر قىسمى سىزگە تەئەللۇق بولىشى مۈمكىن، بىر قىسمى سىز تونۇيدىغان بىرەرسىگە تەئەللۇق بولىشى مۈمكىن.بىر نۇقتا ئېنىقكى مەن سىياسەت ئاساسىدا، قانۇن ئاساسىدا ، ئەخلاق ئاساسىدا، ئومۇمىيلىق ئاساسىدا، ئىلمىيلىك ئاساسىدا .... قىسقا ، ئىخچام سۆزلەشنى مۇھاپىق كۆرىۋاتىمەن. شۇنداق قىلمايمۇ ئامالىم بولمىسا كېرەك.چۈنكى بۇ مەتبۇئات  ! بۇ چايخانا ئەمەس، ھاراقخانا ئەمەس، ئۈندىدارمۇ ئەمەس، مەھەلىلەردىكى كىشىلەر توپلىشىپ ئېغىزىغا كەلگەننى بىمالال سۆزلىشىدىغان كۆۋرۈك بېشىمۇ ئەمەس. بۇ دەل كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىي پىكىر بايان قىلىش مۇنبىرىدۇر، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەتقىقات سالىنىدۇر، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسىدۇر، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ بازىرىدۇر، مائارىپ ھەققىدىكى يېڭى سىياسەتلەرنىڭ تارقىلىش كۆزنىكىدۇر. شۇنداق ئىكەن ، بىز مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بۇ مۇنبەردە سۆزلەشسەك بولىدىغۇ دەيمەن.

‹‹مائارىپ دىگەن نىمىتى؟›› دىگۈچىگە تىز يوللانما

سىز ساپاسى ئانچە يۇقۇرى بولمىسىمۇ، تاپاۋىتى خېلى ‹‹ يۇقۇرى›› بولىۋاتقان دوختۇرلارنىڭ بىرسى. سىزنى مائارىپنى چۈشەنمىدى، دىگەندىن كۆرە مائارىپنى كۆزگە ئىلمىدى، مائارىپچىلارنى تۆۋەن چاغلىدى، مائارىپنىڭ قۇدرىتىگە سەل قارىدى... دىسەك مۇھاپىق بولار. سىز دائىم موشۇنداق گەپلەرنى قىلىسىز! سىزگە مائارىپ ھەققىدىكى نەزىرىيەلەرنى سۆزلەش بىھاجەتتەك قىلىدۇ. بىرمۇ-بىر سۆزلەپ ئولتۇرسام ‹‹ پاشىغا زەمبىرەك ئاتقاندەك، ئېشەككە لەغمەن بەرگەندەك، چوشقىنىڭ بوينىغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىپ قويغاندەك ياكى بولمىسا ساراڭغا قانۇن ھەققىدە لىكسىيە سۆزلىگەندەك.... ›› ئىش بوپ قالار. شۇنداقتىمۇ مائارىپ ھەققىدە شۇنداق دىگۈم كېلىۋاتىدۇ. مائارىپ ئۇ بىر ئەڭگۈشتەر. 20 يىل ئىگىرى سىزگە ئىشقا ئورۇنلىشىش كېنىشكىسىنى دەل مائارىپ بەرگەن. سىزنى دوختۇر قىلغان نەرسە دەل مائارىپتۇر، سىز سېتىۋاتقان دورىلارمۇ مائارىپتا تەربىيلىنىپ چىققان تەتقىقاتچىلار، كەشپىياتچىلار تەرىپىدىن ياسالغانغۇ دەيمەن. ئەگەر مائارىپ بولمىغان بولسا يالىڭاچ يۈرگەن بولاتتىڭىز، سىز مىنىۋالغان بۇ ماشىنىمۇ ياسالمىغان بولاتتى. مائارىپ سىزنى ھايۋاندىن پەرىقلەندۈردى، بۆگۈنكىدەك باي-باياشات قىلدى. توۋا سىز  كېسەل داۋالايدىغان بىر دوختۇر ئىكەنسىز. سىز ‹‹ تەن ›› داۋالاشنى بىلىدىغان ئوخشايسىز. ھەقىقىي دوختۇر ھەم تەننى، ھەم روھنى داۋالايدۇ.(شۇنداق سەۋىيەدىكى پەرىشتە سۈپەت دوختۇرلار ئاز ئەمەس)  سىز ‹‹ روھى كېسەل ›› بولۇپ قاپسىز ئەمەسمۇ؟؟ كىشىلەر كېسەل بولۇپ قالسا دوختۇرلار داۋالايدۇ، مۇبادا سىزدەك دوختۇرلار  ‹‹ كېسەل›› بولۇپ قالسا ئۇلارنى ئوقۇتقۇچىلاردىن باشقىلار داۋالىيالماسلىقى ئېنىق.چۈكى قابىليەتلىك ئوقۇتقۇچى ھەقىقىي مەنىدىكى روھ ئىنژېنىرىدۇر.

ئەي!  ساھىپخان سىز خاتالىق ئۆتكۈزدىڭىز

بۆگۈن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقان ئوغلىڭىزنىڭ تويىدا چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدىڭىز. ئۆيىڭىزگە مېھمانلار كىرىپ چىقماقتا.... ئوغلىڭىزنى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقان ئوقۇتقۇچىلار چۈشلۈك ئارام پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ، ئوغلىڭىزنىڭ توي مەرىكىسىنى قۇتلۇقلاپ پەتىگە كەلگەن ئىدى. مېھمان باشلىغۇچى ياسىداق ئۆيىڭىزگە ئۇقۇتقۇچىلارنى باشلاپ قولىغا سۇ بەردى، كىم بىلسۇن ئۈزۈن ساقال قويىۋالغان ياش ھاجى ھويلىڭىزغا ھەيۋە بىلەن قەدەم تەشرىپ قىلدى... سىز شۇنداق يۇقۇرى ئاۋازدا ‹‹ ئوقۇتقۇچىلار سىرىتقا يۆتكەلسۇن، مېھمانخانىنى ھاجىمغا بېكارلىسۇن....›› دەپ ۋاقىرىدىڭىز. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ قۇلىقى تېخى ‹‹ پىنسىيە››گە چىقمىغاچقا سۆزلىرىڭىزنى ئېنىق ئاڭلاپ قالدى ئەمەسمۇ؟؟ ئوقۇتقۇچىلار سىزنىڭ بۇيرىقىڭىزغا ئاساسەن سىرىتقا چىقتى، ھەتتا ھويلىڭىزدىمۇ ئولتۇرماي چىقىپ كەتتى. سىز ‹‹مەشھۇر›› ھاجى بىلەن بولۇپ كەتكەچكە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن كۆرۈشۈپمۇ قويمىدىڭىز..... ئۇ ساۋاتسىز ھاجى يۈزىنى ‹‹پوداقتەك›› قىلىپ ئوقۇتقۇچىلار ئولتۇرغان ئۆيدە ئۆزى يالغۇز ئولتۇردى... سىزنىڭ تىنىمسىز ماختاشلىرىڭىز ئۇنىڭ ئىشتىيىنى تۇتىۋالدى بولغاي، پارچىلاپ بەرگەن گۆزشلىرىڭىز ئاشقازىنىغا ئەمەس، يانچۇقىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ ھەقىقەتەن بىلىملىك، دىيانەتلىك،تەقۋادار... ھاجىم بولغان بولسا كاشكى.... ئۇ كىشى ئازراق پۇل تاپقاچقىلا خوشنىسى بىلەن بەسلىشىپ ،ئابرۇي ئۈچۈن ‹‹ ھەج›› قىلىپ كىرىدى. ئۇ سىزگە نىمە قىلىپ بەرگەنگە شۇنچە قىلىپ كېتىسىز؟ ئوقۇتقۇچىلار سىزگە نىمە قىلغانغا ئەرزىمەس ، ساۋاتسىز، ماختانچاق، غەيۋەتخور، ھەسەتخور، پىتنە تېرىيدىغان ‹‹ھاجى›› نىڭ ئالدىدا ‹‹ سۈرگۈن›› قىلىسىز. ماھايەتتە بۆگۈن سىزنىڭ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى يۈزسىزلىك بىلەن ئىگەللىگەن ‹‹ ھاجى›› نىڭ ئىناۋىتى تۆكۈلدى. ئوقۇتقۇچىلار بالىڭىزغا كۆيۈنۈپ بىلىم بەرگەن ئەمەسمۇ؟؟ سىز ئىتراپ قىلمايدىغان يەھۇدىلار بولسا ئوقۇتقۇچىنى شۇ قەدەر ھۆرمەتلەيدۇ. سىز مۇبادا يەھۇدى بالىلىرىدىن ‹‹ ئاتاڭ بىلەن، ئوقۇتقۇچىڭ بىرلا ۋاقىتتا تۈرمىگە كىرىپ قالسا، ئاۋال قايسىنى قۇتقۇزىسەن ؟ ›› دەپ سورىسىڭىز، يەھۇدى بالىسى ئويلانماستىنلا ‹‹ ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچىمىنى قۇتقۇزىمەن ›› دەيدۇ.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازىغا زىيان سالىدىغان گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىغان ھەر قانداق يەھۇدى شۇن ھامان قارشى ئىنكاس بىلدۈرۈپ ، قارشى تەرەپ بىلەن قاتتىق تۇتىشىدۇ. توۋا ! ‹‹ نادان مىللەتنىڭ ھارام تاماق موللىسى كۆپ بولىدۇ›› دىگەن ھۆكۈمنى كىم چىقارغان بولغايتتى.بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر دىننى ئالىم ئابدۇقادىر داموللام ‹‹ تۆردە ئولتۇرۇش توغرا كەلسە ، ئەڭ ئەۋەل زىيالىلار ئولتۇرۇشى كېرەك ›› دىگەن ئىدى.ھازىرقى دەۋىر ئۇنداق ماختانچاق ، ساۋاتسىز ، ئەمىليەتتىن ئايرىلغان،  پىچەك ‹‹ھاجى››لارنى ‹‹تۆر››گە باشلاشنى راۋا كۆرمەيدۇ. ‹‹ھاجى›› لارنى ھۆرمەتلەش ئىنتايىن زۆرۈر.... ھۆرمەتلەشكە تىگىشلىك ‹‹ھاجى››لارنى ‹‹دىننىي ئالىملار››نى تېپىپ ھۆرمەتلەش كېرەك.

رەھمەت سىزگە دېھقان تاغا

سىز تولىمۇ توغرا دەيسىز، ھەدىسىلا ھۆكۈمەتكە يۆنىلۋېلىش، ھە دىسىلا ھۆكۈمەتتىن ئاغرىنىش، تىنىمسىز ‹‹ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى›› غا ئېرىشىش كويىدا بولۇش، ئىزدەنمەسلىك، تەييارغا ھەييار بولىۋېلىپ... جەمىيەتكە ‹‹ بېسىم›› پەيدا قىلىش چاكىنىلىقتۇر. سىزنىڭ ‹‹ يەر سېتىش كەچۈرگىسىز جىنايەت. بىراق بالامنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ۋاقتى كەلگەندە بۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزمەيمەن، دىيەلمەيمەن.›› دىگەن سۆزىڭىز مېنى تولىمۇ تەسىرلەندۈردى.  سىزنىڭ 3 نەپەر بالىڭىز نۇقتىلىق ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋېتىپتۇ. مەن سىزنىڭ دائىم  ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سىردىشۋاتقان، كىتاپخانىغا كىرىپ كىتىۋاتقان، مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا بىراۋنى ساقلاۋاتقان، باشقىلارغا مەدىكار بولۇپ ئېغىر ئەمگەكلەرنى قىلىۋاتقان ھالىتىڭىزنى كۆرەتتىم.... ھەممىنى چۈشەندىم.... رەھمەت سىزگە دېھقان تاغا ! سىز ئەڭ خاسىيەتلىك ئىش قىلىۋاتىسىز. سىز دۇنيادىكى 1- نۇمۇرلۇق ئۇستاز بولۇشقا مۇناسىپ.

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەتىللىك مائاشىنى سىز بەرمەيدىغانسىز؟!

سىز ياۋرۇپادا توغۇلۇپ، ئامرىكىدا بىلىم ئالغان ئەزىمەتمۇ ئەمەس. ياكى ئەتىگەنلىك تاماقنى شاڭخەيدە يەپ،  دۇبەينى كەچلىك قونالغۇ قىلىدىغان خەلىقارالىق سودىگەرمۇ ئەمەس. سىزمۇ دەل تەكلىماكان قىرغاقلىرىدا ياشاۋاتقان ئۆزگىچە ‹‹ خۇي›› بىلەن  بىر قەدەر قولايلىق ‹‹ تىرىكچىلىك ھارۋىسى››غا چىقىۋالغان مۇئاۋىن يېزا باشلىقىغۇ دەيمەن. سىز باشقىلار بۇيرىغان ئىشلارنى يۇقۇرى سەۋىيەدە ئاشۇرۇپ ئورۇنداپ  ‹‹ ۋارقىراپ يىغىن ئېچىش، ئۇزۇن يىغىن ئېچىش ئارقىلىق قاتتىق باشقۇرۇش، باشقىلارنىڭ ئەركىنرەك خىيال سۈرۈشىگىمۇ پۇرسەت بەرمەسلىك، ھەق سۆزلەيدىغانلارنى بىر ئامال قىلىپ سۆزلىيەلمەس قىلىپ قويۇش، نىشان ئۈچۈن ۋاستە تاللىماسلىق ›› قاتارلىق نەزىرىيەلەرنى بازارغا سالغان ‹‹رەھبەرچاق›› شۇ !؟ سىزنىڭ مەكتەپلەرنىڭ چىرايلىق سېلىنغانلىقىغا ، مەكتەپلەرنىڭ باغچىلاشقان گۈزەل ھالىتىگە ھەسەت قىلغانلىقىڭىزنى بايقاپ ھەيران قالغان ئىدىم. سىزنىڭچە بولغاندا مەكتەپلەر ئىلگىرىكى ‹‹ياداڭغۇ›› ھالىتىدە تۇرسا بولاتتى. تولىمۇ ئەپسۇس ئۇلۇغ دۆلىتىمىز مائارىپ سېلىنمىسىنى يىلمۇ يىل ئاشۇرۇپ مەكتەپلەرنىڭ قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىنى شۇ قەدەر ياخشىلىدى، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى تۇلۇقلىدى. ھازىر ئەڭ چىرايلىق ئورۇن مەكتەپلەر بولۇپ قالدى.بۇ مائارىپىمىزدىكى ئەڭ زور خوشاللىق.سىز بۇ ئەھۋالدىن ئەڭ ئاۋال خوش بولسىڭىز بولاتتى!! چۈنكى مائارىپ دىگەن ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپى ئەمەسمۇ؟؟  سىزنىڭ ‹‹ مەكتەپلەرنى بۇنچە ياساپ نىمە قىلدۇ؟›› دىگەن سۆزىڭىزنى قۇبۇل قىلالماي يۈرگىنىمدە ‹‹ ئوقۇتقۇچىلارغا تەتىلدىمۇ ئىش ھەققى بېرىدىكەن ئەمەسمۇ ؟ يۇقۇرىغا مەلۇمات يېزىش كېرەك،ئوقۇتقۇچىلار تەتىلدە ئارام ئالىدىغان تۇرسا ،ئىش ھەققىنى توختۇتۇش كېرەك ياكى بولمىسا يېزا كادىرلىرى بىلەن تۆۋەنگە چۈشۈپ ئىشلىشى كېرەك... ›› دەپسىز؟؟ توۋا يەر شارىدا سىزدەك ئادەمنىڭ بارلىقىنى قىياس قىلىشمۇ ئادەم ئۈچۈن ئازاپلىق ئىكەن. ئاڭلاپ قويۇڭ ئوقۇتقۇچىلار تەتىلدىمۇ ئارام ئالمايدۇ، ئۇلار ئوقۇيدۇ، ئۈگىنىش قىلىدۇ، كونسىپىك تەييارلايدۇ،ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇقۇملۇق توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.ھەر ئازنە كۈنى مەكتەپكە قايتىپ سىياسى ئۈگىنىش قىلىدۇ. يەنە نۇرغۇن بىخەتەرلىككە ئائىت ئارخىپلارنى ئىشلەيدۇ.بىر چاغلاردا ئېتىزلىقلاردا قۇرۇت تەرگەن، يەنە زىرائەتلەرنمىزنى قۇرۇت بېسىپ كەتسە قۇرت تېرىدۇ... خاتىرجەم بولۇڭ باشلىق! ئوقۇتقۇچىلار ھەممىگە تەييار. ئۇلار ئىش ھەقىنى سىز ئېيتقاندەك‹‹ ھارام›› ئالمايدۇ.شۇنىمۇ ئېسىڭىزگە سېلىپ قويايلىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەتىللىك ئىش ھەقىنى بىرىش ‹‹قانۇن››دا بەلگىلەنگەن سىزدەك ‹‹رەھبەرچاق››لارنىڭ قانۇنلارغا ‹‹پۇخۇرلۇق››قىلىش ھوقۇقى يوق!؟ۋاقتىڭىز بولۇپ قالسا مېنىڭ ئوقۇتقۇچى ھەققىدىكى قاراشلىرىمغا قۇلاق سېلىڭ:‹‹ ئوقۇتقۇچى دىلنى يۇرۇتقۇچى،مىللەتنى بەخىت قەلئەسىگە باشلاپ بارغۇچى، ۋەتەننى گۈل-چېچەككە پۈركىگۈچى.... دىمەك ئوقۇتقۇچى مىللەتنىڭ ھەممە نىمىسى!!! بىر مىللەتكە نىسبەتەن زۇڭتۇڭ بولمىسىمۇ بولىدۇ، بىراق ئوقۇتقۇچى بولمىسا بولمايدۇ. بىر مىللەتنىڭ يادرو بومبىسى بولمىسىمۇ بولىدۇ، بىراق ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى بولمىسا بولمايدۇ.ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆزىدىن ياش ئاققۇزغان مىللەتنىڭ تەقدىرى خار-زەبۇرلۇقتا لەشكە ئايلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچىنىڭ مەرتىۋىسى ۋە ھۆرمىتى يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ئېنىرگىيەسى مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ››

‹‹مەشھۇرسىراش كېسەللىكى››گە مۇپتىلا بولۇپ قاپسىز

سىزگە باھا بەرمەك ئانچە ئوڭاي ئەمەس. سىزدە تۇغما تالانىت بار. ئالى مەكتەپتىمۇ خىلى كۆپ بىلىم ئالغان ئىكەنسىز.ھە دىسىلا ھەققانىيەتچىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىۋالىسىز. ھەر قانداق ۋاقىتتا ھەرقانداق ساھە ھەققىدە گەپ بولسا سىز ئەۋەل گەپ باشلايسىز، تۇتىۋېلىش قابىليىتىڭىزگە گەپ كەتمەيدۇ، بىر تۇرۇپ بۇ دۇنياغا يالغان گەپ قىلىش ئۈچۈنلا يارىتىلغاندەك قىلىسىز.يەنە بىر قارىسا ‹‹ ئويغان›› دەپ قويۇپ، ئەڭ بالدۇر ئۇيقۇغا كەتكەن‹‹ شائىر›› غا ئوخشايسىز. سىز ھەممىگە تەنقىت ۋە ئىنكار نەزىرىدە قارايسىز.ھىچكىمنى ئىتراپ قىلمايسىز، ھەتتا بەزىدە ئۆزىڭىزنىمۇ ئىنكار قىلىسىز.ئوقۇتۇش ھەققىدە كارامەت سۆزلەيسىز. بىراق ئاخشىمى كۆپ ئىچىۋالغاچقا دەرىسخانىدا ئۇخلايسىز. ئۆزىڭىزنى ئاقلاپ ‹‹ بۇ بالىلارغا دەرىس ئۆتكەننىڭ نىمە پايدىسى، بەرىبىر بولىشى شۇ ،ئوخشاش تەقدىر ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرىدۇ....›› دەيسىز. ھاراق ئىچمەسلىك توغرىسىدا تەربىيە قىلساق...‹‹ سىلەردە ئازاپ ئېڭى يوق، چۈشەنمەيسىلەر...›› دەيسىز. سىزچە ئۇخلىشىڭىزمۇ، غەيۋەت قىلىشىڭىزمۇ، ھاراق ئىچىشىڭىزمۇ،تاماكا چىكىشىڭىزمۇ ‹‹ مىللەت ئۈچۈن›› ئىمىش. مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى نۆۋەت بىلەن مەكتەپ مۇدىرى قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولسا سىزمۇ بىرەر قېتىم مەكتەپ مۇدىرى بولغان بولاتتىڭىز، تولىمۇ ئەپسۇس بۇ ئارزۇيىڭىزغا يىتەلمەي پىنسىيەگە چىقىدىغان بولدىڭىز، سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە لاياقەتلىك بىرمۇ مەكتەپ مۇدىرى يوق. بىرەر سائەت كۆيۈنۈپ دەرىس ئۆتمىگەن ئوقۇتقۇچىنى قانداق پىداگوك دىگىلى بولسۇن؟؟ بىلىم باشقا گەپ، ئەخلاق ئۇ باشقا گەپ،مەسئۇلىيەت ئۇ باشقا گەپ. سىز كىشىلەر ئارىسىغا زىددىيەت ئۇرۇقى چېچىشقا شۇ قەدەر ماھىر. نۆۋەتتە ھىچكىم سىزگە ئىشەنمەس بولۇپ قالدى. ئامما ئارىسىدا ئەڭ ئاددى ‹‹تېپىشماق››قا ئايلىنىپ قالغانلىقىڭىزنى ھىس قىلغان بولسىڭىز بولاتتى. شەئىخ سەئىدى ‹‹ بىلىمى تۇرۇپ ئىشلەتمىگەن كىشى، كىتاپ ئارتىپ قويۇلغان قوتۇر ئېشەككە ئوخشايدۇ›› دىگەن ئىكەن. بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئەخلاق بولۇپ بىلىم بولمىسا‹‹ ناچار ››مەھسۇلات بولغان بولىدۇ، مۇبادا بىلىم بولۇپ ئەخلاق بولمىسا‹‹ خەتەرلىك›› مەھسۇلات ھىساپلىنىدۇ.ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن ئىشلىتىلمىگەن تالانىتنىڭ شەيتاندىن نىمە پەرقى بولسۇن؟ ھە دىسىلا ئۆزىڭىزنى ماختاپ چارچاپ قالدىڭىز، سىز گىرىپتار بولغان ‹‹كېسەل››لىككە دوختۇرلارمۇ ئېنىق دىئاگۇنۇز قويالمىدى. مېنىڭچە سىز چوقۇم ‹‹ مەشھۇرسىراش كېسەللىكى››گە مۇپتىلا بولۇپ قاپسىز.... خاتىرجەم بولۇڭ بۇ كېسەلدىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايسىز....

سىز دۆلەت رەھبەرلىرىگە يۈز كېلەلەمسىز؟!

دۆلىتىمىزنىڭ دانا رەھبەرلىرىدىن ماۋزېدۇڭ،دىڭشاۋپىڭ،جىياڭ زېمىن، خۇجىنتاۋ قاتارلىق رەھبەرلەر ‹‹ ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش، ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش›› ، ‹‹ مىللى روھنى ئەۋىج ئالدۇرۇش كېرەك ›› ، ‹‹ مىللى روھىنى يوقاتقان مىللەتلەر دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالالمايدۇ›› ، ‹‹ ھەمنەپەس بولغان56 مىللەت روھى جۇڭخۇا مەدەنيىتىنىڭ جەۋھىرىدۇر›› دىگەندەك دانا پىكىرلەرنى قىلغان.ھىچقايسى رەھبىرىمىز مىللى مەدەنيەتنى چەتكە قاققان ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىملىق باش شۈجى شى جىن پىڭ ئەپەندى ‹‹ كۈچلۈك مەدەنيەت دۆلىتى قۇرۇش ›› چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ نىمە دىگەن ياخشى سىياسەت. نىمە دىگەن دانا نىشان.... سىز بىر ئاز سانلىق مىللەت كادىرى، ھوقۇقىڭىز بولۈم  دەرىجىلىك بولسىمۇ يۇرتىڭىزدىكىلەر سىزنى خېلى چوڭ بىلەتتىكەن... تولىمۇ ئەپسۇس، سىز مەكتەپلەرنى تەكشۈرگەندە  ناۋائىنىڭ سۈرىتنى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سۈرىتىنى، مەخمۇت قەشقىرىنىڭ سۈرىتىنى ۋە ئون ئىككى مۇقام ۋە ئانا تىل  ھەققىدىكى ھۆسىنخەتلەرنى   كۆرۈپ ئىنتايىن غەزەپلىنىپ ‹‹ بۇ نەرسىلەردە مىللى تۈس قويۇق ئىكەن›› دەپ يىرتىۋېتىپسىز؟! ھەر قانداق سەنئەت بۇيۇملىرىدا مىللى تۈس بولغاچقىلا دەۋىرلەردىن دەۋىرلەرگە ئۇلىشالايدۇ. سىزنىڭ ئالدىڭىزدا دۇنيا ئىتراپ قىلغان بوۋىلىرىمىز نىمە گۇناھ سادىر قىلدى.سزگە ئانا تىل نىمە قىلدى؟ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوغدىلىش تەشەببۇس قىلىنغان، نۆۋەتتە دۆلىتىمىز يۇقۇرى مەپلەخ ئاجىرتىپ رەتلىگەن،قوغدىغان،قوغداۋاتقان ،بىزگە ئالەمچە ھوزۇر ئاتا قىلىۋاتقان ئون ئىككى مۇقام سىزگە قانداق زىيانلارنى سالغان بولغايتتى؟؟ بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئۇشۇ ئۇلۇغلارنىڭ رەسىملىرى ۋە ھىكمەتلىرى ئاساسىدا نىشانغا ئىگە بولىدۇ، ئىپتىخارلىنش تۇيغۇسىغا چۆمىلەلەيدۇ، كومۇنىستىك غايىگە ئىگە بولالايدۇ.سىز يېڭى دەرىس ئىسلاھاتىنىڭ پىرۇگىراممىلىرىدىن ‹‹ دەرىس بايلىقى››،‹‹مەشھۇر سەخسىلەرنى دەرىسخانىغا ئېلىپ كىرىش›› دىگەندەك ئۇقۇملارنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالماپتىكەنسىز-دە؟! سىزنىڭ بۇ قىلمىشىڭىز مىللى مەدەنيەتكە قىلغان ھاقارىتىڭىز بولۇپلا قالمستىن بەلكى جۇڭخۇا مەدەنيىتىگە قىلغان ھاقارىتىڭىزدۇر. چۈنكى كىم سىزگە جۇڭخۇ مەدەنيىتى ئىچىدە مىللى مەدەنيىتىمىزنى يوق دىيەلەيدۇ؟؟ سىز ئۇلۇغلار روھىدىن، دانا دۆلەت رەھبەرلىرىدىن، شۇ رەسىملەرنى سىزغان، ھۆسىنخەتلەرنى يازغان رەسسام،خەتتاتلاردىن ئەڭ مۇھىمى مىللى روھ ۋە مىللى مەدەنيەتكە تەشنا سەبىي بالىلاردىن ئەپۇ سورىشىڭىز زۆرۈرمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. ئاڭلىسام ھوقۇقىڭىزدىن ئايرىلىپ قاپسىز.... تىنىڭىزگە سالامەتلىك ، روھىڭىزغا پاكىزلىق تىلىسەم قۇبۇل قىلارسىزمۇ؟؟ توۋا....ئۇلار دىننىي تەشۋىقاتچىلار ئەمەس ئىدىغۇ؟ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ‹‹ بىلىم-كۈچ›› نەزىرىيەسىنى ياۋرۇپالىق پەيلاسوپ بىكۇندىن مىڭ يىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياغا مەشھۇر پەيلاسوپ ئەمەسمىدى؟؟!!

مەكتەپنى« قاتتىق باشقۇرۇش نەزىرىيەسى›› قانداق نەزىرىيە؟

مەركەز رەھبەرلىرى ھەر قېتىملىق مائارىپ خىزمەت يىغىلىرىدا ‹‹ مائارىپ ئادىللىقى ›› نى تەكىتلەۋاتىدۇ. ‹‹21-ئەسىرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو مائارىپ تەرەققىيات ھەركەت پىلانى››دا ‹‹ ئوقۇتقۇچىلارغا ئازادە خىزمەت مۇھىتى يارىتىپ بىرىش، ئوقۇغۇچىلارغا شادىمان ئۈگىنىش بوشلىقى تەقدىم قىلىش، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىش،مەكتەپلەرنى ئىلمىي باشقۇرۇش، شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇش، ئېچىۋېتىلگەن دەرىسخانا قۇرۇپ چىقىش، دەرىس بايلىقىنى ئاشۇرۇش..... ›› قاتارلىق مۇقەددەس پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغانغۇ؟؟ نۆۋەتتە بىر قىسىم  يەرلىك ‹‹ ئەمەلدار››لار‹‹ يېپىق ھالەتتە مەكتەپ باشقۇرۇش››،‹‹ مەكتەپلەرنى قاتتىق باشقۇرۇش نەزىريەسى›› نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر كۈنلىكى بىر نەچچە خىل قاتتىق تۈزۈم تۈزەلەيدىغان، قاتتىق قول، رەھىمسىز،ئادەملەرنىڭ قەدىر-قىممىتى بىلەن ھىساپلاشمايدىغان ، ‹‹ ئادەمنى ئاساس قىلىش ئوقۇمى››نى چۈشەنمەيدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنى مەكتەپ مۇدىرى قىلىپ بىكىتمەكتە... ئۇلار مەكتەپلەرنىڭ دەرۋازىسىدىن تاكى ھاجەتخانىسىغىچە ‹‹ قاراۋۇلخانىلار››نى قۇرۇپ ، مەكتەپلەردە ياخشى ئوقۇمىغان، ساۋادى بار-يوقلىقنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان بىر قىسىم جەمىيەت داشقاللىرىنى ئەرزان ئىش ھەققى بىلەن قۇبۇل قىلىپ ‹‹مۇھىم›› ئىشقا بۇيرىماقتا.... ئاشۇ خىلدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ بىر قىسمىدا‹‹ نە ئوقۇتۇش، نە ئوقۇغۇچى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، نە ئىنسانى قەدىر-قىممەت، نە ئوقۇغۇچىلار تەرەققىياتى ....›› دىگەندەك ئوقۇملار بولسۇن؟؟ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرەر مىنۇت كىچىكىپ قېلىشى، ئەركىنرەك پىكىر قىلىشى، كىيىنىشى،دەرىسكە كىرىش-چىقىشى، كىلىپ كىتىشى، دەرىسىنى قانداق ئۆتۈشى،دەرىسخانىدا قانداق مەزمۇندا  گەپ قىلىشى، ھەتتا جەمىيەتتە قانداق كىشىلەر بىلەن ئارلىشىشى، ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا پەيدا بولىشى... ھەممىسى ئۇلار تەرىپىدىن قاتتىق نازارەت قىلىنىدۇ.... ئوقۇغۇچىلار مەيدانلاردا شۇنچىكى شوخلۇق قىلدىمۇ ‹‹ باقاۋۇل››لارنىڭ خىزمىتى ۋە نەتىنجىسى كۆپىيىدۇ، دوكلاتى كۆپىيىدۇ،ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقى قايتا ئىسپاتلىنىدۇ، مەكتەپتىكى ئورنى قايتا جاكارلىنىدۇ. ئالى مەلۇماتلىق ئوقۇتقۇچىلار ساناقسىز‹‹مۇدىر ياردەمچىلىرى››نىڭ ئالدىدا غىپچىنىشقا، بويۇن قىسىشقا، چەتنەپ ئۆتۈشكا،يالغاندىن كۈلۈمسىرەشكە مەجبۇر بولىدۇ، بەزىدە ئۇلارغا يالۋۇرىدۇ. ‹‹ ياردەمچىلەر›› خالىغان ئادەمنى ‹‹گۇناھكار›› قىلالايدۇ. بىر تۇرۇپ قارىسىڭىز ئوقۇغۇچىلار ھەربىيلەرگە، ئوقۇتقۇچىلار نەۋكەر بېشىغا، باقاۋۇللار سانغۇنلارغا.... مەكتەپ خۇددى ‹‹تۈرمە››گە ئوخشاپ قېلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالىسىز. يىغىن ، تۈزۈم ۋە تەكشۈرۈشلەرنىڭ كۆپلىكىدىن ئەتىگەندىلا چارچاشقا باشلايسىز....ئەي ‹‹داڭلىق›› مەكتەپ مۇدىرى ! سىز قېرىنداشلىرىڭىزنى بۇنچە چارچاتماڭ! پۇل تۇتۇش شەكلى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغىلى بولماس، سىزنىڭ قىممەت قارىشىڭىز بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىممەت قارىشى ئوتتۇرىسىدا ھەقىقەتەن پەرىق زور ئىكەن، سىز ئەتراپىڭىزدىكى ئەتىدىن كەچكىچە گەپ تۇشۇش ھۈنىرىگە تايىنىپ جان باقىدىغان، ياخشىلارنى سىزدىن ‹‹كۈنلەيدىغان›› بىچارىلەر بىلەن ئەمەس، ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە شام كەبىي  كۆيىۋاتقان  ئوقۇتقۇچىلار بىلەنمۇ پىكىرلىشىپ قويۇڭ، بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئۇلارنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى سەۋىر-تاقەت بىلەن تىڭشاپ بېقىڭ، سىز چوقۇم ئۇلاردىن ھەقىقىي ‹‹نەپ›› ئالالايسىز،شۇندىلا مەركەزنىڭ ‹‹ ئادەمنى ئاسا قىلىش، مەكتەپنى ئىلمىي باشقۇرۇش ،ئوقۇغۇچىلار تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش... يىغىننى ئاز ئېچىش،  ۋاقىت ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش....›› قاتارلىق كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس....

ناخشا –ئۇسسۇل قىزغىنلىقى ۋە كۆرۈرمەنلەر ساپاسى

بىزدە ‹‹ ناخشا بىلەن تۇغۇلدۇق، ناخشا بىلەن ئۆلىمىز››،‹‹بىزنىڭ بالىلار ئايىغى چىقىش بىلەنلا ئۇسسۇل ئويناشنى بىلىۋالىدۇ››،‹‹ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى››،‹‹ ناخشا-ئۇسسۇل يۇرتى›› دىگەندەك بىمەنە قارشلار ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلمەكتە .ئۇنداقتا بىزدىن نىمىشكە بىرەر دۇنياۋى ناخشىچى، بىرەر دۇنياۋى ئۇسسۇلچى چىقمايدۇ؟؟ناخشا-ئۇسسۇل مەدەنيىتىگە ئائىت بىرەر سىنارىيە دۇنيا تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنمايدۇ؟بىز سەنئەت ھەققىدە ساددا چۈشەنچىلەرگە خېلىلا باي.مۈمكۈن بولسا بىز دەرىسنىمۇ ناخشا ئېيتىپ ئۆتسەك، تاپشۇرۇقلارنىمۇ ناخشا ئېيتىپ تەكشۇرسەك، يىغىنلارمۇ ناخشىچىلار تەرىپىدىن ناخشا شەكلى بىلەن يەتكۈزۈلسە،ئۆلۈم نەزىرلىرىمۇ ناخشا بىلەن ئۇزىتىلسا،ساخچىلارمۇ ناخشا ئېيتىپ ئىش بىجىرسە، ئوقۇغۇچىلارمۇ ناخشا ئېيتىپ ئىمتىھان بەرسە، ناخشا ئېيتىشنى بىلمىگەن كىشىلەر توساقلاردىن ئۆتكۈزۈلمىسە.... تولىمۇ ياخشى بولاتتى؟؟!! بالىلىرىمىز سەھنىلەردە بىرەر نومۇر كۆرسىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشسە بارلىق جەمەت ئەزالىرىغا، تۇنۇش- بىلىشلەرگە، ئەل-ئاغاينىلەرگە  ھەپتە بۇرۇن ئۇچۇر قىلىپ ... بىرلىكتە ‹‹ ھوزۇر››لىنشقا ، تەبرىكلەشكە كۆنۈپ كەتتۇق. ماتىماتىكا ئولۇمپىك مۇسابىقىسىدە نەتىنجە ئالغان بالىلارغا ھىچقايسىمىز پەرۋا قىلمايمىز.يۇرتىمىزغا بىرەر ناخشىچى كەلسە،رھبەرلەردىن پۇخرالارغىچە تەۋرەپ كېتىمىز.بىرەر دوكتۇر،بىرەر تەتقىقاتچى، بىرەر داڭلىق يازغۇچى كەلسە يۇرتلاردىن جىمجىت ئۇزاپ كىتىشىدۇ. مەسىلەن: غوخامۇھەممەت مۇھەممەت مۇبادا ناخشىچى ياكى ئۇسسۇلچى بولغان بولسا ھازىرقىدەك نامرات ئۆتمىگەن بولاتتى.... ئۇ ھەقىقەتەن بۈيۈك شائىر، ئۇ شېئىر يېزىش ئۈچۈنلا ئېۋەتىلگەندەك قىلىدۇ.ئۇ شۇ قەدەر ئاددى-ساددا، شۇ قەدەر داغدۇغىسىز ياشىماقتا.....ئۇنىڭ شېئىرلىرى دۇنياۋى سەۋىيەگە يېقىنلاشتى ھەتتا تەڭلەشتى ، دىسەك ئارتۇق كەتمەس.خوجامۇھەممەت مۇھەممەت بىزنى چۈشەندى، بىراق بىز ئۇنى چۈشەنمەيۋاتىمىز....

يولۋاسخان، خالمۇرات، ئادىل مىجىت، خەيرىگۈل ھەسەن،ئابدۇرەھىم راخمان (رەخىم قان) قاتارلىقلار ئىتوتچىلىقتا خاسلىق ياراتقان مۈنەۋۋەر سەنئەتكار بولۇشقا مۇناسىپ. بىراق يېقىنقى يىللاردىن بېرى يالغان-ياۋىداق، كوچىلاردىن تىرىۋالغان،تېتىقسىز سۆزلەر  دۆۋىسى بىلەن قوراللانغان ئىتوتچىلارنىڭ بازىرى ئاۋاتلاشماقتا، خېرىدارى كۆپەيمەكتە ئۇلارنىڭ ھۆرمىتى شىرئەلى ئەلتىكىندەك، ئابدۇقادىر يارئېلىدەك، ئابلاجان ئاۋۇتتەك ھەقىقى ناخشىچىلارنىڭكىدىن يۇقۇرى بولماقتا.... بىر قىسىم ئىتوتچىلارنىڭ دەيدىغان يالغان گەپلىرى تۈگەپ كەتكەچكىمۇ قانداق خەلقىمىز تەرىپىدىن رەتلەنگەن، پىششىقلانغان، قېلىپلاشقان... نادىر ناخشىلىرىمىزغا پۇخۇرلۇق قىلىپ ئۆزگەرتىپ، قالايمىقان، چاكىنا مەزمۇنلارنى قوشۇپ قايتا ئېيتىپ بەرسە.... كۆرۈرمەنلەر ئاپئاق قوللىرى قاپىرىپ كەتكۈچۈ قەدەر چاۋاك چېلىشتى.... ناخىشىلىرىمىزنىڭ بىر مەددا تەرىپىدىن خارلانغانلىقىدىن شۇقەدەر شاتلاندى.... مانا بۇ بىزنىڭ ناخشىغا بولغان ئاشىقلىقىمىز، مانا بۇ بىزنىڭ ناخشىغا بولغان ھۆرمىتىمىز، مانا بۇ بىزنىڭ ناخىشىغا بولغان مەسئۇليىتىمىز. بىزنىڭ ناخشىلىرىمىز بۇنداق ئىپپەتسىز قالسا بولمايدۇ؟؟ بىزنىڭ مۈنەۋۋەر يازغۇچىلىرىمىز تەرىپىدىن يېزىلغان،ئىقتىدارلىق ناخشىچىلىرىمىز تەرىپىدىن ئورۇندالغان ناخشىلىرىمىز بىر مەدداھ  تەرىپىدىن بۇزۇلسا بولمايدۇ،بىزنىڭ مۈنەۋۋەر كومپىزوتىرلىرىمىز ئاشۇ مۇزىكىلارنى ئۇنداق چاكىنا قاپىيەلەر ئۈچۈن ئىشلىمىگەن ئىدىغۇ؟؟ ئەي!! كۆرۈرمەنلەر سىلەرنىڭ سەنئەتتىن ھوزۇرلىنىش سەۋىيەرىڭلار قاچان شەكىللىنەر؟؟ئىسىت ئىسراپ بولغان ۋاقتىڭلار،ئىسىت پۇلۇڭلار، ئىسىت قاپىرىپ كەتكەن ئاپئاق قوللىرىڭلار.... ئسىت ئىپپىتى بۇزۇلغان ناخشىلىرىمىز. ئاشۇ گۈللەرنى بالىلىرىڭلارنى تەربىيلەش يولىدا جاپا چىكىۋاتقان جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارغا سوۋغا قىلغان بولساڭلار ياكى گۈل سېتىۋالغان پۇلۇڭلارنى ئۈرۈمچىدە بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن جاپالىق ئىشلەۋاتقان مۈنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلساڭلار تولىمۇ ھالال ئىش قىلغان بولاتتىڭلار....ئەگەر بۇ گىپىمگە خاپا بولساڭلار ئۆي-بىساتىڭلارنى سېتىپ ھەممىسىگە گۈل سېتىۋېلىپ ئاشۇنداق چاكىنا چولپانلارنىڭ ماڭىدىغان يوللىرىغا ،ھاجەتخانىسغا قەدەر گۈل تىزىپ بىرىڭلار!!! بۇ سىلەرنىڭ چەكسىز ئەركىنلىكىڭلار.....بىزدە ھامان سەنئەت ئوبزورچىلىقى شەكىللىنىدۇ. يىتىلگەن سەنئەت ئوبزورچىلىرىنىڭ بولماسلىقى بىر قىسىم ‹‹ چالا چولپان››لارغا چەكسىز دىمۇگىراتىيە ۋە قانغۇچە ‹‹ ھۆرمەت›› تەقدىم قىلدى.

چولپانلارنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارغا ئالقىش ياغدۇرۇش، ئۇلارغا گۈل تەقدىم قىلش تولىمۇ ياخشى ئادەت. ئەڭ مۇھىمى چولپانلارنى تۇنۇش مەسىلىسىدۇر.تىلى بىلەن دىلى،سەھنىلەردە دىگىنى بىلەن ئەمىليىتى بىردەك، ئىقتىدارلىق چولپانلىرىمىزمۇ ئانچە ئاز ئەمەس ،ئۇلارنى قانچە ئالقىشلىساق ئەرزىيدۇ. بىراق كۈندۈزى سەھنىلەردە بىزنى گۈزەللىككە يىتەكلەپ قويۇپ، ئاخشاملىرى ‹‹ئاق ھاراق ئېلانى››غا چىقىپ بارلىق كىشىلەرنى ھاراق ئىچىشكە دەۋەت قىلىدىغان، ھالال ياكى ھاراملىقىغا قارار  قىلماق تەس بولىۋاتقان يىمەكلىكلەرنى بولىشىغا ماختاپ ‹‹ ئىككى ئالەملىك›› گۇۋاچى بولۇپ بىرىۋاتقان ئالدامچىلارنى قانداقمۇ چولپان دىگىلى بولسۇن، ئۇ چولپان ئەمەس! تىجارەتچىدۇر، ئۇ شەيتاندۇر.يەنە بەزى چولپانلار ئۆزلىرىنىڭ غەيرى نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ ساددا خەلقنى ئالدىماقتا، سەبىي،نارسىدە بالىلارغا پۇخورلۇق قىلماقتا، ‹‹ساخاۋەت ئەلچىسى›› دىگەن نامى بىر قىسىم بايلانىڭ پۇللىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ھىساباتىغا ئۇستىلىق بىلەن يۆتكىمەكتە......بىزدىكى ناخشا-ئۇسسۇل قىزغىنلىقى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم ناخشا-ئۇسسۇلدىن ئاز-تولا خەۋىرى بارلار ‹‹ ئىلاھ›› بولىۋېلىشتى.ھازىرقى دەۋىر ناخشا-ئۇسسۇل دەۋرى ئەمەس، ئىلىم-پەن دەۋرىدۇر، بىلىم ئىگىلىگى دەۋرىدۇر، ئەخلاق دەۋرىدۇر، ئاتۇم دەۋرىدۇر، تەنھەركەت دەۋرىدۇر، ئىقدىساد دەۋرىدۇر، تەبى پەن دەۋرىدۇر، پەلسەپە دەۋرىدۇر، مائارىپ دەۋرىدۇر.ناخشا –ئۇسسۇلغا زىيادە ئەھمىيەت بىرىپ ھوشىنى يوقۇتۇپ قويىدىغان ھەر قانداق قەۋىم ۋە رايۇن بۆگۈنكى رىقابەت دولقۇنلىرىدا قىرغاققا چىقالماسلىقى ئېنىق.بۇ دىگەنلىكىم ھەرگىزمۇ ناخشا-ئۇسسۇلىمىزنى تەرەققى قىلدۇرماسلىق كېرەك ياكى ھىچكىم ناخشا -ئۇسسۇلغا قىزىقماسلىقى كېرەك دىگەنلىك ئەمەس. ناخشا-ئۇسسۇلغا مەستانە بولۇپ مەست بولۇپ كەتكەن مىللەت ئۇيقۇسىنى ئېچىپ جاھاننى قايتا بىر كۈزۈتۈشى كېرەك دىگەنلىكتۇر. ناخشا-ئۇسسۇلغا سەنئەت نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىش كېرەك دىگەنلىكتۇر،ناخشا-ئۇسسۇلنى مەۋجۇتلۇقنىڭ بىرىنچى ئامىلى قىلىۋالماسلىق كېرەك دىگەنلىكتۇر.....

ئەگەر ناخشا-ئۇسسۇل بىر مىللتنى گىگانىت مىللەتكە ئايلاندۇرىدۇ، دىيىشكە توغرا كەلسە سىگانلار دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ،باي-باياشات مىللەتكە ئايلىنىپ كەتكەن بولاتتى؟؟ ئەجىبا ئۇلار سەرگەندان مىللەتلىكىگە خاتىمە بېرەلمىدىغۇ؟ناخشا-ئۇسسۇلى تەرەققى قىلمىغان مىللەت ھالەك بولىدۇ، دىيىشكە توغرا كەلسە يەھۇدىلار دۇنيادىكى ئەڭ قۇددەرلىك ، ئەڭ باي مىللەت بولالمىغان بولاتتى؟؟

ياراتقۇچى بىزگە ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇل ئويناش تاپشۇرۇقىنى بەرگەن ئەمەس، تاماخۇرلار ھەقىقى مەنىدىكى چولپان بولالمايدۇ. قۇربان ئىبراھىمدەك يىتۈك مۇزىكانتلىرىمىزمۇ بىر دەستە گۈلنى قۇبۇل قىلماي ئالەمدىن قايتتى،زوردۇن سابىردەك پىشىۋا ئەدىپلىرىمىزمۇ ئاددى تۇرمۇش كەچۈرۈپ خەلىقتىن ھىچقانداق بىر نەرسە تەلەپ قىلماي داغدۇغۇسىز ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى.  ئۇلار قەلىپ تۆرىمىزدە ھەقىقى چولپانغا ئايلاندى.ئۇلارغا نۆۋەتتە ھەقىقى قۇرۇماس گۈللەر ساناقسىز قەلپىلەردىن تەقدىم قىلىنماقتا، توۋا بەزى چولپانلار ئۆزىگە تەقدىم قىلىنغان سۈنئى گۈللەرنى تىزىملاپ مېڭىۋېتىپتىمىش، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەرتىۋىسىنى، ئوبرازىنى تىكلىمەكچىمىش.... گۈللەرنىڭ سانىنى ئاشكارىلاپ ‹‹ بايانات›› ئېلان قىلماقچىمىش... تېلىۋېزورغا كۆپ چىقىش، كۆپ گۈل قۇبۇل قىلىش... بىر ئادەمنىڭ مەڭگۈلۈك ‹‹ چولپانلىقى››نى ئىپادىلەپ بېرەلسە، تازا ئادىل بولماي قالار. خەلق، تارىخ... كىمنىڭ ھەقىقىي ‹‹چولپان›› ئىكەنلىكىنى تاسقىيالايدۇ ئەلۋەتتە!!!كۆرۈرمەنلەر ساپاسىنىڭ تۆۋەن بولىشى ‹‹ چالا چولپان›› لارنىڭ بازىرىنى ئاۋاتلاشتۇرىدۇ. ھەقىقى چولپانلار ماختىنىشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ، ھەقىقىي چولپانلار خەلقنى ئالدىمايدۇ، ھەقىقىي چولپانلار دىگىنىگە ئەمەل قىلىدۇ، ھەقىقىي چولپانلار،قىيىن ئۆتكەللەردە خەلقنى ئالدىغا چىقىرىپ قويۇپ ، ئۆزى پۇرسەت كۈتمەيدۇ، ھەقىقىي چولپانلار‹‹ مەسئۇلىيەت›› دىگەن سۆزنىڭ لىكسىكىلىق مەنىسىنى تۇلۇق چۈشىنەلەيدۇ، ھەقىقىي چولپانلار ماختاشلار ئالدىدا ھۇشىدىن كەتمەيدۇ، ھەقىقىي چولپانلار باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوغۇرلىمايدۇ، ھەقىقىي چولپانلار خاسلىق يارىتىدۇ، ھەقىقى چولپانلار خەلىقنىڭ سۈيىدە ئېقىپ، ئوتىدا كۆيىدۇ، ھەقىقى چولپانلار، ئەنئەنىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە يېڭىلىق يارىتىش كويىدا بولمايدۇ، ھەقىقىي چولپانلار ‹‹ مەنپىئەت›› دىگەن ئۇقۇمنى كەڭ مەنىدە ئىستىمال قىلالايدۇ.

مۇئەللىم سىز تېخى قېرىمىدىڭىز!!!

مۇئەللىم سىزنىڭ ئىقدىسادى كىرىمىڭىز ئاشقانسېرى، ئوقۇتقۇچىلىقتىن سەسكىنىپ قېلىۋاتىسىز، بىرىلىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىۋاتىسىز، ‹‹ يالغان كېسەللىك ئىسپاتى›› بىجىرىپ مۇددەتتىن بۇرۇن پىنسىيەگە چىقىپ كىتىشكە باشلامچى بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىسىز.... سىز ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىڭىزدە يېڭىلىق يارىتالمىغان بىلەن شەھەرنىڭ خىلۋەت قاسنىقىغا ئارامگاھ ئېچىپ ‹‹ ئۇسلۇپ›› ياراتتىڭىز، سىزنىڭ تىلىڭىز بويىچە ئېيتقاندا ئارامگاھ بولسا ‹‹ دىبا›› دەپ ئاتىلىدۇ، ‹‹ دىبا››غا كىرگۈچىلەر‹‹دىبا خەلقى››دىيىلىدۇ.سىز ‹‹دىبا››باشقۇرۇشتا ھەقىقەتەن ئۇسلۇپ ياراتتىڭىز ‹‹ مۇزىكا ئەبجەش بولۇش، ئىنتايىن يۇقۇرى ئاۋازدا ئاڭلىتىش، قۇۋەتسىز يىمەكلىكلەرنى ئىنتايىن يۇقۇرى باھادا سېتىش، ئوغۇللارنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان پىۋا قاتارلىق سوغۇق ئىچىملىكلەرنى زورلاپ سېتىش، ھەر خىل چىكىملىكلەرنى قىز-ئوغۇل ئايرىماي چىكىشكە شارائىت يارىتىپ بىرىش،ئۇيغۇرلار ھىچقاچان ئويناپ باقمىغان ئۇسسۇللارنى ئوينىغانلارغا مۇكاپات بىرىش،ئۈندىداردا تۇنۇشۇپ قالغانلارغا رەسمىي تۇنۇشۇش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىش، بىر-بىرىنىڭ قىلىشقان گەپلىرىنى ئېنىق ئاڭلىمايلا ماقۇل دىيىش ياكى تىنىمسىز كاللا لىڭشىتىش، ئىنتايىن كەچ قايتىش، مۈمكىن بولسا مەست بولۇپ بارارگاھىنى بىلەلمىگىدەك قىلىۋېتىش،ئەتە ھەققىدە غەم يىگۈزمەسلىك، ئاتا-ئانا، ئەخلاق،كېلىچەك ھەققىدە ئويلانماسلىققا دەۋەت قىلىش....›› قاتارلىقلار سىز ئاچقان ‹‹ دىبا››نىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىگى ئىمىش...مانا بۇ سىزنىڭ نەتىنجىڭىز، مانا بۇ سىزنىڭ بۇل تېپىش ئۇسۇلىڭىز، سىزمۇ ھاراق سورۇنلىرىدا ‹‹بىز دىگەن تېخى ياش›› دەپ ‹‹گۈپپىدە›› ئىچىۋېتەلەيسىز،‹‹ رەڭلىك سورۇن›› دىگەندە ئۇسسسۇل دىگەننى ئاجايىپ ئويناپ قويىسىز، قىزلارغا ‹‹ مەن تېخى 30 ياشلاردا....›› دەيسىز.....بىراق ئىلمىي مۇدىر دەرىس تەخسىماتىنى ئاڭلاتقاندا،ئوقۇغۇچىلار سۇئال سورىغاندا....‹‹ مەن قېرىپ قالدىم،كۆزۈم كۆرمەيۋاتىدۇ...›› دەپ ،يانچۇقىڭىزدىن يالغان ئىسپاتلارنى چىقىرىپ، ئىنچىقلايسىز..... مۇئەللىم سىز راستىنلا قېرىپ كەتتىڭىزمۇ؟ياكى قېرىمىدىڭىزمۇ؟؟ سىزنى ئىش ھەققى تارقاتقان كۈنى كۆرسە شۇ قەدەر تىتىكلىشىپ كېتىسىز، كەچلەردە ‹‹دىبا››دا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان كۆرىنىشىڭىزدىن سىزنى ئەمدىلەتىن 20 ياشقا كىرگەن ‹‹يىگىت›› ئوخشايدۇ، دەپ قالىمىز. مائارىپنى، ئوقۇغۇچىلارنى ، ياشلارنى ئالداپ تاپقان پۇل سىزنى قانچىلىك باياشاتلىققا باشلاپ بارار....

‹‹ ئوغۇللۇق خارەكتىر تەربىيەسى›› نى كۈچەيتىش كېرەك

ئىلىمىزنىڭ داڭلىق مائارىپ تەتىقاتچىلىرى مەكتەپلەردە ‹‹ ئوغۇللۇق خارەكتىر تەربىيەسى››نى كۈچۈيتىش توغرىسىدا  ھەر خىل تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. شاڭخەي قاتارلىق تەرەققى قىلغان شەھەرلەردىكى بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئوغۇللۇق خارەكتىرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قىز –ئوغۇللارنى ئايرىپ ئوقۇتۇش شەكلىنى سىناق قىلماقتا. مېنىڭچە مەسىلە بۇنىڭ بىلەنلا ھەل بولماسلىقى مۈمكىن. بۇ ئوقۇم ئاڭلىغۇچىلارغا سەل غەلىتە تەسىر بىرىپ قويۇشى ئېنىق. بىراق رىئاللىق بۇ خىل تەربىيەنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھەر ۋاقىت تەكىتلەيدۇ.ھازىرقى 40 ياشلىق ئەرلەر ئۆزىمىز بىلەن ئاتىمىزنى سېلىشتۇرساق مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ.مىسالەن ئېيتساق ‹‹ ئانىمىز ئاتىمىزنىڭ كەينىدىن ماڭاتتى، ئائىلە مالىيەسىنى ئاتىمىز باشقۇراتتى، ئاتىمىز بازارلاردىن كىيىم تاللاپ ئانىمىزغا ئېلىپ بېرەتتى، ئۆيدە ئاتىمىز خاقان ئىدى، ئائىلە ئىقدىسادى ئاتىمىزنىڭ كىرىمى ئارقىلق گۈللىنەتتى، ئانىلارنىڭ باشقىلار بىلەن ئۇسسۇل ئوينىشى قاتتىق چەكلىنەتتى، سىرىتتا بىجىرىشكە تىگىشلىك ئىشلار ئاتىلار ئارقىلىق ھەل قىلىناتتى،ئاتىلار كىر-قات يۇيۇش، ئائىلە تازلىقى قىلىش،تاماق ئىتىش قاتارلىق ئائىلەنىڭ ئۇششاق ئشلىرىغا قول تىقمايتتى ، ئاتىلىرىمىز بالىلارنىڭ ئالدىدا ۋايسىمايتتى ، كۆز – يېشىنى چىقارمايتتى ، ئۈمىتسىزلەنمەيتتى ، ئۇلار تولىمۇ جەسۇر ئىدى، باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ قارايتتى، ھەق – ناھەق مەسىلىلىرىدە كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىقاتتى، ئانىلىرىمىزنى ئېغىر جىسمانى ئەمگەككە سالمايتتى، قىزلىرىنى شۇ قەدەر باشقۇراتتى ھەم يۇشۇرۇن نازارەت قىلاتتى، ئاچا- سىڭىللىرىمىزنىڭ سىرىتتا قونۇپ قېلىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى، ئۇلار بىز ئوغۇللىرىنى ھەقىقىي چېنىقتۇراتتى، ئۇلار بىزگە ‹ ئوغۇل بالا› لىق ئۆلچەملىرىنى ئۈگىتەتتى، تولىمۇ سۈرلۈك ھەم جەڭگىۋار كۆرىنەتتى.......›› توۋا ! ھازىر بىزچۇ؟ ئايالىمىزنىڭ ‹‹ دىرىكتور›› لىقىدا تاماق يىۋاتىمىز. ھەتتا بىزنىڭ  قانداق كىيىم كىيىش، قايسى دۇكاندىن ئېلىش ، قانچە پۇل سەرىپ قىلىش ھوقۇقىمىز يوق دىيەرلىك بولىۋاتىدۇ. بەزى ئەرلەر كەچلەردە  ئايالىنىڭ كەچلىك ئولتۇرۇشلاردىن بالدۇراق قايتىپ كىلىشىنى كۈتۈپ بولالماي، ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانىلاردا غايىپ بولماقتا... بۇ ئەلۋەتتە ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە. بىزنىڭ ئوغۇل بالىلىرىمىز بىزدىن بەتەر، چۈنكى بىزنىڭ ئائىلىدىكى قىلىقلىرىمىز ئۇلار ئۈچۈن ئۇچۇق دەرىس بولماي نىمە؟بەزى ئوغۇل بالىلار ئاچىسىنىڭ ئوغۇل دوستىغا ياردەم قىلماقتا، بەزى ئوغۇل بالىلار سىڭلىسىنىڭ كۆز ئالدىدا بەزى قىلىقلارنى قىلىشىنى توغرا چۈشەنمەكتە، بەزى ئوغۇل بالىلار قىز دوستىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە قىز دوستىغا ھاراق زورلىماقتا، قىز دوستىنىڭ يېرىم –يالىڭاچ كىيىنىشىدىن پەخىرلەنمەكتە، قىزلارنىڭ ئالدىدا ئاۋاز چىقىرىپ يېغلاش ‹‹مودا›› بولماقتا، ھەق سۆزلەش، قىيىن پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقىش قىزلارنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپ قالماقتا، قىزلاردىكى نازۇكلۇق، ئەۋرىشىملىك،سىپايە سۆزلەش، ناز قىلىش، خىجىل بولۇش، قىزىرىش، جۈرئەتسىزلىك، قورقۇنچاقلىق، يەرگە ئاۋايلاپ يىنىك دەسسەش ، قوللىرىنى يەڭگىل ھەركەتلەندۈرۈش، قىزىل رەڭلىك كالتە ئىشتانلارنى كىيىش، چاچنى سېرىق ،قىزىل رەڭلەردە بوياش، زىننەت بۇيىمى تاقاش.... قاتارلىق قىلىقلار ئوغۇللىرىمىزدا ئومۇملىشىپ قېلىۋاتىدۇ.غەيرى مېجەزلىك ئوغۇللارنىڭ سانىمۇ كۆپۈيۈپ كەتمىدى، دىيەلمەيمىز.ئەرلەردىكى جىنسى ئاجىزلىق دۇنياۋى مەسىلە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.جىنسى قۇۋۋەت دورىلىرى تىجارىتى بىلەن شوغۇللانغۇچىلارنىڭ يانچۇقى پۇلغا تولۇپ كېتىۋاتىدۇ.بۇ مەسىلىنى مۇھىتقا، يىمەكلىككە، تۈرلۈك پىلاستىنكىلارغا دۆڭگەپ قويساقلا ئىش تۈگەمدۇ؟؟ ياق! ئوغۇللارغا زىيادە كۆيۈنۈش، ئۇلارنى قىز-ئاياللار ئارىسىدىلا چوڭ قىلىش، تار كىيىملەرنى كەيدۈرۈش، قاتمۇ-قات تۈزۈملەر بىلەن ئەركىن پائالىيەت مۇھىتىدىن ئايرىش، ئەئەنىۋى تەنھەركەت سورۇنلىرى ھازىرلاپ بەرمەسلىك، ئۇلارنى ئۈگىنىش قىلىدىغان ‹‹ماشىنا›› غا ئايلاندۇرۇپ قويۇش، مەكتەپلەردە ھە دىسىلا بىخەتەرلىكنى تەكىتلەپ ئېغىر ھەركەتلەرنى ئىشلەشكە يول قويماسلىق ، قىز-ئوغۇل بوۋاقلارغا ئوخشاش سۈت پارشوكلىرىنى بىرىش، ھە دىسىلا ‹‹ باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارلاشما...›› دەپ ‹‹ خاتالىشىپ قالماسلىق››نى تەكىتلەش.... قاتارلىقلار سەۋەپ بولالمامدۇ؟؟ چىنتۆمۈر باتۇر سىڭلىىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يەتتە باشلىق يالماۋۇزغا قىلىچ ئۇرالىغانغۇ؟؟ نىمە ئۈچۈن ھازىر تار كوچىلاردا سۆيگەن قىزىنى لۈكچەكلەرنىڭ چاڭگىلىغا تاشلاپ بىرىپ ، ئۆيىگە قېچىپ بېرىپ خاتىرجەم ئۇيقۇغا كەتكەن ئوغۇل بالىلار بايقىلىپ قالىدۇ؟! نىمە ئۈچۈن بەزى ئوغۇل بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك بولغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ مەيدانغا چىقالمايدۇ، ئەكسىچە قارشى تەرەپتىن ئەپۇ سورايدۇ؟؟! نىمە ئۈچۈن بەزى ئوغۇل بالىلار سوت مەيدانىدا ئادىل گۇۋاچى بولالمايدۇ؟؟ئۇلار ھەق سۆزلەشتىن نىمانچە قورقىدۇ؟؟بىز ئارزۇلىغان ئوغۇل بالىلار شۇما؟؟ بىز مەيلى ئائىلە مائارىپىدا بولسۇن، مەيلى مەكتەپ مائارىپىدا بولسۇن ‹‹ ئوغۇللۇق خارەكتىر تەربىيەسى›› نى كۈچەيتىش تولىمۇ زۆرۈر بولۇپ قالدى. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئوغۇل بالىلار دۇنياغا كۆز ئاچقاندا خوشال بولۇپ كەتكەن تاشلارمۇ ‹‹ ياش ›› تۆككۈسى....

خانىملاردىكى كىيىنىش ئىسراپچىلىقى

1993-يلى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىغا ئۇيغۇر تىلى ئۈگىنىش ئۈچۈن كىرگەن شىۋىتسارىيەلىك قىز  دوستىمىز ئالىنا گېرىم ( ئۇ ئۆزىگە‹ ئاينۇر كېرىم › دەپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويىۋالغان ئىدى) بىلەن تاماقتا بىرگە بولۇپ خېلى كۆپ مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىرلەشكەن ئىدۇق. ئۇ قىز ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كىيىنىش مەسىلىسى ھەققىدە توختۇلۇپ : ‹‹ ئۇيغۇر قىزلىرى بەكمۇ چىرايلىق، يېڭىلىققا ئىنتىلىشچان ئىكەن. مەن ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدىم، نۇرغۇن تەرەپلىرى ئۈگىنىشىمگە ئەرزىيدۇ. بىراق بىر مەسىلە بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كىيىنىش مەسىلىسى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى، بىر قىسىم قىزلار بىر كۈندە 3-4 قېتىم كىيىم ئالماشتۇرىدىكەن، بۇنداق قىلشقا نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىسراپ بولغان ۋاقتىغا مەن چىدىماي قالىمەن.بىر كىيىمگە قىزىقىپ قالدىمۇ ئائىلە ئىقدىسادى بىلەن ھىساپلاشماي سېتىۋالمىغىچە بولدى قىلمايدىكەن، كىيىم كىيىشتە قارغۇلارچە مودا قوغلىشىدىكەن، ئۆزىنىڭ چىراي شەكلى ۋە بەدەن قۇرۇلمىسىغا يارىشا خاسلىق شەكىللەندۈرمەيدىكەن، بىر-بىرى بىلەن كىيىنىشتە كەسكىن بەسلىشىدىكەن، بەزى قىزلار تاماق يىمەسلىككە رازىكەنكى تاماق پۇلىنى تىجەپ كىيىم سېتىۋالىدىكەن.... مەن بىر كارخانىچىنىڭ قىزى ئاتامنىڭ 3 زاۋۇتى بار، ئائىلە ئىقدىسادىمىز خېلىلا ياخشى دىيىشكە بولىدۇ. بىراق مەن كىيىنىش ئىسراپچىلىقىغا قەتئى قارشى تۇرىمەن. دادامنىڭ پۇلىنى ئەرزىمەس ئىشلارغا خەجلىسەم بولمايدۇ. مانا مېنى كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر ، كىيىنىشىم ئانچە ھەشەمەتلىك ئەمەس، بۇنىڭلىق بىلەن مەن ئاددى بولۇپ قالمايمەن، مەن يەنە بىلىم ئېلىشىم كېرەك، مۈمكىن بولسا سىلەر ئوغۇللار قىزلارغا مەسئۇل بولۇپ بۇ ھەقتە تەربىيە بىرىشىڭلار زۆرۈردەك قىلىدۇ. كۈتۈپخانا ئەسلىدە ئۈگىنىش سورىنى ئىدى،بىراق بەزى بالىلار ئۈچۈن ‹ ئۇچرىشىش› سورىنى ئىكەن.....›› دىگەن ئىدى.  ئۇ تولىمۇ ئاددى –ساددا قىز ئىدى.بىز بىر نەچچىمىز ئۇ قىز سەمىمي دوستانە مۇئامىلىدە بولۇپ تىل ئۈگىنىشگە ئاز-تولا ياردەمدە بولاتتۇق....

مانا بۇ بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇنقى بىر چەتئەللىك قىزنىڭ بىزگە ئېيىتىپ بەرگەنلىرى، بۆگۈنكى كۈندە بەزى قاراشلىرى ھاياتى كۈچىنى يوقاتقان بولسىمۇ ‹‹ ئىسراپچىلىق›› ھەققىدىكى قاراشلىرى ھېلىھەم قىممەتلىك تۇيۇلماقتا. يېقىندا جېجاڭ ئۆلكىسىدىن ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىغا ياردەم بەرگىلى چىققان ئىككى نەپەر خەنزۇ ئوقۇتقۇچى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۇلار ‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ چىقىشقاق، يۇمۇرلۇق، قىزغىن، ئەقىللىق ... ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ كىلىپ تەربىيلىنىشكە كەلگەن ئۇيغۇر خانىملىرىنىڭ كىيىنىشكە زىيادە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى،ئىقدىسادى چۈشەنچىسىنىڭ تۆۋەنلىكى،كۈندە نەچچە قۇر كىيىم ئالماشتۇرىدىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ئىش ھەققى گەرچە بۇ ئۇيغۇر خانىملارنىڭكىدىن يۇقۇرى بولسىمۇ يىلدا بىر نەچچە قۇرلا كىيىم كېيىدىغانلىقى، رەتلىك، يارىشىملىق، پاكىزە بولۇشقا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى.... بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقى، ھەتتا بۇ ھەقتە تەربىيە بەرگەنلىكى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.توغرا ھۆكۈم ئالدىدا كىم ؟نىمە ؟دىيەلىسۇن؟ ! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بىر قىسىم خانىملار كىيىنىشتە رىقابەتلىشىپ ئۆزىگە ماس كىلىش-كەلمەسلىكى بىلەن ھىساپلاشماي ‹‹ پالانى كەيگەن كىيىمنى مەن نىمىشكە كېيەلمەيمەن؟؟›› قاراشقا ‹‹ قامىلىپ›› قېلىپ  كىيىم –كېچەك دوكانلىرىغا قەرزى بولۇپ قالغان بولۇپ قاپتۇ، مەسىلە بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ، ئائىلە زىددىيىتى ئۇ ئانچە چوڭ مەسىلە ئەمەس، خانىملارنىڭ كۈندە نەچچە خىل كىيىنىشى ئەلۋەتتە ئۆسىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ خىل ‹‹ مودا ئېقىمى›› نى ئوقۇغۇچىلار ۋۇجۇدىغا باشلاپ كىرمەيدۇ، دىيەلەمدىمىز؟؟؟ بۇ مەسىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپىدۇر.

بالىلار بالىلىق پەسلىنى بېشىدىن كەچۈرسە بولاتتى؟؟

ئېلىمىزنىڭ داڭلىق پىسخولوگىيە ئالىمى، مەشھۇر پىداگوك تاۋ شىڭجى ئەپەندى 1956-يىلى بالىلار تەربىيەسىدە توختۇلۇپ ‹‹1.بالىلارنىڭ كۆزىنى ئازاد قىلىش 2.بالىلارنىڭ قولىنى ئازاد قىلىش 3.بالىلارنىڭ ماكانىنى ئازاد قىلىش 4.بالىلارنىڭ مېڭىسىنى ئازاد قىلىش 5.بالىلارنىڭ ئېغىزىنى ئازاد قىلىش 6.بالىلارنىڭ ۋاقتىنى ئازاد قىلىش ›› قاتارلىق ‹‹ بالىلارنى ئالتەدە ئازاد قىلىش ›› تەشەبۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.بالىلىق پەسلى بىر ئادەمنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا چوقۇم بېسىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك ئەڭ گۈزەل باسقۇچ. بالىلار بالىلىق پەسلىنى بېشىدىن كەچۈرمەيدىكەن نورمال ئادەم بولالمايدۇ،ئۇ خۇددى بىرەر زاپچىسى كەم قوراشتۇرۇلۇپ قالغان بۇزۇق ماشىنىغا ئوخشاپ قالىدۇ.بىز بالىلىرىمىزنىڭ تۇغۇلۇپلا ئالىم، كەشپىياتچى بولىشىنى ھەممىنى بىرلا كۈندە بىلىپ بولىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ھازىرقى بالىلار 3 ياشقا كىرە-كىرمەيلا ‹‹ سۇ قاچىلاش ماشىنىسى››غا ئوخشاش،مەجبۇرى يۇسۇندا ‹‹بىلىم›› قاچىلىنىشقا باشلايدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار ‹‹ بىلىم قاچىلاش›› ھوقۇقىنى باشقىلارغا ‹‹كۆتىرە›› قىلىدۇ.بالىلار باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپلا بارلىق خوشاللىقلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ،ئۇلارنى تىنىمسىز غەم بېسىشقا باشلايدۇ. ئاتا-ئانا بولسا بالىلارنىڭ ئەڭ گۈزەل ھەم ھوزۇرلۇق ۋەتىنى ئىدى. بالىلار بىر كۈندە 10 مۇئەللىمنىڭ 10 خىل ئۇچۇرىنى كىچىككىنە كاللىسىغا قاچىلاپ، 10 خىل تاپشۇرۇقىنى يۈدۈپ ئائىلىسىگە كەلگەن ھامان ئاتا-ئانىلار تەرىپىدىن سوتلىنىشقا باشلايدۇ، بارا-بارا بالىلار ئەركىلەشنى ئۇنتۇپ قېلىشىدۇ.مەكتەپ ۋە ئائىلىدىكى قاتتىق تۈزۈم بالىلارنىڭ قەلبىدىكى ئاجايىپ ئىنتىلىش ۋە شوخلۇقلارنى بىر-بىرلەپ پاچاقلاپ تاشلايدۇ. بالىلاردىكى قىزىقىش،خاسلىق، تەبى ئىقتىدارلار بىر-بىرلەپ ھاياتى كۈچىنى يوقۇتۇپ سىنىپتىكى باشقا بالىلارغا ئوخشاش تەپەككۇر قىلىدىغان،ئوخشاش ھەركەت قىلىدىغان، باشقىلارنى مەجبۇرى يۇسۇندا دورايدىغان، مۇستەقىل قارىشىدىن ئاسانلا ۋاز كېچىدىغان، تىنىمسىز ئەنسىرەيدىغان، جاۋاپكارلىق ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنداش ئۈچۈنلا ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇ تېخى بەزىدە ئېغىر تەنقىتلىنىدۇ،يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ سومكىسى ئېغىرلاشقا باشلايدۇ، تاپشۇرۇقلىرى كۆپىيىدۇ،بېسىم كۆپىيىدۇ،غەملىرى كۆپىيىدۇ،جاۋاپكارلىقى كۆپىيىدۇ. بەزىدە ئۆزىنىڭ ئىشلىرىغا يىتىشىپ بولالماي شۇ قەدەت تىت-تىت بولىدۇ، يېغلايدۇ،ئازاپلىنىدۇ. تەبىىئەت بىلەن بىر گەۋدىلىشىش، ھايۋاناتلار بىلەن ئۇچرىشىش، دەريا بويىغا چىقىپ سۇغا چۆمىلىش،ئورمانلىقلارغا بېرىپ غەمسىز ئويناش پۇرسىتى بولمايدۇ. ئارام كۈنلىرى ئاتا-ئانىلار بۇ بالىلارنى تۈرلۈك تەربىيلەش كۇرسىغا تۇتۇپ بېرىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇلار جىمخور،جۈرئەتسىز، كىتاپ ئامبىرى ئىچىدىكى ‹‹ مەھبۇس››قا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ كەم سۆزلىكىدىن، جىمخورلىقىدىن، كىتاپتىن باش كۆتۈرمەسلىكىدىن، مۇئەللىم نىمە دىسە ماقۇل دەيدىغانلىقىدىن، ئۆزلىرىگە قارشى بىرەر ئېغىز گەپ قىلماسلىقىدىن، كىتاپتىكى مەزمۇنلارنى ئەينەن يادىلاپ بېرەلىگەنلىكىدىن.... شۇ قەدەر پەخىرلىنىپ كېتىشىدۇ. بالىلار بۇ چاغدا ئاساسەن كاردىن چىقىپ بولغان بولىدۇ.بىر قىسىم بالىلار يەسلىلىرى بالىلارغا تىزىلىش،تاماق يىيش، ئۇخلاش مەشىقى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.سىز بەزى بالىلار يەسلىسىگە بارسىڭىز ھەربىي گازارمىغا كىلىپ قالدىممىكىن دەپ قالىسىز، تېخى ساۋادى چىقمىغان بالىلار مۇقۇملۇق ۋە بىخەتەرلىك ھەققىدىكى لىكسىيەلەرنى ئاڭلايدۇ،پىكىر بايان قىلىدۇ. تولىمۇ كۈلكىلىك يىرى شۇكى ئۇلارمۇ تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنى كۈتىۋېلىشتا يالغانچىلىقنى ئۈگىنىۋالىدۇ. كىچىك تۇرۇپ يالغان دوكلات بىرىشكە شۇ قەدەر ئۇستا بولۇپ كېتىدۇ. مەكتەپتە قوراشتۇرۇلغان نۇرغۇن ئويۇنچۇقلار ‹‹قىز›› پېتى قېرىپ كىتىدۇ. چۈنكى ، بىخەتەرلىك كۆزدە تۇتۇلۇپ بالىلارنىڭ ئويۇنچۇق ئويناش ھوقۇقى قاتتىق چەكلىنىدۇ.بالىلارنىڭ بەزىدە ئاشۇ چىرايلىق ئويۇنچۇقلارغا قاراش ئەركىنلىكىمۇ بوغۇلىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بەزى بالىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەييارلاپ بىرىشى بويىچە جەمىيەتتىكى نازۇك مەسىلىلەر ھەققىدە ‹‹بايانات›› ئېلان قىلالايدۇ.بەزى بالىلارنىڭ پىسخىسىكىسى بوۋاي-مومايلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ. ئاتا-ئانىلاردا بالىلار بىلەن بالىلارچە سىردىشىش تۇيغۇسى قەتلە قىلىنغاچقا بالىلار بالىلىق پەسلىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ‹‹سىر›› بولۇپ قالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاپتۇماتىك باشقۇرۇلىدىغان ماشىنا ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنىمۇ ئاڭقىرىپ بولالمايدۇ.مەشھۇر پىداگوك تاۋ شىڭجى ئەپەندى بىر قىسىم رايۇنلاردىكى بەزى مەكتەپلەرنىڭ، بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، ئەڭ مۇھىمى بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەتەننىڭ گوھىرى ۋە بايلىقى ھىساپلىنىدىغان بۇ بالىلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى كۆرەلىگەن بولسا نىمە دەر ئىدى؟؟!! توپتوغرا 66 يىل ئۆتۈپتۇ، بىراق بىز مائارىپچىلار ھازىرغىچە ئۇنىڭ پىكىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدۇق؟ بۇ بىزنىڭ گۇناھىمىز ئەمەسمۇ؟؟

‹‹پۇلۇم كۆپەيدى، چېچىم ئازىيىپ كەتتى››

تېلىۋىزوردا تەكرار ئاڭلىتىلۋاتقان  چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقى ھەققىدىكى‹‹ يانچۇقۇمدا پۇلۇم كۆپەيدى،بىراق بېشىدا چاچ ئازىيىپ كەتتى...›› دىگەن ئېلان تېكىستىنى ھەر قېتىم ئاڭلىسام يېڭى تۇيغۇلارغا چۆمىلىمەن، يېڭى تەپەككۇرلارنى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىمەن.توغرا يانچۇقىمىزدا پۇل كۆپەيدى،قەلبىمىزدە چىن خوشاللىق ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ. ئولتۇرىدىغان ئۆيلىرىمىز بارغانچە ئىگىزلەپ باردى، ئادىمىيلىك ئورنىمىز تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ. ئۆيلىرىمىز يېقىنلاشتى، قەلبىمىز يىراقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ.يىمەكلىكلىرىمىز كۆپەيدى، بىراق تەمى ۋە قۇۋىتى ھەققىدە سۆز قىلماق تەسكە توختاۋاتىدۇ.دورىلار كۆپەيدى، بىراق تەسىرى بولمايۋاتىدۇ. نۇپۇس كۆپەيدى، ئادەم قالمايۋاتىدۇ .  كىيىم – كېچەكلىرىمىز يېڭىلاندى،  ئىنساپ-دىيانەت يوقاپ كېتىۋاتىدۇ. شېلەپىمىز يېڭىلاندى،  كاللىمىز كونا،  ئايىغىمىز يېڭىلاندى، ماڭىدىغان يوللىرىمىز كونا،  يېڭى مۇزىكىلارغا كونا ئۇسسۇل ئويناۋاتىمىز ... مەكتەپلىرىمىز شۇ قەدەر ھەيۋەت سېلىندى، يېڭى مەكتەپلەردە كونا تۈزۈم ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا. ئەسلىھەلەر شۇقەدەر كۆپەيدى، بىراق ئىشلىتىشكە ۋاقىت يەتمەيۋاتىدۇ. قىرائەتخانىلار كىتاپلارغا لىق تولۇپ كەتتى، كىتاپ ئوقۇش پۇرسىتى يوق بولىۋاتىدۇ.(كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى يالغاندىن يېزىلىپ ، ئارخىپلاشتۇرۇلدى) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى تەكرار ئۆستۈرۈلدى، بىراق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ بارماقتا، ئۇلارنىڭ ئوقۇتۇشقا سەرىپ قىلغان ۋاقتى، ئارخىپ ئىشلەشكە سەرىپ قىلغان ۋاقتى بىلەن تەڭلىشەلمەيۋاتىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەجبۇريىتى ئەسلىدە ئوقۇغۇچى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىدى، بىراق ئوقۇتقۇچىلار رەھبەرلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلشتىن (تەكشۈرۈشكە تاقابىل تۇرشتىن) باش كۆتىرەلمەيۋاتىدۇ. ئوخشاش بىر مەزمۇننى 30 يىل كۆچۈرگەن ئوقۇتقۇچىغا ،يەنە شۇ مەزمۇننى تېخمۇ چىرايلىق كۆچۈرۈپ يېزىش تەلەپ قىلنىۋاتىدۇ.مەكتەپ مۇدىرلىرى ھەر كۈنى يېڭى تۈزۈم تۈزىۋاتىدۇ، بىراق كونا تۈزۈمنىڭ بىرسىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايۋاتىدۇ. تۈزۈمنىڭ كۆپلىكى ئوقۇتقۇچىلارنى زىيادە چارچىتىپ قويىۋاتىدۇ.مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانىدىن باشلىقلارنىڭ سانى ئېشىپ كىتىۋاتىدۇ، ئوخشاش مەزمۇندىكى ئورۇنلاشتۇرشلارنى ئوخشاش بولمىغان رەھبەرلەر تەكرار ئورۇنلاشتۇرپ ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتىدۇ.يۇۋاش ئوقۇتقۇچىلارمۇ سۆزلەشكە تەمشىلۋاتىدۇ، بىراق ھىچكىم سۆزلىيەلمەيۋاتىدۇ، سۆزلىگەنلەر ‹‹قۇلاق››لار ئارقىلىق ‹‹رادار›› غا چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ، ھەق سۆزلىگەنلەر ،ھەق سۆزنى ئاڭلاشنى خالىمىغۇچىلار تەرىپىدىن ‹‹تۆھمەت ›› كە قېلىۋاتىدۇ،تۈرلۈك باھالاشلاردا چەتكە قېقىلۋاتىدۇ. شۇڭا ھىچكىم ھىچكىمگە ھىچنىمە دىمەسلىككە ‹‹قەسەم›› ئىچىۋاتىدۇ، ‹‹قەسەم›› قاچىلىرىمۇ توشۇپ كەتتى......بۇ مائارىپ، بۇ ئوردا ئەمەس، مەكتەپ.... يالغانچىلىققا يول قويسا ۋەتەنگە يۈز كەلگىلى بولمايدۇ، مائارىپتا يالغانچىق ئەۋىج ئالىدىكەن دۆلەت مەنپەتى زىيانغا ئۇچرايدۇ.شۇڭا راسىت گەپ قىلىش كېرەك! دەپ قارايمەن.بىر قىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرى ئۆزىنى تەكشۈرۈشى كېرەك، ئۆزىنى ئوپىراتسىيە قىلشى كېرەك،ۋەتەننىڭ مەنپەتىنى ئالدىنىقى ئورۇنغا قويىشى كېرەك، مەركەزنىڭ مائارىپ سىياسەتلىرىنى ياخشى ئۈگىنىشى كېرەك، ئىلغار مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك.ئىلغار ئىدىيەسىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك، ئەگەر ھىچنىمە قىلىشنى خالىمىسا مەردانىلىق بىلەن ئىستىپانامە يېزىشنى ئۈگىنىشى كېرەك!! ئەگەر شۇنداق قىلالىسا بۇمۇ دۆلەت ئۈچۈن،خەلىق ئۈچۈن، بالىلار ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەسمۇ؟؟!!

خاتىمە

دانىيەلىك مەشھۇر بالىلار چۆچىكى يازغۇچىسى ئاندورسوننىڭ مەشھۇر چۆچىكى ‹‹ پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى›› دە ‹‹ توۋا ، ئۇ ھىچنىمە كىيمەپتىغۇ؟!›› دىگەن راست گەپنى قىلغان چوڭ كىشى بولماستىن،بەلكى بىر كېچىك بالا. ئەسلىدە چوڭلار تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىشى، ھېلقى ساختىپەر سەيپۇڭلارنىڭ پادىشاھنى ئالدىغان ئالدامچىلىقى ۋە ھېيلە-نەيرەڭلىرىنى تېخمۇ ئۇچۇق پاش قىلىشى كېرەك ئىدى.ئەمما چوڭلار راست گەپ قىلىشنىڭ تەسلىكىنى ھەم خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە زۇۋان سۈرمەي تۇرىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن راست گەپ قىلىش ۋەزىپىسى جاھاننىڭ ئىشلىرىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان كىچىك بالىلارنىڭ زېممىسىگە يۈكلىنىپ قالغان.ئەمما بۇ بالىنىڭ راست گەپنى دەپ تاشلىغاندىن كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولغان؟ پادىشاھ غەزەپلىنىدۇ،ئالدامچى سەيپۇڭلارغا مەنسەپ ۋە ئىنھام بىرىپ، كىچىك بالىنى قاتتىق جازالايدۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا راست گەپ قىلىش چوڭلارغىمۇ، بالىلارغىمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك ئىكەن.بەلكىم بۇ چۆچەك ئۆزگەرتىلىپ يېزىلغاندۇ؟! بۇ چۆچەكنى ھازىرقى يازغۇچىلارغا ئۆزگەرتىپ يېزىش تاپشۇرۇقى بىرىلسە،ھەر خىل ئاقىۋەت كىلىپ چىقىشى مۈمكىن: 1. كىچىك بالىمۇ راست گەپنى دىمەسلىكى مۈمكىن....2.  بۇ راست گەپنى چوقۇم ھوقۇقى تۆۋەنلىتىلگەن بىرەر  ئوتتۇرا قاتلام  ئەمەلدار دەپ تاشلىشى مۈمكىن....3. بىرقىسىم ئامما ۋەكىللىرى پادىشاھقا نامسىز خەت يېزىشى مۈمكىن ....4. بىر چوڭ كىشى ھېلقى كىچىك بالىغا گەپ ئۈگەتكەندىن كېيىن كىچىك بالا راست گەپ دەپ تاشلىشى مۈمكىن....5. كىچىك بالا دىگەن تەقدىردىمۇ پادىشاھ ئىشەنمەسلىكى مۈمكىن....6.پادىشاھ كىچىك بالىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ قالسا مەسىلە قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ كىچىك بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىدۇ، ئاندىن  ئالدامچى سەيپۇڭغا  ئىش ئۈگەتكۈچىلەر  قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئۇلارغا قانداق جازا بىرىلگەنلىكى بىر مەزگىل‹‹سىر›› بولۇپ قالىدۇ. ئەمما ئىككى سەيپۇڭنىڭ بىرسى يەنە بىرسىگە گۇناھنىڭ ھەممىسىنى  ئارتىپ قويۇپ ئاقلىنىپ كېتەلەيدۇ. كىچىك بالا ‹‹ ئۈگىنىش ئۈلگىسى›› بولۇپ، ئىش ئىزلىرى گېزىتلارغا بېسىلىدۇ،مۇخپىرلار تېلىۋېزوردا زىيارەت قىلىدۇ، پۈتۈن مەمىلكەت بويىچە ‹‹ راست گەپ قىلغان كىچىك بالىدىن ئۈگىنىش دولقۇنى ›› كۆتۈرۈلۈپ، بارلىق كىشىلەر راست گەپ قىلىشقا يۈزلىنىدۇ. يالغان گەپ قىلىدىغان ئادەمدىن بىرسىمۇ قالمايدۇ. مانا بۇ يازغۇچىنىڭ تالانتى، مانا بۇ بىر پارچە ئەسەرنىڭ ئىجدىمائى قىممىتى.....خالاس!!

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن! مېنىڭ بايان قىلغانلىرىم چۆچەك ئەمەس، ياكى ئەفسانە-رىۋايەت ئەمەس،بۇ مائارىپىمىزنىڭ مەلۇم قاسناقلىرىدا بولۇپ ئۆتكەن، بولىۋاتقان ئىشلانىڭ تولىمۇ ئاددى بىر خاتىرىسىدۇر. مەلۇم ئىشلارنى ئومۇمىيلىققا ۋەكىللىك قىلالايدۇ، دىسەك توغرا بولماس. مائارىپىمىزدىكى يۈكسىلىش ۋە ئۆزگىرىشلەر ھەقىقەتەن زور. مەركەزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىشى ۋە مائارىپ سېلىنمىسىنى يىلمۇ –يىل ئاشۇرۇشى كۆز يۇمسا بولمايدىغان رىئاللىقتۇر. دۆلىتىمىزنىڭ بىر قىسىم رايۇنلىرىدىكى مائارىپ ئىشلىرى ھەقىقەتەن يۈكسەلدى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى. بىراق بەزى رايۇنلاردىكى بەزى مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، تەتقىق قىلىش،تەنقىت قىلىش، ئۆزگەرتىش،يىتەكلەش، ئومۇمىي مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ تېخمىۇ يۈكسىلىشىگە پايدىلىقتۇر.يۇقارقى بايانلاردا تەنقىتلەنگەنلەرنىڭ ئىسمى، خىزمەت ئورنى  ۋە باشقا شەرتلىك بەلگىلىرى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىدى. ئۇلار بەلكىم سىزنىڭ مەكتىۋىڭىزدە خىزمەت قىلۋاتقاندۇ، ياكى سىز ئۇ كىشىلەرنى تۇنۇيدىغانسىز، ياكى سىز پەرەز قىلغان كىشى دەل شۇ بولماسلىقى مۈمكىن. سىزنىڭ ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىشىڭىزمۇ ھاجەتسىزدۇر.قانداقلا بولمىسۇن مەن ئۇلارغا ئىنساپ تىلەيمەن، سالامەتلىك تىلەيمەن، روھىنى چېنىقتۇرسىكەن دەپ ئويلايمەن، ئۇلارمۇ چوقۇم ئۆزگىرىپ قالار، مەلۇم بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ياخشى قىلىقلىرىدىن خۇرسەن بولۇپ قالارمىز....شۇنداقتىمۇ  بەزىلەرنىڭ ئۆزىنى قىستاپ ماقالا  ئىچىگە كىرىۋالماسلىقىنى سەمىمىي ئۈمىت قىلىمەن.

ئاپتۇر: كەلپىن ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن 13150420208

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kapqigay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-18 02:58 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92145
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 124
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 09:23:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nap~rat + 10 ئېسىل ئىنكاس

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 556
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8287
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1624 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 10:49:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مائارىپىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدە يۈرگۈزۈلگەن ئەتراپىلق بىر مۇلاھىزە بۇپتۇ. ئەيساجان ئاچچىق ئەپەندەك مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئۆتكۈر  قەلمىگە بەرىكەت ، تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن! بولسا توردونياسى ئارقىلىق ئەسەرلىرىڭىز بىلەن پات-پات ئۇچۇرشۇپ تۇرساق دېگەن ئۈمىتتىمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1658
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 369 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 11:58:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94892
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-4-15
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 12:10:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88122
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 323
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-12-5
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 01:59:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 743
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15134
تۆھپە نۇمۇرى: 1724
توردا: 5939 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 10:38:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر ناخشا-ئۇسسۇل بىر مىللتنى گىگانىت مىللەتكە ئايلاندۇرىدۇ، دىيىشكە توغرا كەلسە سىگانلار دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ،باي-باياشات مىللەتكە ئايلىنىپ كەتكەن بولاتتى؟؟ ئەجىبا ئۇلار سەرگەندان مىللەتلىكىگە خاتىمە بېرەلمىدىغۇ؟ناخشا-ئۇسسۇلى تەرەققى قىلمىغان مىللەت ھالەك بولىدۇ، دىيىشكە توغرا كەلسە يەھۇدىلار دۇنيادىكى ئەڭ قۇددەرلىك ، ئەڭ باي مىللەت بولالمىغان بولاتتى مۇنۇ سۆزنى بەكلا ئورۇنلۇق قىپسىز .

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

مۇنبەردە ئىتنىڭ باللىرى باركەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 842
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8075
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1938 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 11:40:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق دىگەن ئىسىمنى مەن تۇللۇقسىزدىكى ۋاقتىمدا تۇنجى قېتىم ئاڭلىغان . مىنىڭ تۇللۇقسىزدىكى ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ساۋاقدىشىكەنتۇق . شۇ ۋاقىتتا بىزگە ماختاپ بەرگەن . بۇ ماقالىمۇ ناھايتى ئەمىلىي ،ياخشى يىزىلغان ماقالىكەن .

چىشىمغا تەگمە !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش