مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3134|ئىنكاس: 25

ۋەتەن سرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى چۇشىنىش. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88936
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 142
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2012-12-22
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 01:42:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەتەن سرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى چۇشىنىش.

                                                                  تاھىر ئىمىن

                            (ئۆز تۈرك شركىتى ،بىرلىك كارخانا ستراتىگىيە تەتقىقات مەركىزىدىن)

ۋەتەن يەنى ئانا تۇپراق ،خەلق يەنى بىز بىلىدىغان ،سۆيىدىغان ئنسانلار ھەققىدىكى تۇيغۇلار ئنسانلىقىمىزغا پۈتۈلگەن مەڭگۈلۈك قسمەتلەردىن .بىز بۇ تۇپراق  ۋە شۇ ئنسانلار تۇيغۇسىدىن مۇستەسنا ئنسانلىقىمىزنى قانائەتلىك بىلمەيمىز.
ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئۆز تۇپراقلىرىمىز-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئۆزگە تۇپراقلاردا –چەتئەللەردە توپلىشپ ياشاۋاتقان بىر مەۋجۇتلۇق شەكلىدە.
ۋەتەن سرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى چۇشىنىش-ئۇيغۇرلارنى چۇشىنىشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى،ئۇيغۇرلارنى چۇشىنىش-ئۆزىمىزنى شەخس ھالىتىدە چۇشىنشتە ھالقىپ كىتەلمەيدىغان ئنسانلىقىمىزنىڭ بىر پارچىسى.
تۇمەنلىگەن قىرىنداشلار تارىخنىڭ تۇرلۇك باسقۇچلىرىدا ياخشراق پۇرسەتلەرنى ئىزلەپ ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇشقان.ۋەھالەنكى ئۇلار شۇنداق ئۇيغۇرلارنىڭ پارچسىدىندۇركى،شۇ ئۇيغۇرلار ئۆملۇك مۇھىتتىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايدىغان،ھاياتنىڭ ئىجتىمائى قسمىنى قىزغىن سۆيىدىغان  ئنسان تۇركۇملىرىدىن.  بىز ئەتراپىمىزدىكى بىز بىلەن ئوخشاش تىلدا سۆزلەيدىغان، مۇيەسسەرلىك ۋە مەھرۇملۇقتا ئورتاقلىشىدىغان، كۇلكىمىزدە ،يىغىمىزدا بىز بىلەن بىرگە بولىدىغان مۇشۇ خەلقنى سۆيىمىز، ھاياتىمىز مۇشۇ خەلق بىلەن قايناق، مۇشۇ خەلق بىلەن  مەنىدار.
بىز تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ دىيار سوغۇق بەلباغ رايونلىرىدىكى خەلقلەر ئۈچۈن قانچىلىك قۇرغاق، ئسسىق بىلىنسۇن،قىنىمىز تۆكۇلگەن بۇ زىمىن بىز ئۇچۇن يەنىلا ئەڭ سۆيۇملۇك تۇپراقتۇر،بۇ يەردە بىز تۇگىتىپ بولالمايدىغان نۇرغۇن ھىكايىلەر بار.
ئەمما شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ تۇپراقلاردىن ۋاز كېچىپ ،ئاتا-ئانا ،قەۋم-قىرىنداشلاردىن،ھەر بىر ئۇچۇم تۇپراق،ھەر بىر يۇتۇم سۇلىرىدىن كۆزىنى يۇمۇپ چىداپ تۇرۇپ ئايرىلغان سانسز قىرىنداشلىرىمىز ،ئۇلار چوقۇم ئۆزى ياكى ئۆز تەۋە بولغان مۇشۇ خەلقكە تېخىمۇ ياخشى بولغان پۇرسەتلەرنى ئىزلەپ ماڭدى.

ئۇلارنىڭ ۋەتەن سرتىدىكى ئەھۋالىىنى چۇشىنىشنى كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار ئارزۇ قىلىمىز.پەمىمچە كۆپچىلىك تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارغا ھىرىسمەن
1-ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ يەردىكى ئۆزلۇكنى ساقلاش ۋە تەرەققىيات ئەھۋالى

ئۇلارنىڭ سانى قانچىلىك؟ئۇلار قاچاندىن بىرى مەۋجۇت؟ ئۇلار ياشاۋاتقان دۆلەتتە قانداق شەكىلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بەرپا قىلالىدى؟ئۇلارنىڭ سوتسيال (ئىجتىمائى) ۋە كۈلتۈرەل ئورنى قانداق ؟ئۇلار ئۇيغۇرلۇقنى ساقلاپ قىلىشنى تاللىدىمۇ ياكى ۋاز كىچىشنىمۇ؟ ساقلاشنى تاللىغان بولسا بۇنىڭ ئۇچۇن قانداق تەدبىر قوللاندى ۋە ئۇنى ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىغا يەتكۇزۇش ئۈچۈن نىمە قىلدى؟ئۇلار قانداق مۇنتىزىم ئاپپارات بەرپا قىلالىدى قاتارلىقلار.
2-ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ دۆلەت ۋە خەلق بىلەن ئالاقە ئەھۋالى
ئۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆچمەن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياسىيتى قانداق؟ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك خەلق بىلەن ئالاقە ئۇسۇلىدا قانداق ئالاھىدىلىك ياكى كەمچىللىكلەر مەۋجۇت؟ ئۇلار ئومۇمى ئۇيغۇر ئوبرازى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئويناۋاتامدۇ ياكى پاسسىپ رولمۇ؟
3-ئۇيغۇرلار چەتئەلدە ۋەتەن ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئويناۋاتامدۇ ياكى پاسسىپ رولمۇ؟
مۇھاجىر ئۇيغۇرلار شۇ دۆلەت خەلقلىرىگە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى قانچىلىك تونۇشتۇردى؟مەدەنىيەت ۋە ئنسانپەرۋەرلىككە ئوخشاش يۇمشاق ساھەلەردە پاسسىپ ئورۇندىمۇ ياكى قانداق؟
جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيتى شۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ مەدەنىيەت،ئېقتساد ۋە ئىجتىمائى تەرەققىياتى ئۈچۈن قانداق ئاكتىپ سياسەتلەرنى قوللاندى ۋە مۇھاجىر ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا ئوخشىغان ئامىللاردىن ئۆزى ئۇچۇن ئاكتىپ پايدىلىنىشقا قانچىلىك تىرىشتى؟
ئەلۋەتتە،مۇساپىر بولغۇچى نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۇرگەن بولىدۇ.دەردى ۋە ئازاپلىرى بولىدۇ.ئۇلاردىن نىمىنى كۇتسەك توغرا نىمىنى كۇتمەيمىز دىگەنلەر ئەقىل ئىگىلىرىدە بولۇشقا تىگىشلىك قاراش بولۇشى كىرەك.

يۇقىرىقىلار ھەققىدە كۆپ قېسم ئۇيغۇرلىرىمىز چۇشىنىشكە قىزىزىقىدۇ.ئەمما شۇ كۆپ قىسم ئۇيغۇرلىرىمىز پاسپورت مەسىلىسى،ئېقتساد مەسىلىسى ۋە باشقا مەسللەر تۇپەيلىدىن بىۋاستە بىرىپ كۆرۇش،چۇشىنىش ياكى مۇشۇ ساھەنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ چۇشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمايدۇ.ۋەتەن ئۇيغۇرلىرىدا جاھان ئۇيغۇرلىرىنى بىلمەسلىك،سرتتىكى ئۇيغۇرلاردا يالغۇزسراش بارغانسرى ئىغىرلىشىدۇ.مۇھىمى بىلىش ۋە ئالاقە ئۇزۇلگەنسرى ئوتتۇرىدىكى تۇيغۇ بىرلىكى يىراقلىشىدۇ.ۋەتەن سرتىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنى ‹‹ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدىغان چەتئەللىك ››سۇپىتىدە مۇئامىلە قىلىشى بۇنىڭ دەللىلىىرىدىن.تۇيغۇنىڭ يىراقلىششى-ئارىمىزنى بۆلىدۇ.

ۋەتەن سرتىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر بەرمەسلىك مەسئۇلىيتى

ۋەھالەنكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسم ئۇيغۇر مەمۇرلار ۋەتەن سرتىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ۋەتەن ئىچىدىكىلەرگە قانۇنى ۋە مۇۋاپىق يوسۇندا ئۇچۇر بېرشتىن ھامان ئۆزىنى قاچۇردى.ئۇلار ئومۇمى ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىر قسمى تۇرۇقلۇق خۇددى مەۋجۇت ئەمەستەك مۇئامىلە قىلىندى.ھەتتا جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ پۇقراسى سۇپىتىدە مەۋجۇت ئۇيغۇرلارمۇ شنجاڭ تىلىۋىزىيە ئستانسسى،شنجاڭ گېزىتى .رادىئو،ژۇرناللار مەتبۇئاتلاردا تىلغا ئىلىنمىدى.مەسلەن:چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتى ھەققىدىكى ئىزلىنىشلىرى ئالى مەكتەپ دەرسلىكىدە يوق،ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا قازاقستان ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرى ھەققىدە ھىچقانداق ئۇچۇرلار يوق.ۋە ھالەنكى ئۇلارنىڭ نەتىجىسى ئوتتۇرا ئاسيا خەلقلىرىدە كۆرۇنەرلىك. چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ئالماشتۇرۇش،كۆرەكلىرى ھەققىدە ئۇچۇرلار يوق،چەتئەل ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا ساھەلىرىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ھەققىدە ئۇچۇر يوق،ئۇلارنىڭ ئانا تىل ئۇچۇن چەككەن رىيازەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر يوق.شۇنداقلا ئەرزىمەس ئشلار ئۇچۇن ۋەتەنگە قايتالمايدىغان ،بىر ئۆمۇر مۇساپىر،بىر ئۆمۇر غېرىپ ئۆتمەكچى بولغان قىرىنداشلار ئۇچۇن ئىككى ئىغىز لىللا سۆزلەش مەسئۇلىيتى ھەم ۋەتەندىكى مەمۇر ئۇيغۇرلارنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىدۇر.

ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە توپلىشپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سرتىدا ھەم ئۇزاق تارىختا ئىگىدارچىلىق قىلغان ھەم گۇللەتكەن زىمىنلىرى بولغان،ھازىر ھەم شۇ جايلاردا ئۇيغۇر نوپۇسى مەۋجۇت .شۇلاردىن بىرى قازاقستاندۇر.قازاقستان ئۇيغۇرلىرى ۋەتەن سرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ بولغان رايوندۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقستاندىكى مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىلمى تەتقىقات نۇقتسىدىن چۇشىنىش ئۇچۇن ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرىنىڭ 4-سان لېكسيەسى تەييارلاندى.
لېكسيەدە قازاقستاندا ئۇزۇن يىل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ،شنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنېۋرسېتىتى دوكتۇرى مۇقەددەس ئەزىز مۇئەللىم.

لېكسيە ئسمى:
قازاقستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇش مەدەنىيتى
لېكسيە بەرگۈچى:دوكتۇر مۇقەددەس ئەزىز
پىلانلىغۇچى:تاھىر ئىمىن
ئۇيۇشتۇرغۇچى:قارلۇق شركىتى
ئورنى:قارلۇق شركىتى يېغىن زالى
ۋاقتى:2013-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى شەنبە چۇشتىن 6:00دە
(لېكسيە ئارلىقىدا 20مىنۇت دەم ئىلىنىدۇ،باشقىلارنىڭ سرتقا چىقىشىغا دەخلى قىلىنمايدۇ)
ئەسكەرتىش:‹ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى› لېكسيەلىرى نەق مەيدان ۋە تورلاردا ئاڭلىغۇچىلار ئۇچۇن تولۇق ھەقسز.ئەمما كۇچ چىقارغان تەشكىللىگۇچى،تەشۋىقاتچى،سورۇن تەمىنلىگۇچى قاتارلىقلارنىڭ ئىزگۇ نىيتى سزدىن ئىلىمنىڭ ۋە ئالىمنىڭ قەدرىنى چۇشىنىش،ئۆزلۇكىدىن ئۆگىنىشكە تۇرتكە بولۇش،ئىلىمگە ئەمەل قىلىش ۋە پايدىلىنىش ،ئىلىمنىڭ مەزمۇنىنى باشقىلارغا يەتكۇزۇش ۋەزىپىسنى سزگە قالدۇرىدۇ.
‹ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى› خىزمەتلىرىدە ھەمكارلاشقۇچىلار ۋە قوللىغۇچى ئورۇن ،شەخسلەرنى  قارشى ئالىمىز.
مەنبە :ئەلكۈيى مۇنبىرى


كىنو فىلىم ھەۋەسكارى   مېنىڭ ئويلىغانلىرىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89160
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 847
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 09:07:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆنۆگۈن ئەلكۈيىدە  كۆرگەن ئىدىم ، ياخشى تېما

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8013
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1593 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 09:18:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك پائالىيەت ئىكەنتۇق. ئۈرۈمچىدە بولغان بولسام چۇقۇم قاتنىشاتتىم.  ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ھۆكۈمەت تەشۋىقات ۋاستىللىرىدىن ئورۇن بەرمەسكلىكىدىكى سەۋەب سىياسىي نۇقتىدىن بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە يول ئېچىلىپ ،بۆلگۈنچىلىك ئېڭىنىڭ يۇقۇرى كۈتۈرلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ شۇنداق قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئەمەلىيەتتە ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى بۆلگۈنچىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ۋەتەن سىرتىدىكى ئەركىن سىدىق.شۆھرەت مۇتەللىپ قاتارلىقلارغا ئوخشاش ھۆرمەتلىك كىشلىرىمىز ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى يۇرۇق نامىنى جاھانغا تارقىتۋاتىدۇ.بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىدىن پەقەت تور دۇنياسىددىلا خەۋەرداربۇلۇۋاتمىز.ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىدا پەقەت پارتىيە -ھۆكۈمەتكەمىننەتدارلىق بىلدۈرۈڭ دەپ قىزىل تەشۋىقاتنىلا بېرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93957
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 354
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2013-3-27
ئاخىرقى: 2013-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 09:50:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 554
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 894
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 10:31:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6030
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 888 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 11:36:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ۋەتەن سىرتىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى،مەدەنىيەت كىملىگىنى...چۈشىنىش
ۋە بىلىش...ئۇيغۇرلىقىمىز ئۈچۈن تەخىرسىز قىلىشقا تىگىشلىك موھىم ئىشلارنىڭ بىرى ئىدى...

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

تۈركلەر كىلۋاتىدۇ ھۇررا توۋلاپ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94847
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 250
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 11:40:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادا ، ۋەتىنى بار تۇرۇپ ۋەتەنسىز ياشاشتىن ئېغىر ئازاب بولمىسا كېرەك . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھونتۈرك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-18 11:41 PM  


باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94892
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-4-15
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 11:42:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91066
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 79
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-2-3
ئاخىرقى: 2013-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 11:45:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي.ئادالەتسىز.جاھان........!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94705
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2013-4-12
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 11:50:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئورۇنلۇق گەپ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش