ئايرىلمىغىل
ھىممىتىڭدىن،غەيرىتىڭدىن ئۆل،لېكىن ئايرىلمىغىل،
ھەقلىقىن بىلگەن يولۇڭدىن جاننى بەر،قايرىلمىغىل.
مانىئىڭ كۆپ بولسىمۇ،قورقماي ئۈزۈپ ئالدىڭغا باس،
تاغۇ-تاش،دەريا ئۇلۇغ سۆزلەرگە سەن تاڭ قالمىغىل.
ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە،يا غەرق بول،يا تاپ گۆھەر،
شىرنە يولۋاس كەبى باسقان ئىزىڭدىن ھېچ يانمىغىل.
تۆت تەرەپ ياۋ ھۇۋلىشىپ،سەككىز تەرەپ تىغ تەڭلىسە،
ئىشىپ قانغا بويال،نومۇسنى ھەرگىز ساتمىغىل.
كىمكى ھەق يولغا قەدەم قويسا ئۇتۇق مۇتلەق شۇنىڭ،
بۇ نېچۈك بولغاي كېيىن دەپ،يوق خىيالغا قالمىغىل.
سەن ۋەتەن،مىللەت دېسەڭ،تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسۇر،ئالىي نىشان،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل.
ئابدىخالىقنىڭ سۆزى دەپ ئېتىبار قىلماي قىلىپ،
ئۇشبۇ ۋىجداننى كېيىن پۈتمەس ئازابقا سالمىغىل.
ئويغان
ھەي، پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر،
سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.
بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزەڭنى قۇتقازمىساڭ،
ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.
قوپ! دېدىم، بېشىڭ كۆتەر، ئۇيقۇڭنى ئاچ!
رەقىبنىڭ بىشىنى كەس، قانىنى چاچ!
كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ،
ئۆلىسەن ئارماندا، بىر كۈن يوق ئىلاج.
ھېلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تېنىڭ،
شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۆلۈمدىن غېمىڭ؟
چاقىرسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن،
ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ؟
كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا باق،
ئۆز ئىستىقبالىڭ ھەققىدە ئويلان ئۇزاق.
كەتسە قولدىن بۇ غەنىمەت، پۇرسىتى،
كىلەچەك ئىشىڭ چاتاق، ئىشىڭ چاتاق.
ئېچىنار كۆڭلۈم ساڭا، ھەي ئۇيغۇرۇم،
سەبدىشىم، قىرىندىشىم، بىر تۇققۇنۇم.
كۆيۈنۈپ ھالىڭغا ئويغاتسام سېنى،
ئاڭلىمايسەن زادى، نېمە بولغىنىڭ؟!
كېلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن،
تەكتىگە گەپنىڭ شۇ چاغدا يېتىسەن.
«خەپ» دېسەڭ شۇ چاغدا ئۈلگۈرمەي قالۇر،
شۇندا، ئۇيغۇر، سۆزىگە تەن بېرىسەن.
ئاچىل
گۈلۈم ئاچىلاي دەيدۇ
باشقا سانچىلاي دەيدۇ.
يارىمنىڭ يۈرەك ئوتى،
تەنگە يامىشاي دەيدۇ. يارىم ماڭا ناز قىلۇر،
كۈلۈپ مېنى ماز(مەست)قىلۇر.
يار قەدرىنى بىلمەيسەن،
زېمىستاننى ياز قىلۇر. يار دەردىدە خۇن بولدۇق،
تۈگمەنلەردە ئۇن بولدۇق.
قورقۇنچىڭدىن قاتتىق تاش،
بىرلىشەلمەي قۇم بولدۇق. ياش تەلەپلەر ئۇخلاشما،
يار يولىدا پۇتلاشما.
يارىم ئۈچۈن جان پىدا،
قەدىمىڭگە مىڭ تىللا. غەيرەت گۈلۈم ئاچىلغىل،
ھىممەت گۈلۈم ئاچىلغىل.
يارىم ئۈچۈن بەرسەم جان،
قاچان بولسا بىر ئۆلۈم. يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم، يارىم ئاچىلغىن....
مۇھەببەت ئىشقى
سەن-سەن يۈرەككە ئوتلارنى سالغان،
ئەقىل-ھوشۇمنى سۆز بىلەن ئالغان.
مۇھەببەت سازىن خۇش ئاۋاز چالغان،
باقمامسەن قىيا،ۋار سەتەڭ بالىخان.
چىنمىدى-يالغان،جاۋاپ بەر ئۆزۈڭ،
ياغدەك ياراشۇر ھەسەلدەك سۆزۈڭ.
جانلارنى ئالغان بۇلاقتەك كۆزۈڭ،
سەندۇرسەن مېنىڭ بەخت يۇلتۇزۇم.
دەردىڭدە كۆڭۈل ھەر كۈنى غەمدە،
ئىسىت،گۈل ئۆمرۈم ئۆتمەمدۇ غەمدە.
كەبەڭگە بېقىپ،كۆزدىن ياش ئېقىپ،
ساقلارمەن جانىم ھەر بىر قەدەمدە.
قىلغىن ئىلتىپات،كۆرمە بىزنى يات،
ھالىم خەتەردۇر يېتىشكىل پات-پات.
كۆرۈپ بويۇڭنى،سۆيدۈم خۇيۇڭنى،
كۆيگەن يۈرەكنى ئەيلىگىن بىر شاد.
تۈنلەردە دائىم تاتۇرمەن ۋايىم،
دەردىڭ قىلىپتۇر دوزاخنى جايىم.
كۆيدۈم،كۈل بولدۇم،سۆيدۈم،قۇل بولدۇم،
كەلتۈر يادىڭغا بىزنى ھەم جانىم.
سەن بىر قىزىل گۈل،شائىرىڭ بۇلبۇل،
تۈنلەردە سايرار دەردىڭدە غۇلغۇل.
بىزنى ئۇنۇتما،گۈلنى قۇرۇتما،
ئۇيغۇر بىچارە بولدى ساڭا قۇل.
ئۇيغۇر قىزى
ئەي قەمەر، قارىشىڭدا مەن ھەيرەتتە قالدىم ئۇشبۇ تۇن،
ماھى رۇخسارىڭ سىنىڭ ئون تۆت ئىكەن تولغان بۇ كۈن.
ئول قۇياش تارلىق قىلىپ، چاچقانى راسىت ئوخشايدۇ ياغ،
شۇل سەۋەبتىنمۇ يۈزۈڭدە بار ئەجەپ يىتمەس بۇ داغ،
ئۇشبۇ داغدىن گۈل يۈزۈڭگە يەتمىدى ھېچبىر زەرەر.
بۇ ئەسەر بىر مەڭ بۇلۇپ، ھۆسنۈڭنى ئارتتۇردى مەگەر.
بىر قاراشتا گۈل يۈزۈڭگە ئاشىق بولدۇم بىمارار،
ئوخشىغان نەركەس كۆزۈڭ خۇددىي ئېلېكتىر يالتىراق،
لەۋلىرىڭنىڭ قېنى ئانار رەڭگىدىنمۇ ياخشىراق.
چىشلىرىڭ چىن ئۈنچىدىن، تىللىرىڭ مەھبوبراق.
قاشلىرىڭدۇر يىڭى چىققان ئەينى شەۋۋالىنىڭ ئېيى،
سىنىڭ ئالدىڭدا باراۋەردۇر گادا، شاخۇ بېيى.
سېھىرگەر گۈل، كۆزگە ساقچى، كىربىكىڭ بىر نەيزىدۇر،
ھەر قاراشىڭدا نەيزەڭ.يۈرەكنى ئىزىدۇر.
ساچلىرىڭ رەقىبلىرىڭ كۆڭلى كەبى بىر سىر قارا،
ئەۋرىشىمدەك يەلپۈنۈپ سالدى كۆڭۈلگە جىق يارا.
قوللىرىڭنىڭ ئاقلىقى، سۈزۈكلۈكتىن نۇر چىقۇر،
بۇ قۇپال قۇلۇم بىلەن تۇتسام قۇلۇڭغا ھۆر چىقۇر.
تەنلىرىڭ ئالماسقا ئوخشاش ئاق سۈزۈك بىر شەئىلدۇر،
خېنە ياققان تىرنىقىڭ مىسلى بەدەخشان لەئىلدۇر.
بويلىرىڭ زىلۋالىقى سەرۋىگە ئوخشار ئەي قەمەر،
كۆرمىدىم ھېچبىر چىرايلىق ساڭا ئوخشاش بىر نەپەر.
نەۋرىنىپ كەتسەڭ ئەجەپ يەلپۈنەر بۇ ساچلىرىڭ،
ئىلتىپاتىڭىدىن ئۈمىد ئەيلەپ ئاقۇر قان_ ياشلىرىم.
قاتتى.قالدى قارىغان يەردە سېنىڭ بۇ شائىرىڭ،
تىلىسەڭ قىلغىن مۇسۇلمان، تىلىسەڭ مەن كاپىرىڭ.
سېغىنىش
ئەي پەرى سەن كەتكىلى بولدى قاراڭغۇ بۇ جاھان،
مېنى يالغۇز مۇندا تاشلاپ، ئاھ ئەجەپ قىلدىڭ يامان.
كەتمىدى كەتكەندىكى كۆز بىقىشىڭ، قاش قېقىشىڭ،
ئىختىيارسىز مەن ئۇزاتتىم، نائىلاج بولدۇڭ راۋان.
مەن ئۇزاتقان يەردە تۇردۇم، سەن كۆزۈمدىن يىتكۈچە،
سەن يوقالغاچ ئايلىنىپ باش، يەر بولدى گويا ئاسمان.
يىغلىغانغا يانمىدىڭ، ئەسلا يېشىمغا باقمىدىڭ،
خەت-خەۋەرمۇ بەرمىدىڭ، ئەي پەرى بولدۇڭ قايان؟
يول يىراق، يوق ۋاستە دەپ بىكار باھانە ئەيلىمە،
ئوڭىمىزدا بولمىسا، كەلگىن چۈشۈمدە قىل بايان.
«كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس» ئابدۇخالىق كۈت ئۈمىد،
سېغىنغانىڭ كېلىدۇ، سۈزۈلۇر شۇندا جاھان.
ئەسكەرتىش: يۇقىرقى شىئېرلار ‹ئەلنەزەر مائارىپ ئۇچۇر تورى› دىن ئېلىندى. مەنبە: http://alnazar.net/web/content.asp?id=204
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر توغرىسىدىكى ماتىرىياللارنى، ئوقۇپ باقمىغىنىمغا كۆپ يىللار بولۇپ كېتىپتۇ، بۇ نۆۋەت مىسرانىم تورىدا ئۈشبۇ تېمىنى ئوقۇپ، قاتتىق تەسىرلەندىم، تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم، تورداشلارنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىزدەش تورىدىن شائىرنىڭ شىئېرلىرىنى تېپىپ يوللاپ قويدۇم، شىئېرنى رۇخسەتسىزلا كۆچۈرگىنىمدىن، ئەلنەزەر مائارىپ ئۇچۇر تورى قۇرغۇچىلىرىدىن كەچۈرۈم سورايمەن.
|