مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1376|ئىنكاس: 9

شوك بۇلۇپ قېلىش ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9241
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 01:36:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                          شوك بۇلۇپ قېلىش ھەققىدە

                                        تۈركلان


      ئالدى بىلەن مەن شوك دىگەن بۇ سۆزگە ئىزاھ بىرىپ ئۆتەي:
        بۇ سۆزنىڭ ئەسلىي مەنبەسى گىرىك تىلىدىن كەلگەن بۇلۇپ <ئۇرۇش، زەربە، تەۋرىنىش>دىگەن مەنىلەردە.1737 -يىلى  فىرانسىيەلىك دوختۇر ھېنرى فرانكويس لى دران تۇنجى قېتىم بۇ سۆزنى زەخمىلىنىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان كىلنكىلىق خەتەرلىك ۋە جىددىي كېسەللىك ئالامىتىگە ئىشلەتكەن .1743يىلى ئەنگىلىيلىك دوختۇر كلېير بۇ سۆزنى ئاھاڭ تەرجىمىسى بۇيىچە شوك (shock)دەپ ئالغان.

       ئۇنداقتا شوك بۇلۇپ قېلىش دىگىنىمىز نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟
        شوك بۇلۇپ قېلىش دىگىنىمىز-كۈچلۈك تەككەن تاشقى كۈچ ياكى كۈچلۈك كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنىڭ بەدەننىڭ تۇقۇلما ئورگانىزىملىرىنىڭ مىكرو ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ،قان -سۇيۇقلۇقلارنىڭ نۇرمال يەتكۈزىلىشىنى تۇسۇپ ،شۇ ئارقىلىق ھاياتلىقنىڭ مۇھىم ئورگانىزىملىرىنىڭ خىزمىتگە ، مىتابولىزىمغا(ماددا ئالماشتۇرۇشقا )ئىغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ،پۇتۇن بەدەن خاراكتىرلىك خەتەرلىك كېسەللىك باسقۇچى.بۇلۇپمۇ جەڭ مەيدانلىرىدا كۆپ كۈرىلىدۇ.

          بۇ خىلدىكى كېسەللىك باسقۇچىدا، پۇتۇن بەدەندىكى ئۈنۈملۈك قان ئېقىش مىقدارى ئازلاپ ،مىكرو ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.مۇھىم بولغان ھاياتلىق ئورگانىزىملىرىدا قان ئازىيىش ،ئوگسىگىن يىتىشمەسلىك ئالامىتى كۈرىلىدۇ.

        شوك بۇلۇپ قېلىشنىڭ پەيدا بۇلۇش سەۋەبلىرى:
        1.قان سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئېقىپ كىتىشى،
              <1>.قاننىڭ ئېقىپ كىتىشى:كۆپ مىقتاردا قان ئېقىپ كەتكەندە قان ئېقىپ كىتىش خاراكتىرلىك شوك بۇلۇش  كىلىپ چىقىدۇ.بۇ تاشقى جاراھەتتىن قان چىقىش ،ئاشقازان يارىسى سەۋەبىدىن قان چىقىش،قىزىلئۆڭگەچ ۋىنا تۇمۇرى  ئەگرىلىشىدىن كىلىپ چىققان زور مىقتاردا قان چىقىش قاتارلىقلاردا كۈرىلىدۇ.شوك بۇلۇشنڭ پەيدابۇلىشى قان چىقىش مىقتارى ۋە قان چىقىش سۇرئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ئادەتتىكى ئەھۋالدا15-20مىنۇتلارغىچە ئارلىقتا چىققان قان پۇتۇن بەدەندىكى قاننىڭ 10%-15%بولغاندا،بەدەننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانىزىملىرى قان بېسىمى ۋە سۇيۇقلۇقلارنىڭ نۇرمال ئايلىنىشىنى ساقلاپ ماڭالايدۇ.لىكىن بۇنىڭدىن قىسقاۋاقىت ئىچىدە ئاققان قان پۇتۇن قاننىڭ 25%-30%نى ئىگەللىگەندە ،ماس ئورگانىزىملار تەڭپۇڭلۇق ئىقتىدارىنى يوقىتىپ ،يۈرەكنىڭ قان چىقىرىش مىقدارى ۋە ئوتتۇرچە ئارتىرىيە بېسىمى تۆۋەنلەش كىلىپ چىقىدۇ.ئېقىپ كەتكەن قان پۇتۇن قاننىڭ 45%-50%نى ئىگەللىگەندە ،دائىم تىز سۇرئەتتە ئۈلۈم ھادىسىسى كىلىپ چىقىدۇ.ئادەم نۇرمال بولغاندا ئەرلەرنىڭ قان مىقدارى ئۇمۇمىي بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 8%نى ،ئاياللارنىڭ 7.5%نى ئىگەللەيدۇ.
            <2>.سۇيۇقلۇقنىڭ ئېقىپ كىتىشى:جىدىي خاراكتىرلىك  قۇسۇش ،ئىچى سۈرۈش,ئۇچەي تۇسۇلۇش،قاتتىق تەرلەش،دىئابىت سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان كۆپ سىيىش قاتارلىقلار ئوخشاشلا ناھايتى كۆپ مىقتاردا سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئېقىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قان سىغىمچانلىقىنى ۋە ئۈنۈملۈك ئايلانما قان مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ شوك بۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرىدۇ.

        2.كۈيۈك يارىسى:
             بەدەننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى كۈيۈپ كەتكەندە ،كۆپ مىقداردا قان پىلازمىسى ئېقىپ چىكىتىدۇ.بۇ ئۈنۈملۈك ئايلانما قان مىقدارىنى ئازايتىپ ،كۈيۈك خاراكتىرلىك شوك بۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ئاساسلىقى ئاغرىق ۋە تۆۋەن قان سىغىمچانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك،كىيىنكى باسقۇچتا بولسا ياللۇغلىنىش داۋاملىشىپ  ياللۇغ خاراكتىرلىك شوك بۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

        3.جاراھەت:
            ئىغىر جاراھەت ،يارا قاتارلىقلارمۇ شوك بۇلۇشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.بۇلۇپمۇ  ئۇرۇش ،تەبىئىي ئاپەت ۋە كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەردە مۇشۇنداق ئەھۋاللار كۆپ كۈرىلىدۇ.شوك بۇلۇش يالغۇز قان ئېقىپ كىتىش سەۋەبىدىنلا  ئەمەس ،يەنە كۈچلۈك ئاغرىق ۋە غىدىقلىنىش سەۋەبىدىنمۇ پەيدا بۇلىدۇ.

        4.يۇقۇملۇنۇش :
             ئىغىر بولغان يۇقۇملۇنۇشمۇ ئوخشاشلا شوك بۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

        5.زىيادە سىزىمچانلىق(过敏)
             زىيادە سىزىمچان كىشلەر مەلۈم بىر دورىنى ئۇكۇل قىلىپ سالدۇرسا ،ۋاكسىنا ئەملىسە ،ھەتتا مەلۈم بىر نەرسە بىلەن ئۈچراشسىمۇ شوك بۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

         6.نىرۋىنىڭ غىدىقلىنىشى:
                  كۈچلۈك نىرۋا غىدىقلىنىشى نىرۋا مەنبەلىك شوك بۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.كۆپىنچە ھاللاردا قاتتىق ئاغرىق ،يوقىرى ئۇرۇندىكى يۈلۈننىڭ ناركوز قىلىنىشى ،تىنىچلاندۇرۇش دورىسىنىڭ مىقدارى ئېشىپ كىتىش ياكى جاراھەت پەيدا قىلغان قان تۇمۇر ھەرىكىتى مەركىزىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى قاتارلىقلاردا كۈرىلىدۇ.بىماردا يۈرەككە قايتقان قان مىقدارى ئازىيىپ ،قان بېسىمى تۆۋەنلەش  كىلىپ چىقىدۇ.

        7.يۈرەك ۋە چوڭ تۇمۇردىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى:
            كۆپ مىقداردىكى يۈرەك مۇسكىلى ئۈلۈش،جىددىي خاراكتىرلىق يۈرەك مۈسكىلى ياللۇغى ،قان تۇمۇر نوكچىسى ئېتىلىپ كىتىش،ئېغىر بولغان يۈرەك رىتىمسىزلىقى قاتارلىق يۈرەك ئۆزگىرىش كېسەللىكلىرى يۈرۈكنىڭ قان چىقىرىش مىقدارىنى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىتىپ ،ئۈنۈملۈك ئايلانما قان مىقدارىنى  ۋە سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئېقىشىنى تۆۋەنلىتىپ يۈرۈك مەنبەسى  خاراكتىرلىك شوك بۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


     ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەدبىرلىرى:
          1.ئالدىنى ئېلىش:قاننى ۋاقتىدا توختىتىش،ئاغرىق پەسەيتىش،ياللۇغلىنىشنى كونتورول قىلىش،جاراھەتنى تىز سۇرئەتتە بىر تەرەپ قىلىش،ئۈنۈملۈك ئانتىبىئوتىكلارنى (抗生素)ئىشلىتىش,قاننىڭ بۇزۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

        2.داۋالاش:
               <1>كىسلاتالىق زەھەرلىنىشىنى تىزگىنلەش:شوك بۇلۇپ قالغاندا قان كەملىك ۋە ئوكسىگىن كەملىك سەۋەبىدىن نۇرمال بولغان ئوكسىگنلىق ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ،كۆپ مىقتاردا سۇت كىسلاتاسى (乳酸)يىغىلىپ قېلىپ كىسلاتالىق زەھەرلىنىش خەتىرى كىلىپ چىقىدۇ.كىلنكىدا ئادەتتە دەل ۋاقتىدا ئىشقار تۇللۇقلاش ئارقىلىق زەھەرلىنىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
              <2>قان سىغىمچانلىقنى تۇللۇقلاش:كىلنكىدا ئادەتتە ئېھتىياج قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك تۇللۇقلايدۇ.شوك بۇلۇپ قالغاندا ئۈنۈملۈك قان ئايلىنىش مىقدارى ئازلاپ كىتىدىغان بولغاچقا قان تۇللۇقلاشقا توغرا كىلىدۇ.لىكىن سۇرئەتنى تىزگىنلەش كېرەك ،بەك تىز بۇلۇپ كەتكەندە ئاسانلا ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى كىلىپ چىقىدۇ.
            <3>.مۇۋاپىق مىقتاردا قان تۇمۇرنى ئاكتىپلاشتۇرۇش دورىسىنى ئىستىمال قىلىش.
           <4>.ھۇجەيرە بۇزۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

              <5>.ئورگانىزىملار ئىقتىدارىنىڭ  توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ۋە ئاجىزلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.




      شوك  بۇلۇپ قېلىشنىڭ دىئاگىنوز شەرتلىرى:
            1.تۇمۇر سۇقىشى100قېتىم\مىنۇت  تىن  ئېشىپ كىتىش ۋە جانسىز ھالەتتە سۇقۇش
           2.قول پۇت مۇزلاش،تېرىدە سىزىقچە پەيدا بۇلۇش ،ئاقىرىش ياكى كۆكىرىپ كىتىش
         3.يۈرەك يۇقىرى بىسىمى 80دىن تۆۋەن بۇلۇش ،تۇمۇر بېسىمى 20 دىن تۆۋەن بۇلۇش
         4.ئەسلىدە يۇقىرى قان بېسىمى بارلارنىڭ قان بېسىمى 30%تۆۋەنلەپ كىتىش
         5.سەزگۈسى بىنۇرمال بۇلۇش   



             شوك بۇلۇشنىڭ كىلنكىلىق ئىپادىلىرى:
                  1.دەسلەپكى باسقۇچى:قان بېسىمنىىڭ ئۆزگىرىشى كۈرۈنەرلىك بولمايدۇ،سەزگۈسى نورمال ھەلەتتە ،كاللىسى جايىدا بۇلىدۇ.يۈرەك تۆۋەن بېسىمى ئۆرلەپ ،تۇمۇر بېسىمى بىلەن پەرق ئازىيىدۇ.بۇ ۋاقىتتا تىز سۈرئەتتە شوك بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىۋالسا چوڭ خەتەر كىلىپ چىقمايدۇ.
                    2.شوك بۇلۇش مەزگىلى:سەزگۈسى ئاستىلىپ چىكىنىدۇ.تېرىسى ئاقىرىپ ئاندىن كۆكىرىشكە باشلايدۇ ۋە سىزىقچىلار پەيدا بۇلىدۇ.قان بېسىمى چۇشۇپ ،سۈيدۈك مىقدارى ئازلايدۇ ياكى سۈيدۈك كەلمەيدۇ.ھەمدە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كىسلاتالىق زەھەرلىنىش كىلىپ چىقىدۇ.پۇت قۇلى مۇزلاپ ،نەپەس يىنىكلىشىدۇ.
                 3. شوك بۇلۇشنىڭ كىيىنكى باسقۇچى:بىمارنىڭ نىرۋىسى گاراڭلىشىدۇ.قان بېسىمى ،يۈرۈك بىسىمى قاتارلىقلار نۆلگە چۈشۈپ قالىدۇ.سۈيدۈك تەلتۈكۈس كەلمەيدۇ.نەپەس ئاستىلايدۇ ۋە رىتىمسىز بۇلىدۇ.پۇتۇن بەدەندە قان نوكچىلىرى يىغىلىپ قالىدۇ،مەسىلەن  تېرىلەر قان ئۇيۇپ قالغاندەك  ھالەتكە كىلىپ قالىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا بۇرۇن قاناش ،تەرىتىدىن قان ئېقىش ،قان تۇكۇرۇش،قورساق كۈپۈش،كەينىدىن ئورگانىزىملارنىڭ ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۈچراپ ئۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


                  پايدىلانغان ماتىرىياللار:خەلىق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان 病理生理学  نىڭ 7-نەشىرى
                مىدىتسىنا مائارىپى تورى:医学教育网                http://member.med66.com/selectcourse/index.shtm
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turklan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-18 02:16 PM  


مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85542
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 421
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2012-9-30
ئاخىرقى: 2013-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 06:09:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى     بىلىۋالدىم  بالىلار  يامان بەك  قىزىپ كەتسىمۇ  شۈك بۇلۇپ قالامدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86400
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2106
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2012-10-23
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 06:11:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
مۇنازىرە ئۇرۇشى بولمايدىغان« يېشىل تىما» رەھمەت سىزگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9241
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 06:30:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
korkam3633 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-18 06:09 PM
ياخشى     بىلىۋالدىم  بالىلار  يامان بەك  قىزىپ كەتسىمۇ   ...

ماتىرىياللاردىن كۈرۈشۈمچە ،بالىلاردا قىزىش ئالامىتى كۈرۈلگەندە  دائىم  ۋاقىتلىق شوك بۇلۇپ قېلىش  ئالامىتى كۈرىلىدىكەن.چۇنكى بەدەن قىزىغاندا بەدەندىكى مىتا بولىزىم(ماددا ئالماشتۇرۇش)ھەرەكىتى تىزلىشىپ كىتىدۇ ،لىكىن قىزىش ھەزىم قىلىش سېستىمىسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ ،ئاشقازان ئۈچەي يوللىرىدىكى ئىنىزىملارنىڭ ھەرىكىتىگە توسالغۇ پەيدا قىلغانلىقتىن ،ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ نۇرمال سۈمۈرىلىشىگە تەسىر يىتىدىكەن.دىمەك بەدەندىكى ئىنرگىيە قىزىش سەۋەبىدىن تىز سۇرئەتتە خوراپ تۈگىگەنلىكتىن ،ھەم ئۇزۇقلۇقلارنىڭ نۇرمال سۈمۈرۈلمەسلىكى سەۋەبىدىن قاندىكى ئوكسىگىن يۈتكىگۈچى ماددىلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بەدەنگە ئوكسىگىن نۇرمال يىتىشمەي ، ۋاقىتلىق شوك بۇلۇشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىكەن .شۇڭا بالىلار قىزىپ قالغاندا بۇنىڭغا  سال قارىماسلىق كېرەك.

مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4779
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 295
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4237 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 06:54:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
korkam3633 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-18 06:09 PM
ياخشى     بىلىۋالدىم  بالىلار  يامان بەك  قىزىپ كەتسىمۇ   ...

شۇنداق ..يۇقىرى قىزىتما شۈكىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ .شۇڭا دەرھال قىزتما قايتۇرۇش كېرەك .

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94315
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1027
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2013-4-4
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 07:35:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4779
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 295
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4237 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 07:47:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاتەم يوللىغان ۋاقتى  2013-4-18 07:35 PM
بالىلار ۋە چوڭلار قىززىپپ كەتكەندە  دورا ئۇكۇل ئىشلىت ...

بەك يۇقرى قىزتما بولغاندا ئوكۇل دەرھال پايدا قىلمايدۇ ..شۇڭا فىزكلىق قىزتما قايتۇرۇش ئامالىنى قىلدۇ .بۇ بىخەتەر ھەم ئۈنۈملىك  بۇلىدۇ . بالىنىڭ قىزتمسى تۇراقلاشقاندا ئاندىن قىزتما قايتۇرۇش ئوكۇللىرنىڭ ئۈنمى بۈلىدۇ .

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56919
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4181
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1792 سائەت
تىزىم: 2011-9-17
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 10:18:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇك دىگەن ساپ ئۆيغۇرچە گەپقۇ، گىرىك دىلىدىن كىرگەن دىسە تازار مۇۋاپىق بولماسمىكى، ياكى ئاھاڭداشمۇ ؟ مەسىلەن بىز جىم ئولتۇر، تىنىچ ئولتۇر دىگەننى شۇك ئولتۇر دەيمىز. شۇك دىگەن مىدىرلىما دىگەن مەنىدە.

بىراۋ دەيدۇ، تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار؟
مەن دىدىم- شۇ تۇخۇمنىڭ ئاشۇ تاشتا دەردى بار!
رۇزى سايىت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8232
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9241
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 11:04:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
banggi يوللىغان ۋاقتى  2013-4-18 10:18 PM
شۇك دىگەن ساپ ئۆيغۇرچە گەپقۇ، گىرىك دىلىدىن كىرگەن دىس ...

ئۇ  شۇنداق، بۇ سۆز ئۇيغۇرچىدىكى شۇ سۆزگە ئوخشاپلا قالغان يىرى بار خالاس

مەن ئۆزلۈكۈمگە ئىنتىلىمەن،بىز زادى كىم؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 942
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16930
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1281 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 11:15:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىلىنىكىدا قوللىنىۋاتقان ‹‹شوك››ئاتالغۇسى ئۇيغۇر تىلىدا قوللىنىلىۋاتقان‹‹شۇك››سۆزى بولماستىن بەلكى تىمىدا دىيىلگەن‹‹shock››سۆزىنىڭ ئاھاڭ تەلەپپۇزىدىن كەلگەن بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدىكى‹‹شۇك ئەمەس بەلكى‹‹شوك››تۇر.

قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش