جۇڭگونىڭ ئىقتسادىي سانلىق مەلۇماتلىرى كىشىنىڭ گۇمانىنى قوزغايدۇ
BBC تورى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگونىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا 2013-يىلى بىرىنچى پەسىللىك مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %7.7 ئاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن، ئالدىنقى پەسىلگە سېلىشتۇرغاندا %0.2 چۈشكەنلىكتىن، يەر شارى پاي بازىرى ئومۇميۈزلۈك چۈشكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، كۆپ قىسىم تەھلىلچىلەر جۇڭگونىڭ بىرىنچى پەسىللىك ئېشىش نىسبىتى %8 كە يېقىنلىشىدۇ دەپ پەرەز قىلغان.
جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتى ئىزچىل دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر دىققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتا، چۈنكى جۇڭگونىڭ ئىمپورت-ئېكىسپورتى ھەمدە ئىقتىسادىي ئىپادىسى ياۋروپا، ئامېرىكا، ياپونىيە بازارلىرىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بىرلا ۋاقىتتا، چەتئەل شىركەتلىرى ھەمدە شەخسىي كارخانىلار سودا ۋە مەبلەغ سېلىش پىلانى تۈزگەندىمۇ جۇڭگونىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قاتتىق دىققەت قىلىپ، ماس ھالدا تەڭشەيدۇ.
ئەمما مەسىلە شۇكى، جۇڭگونىڭ سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى ھەمىشە يۇقىرى ئەمەس، مەسىلەن، جۇڭگونىڭ بىر قىسىم شىركەتلىرى باجدىن قېچىش ياكى ئېكىسپورت بېجىنى قايتۇرۇشتىكى تولۇقلىمىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەمىشە سېتىش ۋە پايدىسىنى يالغان مەلۇم قىلىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتى سىياسىي سەۋەبلىك ئۆزگەرتىلىشى مۇمكىن.
بۇ چەتئەل ھەمدە شەخسىي شىركەتلەرنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا گۇمانىي پوزىتسىيەدە بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
جۇڭگودا، ھۆكۈمەت يەنىلا كۆپ قىسىم دۆلەت سىتاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ بىردىنبىر كېلىش مەنبەسى، ئەمما ھازىر بارغانسېرى كۆپلىگەن بانكا ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسەن سانلىق مەلۇماتلارنى سىتاتىستىكىلاشقا باشلىدى.
خەلقئارا ئىقتىساد مەسىلھەتچىلىك شىركىتى IHS يەر شارى كۆزىتىش شىركىتىنىڭ جۇڭگولۇق ئىقتىسادشۇناسى ساڭ رونىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو بىلەن سودا قىلغان ھەر بىر ئادەم جۇڭگونىڭ سانلىق مەلۇماتىغا گۇمانىي پوزىتسىيەدە ئىكەن.
جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچىسى بولغان تاشقى سودا، ئۆي-مۈلۈك ھەمدە ئىناۋەت قەرز بازىرىدا مەسىلە ئەڭ كۆپ.
ئالدى بىلەن تاشقى سودىدىن قارىغاندا، جۇڭگو تاموژنا ئورگىنى دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ ئېكىسپورت دوكلاتى ئەمەلىي ئېكىسپورت قىلغان مالنى ئاساس قىلىدىكەن، ئەمما بۇ ئېكىسپورت سودىگەرلىرىنىڭ ئېكىسپورت قىممىتىنى كۆپتۈرگەنگە باراۋەر ئەمەس.
جۇڭگونىڭ بىرىنچى پەسىللىك GDP ئېشىشى مۆلچەردىن تۆۋەن بولغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلار ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىشىغا بولغان مۆلچەرىنى تۆۋەنلىتىشكە مەجبۇر بولدى.
بىرلا ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ بانكا قەرزى ۋە باشقا ئىناۋەت قەرزلىرىدىمۇ ئېھتىمال يالغانچىلىق بولۇشى مۇمكىن. ساڭ رونىڭ دېيىشىچە، بەزىدە شىركەتلەر بىر تۈردىكى مەبلەغنى ئۆز ئارا قەرز بېرىدىغان بولۇپ، نەچچە قېتىم قايتا ھېسابلىنىپ كېتىدىكەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۆي-مۈلۈك سودىسى سانلىق مەلۇماتىدا پەقەت ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرىنىڭ دوكلاتىغا تايىنىدىغان بولۇپ، مۇستەقىل تەكشۈرۈش دەلىللەش يوق ئىكەن.
باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش، جۇڭگونىڭ سىتاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرى ئالدى بىلەن پەرەز قىلىنىدۇ، ئاندىن تەڭشىلىدۇ، ئەمما ئوخشىمايدىغان يېرى، جۇڭگونىڭ تەڭشەش سالمىقى غايەت زور. مەسىلەن، بېيجىڭ 2009-يىلى 2007-يىلدىكى ئىقتىسادىي ئېشىشىنىڭ ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئەسلىدىكى %11.9 تىن %13 كە تەڭشىدى.
ئىقتىسادشۇناسلار جۇڭگونىڭ سانلىق مەلۇماتى ئىشەنچىلىك بولغاندىمۇ، ھەمىشە مەبلەغ سېلىش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىراجىتى ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىگە دىققەت قىلغان، ئۇزۇن مۇددەتتىن قارىغاندا گۈللىنىش ئاتا قىلىشى ناھايىتى تەس.
جۇڭگو ھۆكۈمىتى تاشقى سودا ئېكىسپورتىغىلا تايىنىشقا ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئىچى ئىستېمالىنى قوزغىتىش ئارقىلىقمۇ ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ قىسقا مەزگىل ئىچىدە تۆۋەن ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
دۇنيا بانكىسى قاتارلىق خەلقئارالىق ئورگانلار ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر جۇڭگو يۇقىرى ئىقتىسادىي ئېشىشنى ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلسا، بېيجىڭنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ مونوپوللۇقىنى چەكلىشى ھەمدە ئەركىن بازار رىقابىتىنى رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەنبە: ئوكيان تورى