دوستلۇق رىشتى
يىراقلاردىن چۇقان سالغان ھىجران ئاۋازى،
يىتىپ كەلدى قاغجىرىغان ئاجىز يۈرەككە.
نەچچە يىللىق سېغىنىشنىڭ بەرگەن قارارى،
نېسىپ قىلدى ئەمدىلىكتە باغلاشقا رىشتە.
كۆرۈنمىگەن ھېچبىر يەردە ئاتەش ئازابى،
ئاھ بىلىندى بۈگۈن قايتا يۈز كۆرۈشكەندە.
تولدى گۈلگە يىتىپ كېلىپ دوستلۇق باھارى،
دىلنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا سىڭىپ كىرگەندە.
يىللاپ تارقاپ كىتەلمىگەن غەشلىك تۇمانى
قاياقلارغا كەتتى ئۇچۇپ سىر بېرىشكەندە.
ئۆتۈلسىمۇ قەدرى دوستنىڭ بولماي ۋىسالى،
دوستلۇق ھامان دوستلۇق ئىكەن ۋاقتى كەلگەندە.
ئەمدى بىلدىم بۇ يۈرەكنىڭ بەرگەن ئارامى،
دوستۇم بىلەن باغلانغانكەن بىر ئۆمۈرلۈككە.
-مەلىكە
2013-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى