مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 873|ئىنكاس: 6

ھىكمەت ئۈنچىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85950
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1233
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 10:24:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكمەت ئۈنچىلىرى
مۇھەممەدئىمىن ھەسەن
ئۆلۈم قورقۇنۇشلۇق ئەمەس،
قورقۇنۇشلۇقى ئۆلۈمنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويۇشتۇر.
قىرىلىق قورقۇنۇشلۇق ئەمەس،
قورقۇنۇشلۇقى ياشلىقىنى بىھۇدە ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈپ ، قىرىغاندا پۇشايمانغا قىلىشتۇر.
چىراينىڭ سەتلىكى قورقۇنۇشلۇق ئەمەس،
قورقۇنۇشلۇقى ئەخلاقنىڭ سەتلىكىدۇر.
جىسمانى مىيىپلىق قورقۇنۇشلۇق ئەمەس،
قۇرقۇنۇشلۇقى روھى مىيىپلىقتۇر.
كۆزنىڭ كورلىقى قورقۇنۇشلۇق ئەمەس،
قورقۇنۇشلۇقى دىلنىڭ كورلىقىدۇر.
پۇلنىڭ ئازلىقى قورقۇنۇشلۇق ئەمەس،
قورقۇنۇشلۇقى بىلىمنىڭ ئازلىقىدۇر،
نامراتلىق قورقۇنۇشلۇق ئەمەس،
قورقۇنۇشلۇقى ئاچ كۆزلۈكتۇر.

ئاپتور:قاغىلىق ناھىيە شادلىق دوختۇرخانىسىدىن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
meyip.dos + 126 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 126   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85950
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1233
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 10:27:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تىنچلىق ھەققىدە ماقال تەمسىللەر

تىنچلىق ھەققىدە ماقال تەمسىللەر
مۇھەممەدئىمىن ھەسەن
1-تىنچلىق جاھاننىڭ مەۋجۇتلۇق ئۇلى،
تىنچلىق بارچىنىڭ ھاياتلىق يولى.
2-تىنچلىق ھەممېنىڭ كۆڭلىگە ياقار،
تىنچلىق ئىچىدە ئادەم جان باقار.
3-تىنچلىقتىن-تىنچلىق كېلىدۇ ھەردەم،
تىنچسىز كىشىگە ئارام يوق بىر دەم.
4-تىنچلىقتىن بۇ جاھان گۈزەلدۇر-گۈزەل،
تىنچلىقنى بۇزغانلار پەيلىڭدىن تۈزەل.
5-تىنچ بولساڭ تىنچلىق كېلەر يولۇڭغا،
تىنچلىقتىن بارچە نەپ كېلەر قولۇڭغا.
6-تىنچلىق بەرسەڭ ھەم، تىنچلىق تاپىسەن،
ئادەمسىز چۆلدېمۇ ئامان ياتىسەن.

7-تىنچلىقتىن سۆيۈنەر بارچە ئادەم،
تىنچسىزلىق ھاياتقا بولىدۇ ماتەم.
8-تىنچلىق ئىزدېسەڭ،تىنچلىق بەرگىن،
جاھانغا تىنچلىق ئۇرۇغى تەرگىن.
9-تىنچلىق بولمىسا خۇشاللىق بولماس،
تىنچسىز باغلارغا قۇشلارمۇ قونماس.
10-تىنچسىز ئەللەردە يوقتۇر پاراغەت،
بارچىنىڭ يۈرېكى بولۇر جاراھەت.
11-تىنچلىق سورېساڭ قەلبىڭدىن سورا،
تىنچسىز قەلبكە تېپىلماس دورا.
ئاپتور:قاغىلىق ناھىيە شادلىق دوختۇرخانىسىدىن

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
meyip.dos + 126 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 126   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 971
يازما سانى: 1021
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16168
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 1797 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 12:24:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھېكمەت ئۈنچىلەرنى بىزگە سۇنغان قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.

شۇ قۇرلاردىن ئۆزىمىزگە ئازراق تەسەللى تاپالىساق مانا بۇ بىز ئۈچۈن ئىلھام.

تەشەككۈر سىزگە سالامەت بولۇڭ.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90357
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 249
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 106 سائەت
تىزىم: 2013-1-20
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 01:25:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكمەت ئۈنچىلىرىڭىزنى  بەك ياقتۇردۇم، ساقلىۋالدىم ، سىزگە كۆپ رەھمەت . ھارمىغايسىز ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 878
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 12:48:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ھېكمەتلىك سۆزلەركەن، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!

ئاللاھقا شۈكرى !

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4629
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 265
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4065 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 07:23:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىل -ئاھانەت قۇرقۇنۇشلۇق ئەمەس ،
قۇرقۇنۇشلۇقى يالغان گەپ ...مۇشۇ مۇنبەردە يۈرۈپ تونۇپ يەتكەن ھېكىمەت بۇ

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95248
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2013-4-23
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 12:10:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
楼主,太爱你了。












了解蜂胶,查看蜂胶就上http://fnjao.com

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش