مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 794|ئىنكاس: 4

سادىر پالۋان ۋە بايانداي ئۇرۇشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن  ئۇيغۇرنىڭ 

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59036
يازما سانى: 513
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6061
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 648 سائەت
تىزىم: 2011-10-4
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 08:45:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

       سادىر پالۋان ۋە بايانداي ئۇرۇشى

سادىر پالۋان 1798-يىلى ھازىرقى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ موللىتوختىيۇزىدىكى ئەھمەت قاراقاشى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
1762-يىلى 10ئايدا چىڭ ئوردىسى ئىلىدا جاڭجۈن مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ پۈتۈن شىنجاڭغا بىۋاستە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى.ئىلى جاڭجۈنىگە قاراشلىق مانجۇ چىرىكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائلە تاۋاباتلىرىنى ھەمدە ھەرقايسى شەھەرلەردىكى مانجۇ مۈلكىې،ھەربى ئەمەلدارلارنىڭ تەمىناتىنى قالداش،ئۇلارنى ئوزۇق -تۈلۈك بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئىلى جاڭجۈنى جەنۇبى شىنجاڭدىكى قەشقەر ،يەكەن،خوتەن ،ئاقسۇ ،كۇچا،تۇرپان ،قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىن ئۆزىگە خەۋىپلىك دەپ قارىغان كىشىلەردىن بىرىنجى قىتىمدا 6000،ئىككىنجى قىتىمدا 2000،جەمئى 8000تۈتۈننى ئىلىغا پالايدۇ.
سادىرنىڭ ئاتىسى ئەھمەت بىرىنجى قىتىم كۆچۈرۈلگەن 6000تۈتۈننىڭ بىرى ئىدى.
شۇ چاغدا جەنۇبى شىنجاڭدىن ئىلىغا پالانغانلار ئەڭ يىقىن يول ھىسابلانغان مۇز داۋان يولى بىلەن ئىلىغا ككچۈرۈلگەن.كۆك مۇز بىلەن قاپلانغان بۇ داۋاندا دەھشەتلىك ھاڭ،يوشۇرۇن قار مۇز ئۆڭكۈرلىرى،مۇز يىرىقلىرى بار ئىدى.ئالدىنقىلار ماڭغان تولىغا مۇز ،تاش پارچىلىرىنى بەلگە قىلىپ قوياتتى.كىيىنكىلەر شۇ يول بىلەن ماڭاتتى.ئەتتىگەن سائەت 4بىلەن ئىگىز داۋانغا ياماشقان ئادەملەر داۋانچىلار مۇزنى چوقۇپ ياسىغان پەلەمپەيلەرگە كىگىز،پالاس ۋە جۇۋا،چاپانلارنى سىلىپ ،ئات ئىشەكلەرنى ئۆتكۈزۈپ ،ئۆزلىرى داۋانچىلارنىڭ ياردىمىدە مۇز داۋان ئۈستىگە چىقاتتى.
داۋان ئۈستى بىر دەم قارا بۇلۇتلار بىلەن بىردەم قىلىن قارلار بىلەن قاپلىنىپ ،ئۈچ مىتىر
ئالدىدىكى نەرسىنى كۆرگىلى بولمايتتى.بۇنداق چاغلاردا ئادەم ۋە ئۇلاغلار چوڭقۇر ھاڭلارغا چۈشۈپ كىتەتتى،گاھىدا تاغنى تۈتەك قاپلاپ ،ئادەملەرنىڭ بىر قىسىمى ئۆلۈپ كىتەتتى.ھاۋا ئوچۇق چاغلاردا ھاڭدىن غۇلاپ كىتىپ ئۆلگەن ئات-ئۇلاغ ،ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى ،سودىگەرلەرنىڭ مال-مۈلكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى .
شۇ قىتىمقى كۆچ-كۆچتە نۇرغۇن كىشى مۇز داۋاندا ئىس ئىلىپ كىتىپ ياكى مۇزلاپ،ھاڭغا چۈشۈپ كىتىپ ئۆلگەنىدى،شۇڭا مۇز داۋاندىن ساق ئۆتەلىگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ تارتقان چەكسىز دەرت ئەلەملىرىنى مۇنداق قوشاق بىلەن ئىپادىلىگەن:
                          بۇ تاغلار ئىگىز تاغلار
                          غىرىبنىڭ يولىنى باغلار،
                          غىرىب ئۆلسە كىم يىغلار؟
                          غىربقا غىرىب يىغلار.

ئۇلار ئىلىغا چىققاندىن كىيىن دەسلەپ قوتانتام دىگەن جايغا ئورۇنلىشىدۇ،كىيىن ئىلى دەرياسى بويىدىكى قاينۇق ،قاش،بولغۇجىر،جىرغىلاڭ،تاشئۆستەڭ،بالتوقاي،خونۇخاي،دادامتۇ،.ئارا ئۆستەڭ قاتارلىق ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە تارقاق ئورۇنلىشىدۇ.سادىرنىڭ ئاتىسى دەسلەپ ئارا ئۆستەڭگە تەقسىم قىلىنىدۇ،كىيىن ئۇ خوتەن قارا قاشلىقلار ئورۇنلاشقان خوتەن مەھەللىسىگە ئورۇنلىشىدۇ،بۇ كىيىن قاش مەەھەللىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
يۇقىرىقى جايلارغا ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلار مانجۇ ئىستىبىداتلىرى تەرىپىدىن ئۆستەڭ چىپىپ،قاغجىرىغان باياۋانلار،چۆل جەزىرىلەرگە سۇ چىقىرىشقا مەجبۇر قىلىنىدۇ.ئۆي-ماكانسىز بۇ جەزىرىدە ئىغىر ئەمگەك قىلىۋاتان ئۇيغۇرلار بالا چاقىلىرى بىلەن دالىلاردا ھايات كەچۈرىدۇ..ئۆستەڭ چىپىش زۇلۇمىنىڭ نەقەدەر ئىغىر ئىكەنلىكىنى ئۇلار تۆۋەندىكى قوشاقلار بىلەن بايان قىلىدۇ.
                          ئۆستەڭنىڭ تىگى قاتتىق ،
                          چاپسا كەتمەن ئۆتمەيدۇ.
                          مانجۇ تۇڭچىسى بەگلەر،
                          بىشىمىزدىن كەتمەيدۇ.
مانجۇ ئىستىبىداتلىرى يانچىلارنى سىپىل سوقۇش،ئۆي سىلىش قاتارلىق ھەرخىل ھاشار سىلىقلارنى ئادا قىلىشقا مەجبۇرىې قىلاتتى.يەنە ئۇلارنى يەر تىرىپ ،مابجۇ دائىرلىرىگە ئاشلىق سسىلىقى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرىې قىلاتتى.دەسلەپتە مانجۇلار ھەربىر تۈتۈندىن 16خو،كىيىن 32 خودىن ئاشلىق سىلىق ئالىدۇ.پۈتۈن ھوقۇق مانجۇ ھاكىميىتىدە بولۇپ ،ئەمەلدارلار ھەرخىل يول بىلەنپارە ئىلىپ ،قاقتى سوقتى قىلىدۇ.مانجۇ ئەمەلدارلىرى شۇنچە قەبىھ ئىدىكى ،كوچىلاردا مانجۇ ئەمەلدارلىرىنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى تىزلىنىپ تەزىم قىلاتتى.
مانجۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ چوكان-قىزلىرىغا ئاپئاشكارە زورلۇق قىلاتتى.مانجۇلارنىڭ مۇشۇنداق زورلۇقى ئاستىدا بىر ئەسىردىن كۆپرەك ئازاپ چەككەن ئۇيغۇرلار قوشاقلارنى ناخشىغا قىتىپ ،ئىغىر كۈنلەرنى بايان قىلغانىدى.
سادىركىچىكىدىن شوخ،تىتىك ،خۇشخۇي ۋە جاسارەتلىك چوڭ بولغان.ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ جاپا مۇشەقەتتىمۇ،راھەتتىمۇ ئائىلىسى ۋە خەلىق بىلەن بىللە بولغانلىقى ئۈچۈن،زۇلۇمغا بولغان غەزەپ نەپرىتى،ئىزىلگۈچى خەلىقلەرگە بولغان سۆيۈنۈشى كىچىكىدىن پىشىپ يىتىلگەن.
ئۇ ھەرقىتىم خەلقنىڭ دەرت ئەلەم بىلەن تولغان مۇڭلۇق ناخشىلىرىنى ئاڭلىغاندا غەزەپكە تولسا،ئەركىنلىككە تەلپۈنگەن قەيسىرانە ھەركەتلىرىنى كۆرگەندە ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بەل باغلىغان.پىشقەدەملەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا سادىر ئىگىز بويلۇق،كەڭ كۆكسىلىك،غەيرەت جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇردىغان،ھىچ نەرسىدىن قورقمايدىغان،ناھەق ئىشلارغا چىداپ تۇرالمايدىغان،ھەققانىيەتچى كىشى ۋە ئاتاقلىق قوشاقچى ئىدى.سادىر قاتمۇقات زۇلۇملارغا بەرداشلىق بىرەلمىگەن ۋە ئىغىر ئالۋان ياساقنى ،تاپشۇرالمىغانلارنىڭ ھالىغا يىتىپ،مەزلۇملار تەرەپتە تۇراتتى.شۇ چاغلاردا ئالۋان ياساقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆل-جەزىرىلەرگە قىچىپ كەتكەنلەر ئاز ئەمەس ئىدى.زالىملار ئۇلارنى <<قاچاقلار>> دەپ ئاتايتتى.ئۇلارنى تۇتماقچى بولسا ،سادىر ئۇلارنى ھىمايە قىلاتتى.سادىر ئاخىر بۇ قاچاقلارنى قوزغاپ،ئوقيا ،نەيزە ئايپالتا،قىلچ ۋە چوماقلار بىلەن قوراللاندۇرۇپ،مانجۇ چىرىكلىرى بىلەن ئىلىشىدۇ.شۇ كۈنلەردىن باشلاپ<<سادىر پالۋان >>دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىلى جاڭجۈنى كۆپ قىتىم سادىرنى تۇتۇش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرىدۇ.خەلق سادىر تەرەپتە تۇرىدۇ.سادىرنىڭ تۇتۇلۇپ قالغان ۋاقىتلىرىمۇ بولغان.ئۇ زىنداندا قامالغان چاغلاردا ئۇستىلىق بىلەن قىچىپ چىقىپ،كۆرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ مانجۇ ئىستىبىداتى بىلەن قىلغان كۆرەشلىرىنى مۇنداق دەپ قوشاق قاتىدۇ.

                        سادىر دەپ ئىتىم يامان،
                        ئون بەش ياشتا ئاتالغان.
                        دەسلەپتە تۇتۇلغاندا،
                        قۇمۇل ۋاڭغا پالانغان.

                        يامۇلنى تىشىپ قويۇپ،
                        ئىككى چىقتىم تالاغا.
                        مىنى باققان بەش يايى،
                        ئەمدى قالدى بالاغا.
مانجۇ ئىستىبىداتىغا قارشى خەلق قوزغىلىڭى 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ ئالدى بۈىلەن خىتاي خەلقىدىن باشلىنىدۇ.1863-يىلىنىڭ ئاخىرىدا گەنسۇ،شەنشى،نىڭشىيا ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگانلار ئارىسىدا ۋە 1864-يىلى شىنجاڭنىڭ شىمالى ،جەنۇبىدىكى جايلاردا قوزغىلىدۇ.ئىلى ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلىڭى دەل شۇ چاغدا قوزغىلىدۇ.سادىر پالۋان ئىلى ۋىلايىتىدە پارتلىغان قوزغىلاڭنىڭ قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى.
1861-يىلى 3000دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى غۇلجا شەھرىگە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىدۇ.شەھەر خەلجى ئىچى تەرەپتىن ماسلىشىدۇ.نەتىجىدە ئون كۈنلۈك ئۇرۇشتىن كىيىن غۇلجا شەھرى ئازاد قىلىنىدۇ.

سادىر پالۋان 1864 -يىلى چىلپەڭزىگە ھۇجۇم قىلغاندا 40 ئۆچكىنىڭ مۈڭگۈزىگە ،قۇيرۇقىغا پوجاڭزا باغلاپ ئوت تۇتاشتۇرۇپ ،چىلپەڭزىگە قارىتىپ قويۇپ بەرگەن،پوجاڭزىنىڭ ئىتىلىشىدىن چۆچۈگەن چىلپەڭزە تىزلا تەسلىم بولغان.
بايانداي ئۇرۇشىدا سادىر پالۋان ئۆزىنىڭ ئۈچ ئوغلى بىلەن سىپىلنىڭ ئاستىغا لەقمە كولاپ،دورا بىلەن سىپىلنى پارتلىتىدۇ.بۇ چاغدا 5000دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى سىپىلدىن پەيدا بولغان يوچۇقتىن قەلئە ئىچىگە بىسىپ كىرىپ
سىپىلنى مانجۇ چىرىكلىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋالىدۇ.

1867-يىلى ئىلى قوزغالاڭچىلىرى ئىلى تارانچى سۇلتانلىقىنى قۇرىدۇ.
بۇ چاغدا ياشىنىپ قالغان سادىر پالۋان ئۆز يىزىسى موللىتوختى يۈزىگە قايتىپ كلىدۇ ۋە تۆت يىل ئۆتۈپ،1871 يىلى كىسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتىدۇ.

ئۆز تارىخىنى بىلىش ھەرقانداق بىر ئەلنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە دەخلىسىز مۇتلەق ھوقۇقىدۇر.
تارىخىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى.كەلگۈسىمىزنى پارلاق يارىتايلى.

شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ھەقىقى ئىشلار<< ئەسىر خاتىرىسى 1>>ناملىق كىتاپتىن ئىلىندى.

2013-4-17.
























بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   fanteken تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-17 06:48 AM  


ياراتقان  نارسىلەرنىڭ  ھەممىسى  بۇيۇكتۇر،  مەنمۇ  شۇ  بۇيۇكلەر  ئىچىدىكى بۇيۇكتۇرمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82722
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4044
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 10:49:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سادىرنىڭ دادىسى دەسلەپ تۇرغان ‹ئارائۆستەن› تارىخى ئۇزۇن،يىرى مۇنبەت،سۈيى مول  يىزىلارنىڭ  بىرى.ئۇ يىزىدا خەلپەم مەھەللىسى دەيدىغان بىر مەھەللە بار،خەلپەم مەھەللىسىدە بىر مازار  بار ئىدى، ئۇ مازارنى ئەتراپىدىكى تەبىئى مىۋىلىك باغ بىلەن قوشۇپ مازار باغ دەپ ئاتايتتى.70-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا «داجەي»دىن ئۈگىنىش دولقۇنىدا ،بۇ مازارلىق ۋە جەننەتتەك باغ تۈزلىنىپ،تىرىلغۇ يەر قىلىپ ئۆزگرتىۋىتىلدى..........

ھايات ئىزدەنگۈچىلەر ئۈچۈن بىر  جەننەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82722
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4044
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 10:54:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارخ ئۇنى مەڭگۈ ئۇنتىمايدۇ!

ھايات ئىزدەنگۈچىلەر ئۈچۈن بىر  جەننەت

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3871
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 463 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 11:23:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ياتقان جايىنى جەننەت قىلسۇن بۇ بۈيۈك سەركەردە قوماندانىمىزنىڭ ،مەن مەن دىگىنى قۇرالمىغان سۇلتانلىقنى ئىككىلەنمەي قۇرۇپ چىقالىغان ئىدى ! ئەۋلادلار مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ ئۇنى !

ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92652
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 854
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 245 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 12:46:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئات مىندىم كۆرەڭ قاشقا
چاپتۇردۇم شېخىل تاشقا ،
چىرىك ئاتىدۇ تاشقا
سادىر ئاتىدۇ باشقا .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش