گۈلىستان مۇنبىر
يىـڭى ئــەزا
خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ
خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى بۈگۈن « خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش » تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىغا ئاساسەن، خوتەن ۋىلايىتىدىكى يەتتە ناھىيە ، بىر شەھەردىن ۋە ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئۈچ ئوتتۇرا مەكتەپتىن بولۇپ 11 كوماندا ، 131 نەپەر تەنھەرىكەتچى 5-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە تۆت كۈن كەسكىن مۇسابىقىلىشىدۇ. مۇسابىقىدا بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات، تەشكىللەش مۇكاپاتى، تەنتەربىيە ئەخلاقى مۇكاپاتى ، مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر مۇكاپاتى ۋە مۇنەۋۋۋەر تېرنېرلار ، مۇنەۋۋەر رېپېرلار مۇكاپاتى تارقىتىلىپ، نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان كوماندىلار ۋە كوماندا ئەزالىرى كاتتا مۇكاپاتلىنىدۇ. مۇسابىقىنىڭ ساغلام، نەتىجىلىك، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى 28 نەپەر كىشىدىن تەركىپ تاپقان مۇسابىقە تەشكىلىي ھەيئىتى ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدا ئىشخانا، ئالتە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلدى ، مۇسابىقىقگە ئالاقىدار ئىشلارنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردى.
پاش قىلىش
تىرىشچان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ