كىم ئۇ بىزنى لۈكچەك دېگەن،ماختىماي
ئەلرام
بىز ئەيىپلىك ئەمەس دوستۇم، سۆزلىسەم،
سەن بىلىسەن سەۋەبىنى، (بۇ ئازاپ).
لېكىن، ئەركەك تۇرۇپ، ئۇنى توسمىساق،
غۇرۇر بىزنى قىينار، جاننى كۆپ تاراپ.
يامان ئەمەس، بىزنىڭ قىلغان ئىشىمىز،
سەن بىلىسەن قىلدۇرغىنى بۇ غۇرۇر.
شۇڭا سېنى ھەمدەم قىلىپ، توسقانمەن،
ئادەت بىلەن ئۈمۈت بولغاچ بىز ئۇيغۇر.
ئويلىغىنا، ئۇيغۇر تۇرۇپ شۇلارمۇ،
خازان قىلسا ئىتقاد بىلەن ئادەتنى؛
كۆرۈپ تۇرۇپ توسماسلىققا يوق ئىلاج،
بىرىپ شۇنداق كاچات بىلەن نالەتنى.
بىراق، ئۇلار سەۋەپ تاپماي ئۆزىدىن،
بىزنى تىللاپ قاچتى يىراق، توختىماي.
چۈشەنگەنلەر بىزگە بەردى تەبەسسۇم،
بۇۋاي، مۇماي تۇرالمىدى ماختىماي.
شۇنداقتىمۇ دوستۇم سېنىڭ قۇشۇماڭ-
تۈرۈلگەچكە، ئويلاپ قالدىم ئۇخلىماي.
ئويلىمامسەن،ئۇ ئەمەستۇر يۈكسىلىش،
كىم ئۇ بىزنى لۈكچەك دېگەن، ماختىماي؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-17 07:46 PM