|
|
|
|
ئامېرىكىنىڭ غەربىي تەرەپ كالفورنىيە ئىشتاتى بىلەن نېۋادا ئىشىتاتى چېگرىسى تۇتىشىدىغان تاغ تىزمىلىرى جايلاشقان جايدا بىر جىلغا بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلىقى 225 كىلومېتىر، ئەڭ كەڭ يېرىنىڭ كەڭلىگى 25 كىلومېتىر، كۆلىمى 1400 كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ . بۇ يەرنىڭ كېلىماتى ئادەم ياشاشقا ماس كەلمەيدىغان، ئىنتايىن قۇرغاق قاسلىق بولغاچقا ئۆلۈم جىلغىسى دەپ ئاتالغان .قىزىقارلىق يېرى بۇ يەردىكى بىر تۇزلۇق جىلغىدىكى قورام تاشلار ئۆزلىكىدىن يۆتكىلىپ تۇردىكەن يۆتكەلگەندىمۇ نىسبەتەن بىر ئاز يۇقىرىغا قاراپ يۆتكىلىدىكەن.تەتقىقاتچىلار بۇنى بەلكىم يامغۇر ياققان ۋاقىتتا چىققان كۈچلىك بوران يەنى سائىتىگە 140 كىلومېتىر تېزلىكتە چىققان بوران سۈرۈپ يۆتكەپ قويغان بولىشى مۇمكېن دەپ قاراشقان.ئەمما بۇ يۆتكىلىۋاتقان جەرياننى بىرمۇ ئىنسان تېخى ئۆز-كۆزى بىلەن كۆرۈپ باقمىغان.
|
|
|
|
|
|