بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن شىرئەلى مەمەت ئۇنسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى يۇقىرىقى قۇرباغلىق دېھقان بولۇپ، يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان، دېھقانلار ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئۆيى ئالدىدىن ئۆتكەندە، ھەمىشە ھويلىدىن «تاراڭ-تاراڭ، تاراڭ-تاراڭ» ئاۋازنىڭ ياڭراپ تۇرغانلىقىنى ئاڭلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىزىقسىنغان دېھقانلار ئىشىك يۇچۇقىدىن ھويلىغا قارىغاندا بولسا بۇ دېھقاننىڭ ھويلىسىدا ناھايىتى چوڭ بىر خۇددى ئايرۇپىلانغا ئوخشايدىغان نەرسىنىڭ تۇرغانلىقىنى، شىرئەلى مەمەتنىڭ توختىماي بولقا بىلەن بىر نەرسىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.
ئايروپىلان 5-ئاينىڭ ئاخىرى ئۇچۇشقا بولىدۇ
8-ئاپرىل مۇخبىر شىرئەلىينىڭ ئۆيىگە ئەمدىلا بېرىشىغا، بىر توپ كىشىلەرنىڭ ھويلىدا بىر تۆمۈردىن ياسالغان چوڭ بىر نەرسىنى كۆرۈۋاتاتتى. سىرتتىن قارىماققا بۇ ياسىلىۋاتقان بىر ئايروپىلان ئىدى.
مۇخبىر زىيارەتكە كەلگەندە، شىرئەلى قولىدىكى ئىشنى توختىتىپ: «مەن ياسىغان بۇ ئايروپىلاننىڭ قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىر، ئايروپىلاننىڭ كەڭلىكى 9.5 مېتىر (يەنى ئىككى قانات ئۇچىدىن ئۆلچىگەن ئارىلىق)، ئۇزۇنلۇقى 8.5 مېتىر، ئېگىزلىكى 3 مېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 1.2 توننا كېلىدۇ. ئەگەر بىر مەزگىلدىن كېيىن كەلسىڭىز، پۈتۈپ بولغان بىر ئايروپىلاننى كۆرەلەيسىز.» دەيدۇ. شىرئەلى مەمەت مۇخبىرغا موتۇر، ئىش ئورنى سائىتى (工位表)، شامالچى... قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرۇپ، ئەگەر ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولسا، 5-ئاينىڭ ئاخىرى ئايروپىلاننى تۇنجى قېتىم ئۇچۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«ئايروپىلان ياساش مېنىڭ غايەم، مەن 10 يىل ئىلگىرى تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقاندا مەكتەپنىڭ بىر كىچىك مودېل گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان، شۇنىڭدىن باشلاپ مەندە ئايروپىلان ياساپ كۆكتە پەرۋاز قىلىش غايىسى پەيدا بولغان.» دەيدۇ شىرئەلى.
تاماملىنىش ئالدىدا تۇرغان ئايروپىلانغا قاراپ، شىرئەلى مۇخبىرغا ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ قول سېلىپ بىر كەڭلىكى 50 سانتىمېتىرلىق، ئېگىزلىكى 40 سانتىمېتىرلىق توكتا ئۇچىدىغان كىچىك ئايروپىلان ياسىغان بولۇپ، ئايروپىلاننى ياساپ بولغان شۇ كۈنى قاتتىق ھاياجانغا چۆمگەن. ئۇ ئايروپىلاننى ئېلىپ مەكتەپكە يۈگۈرگەن پېتى مەكتەپنىڭ ئۈچ قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئۆگىزىسىگە چىققان. ئۆگزىدە تۇرۇپ، شامالغا قارىشى ھالدا ئايروپىلاننى كۈچەپ ئۇچۇرغاندىن كېيىن، مادانىڭ (موتور) نىڭ غوڭۇلدىغان ئاۋازى بىلەن ئايروپىلان خۇددى بىر بۈركۈتتەك قاناتلىنىپ ئۇچۇشقا باشلايدۇ. ئەمما ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئۈچىنچى قەۋەتنىڭ ئۆگزىسىدە ئۈچ قېتىم ئايلانغاندىن كېيىن، ئۇ توكتا ئۇچىدىغان كىچىك ئايروپىلان يىراققا ئۇچۇپ كەتكەندىن كېيىن، قايتىپ كەلمەيدۇ.
«ئۇ ۋاقىتتا تېزگىنەك يوق ئىدى، شۇڭا ئايروپىلاننىڭ يۆنىلىشىنى كونترول قىلغىلى بولمايتتى.» ئۆزىنىڭ تۇنجى ئايروپىلاننى ياساپ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ۋاقتىنى ئەسلەپ، شىرئەلى تولىمۇ ھاياجانلىنىدۇ.
شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۆزى كونترول قىلالايدىغان ئايروپىلان ياساش ئارزۇسى ئىزچىل ھالدا شىرئەلىنىڭ قەلبىدە بىخ سۈرىدۇ. ئەمما يېزىدا تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان، ئائىلىسىدە ئىقتىسادى قىيىنچىلىق بار شىرئەلى 1998-يىلى تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھەر جايدا ئىش تېپىپ ئىشلەشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭ بىردىنبىر ئارزۇسى پۇل يىغىپ ئايروپىلان ياساش ئدىى.
شىرئەلى مۇخبىرغا: «ئايروپىلان ياساش ئارزۇيۇم قەلبىمدە 10 يىلدەك بىخ ھالىتىدە تۇردى. بۇ يىللاردا ئىش قىلىش جەريانىدا، ئەزەلدىن ئايروپىلان ياساش ئارزۇيۇمدىن ۋاز كېچىپ باقمىدىم ھەمدە 10 نەچچە يىللىق ئۇچقۇچىلىق تارىخى بار ئۇچقۇچى بىلەن دوست بولدۇم.» دەيدۇ.
مەنبەسى:ئىلقۇت كارخانىچىلار مۇنبىرى