بەزىدە ئادەم ھايات مۇساپىسىدىكى <<ئۇنتۇپ كېتەي>>دىگەن ئىشلارنى ،مىڭ قىلسىمۇ ئۇنتۇپ كەتكىلى بولمايدىكەن.بۈگۈن مەكتەپتىن خاڭجۇغا ئىككى ئايلىق ئۈگىنىشكە بارىسەن دەپ ئۇختۇرغانتى.بۇندىن بەش يىل بۇرۇنقى شاڭخەيدىكى ئۈگىنىش ،ئىكىسكۇرسىيە كۆز ئالدىمغا كىلىۋېلىشقا باشلىدى.
ئۇ چاغ 2007-يىل نويابىر ئايلىرى ئىدى.بىز ئاقسۇ مارىپ ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇلۇپ،شاڭخەي شەھرى جىئەن رايۇنلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن شاڭخەيگە ئۈگىنىش ۋە ئىكىسكۇرسىيەگە بارغان.شاڭخەيدىكى پائالىيەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ناھايىتى مۇھاپىقىيەتلىك بولدى،شاڭخەي بىزدە ئاز بولمىغان تەسىراتلارنى قالدۇردى،بۇلۇپمۇ شاڭخەي مائارىپى،ئاسمانغا تاقاشقان بىنالار،قەۋەت-قەۋەت ئىستىرولۇق يوللار........
ئادەمنىڭ شەيئىلەردىن ئالىدىغان تەسىراتى ئوخشاش بولمايدۇ،تاللىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.قېنى تورداشلار مېنىڭ شاڭخەيدىن ئالغان تەسىراتلىرىمغا مەرھەمەت:
1.ساياھەت يىتەكچىسىنىڭ شاڭخەي ھەققىدىكى چۈشەندۈرىشى
شاڭخەي كۈندۈزى رەڭسىز تىلۋۇزۇر،كېچىسى رەڭلىك تىلۋۇزۇرغا ئوخشايدۇ.
شاڭخەيدە (2007-يىل)30قەۋەتتىن يۇقىرى بىنادىن3500دىن كۆپرەك بار.
2.ئۇقۇتقۇچىنىڭ جاۋابى
سۇئال:شاڭخەينىڭ مائارىپىدا ئۇقۇغۇچىلارغا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەخلاقى تەربىيەنىڭ يىتەكچى ئىدىيىسى نىمە؟
جاۋاپ: ئۆزىنى سۈيۈش،مىللى غۇرۇر.
3.مەكتەپ مۇدىرنىڭ جاۋابى
سۇئال:مۇدىر ئەپەندى سىلەرنىڭ مەكتەپتە بىنانىڭ ئۈستىنىمۇ باغچا قىلىپ ياساپ چىقىپسىلەر،پۇلنى بۇنداق خەچلىساڭلار مەكتەپنىڭ راسخۇدى يىتەمدۇ؟
جاۋاپ:بىز ھەر يىلى بىزگە يۇقۇرىدىن چۈشۈرۈپ بەرگەن راسخۇدىنى خەچلەپ بۇلالماي توڭلىتىپ قۇيىمىز تېخى.
4.ماتىماتىكا ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ دەردى
بىزنىڭ مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ يىللىق مۇكاپات پۇلى ئوتتۇرا يىساپ بىلەن100مىڭ يۈەن ئەتراپىدا(مائاشتىن سىرت)لىكىن ماتېماتىكا ئۇقۇتقۇچىلىرى بۇنى تۇلۇق ئالالمايمىز،سەۋەبى ماتېماتىكا دەرسىنى ئۆزلەشتۈرمەك تەس بولغان بىر دەس.تەنتەربىيە،سەنئەت،ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىلىرى ئاشۇرۇپ ئالىدۇ.
5.ئۇقۇغۇچىلار پادىشاھ،ئۇقۇتقۇچى مالاي
ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىسىغا دەرس تەكرارلاپ بېرىۋاتىدۇ ئۇقۇغۇچى زادى بىلمەيدۇ ئۇقۇتقۇچى ھېرىپ چارچاپ كەتكەچكە ھېلىقى بىلمىگەن ئۇقۇغۇچىنى نىمىشقا تەكرار-تەكرار ئۈگەتسەم ئۇقمايسەن دەپ ئۇقۇغۇچىنى نۇقۇشلايدۇ.شاڭخەينىڭ پارنىكتا چوڭ بولغان ئۇ ئۇقۇغۇچىسىنىڭ بىلىكى كۆكىرىپ قالىدۇ،كەچتە ئۇقۇغۇچىنىڭ بىلىكىنى كۆرگەن ئاتا-ئانىسى مەكتەپكە داۋاغا كىلىدۇ،مەكتەپ ھېلىقى ئۇقۇتقۇچىنى شۇ كۈنىلا ئىشتىن ھەيدەيدۇ.
6.شاڭخەي ساھىلىدىكى گىتتارچى
كەچتە سەيلە قىلغاچ ۋەيتەنگە چىقتۇق ئىككى چەتئەللىك يىگىت( 17،18ياشلاردا )گىتتار چېلىپ تىلەمچىلىك قىلىۋېتىپتۇ ،قىزىقىپ بىردەم كۆردۇق،يىگىتلەر بىر پەدىگە چېلىپ بۇلۇپلا گىتتارلىرىنى تاشلاپ قېچىپ كەتتى.يىگىتلەرنىڭ كەينىدىن نۇرغۇن شاڭخەيلىك قىزلار قوغلاپ كىتىپ باراتتى.تىلەمچىلىك داسقىندىكى نۇرغۇن100يۇەنلىك پۇللار ئىگىسىز تۇراتتى .يىگىتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن قاچقانلىقىنى بىز ئاندىن چۈشەندۇق.ئەسلىدە بۇ چەتئەللىك يىگىتلەر قىزلاردىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ قاچقان ئىكەن.قىزلار خۇددى ئاشىقىنى قوغلاۋاتقاندەك ،چەتئەللىك يىگىتلەرنى قوغلاپ غايىپ بۇلۇشتى.بىزمۇ سەيلىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق.ئالاھەزەل 10مىنۇتتىن كېيىن كىلىپ قارىساڭ ھېلىقى جايدا بىر جۇڭگۇلۇق يىگىت گىتتار چېلىپ تۇرۇپتۇ ئەمما ھېلىقى ئادەملەردىن ئەسەرمۇ يوق،قىزغىنلىق پۇل تاشلايدىغانلارمۇ،بىرنى سۈيىۋېلىش ئۈچۈن ئىنتىلىۋاتقان قىزلارمۇ يوق.ئىچىم ئھچچىق بولغان ھالدا ياتاققا قايتىپ كەلدىم.
7.ماتاڭچى بالا
شاڭخەيدە ئۇيغۇرلارنى خېلە كۆپ ئۇچراتتۇق،بەزىلىرى بىزنى كۆرسە سەت قاراپ ئۆزلىرىنى بىزدىن ئەپقاچتى،بەزىلىرى بىلەن قىزغىن كۈرۈشۈپ قېرىنداشلىق مىھرىمىزنى يەتكۈزۈشتۇق،ھال-ئەھۋال سوراشتۇق.بىر ئۇيغۇر بالا پەقەت ئىسىمدىن چىقمايدۇ .ئۇ شاڭخەي كوچىلىرىدا ماتاڭ سېتىۋاتقان ھالدا ماڭا ئۇچراپ قالدى:__بالام ياخشى تۇردۇڭمۇ؟
__ياخشى.
__يۇرتۇڭ قەيەر؟
__خوتەندىن،
___نەچچە ياشقا كىردىڭ؟
___ئون بىر ياشقا،ئاكا ماتاڭ يەڭ سىزدىن پۇل ئالمايمەن.
___كەلگىلى قانچىلىك بولدى؟
___تېخى ئۈچ ئاي.
كۆز ئالدىمغا شاڭخەينىڭ مەكتەپلىرىدە ئۇقۇۋاتقان بەختىيار بالىلار كەلدى.<<ئون بىر ياش>> تازا ئىلىم ئالىدىغان ۋاقتى ئەمەسمۇ؟!مانا تۇرمۇشنىڭ ھارۋىسىنى سۆرەپ،
بۇ نارسىدە شاڭخەينىڭ كوچىلىرىدا يۈرۈپتۇ؟! __ مەنبە ئۆزۈم