مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 629|ئىنكاس: 4

ئەجداتلىرىمىز ياشىغان زېمىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94624
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 30
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 04:23:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

840-يىللاردىن ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىملەر ياشىغان؟
(تۇدى توختى)




ئۇيغۇرلار قەدىمقى مەدەنىيلىك مىللەت بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇزۇن يىللىق شانلىق تارىخقا ئىگە مىللەتدۇر.ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا قوشقان تۆھپىسى،ھەرگىزمۇ ئېلىمىزدىكى باشقا مىللەتلەردىن قېلىشمايدۇ.ئۇنىڭ مىللەت بۇلۇپ شەكىللىنىش تارىخىنىڭ قەدىمىيلىكىمۇ ئېلىمىزدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭكىدىن ھەرگىزمۇ كام ئەمەس.بۇنىڭ مىسالى ئېلىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمقى سۇلالىلەردىن تارتىپ ئاخىرقى سۇلالە چىڭ سۇلالىسى ۋاقىتلارغىچە بولغان، ئىنتايىن ئۇزۇن تارىخىي شارائىتتا، ئېلىمىزنىڭ غەربىدە يەنە بىر سىياسى كۈچنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتۇر.غەربتىكى بۇ كۈچلەر ئېلىمىزدىكى خۇاشيا مىللىتىنىڭ روناق تېپىشىدىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.بۇ ھەقتە يازغۇچى جياڭ رۇڭ مۇنداق دەپ يازىدۇ<<ئەگەر يايلاقتا بۆرىلەر بولمىغان بولسا،يايلاق مىللەتلىرىنىڭ روھى يىگىلەپ،لۆم-لۆم بىر مىللەتكە ئايلىنىپ قالار ئىكەن،نەتىجىدە بۇ ئەھۋال ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ،ئۇ يەردىكى خۇاشيا مىللەتلىرى سەددىچىنى ياسايمىز دەپ يارماس ئىكەن،ئاخىرىغا بېرىپ،ئۇلار دۈشمەننى يوق،ئۆلۈكتەك جىمجىتلىق ئىچىدە ئۈزۈل-كېسىل يوقىلار ئىكەن>>[1] يازغۇچىنىڭ بۇ ھەكىمىدىن، ئەگەر يايلاق مىللەتلىرى خۇاشيا مىللەتلىرىگە <كۈشەندە>>بۇلۇپ،ئۇلارنى سەگىتىپ قۇيۇپ تۇرمىغان بولسا، خۇاشيا مىللىتىنىڭ بۇگۈنكى مەدەنىيەت دەۋرىگە ئۇلىشىپ،مەدەنىيىتىنى ئۈزۈپ قويمىغان بىر مەدەنىيەتلىك قەدىمقى مىللەت بۇلۇپ چىقالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى دېگەن خۇلاسىگە ئېرىشەلەيمىز.يۇقىرىدىكى ھۆكۈمىمىزنى يەنە ھەبىبۇللا خوجا لەمجىنىنىڭ<<قەدىمقى شىنجاڭنىڭ تېررىتورىيىسىدە:ساكلار،ئۇيسۇنلار،ياۋچىلار(تۇخرىلار)،سوغدلار،خەنزۇلار،تۈركلەر،موڭغۇللار،تۈبەتلەر،چاڭلا ۋە باشقا قەبىلە خەلقلەر ياشىغان.بۇ قەبىلە ۋە خەلقلەر نەچچە مىڭ يىللىق تارىخي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆز ئارا قوشۇلۇپ،سىڭىشىپ،بىرى-بىرىگە يۇغۇرۇلۇپ،ئاخىرقى ھېسابتا بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنى ۋە باشقا مىللەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن>>[2] دېگەن خۇلاسىسىدىنمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمقى ھەم تارىخىنىڭ نەچچە مىڭ يىلغا تۇتىشىدىغان مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.بۇنى يەنە لەمجىنىنىڭ<<ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى ھونلارنى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر ئىدى دىسە،بىر قىسىم ئالىملار ھونلارنىڭ ئېتىنىڭ جەھەتتىن مۇرەككەپ بولغان چوڭ بىر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئىدى.بۇ قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئاساسلىق رول ئوينىغان دەپ ھېسابلايدۇ>>[3] دېگەن ئۆزلەشتۈرمە خاراكتېرىدىكى ھۆكۈمىمۇ تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.بۇ مەسىلىنى يانا ئابدۇقەييۇم خوجا<<...بۇ ئېسىل يادىكارلىقلار تارىم ۋە چەرچەن تەۋەسىدە بۇنىڭدىن 3000يىللار ئىلگىرى ياشىغان ئەجدادلارنىڭ ئۆزىگە خاس يۇڭ توقۇمىچىلىق ھۈنەر سەنئىتى،كىيىم كېچەك مەدەنىيىتىنى ئالەمگە نامايان قىلدى>>[4]دەپ يېزىپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا شىنجاڭ زېمىنىدا ياشاپ كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت بىر يىپ ئۇچى بىلەن بىزنى تەمىنلەيدۇ.ئاپتور،تېپىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قىممەت باھالىق،ئاز ئۇچرايدىغان دېيىش بىلەن بىرگە يانا بىزگە مۇنداق بىر مەلۇماتنىمۇ بېرىدۇ << بۇلار كەم ئۇچرايدىغان،ئېسىل،رەڭدار يۇڭ رەختلەر ئىدى>>[5]دېيىش ئارقىلىق ئەجدادىمىزدىن مەدەنىيەت تارىخنى بىزلەرگە يەتكۈزۈپ،بەزى تارىخچىلارنىڭ<<ئۇيغۇرلار دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دەۋرىگە قەدەم قويغاندا قۇللۇق تۈزۈمدىكى قالاق ھالەتتە ئىدى>>دېگەن سەپسىتىسىگە كۈچلۈك رەددىيە بەرگەن.

يۇقىرىدىكىدەك رېئاللىق ئاستىدا يانا بەزى كىشىلەر ئۇيغۇرلار تارىم ئويمانلىقىغا(جەنۇبىي ۋە شەرىقى شىنجاڭلارغا) مىلادى 840-يىلى كۆچۈپ كەلگەن دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ياشىغان كەڭ زىمنىلارنى تولىمۇ تار دائىرىدە،ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىنى قىسقىغىنە مىڭ نەچچە يۈز يىل ئەتراپىغا يىغىنچاقلاپ،ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن تارىخىغا باشقىچە پۇزۇتسىيەدە بولىۋاتىدۇ.بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن تارىخىغا قىلىنغان ھاقارەت.

ئۇيغۇرلار راستلا 840-يىلدىكى زور تەبىئىى ئاپەت ۋە قىرغىزلارنىڭ زەربە بېرىشى ئارقىسىدا تارىم ئويمانلىقىغا كۆچۈپ كېلىپ،ئۆزىنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىنى مۇشۇ زېمىندا باشلىغانمۇ؟ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ زېمىنىدا كىملەر ياشىغان؟
يۇقىرىدىكى مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش بولسا ماركىسزملىق تارىخىي قاراشنىڭ مۇھىم پرىنسىپلىرىنىڭ بىرسى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ.ماۋزېدۇڭ<<تارىخنى ئۇنتۇش، ئاسىلىقتىن دېرەك بېرىدۇ>>دەپ ناھايىتىمۇ توغرا ئېيتقان.
يۇقىرىدىكى مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىشتە  تۆۋەندىكى مەنبەلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ،تۆۋەندىكى نۇقتىلار ئارقىلىق 840-يىلدىن ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادىنىڭ ياشىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىمىز.

بۇ كەڭ زېمىنىنىڭ(تارىم ۋادىسى-ئوتتۇرا ئاسىيا) ئەسلىدىكى ئىگىلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا ،ئالدى بىلەن بۇ كەڭ زېمىنىنىڭ تىرىتورىيەسىنى سىزىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى ۋە زىققىنىڭ دائىرىسىنى بېكىتىپ چىقىش ،شۇ مىللەت  ئەجدادلىرىنىڭ پائالىيەت قىلغان،ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرغان بىر پۈتۈن تارىخىنىڭ ھەقىقى ئىسپاتى بۇلۇپ قالىدۇ.

1-ئىسپات: تېررىتورىيە مەسىلىسى(ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دائىرىسى)
ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياشاپ كەلگەن زېمىنى توغرىسىدا ئۇيغۇر مەنبەلىرىنىڭ قارىشى ئاساسەن ئوخشا بۇلۇپ،ئۇلار بىردەك ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ،ئەۋلاتتىن -ئەۋلادقا مۇشۇ زىمىن(ئوتتۇرا ئاسىيا) دا ياشاپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.دۇنيانىڭ ھازىرقى مەمۇرىي رايونلار خەرتىسىدىن قاراپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى ئەجدادلىرىنىڭ ياشىغان زىمىن خەرىتىسىنى تۆۋەندىكىچە پەرەز قىلىشقا تامامەن بولىدۇ دەپ قارايمەن.

يەنى-ئىران-ئاۋغانسىتان-كەشمىر-ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال ۋە شەرقى شىمال قىسىمى-شىزاڭ-خېشى كارىدورى-خۇاڭخې دەرياسىنىڭ باش بۆلىكى-تاشقى موڭغۇلىيە-غەربى جەنۇبىي سىبىرىيە-ھازىرقى قازاقىستان-تۈرۈكمەن ئىستان قاتارلىق دۆلەت رايونلارنىڭ ئىچكى گىرۋىكىدىكى كەڭ رايونلار(ئىچكى ئاسىيا) دىيىشكە بولىدۇ.(ئۆزەمنىڭ قارىشى).
يۇقىرىدىكى زىمىن مەسىلىسىنى تۆۋەندىكى دەلىللەر ئارقىلىق ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن،بۇ زېمىننىڭ ئىچكى چەمبىرىنى<< غەربىي جەنۇبىي سىبىرىيە،دەشتى قىپچاق،يەتتە سۇ،مۇڭغۇل دالاسى ۋە ئوردىستىن قاش قۇۋۇققىچە بولغان جايلار ۋە شىنجاڭ رايونى بىلەن خارەزىمنى،شۇنداقلا پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماۋارائۇننەھر زېمىنلېردىن تەشكىل تاپقان>> دەپ قارايدۇ[6].

تارىخچى ۋاڭ جىلەي ،گېرمانىيەلىك جۇغراپىيە شوناس ئالېكساندىر ۋون ھوبولدنىڭ كىتابىدىن ئېلىنغان نەقىلىدە مۇنداق دىيىلىدۇ.<<ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جۇغراپىيىلىك دائىرىسى-غەربتە كاسپىي دېڭىزدىن باشلىنىپ،شەرقتە ئالتاي تاغلىرىغىچە،جەنۇبتا ھىدىقۇش تېغىدىن شىمالدا غەربىي سىبىرىيىگىچە>>[7]

يۇقىرىدىكى ماتېرىياللار ئاساسى جەھەتتىن بىرى-بىرىنى تولۇقلاپ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ زىمىن خەرىتىسىنى سىزىشىمىز ۋە بىلىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.بىز يۇقىرىقى پاكىتلار ئاساسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىنىڭ ھەقىقى دائىرىسىگە ئىگە بولالايمىز.

2-ئىسپات:ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىنىك مەنبەسى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىنىك مەنبەسى مەسىلىسىنى ئېنىقلاشمۇ يۇقىرىدىكى سوئالنىڭ جاۋابىنى ئىزدەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

<< ئۇيغۇرلار كېلىپ چىقىشى جەھەتتىن، تۇرالارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ھونلار، تۈركلەر بىلەن قان قېرىنداش ئىدى. ئۇلار تىل جەھەتتىن ئالتاي تىل سىستېمىسىدىكى تۈرك تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ...دېيىلگەن نۇرغۇنلىغان تارىخى ماتېرىياللاردا .بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا-تۇران زېمىنىنى مەركەز  قىلىپ ياشىغان ھونلار ۋە تۈركلەر بىلەن بىر تۇققان،قان -قېرىندىشى بولغان بىر قەدىمىي مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.يەنە باشقىچە چۈشەندۈرسەك ھونلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بۇلۇپ،تارىختا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان،تىللاردا داستان بولغۇدەك ئات ئۈستى مەدەنىيەتنى ياراتقان ئەرلىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە مىللەت.>>[8] بۇ قۇرلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىنىك مەنبەسىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھېس قىلىش تامامەن مۇمكىن.

يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشەندۈرۈشكە توغرا كەلگەندە،تارىخچى ھاجى نۇرھاجىنىڭ<<ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ئېتىنىك مەنبەسى ئىككى بىرى مىلادىيە 840-يىلى ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچۈشتىن بۇرۇن تارىم بوستانلىقى ئەتراپىدىكى رايونلاردا قەدىمدىن بىرى ئولتۇراقلاشقان بىر قىسىم يەرلىك ئۇيغۇر مىللىتى.ئىككىنچىسى،ئېلىمىزنىڭ خەنزۇچە تارىخنامىلەردە خاتىرلەنگەن خۇيخې(خۇيخۇ)لاردۇر>>[9] دېگەن يەكۈننى مىسالغا ئېلىش تامامەن مۇمكىن.بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ تارىم ۋادىسى،ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش  ئانچە تەس ئەمەس.

بۇ نۇقتىنى يانا ھەبىبۇللا خوجىنىڭ تارىخچى گۇ باۋ نىڭ ئەسىرىدىن مىسال ئالغان مۇنۇ جۇملىسىدىنمۇ ئىسپاتلاش تامامەن مۇمكىن.گۇ باۋ مۇنداق دەپ يازىدۇ<<840-يىلدىن كىيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمى تۇرپان،جىمىسار،قارا شەھەر،كۇچا رايونلىرىغا قىسقىسى<تۇرپان ئويمانلىقى ۋە تارىم ئويمانلىقىدىكى يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ قېشىغا>كۆچۈپ كېلىشى...ئۇيغۇرلىشىشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈردى... ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىنىك مەنبەسى دىڭ لىڭ،تېلى،خۇي خېلاردىنلا ئىبارەت بۇلۇپ قالماي يانا ئۇيغۇرلار قوشۇۋالغان ھەرقايسى قەبىلىلەرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىنىڭ مەنبەسىدۇر>>[10]
يۇقىرىدىكى پاكىتلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئاساسىغا ئىگە بۇلۇش بىلەن بىرگە يانا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش تەرەققى قىلىش جەريانىمۇ ھېس قىلىش،ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىنىڭ مەنبەسىنى توغرا شەھرىلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.ھەرقانداق بىر زات،ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ ئېڭىنى ،ئۇيغۇرلارغا تاڭماقچى بولسا،ئۇ مىللەتلەر تارىخى تەرەققىياتىغا ھەقىقى توسقۇنلۇق قىلىپ،تارىخىمىزنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋاتىدۇ.بۇ ھال مىللەتلەرنىڭ بىر بىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنى سۇسلاشتۇرۇپ قۇيىدۇ.

3-ئىسپات:قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان زېمىنى
ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېتىنىڭ مەنبەسىنى ئېنىقلاش جەريانىدىمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەدىمدىن تارتىپ،ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىدا جۈملىدىن تارىم،تۇرپان ۋادىلىرى ۋە ئورخۇن-يەنسەي ۋادىلىرىدا ياشاپ كەلگەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتۇق.بۇ قارىشىمىزنى تېخىمۇ ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئالىملىرىمىزنىڭ  بىر قىسىم ھۆكۈملىرىنى دەلىل سۈپىتىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئاتاقلىق تارىخچى ھاجى نۇر ھاجى ئۆزىنىڭ زور ھەجىملىك ئىلمىي،تارىخىي ئەسىرى <<قەدىمقى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار>>دا تارىخچى گۇ باۋ نىڭ مۇنداق ھۆكىمىنى مىسالغا ئالىدۇ.<<مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى:مىلادى vئەسىردىن باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭغا دىڭلىڭلار يەنى قەدىمقى ئۇيغۇرلار ھۈكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن.جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خېلى كۆپ جايلىرى مۇشۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن>>[11]دەپ يېزىپ 840-يىلدىن ئىلگىرىلا بۇ زېمىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكىنى قەتئىي ھالدا دەلىللىگەن.

ھاجى نۇر ھاجى يۇقىرىقى كىتابىدا يەنە كەسكىنلىك بىلەن مۇنداق دەپ يازىدۇ<<كۆنچى دەرياسى بويىدىكى قەدىمقى قەبرىلەردىن تېپىلغان بۇغداي ئەۋرىشكىسىدىن قارىغاندا ئەجدادلىرىمىز تارىم بوستانلىقىدا دېھقانچىلىق قىلغان ۋاقتىنىڭ 3800-4000يىلدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى،تارىم بۇغداي سورتنىڭ ئەڭ قەدىمىيلىكىدىن تاللانغان بۇغداي ئورۇش،تېرىپ ئۆستۈرۈش تارىخىنىڭ ئەڭ قېدىمىيلىكىنى ئىسپاتلايدۇ>>[12].بۇ پولاتتەك پاكىتلار ئوتتۇرا ئاسىيادا قەدىمدىن تارتىپلا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن،كىندىك قېنى ئەڭ ئاۋۋال مۇشۇ زېمىنغا تۆكۈلگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ،ئوتتۇرا ئاسىيا دېگەن ئۇقۇمنى ئۇيغۇر بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈش بولسا ئۇيغۇر تارىخنى تەتقىق قىلىشنىڭ باشتىن ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈلۈشى،شۇ ئاساستا ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە ئۇيغۇرلار تارىخىنى ھەقىقى،توغرا تەتقىق قىلىش بۇ زېمىنىغا قىلىغان ئىنسانىيەتنىڭ بىر بۇيۈك ھۆرمىتىدۇر.

بۇ نۇقتىدا يەنە تەتقىقاتچى ئىقبال تۇرسۇن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇشۇ ئېزىز زېمىندا ياشاش جەريانىدا بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرىلا مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قۇيۇپ،بۇ ئېزىز زېمىندا ئۇنتۇلغۇسىز نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تۆۋەندىكى قاراشلىرى بىلەن ئىپادىلەيدۇ.

<<قەدىمقى تارىملىقلار سۈيى ئەلۋەك،ئۆت-چۆپلىرى مۆل،ھاۋاسى تىرىكچىلىككە ماس كېلىدىغان بوستان ئوتلاقلار،قار مۇزلۇق دەريا ئېقىنلاردا ياشاپ كەلگەن بۇلۇپ،ئۇلار مۇشۇ بىپايان كەڭرى ماكاندا پائالىيەت ئېلىپ بارغان.بۇ زىمىن ئۇلارنىڭ ھەممە بەخت،كۈلپەتلىرىنى قوينىغا ئېلىپ كەلگەن.مىلالىدىن ئىلگىركى 2000-يىللاردىن تارتىپ،بۇ جايدا ياشاپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئەجدادلار مىلالىدىن ئاۋۋالقى Vئەسىرلەردىن تارتىپ،مۇئەييەن يېزىق بەلگىلەر ئارقىلىق ئۆز تىلىنى خاتىرلەپ ۋە ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇپ،بىر قاتار قەھرىمانلىق ئىپوسلىرى،ھۈنەر سەنئەت مەدەنىيىتى ھەم كۆپ خىللاشقان خەلق سەنئىتى ئارقىلىق مەرىپەت دەۋرىنى  كۈتۈۋالغان...>>[13]
بۇ ھۈكۈملەردىن ئەجدادىمىزدىن مۇشۇ ئەزىزى زېمىننىڭ ھەقىقى خوجايىنلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

4.ئىسپات:سوبيېكتىپ تەھلىللەر
ئۇيغۇرلارنىڭ 840-يىلىدىن ئىلگىرىكى ياشىغان ماكانىدىن كەڭ تارىم ۋادىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋادىسىنى چىقىرىپ تاشلاش،ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتكە بولۇپمۇ ئۇيغۇر قەدىمقى زامان تارىخىغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھاقارەت.بۇنى ھەبىبۇللا خوجا لەمجىنىنىڭ<<مىلادى 840-يىلدىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار شىنجاڭدا يوق ئىدى دەيدىغان قاراشنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي ئاساسى يوق.ئۇيغۇرلار ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان غەربىي شىمال زېمىنىدا،قەدىمقى زاماندىن تارتىپلا ياشاپ،تىرىكچىلىك قىلىپ،غەربىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشكە تىگىشلىك ھەسسە قوشقان،بۇنى ۋېتىنىمىزدىكى قەدىمقى خەنزۇچە تارىخ كىتابلىردىكى ئالاقىدار پۈتۈكلەر،ھەتتا ئۇنىڭ كەمتۈكلىكىنى تۇلۇقلايدىغان ئارخېئولوگىيىلىك ماتىرياللارمۇ تەستىقلايدۇ>>[14] دېگەن ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ،ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىم ۋادىسىدا ئەزەلدىنلا ياشاپ كەلگەن بىر قەدىمىي مەدەنىيلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن دەلىللەپ بەرگەن بولسا،ئىقبال تۇرسۇن يانا مۇنداق ھۈكۈملەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قۇيۇپ،ئەجدادىمىزدىن يىلتىزىنىڭ تارىم ئويمانلىقى،شۇنداقلا تەڭرى تېغىنىڭ شەرقى،شىمالى ،جەنۇبىي تەرەپلىرى بىلەن تومۇرداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەپ يازىدۇ<<قەدىمقى ئۇيغۇر خانلىقى مۇنقەرز بولغاندىن كىيىن،ئۇرخۇن ئۇيغۇرلېرى غەرپكە-تەڭرى تاغنىڭ شىمالى،شەرقى ۋە جەنۇبىي ئېتەكلىرىگە كۆچۈپ كېلىپ،بۇ يەردە ياشاۋاتقان قان قېرىنداشلىرىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتقا تىزلا ماسلىشىۋالدى ھەم ئايرىم-ئايرىم ھالدا قۇچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى،قارىخانىيلار خانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ خانلىقنى قۇردى.>>[15]

يۇقىرىدىكى ئىككى ھۆكۈمىدىن 840-يىلىدىن ئىلگىرىمۇ شىنجاڭ رايونىدا قەدىمقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشاپ،مەدىنىيىتىمىز ھەم مىللىتىمىزنىڭ تارىخىنى بۈگۈنگىچە ئۇلىغانلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشىنىۋالىمىز.شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بېشىغا كۈن چۈشكەندە غەربىي شىمال رايونىغا جۈملىدىن مەركىزى ئاسىيا رايوننى مەركەز قىلىپ،ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشتەك ئۇلۇغ يۆتكىلىشنى تاللىغانلىقىغا ئاساسلىنىپ مۇنداق ئەقلى يەكۈن چىقىرىپ،قارىشىمىزنىڭ توغرىلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسپاتلاپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.

1) ئۇرخۇن ئۇيغۇرلېرى نېمە ئۈچۈن بېشىغا كۈن چۈشكەندە باشقا رايونلارغا كۆچمەي دەل شىنجاڭنى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كۆچۈپ كېلىدۇ؟
بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئۇلار ئەڭ ئاۋال ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىنى يەنى بۇ رايوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يادىغا ئېلىپ،ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرى ئارقىلىق بۇ بۇيۈك مىللەتنىڭ داۋاملىق ياشىشىغا ئاساس سالماقچى بولغان.مۇشۇنداق قىلسىلا ئۆز قېرىنداشلىرى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ۋەيران بولغان قېرىنداشلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ كېتەلەيتتى.نىزا شەكىللەنمەيتتى.باشقا ئورۇنلارغا بۇنداق زور خەلقنى باشلاپ بارسا ئۇلارنىڭ بۇ يات كىشىلەرنى سىغدۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس،ئۇرۇش قىلىپ بوي سۇندۇرۇشى تېخىمۇ مۇمكىن بولمايدۇ،چۈنكى تەبىئىى ئاپەت،قىرغىزلارنىڭ زور قىرغىنچىلىق ۋە زور دەرىجىدە بۆلىنىش،ئۇزاق سەپەر قاتارلىقلار ئۇلارنى بەكلا ھالسىرىتىپ قويغان ئىدى.مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا كىممۇ ئۆز قېرىندىشىنى ئەسكە ئالمىسۇن.

2)غەرپكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار بىلەن غەربتىكى ئەسىلىدە بار بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قان بىرلىكى،پىسخىكا بىرلىكى،مەدەنىيەت بىرلىك،ئىقتىسادى قارىشى،تەشكىلى قۇرۇلمىسى جەھەتلەردىن بىردەك بۇلىشى ئىككى بۆلەك ئۇيغۇرنىڭ بىرلىشىشىنى تېزلىتىپ،ئۇلارنىڭ مۇقىم بىر قۇدرەتلىك مىللەت بۇلۇپ،شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان.مانا مۇشۇنداق كۈچنىڭ بىرىكتۈرۈشى بىلەن خاڭ خې دەرياسىنىڭ باش قىسىمدىن تاكى بالاساغۇن ئەتراپلىرىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر خانلىقلىرى تىزلىك بىلەن قۇرۇلۇپ،مىللەتنىڭ تىزدىن روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولغان.ئەگەر يۇقىرىدىكى بىر يۈرۈش مەدەنىيەت ھادىسىلىرى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ زېمىنغا پانا تارتىپ بارغان بولسا شۇنداق تېزلىكتە ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىقالىشى مۇمكىن بولارمىدى؟ بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟...

3) غەرپكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار غەرپكە كۆچۈش مۇساپىسىنى بېسىپ تۈگەتكۈچە بولغان شۇنچە ئۇزۇن چاغ ۋە بېسىپ ئۆتكەن مەنزىللىرىدە قاتتىق ھەربىي قارشىلىققا ئۇچراپ باقمىغان(ئەلۋەتتە بەزى قارىشلىقلاردىن خالى ئەمەس).بۇنىڭدىكى ئاساسلىق ھالقىنى يەنىلا ئۇلار بېسىپ ئۆتكەن مەنزىللەردە ياشاۋاتقانلار شۇلارنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى ئىدى دەپ ئېيتالايمىز(بۇ نۇقتىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ).شۇنداق بولغانلىغى ئۈچۈنلا زور كۆلەملىك ھەربى توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن.ئەگەر بۇ زېمىندا باشقا كۈچلۈك مىللەتلەر ياشاۋاتقان بولسا،ئاجىزلاپ،ماجالى قالمىغان ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرىنى قانلىق باسۇرۇپ،ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوغدىغان بولاتتى.
يۇقىرىدىكى تەھلىلىمىزدىنمۇ بۇ ئۇلۇغ زېمىنىدا قەدىمدىن تارتىپلا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكىنى دەلىللىگىلى بولىدۇ.شۇنداق ئېيتىشقا بولىدىكى 840-يىلدىن ئىلگىرى شىنجاڭ رايونىدا ئۇيغۇرلار ياشىمىغان دېگەن قاراش ياكى بىر سەپسەتە،بولمىسا بىر سىياسى ئويۇندۇر.ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغان زېمىنىنى پاكىتلىق ئاساستا يەكۈنلەپ،مۇنداق خۇلاسە قىلغان.<<مەركىزى ئاسيانى شىنجاڭ بايقال-ئورخۇن ۋادىسى،ماۋارائۇننەھر ۋە غەربىي جەنۇبىي سىبىرىيە بىلەن يەتتە سۇ قىپچاق دالالىرى دائىرىسىدە تېخىمۇ ئىخچاملاش مۇمكىن.بالقان-يەنسەي،ئورخۇن -سېلىنگا ،ئىلى-يەتتە سۇ،تارىم،سىر،ئامۇ دەريالىرىنى باغرىغا بېسىپ ياتقان بۇ جۇغراپىيىلىك-ئېتنولوگىيىلىك زىمىن دەل مەركىزى ئاسىيا ئىنسان تۈركۈمىنىڭ يەنى مىلالىدىن كىيىن <تۈرۈك> ئىبارىسىدە ئومۇملاشقان خەلقنىڭ ماكانىدۇر>>[16]


پايدىلانغان ماتېرىياللار:[1]<<بۆرە توتېمى>>ئىككىنچى قىسىم.شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،ئۇيغۇرچە نەشىرى751-بەتكە قاراڭ.
[2]لەمجىنىنىڭ<<جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى مەجمۇئە>>سىگە كىرگۈزۈلگەن<<ئۇيغۇرلارنىڭ ئانتروپولوگىيىلىك تىپى مەسىلىسى>> دېگەن ماقالىسىگە قاراڭ.شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998-يىلى 1-كىتاپ 141-بەت
[3]لەمجىنى، يۇقىرىقى مەجمۇئە 141-،142-بەتلەر
[4]ئابدۇقەييۇم خوجا،يۇقىرىقى مەجمۇئە 148-بەت
[5] ئابدۇقەييۇم خوجا،يۇقىرىقى مەجمۇئە 148-بەت
[6]ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن<<قەدىمقى مەركىزى ئاسىيا>> شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2002-يىلى نەشتىرى 9-بەت
[7]ۋاڭ جىلەي،<<ئوتتۇرا ئاسىيا ئومۇمى تارىخى>>قەدىمقى زامان قىسىم2010-يىلى ئۇيغۇرچە نەشتىرى بىرىنچى كىتاپ،1-بەت
[8]تۇردى توختى،<<ئۆزىنى بىلىش ئۆزىدىن ھالقىشنىڭ ئاساسى>> دېگەن ماقالىسىگە قاراڭ
[9]ھاجى نۇرھاجى<<قەدىمقى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار>> شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى2009-يىلى نەشىرى10-بەت
[10]لەمجىنى،يۇقىرىدىكى مەجمۇئە،132-بەتكە قاراڭ
[11]ھاجى نۇرھاجى.يۇقىرىدىكى كىتاپ،8-بەتكە قاراڭ
[12] ھاجى نۇرھاجى.يۇقىرىدىكى كىتاپ،16-بەتكە قاراڭ
[13]ئىقبال تۇرسۇن،<<ئۇيغۇرلاردا ھايات ھىكىمىتى،ئۆلۈم كۈلپىتى>>شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى2006-يىلى نەشرى75-بەتكە قاراڭ
[14] لەمجىنى،يۇقىرىدىكى مەجمۇئە،142-بەتكە قاراڭ
[15]ئىقبال تۇرسۇن،يۇقىرىدىكى كىتاپ235-بەتكە قاراڭ
[16] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن<<قەدىمقى مەركىزى ئاسىيا>> شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2002-يىلى نەشتىرى 9-بەت

align=left]840-يىلدىن ئىلگىرى رايونىمىزدا بارلىققا كەلگەن ئۇلۇغ مۇۋاپىقىيەتلەر

تۇردى توختى

تارىخ ھامان ئاشكارىلىنىدۇ،چۈنكى ئۇ، ئەمەلىيەت جەريانىدا يۈز بېرىپ،ئەمەلىيەت جەريانىدا يېزىلىپ،ئەمەلىيەتنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ،ھەقىقەتكە ئايلانغان ئەمەليەتتۇر.
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىمۇ باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخىغا ئوخشاشلا شاللىق تارىخ،ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ئارقىلىق،ئەقلى مۇۋاپىقىيەتلىرىنى قوشۇپ،ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ مەدەنىيىتىدە بىر كىشىلىك ئورۇن تۇتقان ھەم ئىز قالدۇرغان شاللىق تارىخ.
مىللەتلەر پەيدا بولۇش،تەرەققى قىلىش،زەئىپلىشىش ۋە يوقىلىشتىن ئىبارەت بىر پۈتۈن كاتىگۇرىيەسىنى تاماملىغۇچە،ياشاش،زامانغا ماسلىشىپ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش جەريانلىرىدا تۈمەنلىگەن مۇناسىۋەتلەرنى ھەل قىلىپ،ئۆزىنىڭ تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇپ ،ئۆزىنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىنى تەكەممۇللاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ.مانا مۇشۇنداق تىرىشىش مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخى ۋە ياشاش مۇساپىسىنى ئۈزۈپ قويماي ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.
تارىختا مەدەنىيىتى ئۈزۈلۈپ قېلىپ،ھازىرغا ئۇلىشالمىغان مىللەتلەر بولسۇن،ياكى جاپالىق مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ ھازىرقى زامانغا يىتىپ كېلىپ،يەنىلا ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان مىللەتلەر بولسۇن ھەممىسىنىڭلا شاللىق تارىخى بولىدۇ.ھازىرغا ئۇلىشالمىغان مىللەتلەر قانچىلىك تارىخى مۇساپە يارىتىلغان بولسا،شۇ مۇساپە جەريانىدا شانلىق تارىخىي ئىزلارنى قالدۇرغان بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى قېزىپ چىققاندا چوقۇم تارىخى چىنللىققا ئېتىبار بېرىپ،شۇ مىللەتلەرنىڭ دۇنيا تارىخىغا قوشقان تۆھپىسىنى شۇ مىللەتنىڭ تۆھپىسى قاتارىغا قۇشۇش كېرەك.ھازىرغىچە مەدەنىيىتىنى،ياشاش مۇساپىسىنى ئۈزۈپ قويماي ياشاپ كېلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى نامايان قىلغاندىمۇ ئادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.قانداقتۇ بەزى مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى شانلىق،بەزى مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى ‹‹قۇرۇق››نامايان قىلىشقا بولمايدۇ.مۇشۇنداق ئىللەتلەر تارىخ يازغۇچىلاردا ساقلانغان بولسا،تارىخى بۇرمىلانغان مىللەت،تارىخىنى بۇرمىلىغان مىللەتتىن مەڭگۈلۈككە نەپرەتلىنىدۇ.چۈنكى،تارىخى بۇرمىلانغان مىللەت ئىچىدىمۇ،تارىخىنى بۇرمىلىغان مىللەت ئىچىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئەينەن تارىخنى بىلىدىغان يانا بىر تۈركۈم ئالىملار بولغان بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى شۇ مىللەت ياكى شۇ مىللەت بىلەن يېقىن تارىخداش مىللەتلا تەتقىق قىلىدىغان ئىش مەۋجۇت ئەمەس،ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى پۇتۇن ئىنسانىيەت تەتقىق قىلىدىغان بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولغان ئىنسانىيەتنى چۈشىنىش ئەندىزىسى ئاللىقاچان مەيدانغا كەلگەن.شۇنىڭ ئۈچۈن بىرسى بۇرمىلىسا،يانا بىرسى ماھىيەتنى ئېچىپ بېرىدىغان بۇ ئەمەلىيەت، تارىخىنى ئويدۇرۇپ،بۇرمىلاپ،ئۆزىنىڭ خاھىشى بىلەن چۈشەندۈرۈش،مەقسىتىدىكى ھەرقانداق ساختىلىقنى ئېچىپ،تارىخنىڭ ئەسلى يۈزىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
مىللىتىمىز كىشىلىرىمۇ باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا،ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخىنى ياشاش جەريانىدا يېزىپ چىققان،ئەجدادلىرى دۇنيا تارىخىدا تىللاردا داستان بولغۇدەك مۆجىزىلەرنى ياراتقان،ئۇلۇغ،قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرسى بولۇپ،جۇڭگو تارىخى ۋە دۇنيا تارىخىدا بەلگىلىك ئورۇن تۇتىدۇ.
مەن بۇ ماقالىدە 840-يىلىدىن ئىلگىرى رايونىمىزدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ،قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋاپىقىيەتلىرىنى تېما خاراكتېرلىك،ۋەكىللىك،ئاساسلىق(دەلىل-ئىسپاتلىق) ئوتتۇرىغا قۇيۇپ،ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇشۇ زېمىندا قەدىمدىن تارتىپ ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەجدادلارنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىرى ئاساسىدا يورۇتۇپ ئۆتمەكچىمەن.
ئەجدادلىرىمىز 840-يىلىدىن ئىلگىرىلا مۇشۇ ئېزىز زېمىندا ياشاپ كەلگەن،ھەم مۇشۇ ئېزىز زېمىندا نۇرغۇنلىغان ئەقلى مۇۋاپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن،شۇنداقلا مۇشۇ ئېزىز زېمىن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ ئەقلى مېۋىلىرىنى دۇنيا بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن.
تۆۋەندە مەن ئوتتۇرىغا قويغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقلى مۇۋاپىقىيەتلىرىنى نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز بىلىدىغان بولسىمۇ يانا نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىزنىڭ بۇ مۇۋاپىقىيەتلەردىن خەۋىرى بولماسلىقىمۇ مۇمكىن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەجدادلىرىمىز ياشاپ كەلگەن بۇ زېمىننىڭ ھەقىقى ئىگىلىرىنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈنمۇ بۇ مۇۋاپىقىيەتلەرنى تارىخى ئىسپات قىلىش زۆرۈر بولغانلىقىدىن ماقالىدا يانا بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشمىگە رۇخسەت قىلىشىڭلارنى سورايمەن.
1.خوتەن قەغىزى
خوتەن قەغىزى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئەڭ دەسلەپكى قەغەز بولۇپ،ئىنسانلارنىڭ قەغەزگە خاتىرىلەش تارىخى خوتەن قەغىزىگە خەت يېزىش بىلەن باشلاندى دىيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز.
خوتەن قەغىزىنىڭ كەشىپ قىلىنىش ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى بايقاشلار يۇقىرىدىكى ھۈكىمىمىزنىڭ دەلىلى بولالايدۇ.
‹‹ئۇيغۇر تارىخى كەيپىياتلىرى››دېگەن ماقالىدا‹‹خوتەن قەغىزى،سەيلۇننىڭ قەغەز ئىجاد قىلغان ۋاقتىدىن 400يىل ئىلگىرى››دەپ كېسىپ ئېيتىلغان{1}(<http://www.yaxlik.cn/Bilim_Read.asp?id=4042) > يۇقىرىدىكى ماقالىدىكى ھۆكۈمنى جۈمەنىياز ۋارىس تېكىننىڭ‹‹ئۇيغۇر قەغەزچىلىكى توغرىسىدا››دېگەن ئىلمىي ماقالىسىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان تۆۋەندىكى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلايمىز.ئۇ ماقالىسىدا‹‹1999 - يىلى 12 - ئايدا لوپ ناھىيىسى تەۋەسىدىن تۆت پارچە ۋەسىقە تېپىلغان بولۇپ، ھەممىسى ئۈجمە قوۋزىقىدىن ئىشلەنگەن قەغەزگە يېزىلغانىكەن. بۇ ۋەسىقىلەرنىڭ ساقلىنىپ قالغان قىسمى 88 X 2، 15X28 سانتىمېتىر بولۇپ، ۋاقتى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرگە تەئەللۇق. بۇ قەغەز پۈتۈكلەر ھازىر خوتەن مۇزېيىدا ساقلانماقتا››{2}دەپ تولىمۇ ئىشەنچىلىك مەلۇماتلار بىلەن بىزنى تەمىنلىگەن.ئۇ يەنە تۆۋەندىكىدەك پاكىتلارنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق سەيلون مىلادى 105-يىلى كەشىپ قىلغان سەيلون قەغەزدىن خېلىلا ئىلگىرىكى ۋاقىتقا توغرا كەلدىغانلىغىنى ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر ئارخىئولوگىيە تەتقىقاتچىسى خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن مىسال كەلتۈرىدۇ. ‹ئارخېئولوگ خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى 1933 - يىلى تارىم ۋادىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋېتىپ، باشقا يادىكارلىقلار بىلەن بىرگە بىر نەچچە پارچە قەغەز ئەۋرىشكىسىنى تېپىۋالغان. ئۇنىڭ بىر پارچىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40 سانتىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 100 سانتىمېتىر كېلىدىكەن. جاڭ ۋېنلىڭنىڭ " ئېلىمىز قەغەز پۈتۈكچىلىكىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىياتى" ناملىق ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خۇاڭ ۋېنبى تاپقان بۇ قەغەزلەرنىڭ يىل دەۋرى ئاز دېگەندىمۇ مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 46 - يىلىدىن بۇرۇنقى دەۋرگە تەئەللۇق بولۇپ، ئۇ خەنزۇچە خاتىرىلەردە تىلغا ئېلىنغان سەيلون قەغەزدىن 150 يىل ئىلگىرىكى قەغەز ھېسابلىنىدىكەن››{3}بۇنىڭدىن باشقا مۇھەممەتئىمىن سابىرنىڭ‹‹ خوتەن قەغەزچىلىكى ۋە ئۇنىڭ باش - ئاخىرى››دېگەن زور ھەجىملىك ئىلمىي ماقالىسىدىمۇ يۇقىرىدىكى نۇقتىلارنى دەلىللەپ بېرەلەيدىغان پاكىتلار ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان(<http://www.radioxj.com/show.aspx?id=10241&cid=6>)
يۇقىرىدىكى خوتەن قەغىزىگە مۇناسىۋەتلىك بايانلاردىن ھەم خوتەن قەغىزىنىڭ مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا تۇتىشىدىغانلىقىغا قاراپمۇ بۇ ئۇلۇغ زېمىنىنىڭ ئەزەلدىنلا ئەجدادلىرىمىز ياشاپ كەلگەن زېمىن ئىكەنلىكىنى دەلىللىمەك تەس ئەمەس.
2.تۇرپان-دۇنخۇاڭ مەتبەئەچىلىكى
مەتبەئە تېخنىكىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئىنسانىيەتنىڭ يېزىق ئىنقىلاۋىدىكى ئاجايىپ مۆجىزە خاراكتېرلىك سەكرەش بولۇپ،ئىنسانىيەتنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرىنى يېزىقچە ئىپادىلەپ،ئەۋلادلىرىغا قالدۇرۇشتا،ئاجايىپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسا،ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۆلچەرلىگۈسىز تۆھپىلەرنى قوشقان.
ئىنسانىيەت تارىخىدا تۆت چوڭ كەشپىيات ئاتىلىپ كەلگەن بۇ ئۇلۇغ بايقاش زادى كىملەر تەرىپىدىن ئىختىرا قىلىنغان؟بۇ مەسىلىدە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىمىز قۇربان ۋەلى‹‹بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز›› دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق ئۇچۇرلارنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ‹‹دۇنيادا مەتبەئەنىڭ باشلىنىشى توغرىسىدا سۈتلەنگەندە سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىڭ شىڭ دېگەن كىشى 1041-1048-يىللىرى كەشىپ قىلغان تىزما خەت(مىخ مەتبەئەنىڭ باشلىنىشى) تىلغا ئېلىنىدۇ.ئويما مەتبەئە ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىدا مىلادى 7-ئەسىردە قوللىنىلغان بولسا،ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى مىلادى 5-ئەسىردە تۇرپاندا ئويما ۋە تامغا مەتبەئە بار ئىدى››{4}(يۇقىرىدىكى ئەسەر 201-202-بەتلەر)
ئابلىز مۇھەممەد سايرامى‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنخۇاڭدىكى مەدەنىيەت مىراسىلىرى››دېگەن ئىلمىي ماقالىسىدا‹‹…دۇنخۇاڭ مۇزېيى تاپقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى 6 دانە ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرىپى دۇنيا بۇيىچە ئەڭ بۇرۇنقى ياغاچ مىخ مەتبەئە ھەرىپى،بۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان زور تارىخىي تۆھپىسى››{5}(‹شىنجاڭ كۇتۇپخانىچىلىق›جورنىلى،1993-يىلى 3-،4-سان،43-بەت)
يۇقىرىدىكى پاكىتلار ئاساسىدا يەنە شۇنداق ھۆكۈمنى چىقىرالايمىز،بۇ زېمىندا ئەجدادلىرىمىز ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشاپ، ئىنسانىيەت تارىخىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ،ئۆزىنىڭ شاللىق تارىخقا ئىگە بىر مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى پۇتۇن ئىنسانىيەتكە جاكارلىغان.
3.كومپاس
كومپاس ئىنسانىيەت ئەقلى مۇۋاپىقىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ،ئۇ ئىنسانلارنىڭ يۆنىلىش بەلگىلەپ،ئىنسانلارنىڭ يۈرۈش-تۈرۈشى ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى خاتاسىز ھالدا ئورۇندىشىغا يول باشچى بولۇش بىلەن بىرگە جۇغراپىيىلىك بىلىملەرنىڭ ئۇمۇملىشىشدىمۇ بەلگىلىك تۆھپە قوشقان دۇنيادىكى تۆت چوڭ كەشپىياتنىڭ بېرىسى.كومپاسنىڭ ئىجاد قىلىنىشىمۇ دۇنيانى بىلىشتىكى بىر دەۋرى بۆلگۈچ مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ.
خەلقئارادا كومپاس تىلغا ئېلىنسا،كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا جۇڭگو كېلىدۇ.بىراق ھازىرقى زامان تەتقىقاتى كومپاسنىڭ ئىجاد قىلىنىشى بىلەن يىپەك يولىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنتايىن قويۇق ئىكەنلىكىنى،كومپاس ئىجاد قىلىنغاندا ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ دېڭىز قاتنىشىنىڭ تېخى ئېچىلمىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشۇپ،كومپاسنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقتا كەشىپ قىلىنغانلىقىدىن گۇماللىنىۋاتىدۇ.‹‹ئۇيغۇر تارىخى كەيپىياتلىرى››دېگەن قىسقا ماقالىدا مۇنداق پەرەز ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان‹‹تۈركولوگلار:كومپاس ئادەتتە يىپەك يولى بويلىرىدا سودا قىلىپ يۈرگەن،ئۇيغۇر كارۋانلىرىنىڭ تەكلىماكان چۆلدە،يولدىن ئېزىپ قالماسلىق ئېھتىياجى سەۋەبىدىن كەشىپ قىلىنغان دەپ قارىماقتا››{6}تۈركلوگلارنىڭ يۇقىرىقى قاراشلىرى بىر پەرەز بولسىمۇ لېكىن ئاساسسىز دەپ ئېيتىشقا بولمايدۇ.يانا بۇ نۇقتا ئارقىلىق رايونىمىزدا خەن سۇلالىسى دەۋرلىرى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكىنى ھۆكۈم قىلىش تامامەن مۇمكىن.
4.كارىز
تۇرپاننىڭ كارىزدىن ئىبارەت بۇ سۇ قۇرلىشى ئىنسانىيەت سۇ قۇرلىشى جەھەتتىكى بىر نۇرلۇق ئابىدە.ئۇ ئىنسانىيەت سۇ قۇرلىشى تارىخىدىكى بىردىن بىر ئىنرگىيىسىز قۇرۇلۇش.بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مۇھىت ئاسراش قۇرۇلۇشلىرى ئىچىدىكى ئابىدە.
كارىزنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخىمۇ ئىنتايىن ئۇزۇن بولۇپ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە.بۇ نۇقتىنى تۆۋەندىكى قاراشلىرىمىز بىلەن ئىسپاتلىيالايمىز. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئۆتكەن مەشھۇر تارىخشۇناس ۋاڭ گوۋى ‹‹غەربىي رايونلاردىكى كارىزلارنى تەكشۈرۈش›› دېگەن ئەسىرىدە ‹‹شىنجاڭدىكى كارىزلار بۇنىڭدىن 2000 يىل بۇرۇنقى خەن دەۋرىدىلا بار ئىدى››{7}( http://www.uyghur.co.uk/wiki/index.php?title=Kariz)
دەپ يازغان. دېمەك، بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرىلا ئەجدادلىرىمىز كارىز مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
كارىزنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدا قانچىلىك مۇھىم ئورۇننى تۇتىدىغانلىقىنى تۇتۇپ يەتكەن روسىيە ئالىمى گرۇم گرژىمايلوپ كارىزغا تۆۋەندىكىدەك يۈكسەك باھا بەرگەن‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجايىپ پاراسەت بىلەن تۇرپاندا ئىجاد قىلىپ چىققان ھەيۋەتلىك قەدىمىي كارىز سۇ ئىنشائاتى - ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ناھايىتى بۇرۇنقى زامانلاردىلا يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي تاپقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ كارىزى مىسىرلىقلارنىڭ پىرامىداسىدىن قىلچە قېلىشمايدىغان، ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە قايىل قىلارلىق كۈچكە ئىگە سۇ ئىنشائاتىدۇر»{8}.
گرۇم گرژىمايلوپنىڭ يۇقىرىدىكى ھۆكىمىدىنمۇ كارىزنىڭ قانچىلىك يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى،خەلقىمىزنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرىدىغانلىقىنى،ئەجدادلىرىمىزنىڭ ماكانغا ۋە زامانغا ماسلىشىشتەك چىدامچانلىق روھىنى چۈشىنىپ يىتىشىمىزمۇ تەس ئەمەس.شۇنداقلا ۋاڭ گوۋىنىڭ بۇنىڭدىن 2000مىڭ يىل ئىلگىرىلا ئۇيغۇرلار كارىزنى ئىجاد قىلغان دېگەن ھۆكۈمىدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇشۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشمۇ قىيىن ئەمەس.
5.بۇغداي تېرىشنى بىلىش
ئىمىن تۇرسۇن،ھاجى نۇر ھاجى،لەمجىنى... قاتارلىقلارنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا ئەجدادلىرىمىز بۇنىڭدىن 3800-4000يىللار ئىلگىرى تۇرپاندا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇغداي تېرىش،يىغىش،ئاشلىق ساقلاش ۋە ئاشلىقنى قەدىرلەش قاتالىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشىدۇ.بۇمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ دۇنيا ئاشلىق مەدەنىيىتىگە قوشقان زور تۆھپىسى.ئۇنىڭدىن باشقا يانا رايونىمىزدا بېدە،كېۋەز..قاتارلىق ئىقتىسادى زىرائەتلەرنىمۇ ئەڭ بالدۇر تېرىغانلىقىنى ئىمىن تۇرسۇن كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.بۇ نۇقتىنى خەنزۇ تارىخچىلىرىمۇ بىردەك ئېتىراپ قىلىدۇ(بۇ زىرائەتلەرنىڭ غەربىي يۇرتتىن ئىچكىرى قۇرۇقلۇققا تارقالغانلىقىنى)
ئالىملىرىمىزنىڭ يۇقىرىدىكى ھۈكۈملىرىدىنمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇشۇ زېمىندا ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىۋالالايمىز.(بۇ مەسىلىلەردە ئەجدادلىرىمىز ياشىغان زېمىن(1)دە نوختىلىق توختالغان بولغاچقا يانا ئارتۇقچە توختالمايمەن)
6.ئات كۆندۈرۈش
ئات كۆندۈرۈش ئىنسانىيەتنىڭ يەنە بىر ئۇلۇغ تۆھپىسى بۇلۇپ،ئات كۆندۈرۈلگەندىن كىيىن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ يېقىن،ئىنسانلار بىلەن بىرىكىپ كەتكەن ،ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىدە كام بولسا بولمايدىغان مۇقەددەس ھايۋانغا ئايلانغان.
ئات ئىنسانلارنىڭ ئۇرۇش سەنئىتىدە بولسۇن،سەپەر-يۈرۈشلەردە بولسۇن،ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىدە بولسۇن ئىنسانلار بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ،ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى نامايەندە قىلىشى ۋە ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن.
ھەممىمىزگە مەلۈم بولغاندەك ئات،ئاتىللا،چىڭگىزخان،باتۇخان...قاتارلىقلارنى دۇنيا ئىمپىراتۇرلىرىغا ئايلاندۇرۇپ،ئۇلارنى پۇتۇن دۇنيا خەلقنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇرغان.ئەگەر ئات بولمىغان،ياكى كۆندۈرۈلمىگەن بولسا يۇقىرىدىكى كىشىلەرنىڭ دۇنيا ئىمپىراتورلىرىغا ئايلىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
ئۇنداق بولسا ئاتنى كىملەر كۆندۈرگەن؟بۇ مەسىلىنى دەلىللەش ئۈچۈن بىز ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتىگەىننىڭ‹‹يادىكارلىقلىرىمىزدىن مەدىنىيىتىمىزگە نەزەر››دېگەن ئىلمىي ماقالىلار توپلىمىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى.ئۇ يۇقىرىقى ئەسىرىدە مۇنداق ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ‹‹مەلۇمكى ئات ئەڭ دەسلەپتە ئوتتۇرا ئاسىيادا قولغا كۆندۈرۈلگەن بۇلۇپ،ئوتتۇرا ئاسىيادىن باشقا دۆلەتلەرگە تارقالغان.بۇ ھەقتە جۇڭگۇ ۋە چەتئەل تەتقىقاتچىلىرنىڭ قارىشى ئاساسەن بىردەك بۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ.››{9} ئاپتور يانا بۇ ئەسىردە ياپۇنىيەلىك ئاتاقلىق تارىخچى چيەنداۋ شىنىسىنىڭ‹‹يىپەك يولىدىكى 99سىر››دېگەن كىتابىدىن تۆۋەندىكىلەرنى دەلىل سۈپىتىدە ئېلىپ ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئىسپاتلايدۇ.‹‹ئوتتۇرا ئاسىيادا تەخمىنەن بۇنىڭدىن 6-8مىڭ يىللار بۇرۇن ئۆتكەن بوستانلىق ۋادىدا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بىر ئىز تېپىلدى.ئۇلار شۇ چاغدىن باشلاپلا ئائىلە ھايۋانلىرىنى بېقىشنى باشلىغان...يەكۈن قىلىنىشىچە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 10مىڭ يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە باشلانغان ئاتقا مىنىش تېخنىكىسى دېھقانلار بىلەن چارۋىچىلارنىڭ بۇ خىل يۆنىلىشىگە زور ئۆزگىرىش ۋە ئىلگىرىلەش ئېلىپ كەلگەن››{10}.يانا ئۇ ئېلىمىز تارىخچىسى ۋاڭجىلەي ئەپەندىنىڭ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى››دېگەن كىنايىدىن‹‹ئات ئاسىيا قىتئەسى يەنى شەرقى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن تارقالغان...››{11}دېگەن ھۆكىمىنى،يە تاشمۇھەممەت ئابدىراخماننىڭ‹‹ئۇيغۇر ئاتچىلىق مەدىنىيىتىدىن ئىلى ئاتچىلىق مەدەنىيىتىگە نەزەر››دېگەن ئىلمىي ماقالىسىدىكى‹‹بۇنىڭدىن بەش مىڭ يىلدىن 15مىڭ يىللار ئىلگىرىلا قەدىمقى ئىنسانلار،بولۇپمۇ بىزنىڭ ئاتا-بوۋىمىز ئاتنى قولغا كۆندۈرگەن››{12} دېگەن ھۆكۈمنى مىسال ئالىدۇ.ئۇ يۇقىرىقىلار ئاساسىدا‹‹ئەجدادلىرىمىز ئىپتىدائى ئوۋچىلىق تۇرمۇشى جەريانىدا ئۆزلىرىدىن يوغان ھەم كۈچۈك بولغان ئاتنى ئوۋلاپ تۇتۇپ،قولغا كۆندۈرگەنىدىن كىيىن ئۇلارنى نەسىللەندۈرۈش ئارقىلىق ئاۋۇتۇپ،ئوۋچىلىق ۋە قاتناش ئىشلىرىغا ئىشلەتكەن››{13}.ئاپتور بۇ ھۆكىمىنى يەنىمۇ بىر بالداق كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكىلىق ئىسساق ئاسىموپنىڭ‹‹قاتناش ئىنقىلابى ››دېگەن ئەسىرىدىكى تۆۋەندىكى ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.‹‹ئاتنى قاتناش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىش مىلادىيىدىن 2000يىل بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيادا، بولۇپمۇ شىنجاڭدا مەيدانغا كەلگەن بۇلۇپ،4مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بىرى ئات قۇرۇقلۇقتىكى ئاساسى قاتناش قورالى بۇلۇپ قالدى››{14}
يۇقىرىدىكىلەردىن ئاتنى كۆندۈرۈشتەك ئۇلۇغ كەشپىياتنى بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇشۇ بۇيۈك زېمىندا روياپقا چىقىرىپ،دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىگىچە تارقاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
ئاتنىڭ كۆندۈرۈلىشى ئىنسانلارغا يەنە يالىڭاچ يۈرۈشتەك ئىپتىدائى ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ،كىيىم كىيىپ يۈرۈشتەك مەدەنىيەتنى ئادا قىلغان بۇنىڭ بىلەن ئەجدادلىرىمىز،ئىشتان،ئۆتەك،ئاياغ پاشنىسى...قاتارلىقلارنى كەشىپ قىلىپ ئاتنى يالىڭاچ مىنىشنىڭ ئەپسىزلىكىگە خاتىمە بەردى.شۇنداقلا ئاتنىڭ بىر يۈرۈش جابدۇقلىرىنى ئىجاد قىلىپ،ئاتتىن پايدىلىنىش قىممىتىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى.
ئۇنىڭدىن باشقا ئەجدادلىرىمىز كىيىم-كېچەك،يېمەك ئىچمەك،يېزائىگىلىكى چارۋىچىلىق،ئوۋچىلىق،بىناكارلىق،ئويمىچىلىق...قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى مۇشۇ ئاتا زېمىنىدا قولغا كەلتۈرۈپ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:
{1}،{6}(بىرىنچى ئىزاھاتتىكى تور ئادرىسىدىن كۆرۈڭ)
{2}{3} <http://www.igilik.net/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2544> (تور ئادرىسىغا قاراڭ)
{4} قۇربان ۋەلى‹‹بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز›› 201-202-بەتلەر
{5} ئابلىز مۇھەممەد سايرامى‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنخۇاڭدىكى مەدەنىيەت مىراسىلىرى››(‹شىنجاڭ كۇتۇپخانىچىلىق›جورنىلى،1993-يىلى 3-،4-سان،43-بەت)
{7}{8} <http://www.uyghur.co.uk/wiki/index.php?title=Kariz> (تور بېتىگە قاراڭ)
{9}.{10}،{11}،{12}،{13}،{14} ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتىكىننىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان‹‹يادىكارلىقلاردىن مەدىنىيىتىمىزگە نەزەر›› دېگەن ئەسىرىنىڭ ،2-،3-بەتلىرىگە قاراڭ



840-يىلدىن ئىلگىرى ئەجداتلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ئىزنالار

تۇردى توختى


تارىخ ئادەملەر ياراتقان مۇۋاپىقىيەتلىرىنىڭ ئىزى.بۇ ئىزنى ھەرقانداق بوران چاپقۇنلارمۇ ئۆچىرەلمايدۇ،ھەم يوقىتىۋاتالمايدۇ. چۈنكى بۇ ئىزنى ئەجدادلىرىمىز ئاياغلىرى بىلەن بىر قەدەم-بىر قەدىمدىن مېڭىپ نەچچە مىڭ يىلدا ياراتقان،قالدۇرغان ئىز! بۇ ئىزىنىڭ قانداق مۇشاققەتلەر ئىچىدە قالدۇرۇلغانلىقىنى تارىخ ئارقىلىق ئىسپاتلاپ،بۇ ئىسپاتلارنى تارىخى ھەقىقەتلەرگە ئايلاندۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر بولغان تەخىرسىز خىزمەت.
ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان تارىخلارمۇ يۇقىرىدىكى ھەقىقەت ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ،ھەرقانداق دىشۋارچىلىقلارغا يولۇقسىمۇ يەنىلا جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.نۇرىنى يوقاتمايلا قالماي يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن تېخىمۇ جۇلالىنىپ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ھەقىقى نامايان قىلىدۇ.چۈنكى ھازىرقى ئادەملەر،تۈرلۈك ئىدىلوگىيىلەر ،شۇنداقلا ھۆكۈمەتلەر ئىنسانىيەتنىڭ ھەقىقى ياشاش شاراپىتى،ياشىغان دەۋرى ۋە ياشاش جەريانىدا قالدۇرغان ئىزىنىڭ ھەقىقىسىنى تېپىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.بۇنداق چوڭ يۈزلىنىشكە ئېزىز نەسسىيننىڭ‹‹تارىخ تەكرارلىنىدۇ››دېگەن ئەسىرىنى قوشۇپ چۈشەنسەك تارىخىمىزنىڭ ھەقىقى نۇرلۇق بولىشىغا ئىشەنمەي تۇرالمايمىز.35-40يىلنىڭ ئالدىدا بىز(شۇ دەۋرىدىكى كىشىلەر كۆزدە تۇتۇلغان، بولۇپمۇ ھازىرقى 40-50ياشلار چامىسىدىكى ئادەملەر) تارىخمىزنى بىلمەيتتۇق،مىللەت چۈشەنچىسىمۇ ئاساسەن يوق دىيەرلىك ئىدى.ھەممە ئادەم بىر كېچىدىلا يارالغاندەك،بىر كۈندىلا مۇشۇ بىز ياشاۋاتقان دۇنيانى ئاپىرىدا قىلغاندەك...ھىچنىمىنىدىن‹‹غەم››قىلماي ياشايتتۇق،قورسىقىڭىز ئاچ بولسىمۇ روھىمىز ‹‹تېتىك›› ئىدى.شۇنداق ‹‹تېتىك›› روھىمىز بىلەن بىز قانداق يارالغانلىغىمىز ئۈستىدە ،نىمىلەرنى ياراتقانلىغىمىز ئۈستىدە،يانا قانداق ياشىشىمىزنىڭ لازىملىقى ئۈستىدە ئويلانمايتتۇق.شۇنىڭ بىلەن قەلبىمىز قىزىل،تارىخىمىز قارا بولغان(مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئىدى) رېئاللىقنىڭ ئىچىدە ياشايتتۇق.
ھازىرقى چاغقا كەلگەندە دۆلىتىمىزنىڭ مىللى سىياسەتنىڭ توغرىلىقى بىلەن ھەممە مىللەتلەر ئۆزىنىڭ ئەجدادىنى،مەدەنىيىتىنى ،ياشىغان زېمىنىنى ...تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق تەتقىق قىلىشلار چوقۇم ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەينەن تارىخىنى روياپقا چىقىرىدۇ،بۇنداق ئاشكارىلانغان ھەقىقەت تارىخىمىزغا تېخىمۇ ئېسىل مەنىلەرنى قوشىدۇ.بۇنداق ھەققى تارىخى مەزمۇن ۋە نوختىلىق ئىسپانلار ئارقىلىقمۇ تارىخمىزنىڭ بارغانچە نۇرانە بولمىغانلىقىغا ئىشەنمەي تۇرالمايمىز.
ماقالىنىڭ ئالدىنقى بۆلەكلىرىدە كۆرسىتىلگەندەك 840-يىلىدىن ئىلگىرى بۇ زېمىندا (شەرقى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭلاردا،جۈملىدىن-ئوتتۇرا ئاسىيادا) ئۇيغۇرلار ياشىمىغان دېگەن بەزى كۆز قاراشلارمۇ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىۋاتىدۇ.بۇ نۇقتىغا نىسبەتەن چۈشەنچە بېرىش مېنىڭچە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ مەسئۇلىيىتى.شۇنىڭ ئۈچۈن مەن يانا بۇ ئەرزىمەس قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈم.
ئەجدادلىرىمىز بۇ ئۇلۇغ زېمىندا 840-يىلدىن ئىلگىرىلا دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق،سۇ قۇرۇلۇش ئىشلىرى،توقۇمىچىلىق...قىسقىسى ياشاشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە شانلىق ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن.بۇ ئىزلار 840-يىلدىن ئىلگىرىلا بۇ زېمىندا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكىنى كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ،بىزنىڭ شانلىق تارىخىمىزنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ تۇرىدۇ.
840-يىلى بۇ زېمىندا ئۇيغۇرلار ياشىمىغان دېگەن قاراش يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن بىر قىسىم تارىخچىلار ئوتتۇرىغا قويغان قاراش بۇلۇپ،بۇ خىل قاراشنىڭ تارىخى يېڭى،ئاساسى ئاجىز. بۇ ھۈكىمىمىزنى ئاكىدىمېك ساڭ رۇڭنىڭ‹‹مەملىكىتىمىزدىكى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر تەتقىقاتنىڭ ئۇمۇمىي ئەھۋالى››دېگەن ماقالىسىدىكى تۆۋەندىكى قۇرلاردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.ئۇ ماقالىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ‹‹840-يىلى ئۇيغۇر خانلىقى قىرغىزلار تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن،ئۇيغۇرلار شىمالى چۆللۈكىدىن كۆچكەن،ئۇلارنىڭ بىر تارمىقى جەنۇبقا- خېبېي-شەنشى ئەتراپلىرىغا،قالغان ئۈچ تارمىقى خېشى كارىدورى،تيانشاننىڭ شەرقى قىسىمى ۋە پامىرنىڭ غەربىگە كۆچكەن بۇ ئۈچ تارماق ئۇيغۇر قوۋمى ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن –بىر ياكى ئاساسلىق ئېتنىك مەنبەسى بولۇپ قالغان،...بۇ قاراشلارنى ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن تارىخچى ئالىملار قۇبۇل قىلغان يەنى فىڭ جىياشېڭ تۈزگەن ‹ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر قىسقىچە ماتېرىياللار ›بىلەن ‹ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى›نىڭ ئاپتورلىرى يۇقىرىقى نۇقتىنى قۇبۇل قىلغان...›› {1} دەپ يېزىپ بۇ خىل قاراشنىڭ يېقىنقى يىللاردا شەكىللەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويسا يەنە بىر تەرەپتىن ‹‹1959-يىلى ئۈرۈمچىدە ‹ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى›دېگەن كىتابنى مۇھاكىمە قىلغاندا گۇ باۋ ئەپەندى يۇقىرىدىكى قاراشلارغا باشقىچە پىكىر بەرگەن ھەم ئۈچ پارچە ماقالە يېزىپ مىلادىيە 3-ئەسەرلەردە دىڭلىڭلار شىنجاڭغا ماكانلاشقان دېگەن ئىدىيىنى ئالغا سۈرگەن››{2} دېگەن قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ يۇقىرىقى قاراشتىكى زددىيەتلىك مەسىلىلەرنى يورۇتۇپ بەرگەن.
يۇقىرىدىكى نەقىلدىن شۇنداق خۇلاسىگە كېلىشكە بولىدىكى 840-يىلدىن ئىلگىرى بۇ زېمىندا كىملەرنىڭ ياشىغانلىقىنى ئېنىقلاش بىر مۇھىم بولغان تارىخى بىلىش جەريانى،بۇ مەسىلە تۇلۇقى بىلەن ئېنىقلانغاندىلا مىللىتىمىزنىڭمۇ قەدىمقى مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى باشقىلارغا بىلدۈرەلەيمىز ھەم ئۆزىمىزمۇ تارىخىمىز،ئەجدادىمىز،مەدىنىيىتىمىزدىن پەخىرلىنىپ،ئەجدادلار يولىدىن مېڭىپ بۇ ئېزىز زېمىنغا يۈز كېلەلىگۈدەك مۇۋاپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ،جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرالايمىز.
تۆۋەندە مەن بىر قىسىم كونكرېتنى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ،ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇشۇ ئۇلۇغ زېمىندا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىغا دائىر ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتىمەن.
1.چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى
ئەجدادلىرىمىز ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاش جەريانىدا چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىق مەدەنىيىتىدە ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ئۆچمەس مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان.مەيلى چارۋا بېقىش،كۆندۈرۈش،مەيلى ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاپ ئىستىمال قىلىش ،مەيلى چارۋىلارنى چىقىدىغان سۈت مەھسۇلاتلىرى يېمەكلىكلىرى ،مەيلى تېرىگە ئىش قوشۇپ ئىشلەش جەريانلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن مەدەنىيىتى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ياراتقان چارۋىچىلىققا ئائىت مەدىنىيىتىدىن ئۈستۈن تۇرسا تۇرىدىكى ھەرگىزمۇ كام ئەمەس.چۈنكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى بۇ دېلىللىرىمىزنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.مەشھۇر ئارخېئولوگ ئابدۇقەييۇم خوجا مۇنداق دەپ يازىدۇ‹‹ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بۇيان قولغا كەلگەن ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللارنىڭ...تەتقىقاتلىرىدىن قارىغاندا بېلىقچىلىق ئوۋچىلىقتىن چارۋىچىلىققا،تەبىئەتتىن ئۇزۇقلۇق توپلاش(تەبىئەتتە ئەسلىدىن بار بولغان زىرائەت-كۆكتات قاتارىدىكى يېمەكلىكلەر-ئاپتور)تىن دېھقانچىلىققا ئۆتۈش تەخمىنەن مىلادىيىدىن 5000يىل ئىلگىرى ئوتتورا ئاسىيانىڭ ھەممىگە باپ شەرت-شارائىتىغا مۇناسىپ ھالدا،ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنىدا تەدرىجى بارلىققا كەلگەن››{3}.بۇ ھۆكۈمىدىن شۇنداق خۇلاسىگە كېلىمىزكى قەدىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنى ئادەملەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىپلا قالماستىن يانا بارلىق جانلىقلارنىڭ جۈملىدىن ھايۋاناتلارنىڭ ياشاش كۆپىيىشىگىمۇ ناھايىتى ماس كېلىدىغان ئۇلۇغ زېمىن بۇلۇپ بۇ زېمىندا ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن تەبىئەتنىڭ باشقا جانلىقلىرى ھەمكارلىشىپ ياشاپ،بۇ زېمىننىڭ ھىممىتى بىلەن بۇگۈنكى كۈنگىچە ئەۋلادلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ،مەدەنىيىتىنى دۇنياغا نامايەندە قىلىپ كەلگەن.بۇ قاراشلىرىمىزنى ئەسئەت سۇلايماننىڭ تۆۋەندىكى ھۆكمى ئارقىلىق ئىسپاتلايمىز،ئۇ مۇنداق بىر كەسكىن قاراشنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ‹‹شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدىكى،بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز پائالىيەت ئېلىپ بارغان شىمالدىكى بىپايان يايلاقلاردا بۆرە بولمىغان بولسا ئۇلارنىڭ ئىپتىدائى ئىشەنچ-ئېتىقاتلىرىمۇ،بۆرە تۇتىمىمۇ مەڭگۈ مەۋجۇت بولمىغان بولاتتى››{4}دەپ يېزىپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ، ھازىرقى زامانغىچە مەدەنىيىتىنى ئۈزۈپ قويماي يىتىپ كەلەلىگەنلىكىدە بۆرىدىن ئىبارەت بىر ھايۋاننىڭ رولىنىڭ نەقەدەر چوڭلىقىنى بىزلەرگە بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئەجدادلىرىمىز بىلەن ھايۋانلارنى چەمبەرچاس باغلاپ،ئەجدادلىرىمىز بىلەن تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ ئۇزاق يىللار مابەينىدە بىر-بىرىگە يۆلەك بۇلۇپ ياشىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئارقىلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش جەرياننىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ - ئۆزىنى يېڭىلاش،ئۆزىنى قوغداش،ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەريانى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ.
يۇقىرىلاردىن شۇنى بىلىش تەس ئەمەسكى ئەجدادلىرىمىز بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنلا چارۋىچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان،بۇنىڭ دەۋرى بېلىقچىلىق،ئوۋچىلىق ،چارۋىچىلىق شەكىلدە تەرەققى قىلغان بۇلۇپ،ئومۇملاشتۇرۇپ چارۋىچىلىق ئىشلىرى دەپ ئېلىشقا تامامەن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن،بۇ ماقالىمىزدىمۇ ئومۇملاشتۇرۇپ چارۋىچىلىق دەپ ئېلىندى.
مەيلى نېمىلا بولمىسۇن ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىخى چارۋىچىلىق بىلەن باشلانغان تارىخ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئەجدادلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى تارىختا يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدۇ.ئەجدادلىرىمىز ياشاش جەريانىدا چارۋىلار بىلەن بىرلىكتە ياشاش ،ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى،سۈتلىرىنى ،تېرە-كاللا-پاقانچەكلىرىنى قانداق ئىشلىتىشنى،نېمىگە ئىشلىتىشنى بىلىپ،چارۋا ماللاردىن ھەقىقى رەۋىشتە پايدىلانغان،ئۇلارنىڭ ھېچقانداق نەرسىسىنى ئىسراپ قىلىۋەتمەي ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان.
ئەجدادلىرىمىز ئوتتىن پايدىلىنىشنى بىلگەندىن تارتىپلا چارۋا ماللارنىڭ گۆشلىرىنى قاقلاپ ۋە پىشۇرۇپ يېيىشنى بىلگەن‹‹ئۇيغۇرلار چارۋىچىلىقنى ئاساسى ئىگىلىك قىلىپ ياشىغان زامانلاردا گۆش،گۆش مەھسۇلاتلىرى،گۆشتىن تەييارلانغان تائاملارنى ئاساسى ئۇزۇقلۇق قىلغان.قوي ،كالا ئات قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى پۇشۇرۇپ يەپ،سۈتىنى ئىچىپ،تېرىلىرىنى كىيىم-كېچەك تەييارلاپ كىيگەن››{5}بۇ دەلىللىرىمىز بىلەن يۇقىرىقى ھۈكىمىمىزنى ئىسپاتلاش تامامەن مۇمكىن.ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق چۈشەنچىسىدىمۇ ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بۇلۇپ،ئۇلار بىر قىسىم ھايۋانلارنى بولۇپمۇ ئوتخور ھايۋانلارنى ئاساس قىلىپ،ئۇلارنى قولغا كۆندۈرۈشكە يۈزلىنىپ،نۇرغۇن ھايۋانلارنى قولغا كۆندۈرۈپ،ئۆزى بېقىپ ئۆزى ئىستىمال قىلىشتەك ئىشەنچىلىك ئىگىلىك شەكىلگە ئۆتكەن،بۇنداق قىلغاندا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھاياتى بىر قەدەر تۇراقلىق بولغان كاپالەتكە ئىگە بولاتتى.ئابدۇقەييۇم خوجىنىڭ گەي شەنلىڭنىڭ‹‹چوغاي تېغى قىيا تاش رەسىملىرى››دېگەن ئەسىرىدىن ئالغان نەقىلىدە مۇنداق مەزمۇنلار بار‹‹ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ كۆندىرىلىش دائىرىسى داۋاملىق كېڭىيىپ بارغان،بۆرە ئۈزۈنغۇچە قولغا كۆندۈرۈش نەتىجىسىدە،تەخمىنەن ئوتتۇرا تاش قوراللار دەۋرىدە،ئالدى بىلەن ئائىلە ئىتىغا ئۆزگەرتىلگەن(بەزى ماتېرىياللاردا بۆرىنى قولغا كۆندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىلىپ كەلمەكتە-ئاپتور).ئۆچكە ۋە قوي قاتارلىقلار تەخمىنەن يېڭى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئۆي ھايۋانلىرى قىلىپ كۆندۈرۈلگەن،ئات ۋە تۆگە قاتارلىقلارنىڭ ئۆي ھايۋانلىرى قىلىپ كۆندۈرۈلگەنلىكى پەقەت 5000يىللىق تارىخقا ئىگە بۇلىشى مۇمكىن،مۈشۈكنىڭ قولغا كۆندۈرۈلۈپ بېقىلىشى 4000يىللىق تارىخىغا ئىگە››{6} بۇلاردىن ئىنسانىيەتنىڭ چارۋا ماللارنى قولغا كۆندۈرۈش تارىخىنىڭمۇ نەقەدەر ئۈزۈن بىر تارىخى جەريان ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
ئەمدى ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىم ۋادىسىدىكى چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى توغرىسىدىكى ئىسپانلار ئارقىلىق بۇ زېمىنىنىڭ قەدىمقى ئىگىلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ئۈستىدە خۇلاسە چىقىرىمىز.
ئارخېئولوگ ئابدۇقەييۇم خوجا ئۆزىنىڭ زور ھەجىملىك ئارخىئولوگىيەلىك ئەسىرى‹‹دىيارىمىزدىن تېپىلغان قىسمەن يادىكارلىقلار ھەققىدە››دېگەن ئەسىرىدە‹‹70-يىللاردا بارىكۆلدىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىچىدە ئات،كالا،قوي سۆڭەكلىرى بار ئىدى.بۇ يەردىن تېپىلغان ياغاچ ئەۋرىشكىلىرىنى كاربۇن14ئانالىزى ئارقىلىق تەجرىبە قىلغاندا ئۇنىڭ دەۋرى بۇنىڭدىن 3280يىللار ئىلگىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان ››{7}دەپ شەرقى شىنجاڭدىكى قەدىمقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق ئەھۋالىدىن ئۇچۇر بەرسە،‹‹1979-1980-يىللىرىدا لوپنۇر رايوندا قېزىۋېلىنغان قەبرىلەردىن كالا قوي مۈڭگۈزلىرى،ئۇزۇن قونچىلىق ئۆتەك ۋە كالا تېرىسىدىن قوپال ئىشلەنگەن چورۇق،يۇڭ توقۇلما پالاس...قاتارلىقلار تېپىلدى بۇنى كاربۇن 14ئانالىزى بىلەن تەجرىبە قىلغاندا بۇنىڭدىن 3800يىل بۇرۇنقى مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ››{8} دەپ يېزىپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ چارۋا ماللاردىن بولدىغان يۈرۈشلۈك بۇيۇملارنى ئىشلەپ چىقارغانلىرىنى يەنى-ئۆتەك،چۇرۇق،يۇڭ پالاس،يۇڭ قالپاق،كىگىز قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى بىلگەنلىكىنى بىزگە مەلۇم قىلىدۇ.ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتىگىن‹‹...ئۇلۇغ خاقان ،خانلارنىڭ خانى،ئۇلۇغ گۇگراماياسا دېگەن خەتلەر چۈشۈرۈلگەن ئات سۈرەتلىك خوتەن مىس پۇلى،چەرچەندىن تېپىلغان 2966+-155يىل ئىلگىركى دەۋرلەرگە مەنسۇپ بولغان ئاتنىڭ باش سۆڭىكى،پاچىقى،تېرىسى...››{9}غا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بىزگە يەتكۈزۈپ شەرقى ۋە جەنۇبى شىنجاڭدا ياشىغان جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق ئەھۋالىدىن بىزگە دوكلات بەرگەن.
يۇقىرىدىكى پاكىتلارغا ئاساسلانغاندىمۇ بۇ ئۇلۇغ زېمىندا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئاتا بوۋىمىز ياشاپ،بىزلەرنىڭ ياشىشىمىزغا قالدۇرغان دېگەن ھۆكۈمنى چىقىرىش تامامەن مۇمكىن.
2.توقۇمىچىلىق مەدەنىيىتى
ئەجدادلىرىمىز بۇ ئۇلۇغ زېمىندا ياشاش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ توقۇمىچىلىق ئىشلىرىنىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققى قىلدۇرۇپ،تۈرلۈك توقۇلما مەھسۇلاتلىرىنى روياپقا چىقىرىپ ئىنسانىيەتنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنغان.بۇ توقۇلما بۇيۇملارنىڭ دەۋرىنىڭ قەدىمىيلىقى شەكلىنىڭ ھەر خىللىقى ھەرقانداق ئادەمنىڭ قايىللىقىنى قوزغىماي قالمايدۇ.بۇ ھەقتە سارتىگىن بىزگە مۇنداق ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ‹‹نۇسخىچىلىق،نەقىشچىلىك ،سۈرەتلىك توقۇلما بۇيۇملار پەقەت خوتەن رايۇنىدىلا زور تەرەققىياتلارغا ئىرىشكەن بۇلۇپ،ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىمۇ ھازىرغىچە بۇنداق مۆجىزە ئەۋرىشكىلىرى تېپىلغىنى يوق،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل توقۇمىچىلىق مەدەنىيىتىنى بۇنىڭدىن 2000مىڭ يىل ئىلگىرى نىيە خەلقنىڭ دۇنيا توقۇمىچىلىق مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنىڭ بىرى دەپ ئېيتىشقا ھەقلىقمىز››{10}بۇنىڭدىن قەدىمقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىل نۇرىنىڭ چاقناپ تۇرغانلىقىنى ھەرقانداق ئادەم ھېس قىلالايدۇ.ئابدۇقەييۇم خوجا ئۆزىنىڭ‹‹چەرچەن ناھىيىسىدىكى قەدىمقى قەبرىستانلىقتىن قېزىۋېلىنغان ئېسىل يادىكارلىقلار››دېگەن ئىلمىي ماقالىسىدا يۇڭ توقۇمىچىلىق مەدەنىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ تۆۋەندىكىدەك قىممەتلىك ئۆچۈر بىلەن بىزنى تەمىنلەيدۇ.ئۇ ماقالىسىدا‹‹1985-يىلى 9-ئايدا ئىككىنچى قېتىم چەرچەن ناھىيىسىگە بېرىپ زاغۇنلۇق قەدىمقى قەبرىستانلىقتىكى بەش قەبرىنى قازدۇق...قەبرىلەردىن ئاز ئۇچرايدىغان ئېسىل،رەڭدار،ساپ يۇڭ رەختلەر ۋە ئۇلاردىن تىكىلگەن خىلمۇ خىل كىيىملەر،يۇڭ يىپلاردىن توقۇلغان ھەر خىل كىيىملەر تېپىلدى..بۇ 3000يىللىق تارىخى مەدەنىيەت ئىزناسى چەرچەن خەلقىنىڭ يۇڭ توقۇمىچىلىق ھۈنەر سەنئىتى ۋە كىيىم كىچىك مەدەنىيىتىنى ئالەمگە نامايان قىلدى››{11}ئۇ يانا تۆۋەندىكىدەك مەلۇماتلار ئارقىلىق تۇقۇمىچىلىقتىكى بوياقچىلىق تېخنىكىسىنىڭ ساپال قاچىلارغىمۇ ئىشلىتىلىپ مەدەنىيەتنىڭ ئۆتۈشىشىنىڭ ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر نامايەندە ئىكەنلىكىنى،شۇنداقلا مەدەنىيەت ياراتقان مىللەتنىڭ ياشاش ،زېمىن دائىرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىزلەرگە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.ئۇ يۇقىرىقى ماقالىسىدا‹‹قىزىقارلىقى،توقۇلمىلاردىكى رومبا شەكىللىك، 回شەكىللىك ۋە دولقۇنسىمان گۈل نۇسخىلار قۇمۇلدىكى يان بۇلاق،پىچاندىكى سۇ بېشى،توقسۇن ناھىيىسىدىكى ئارىغول،خېجىڭ ناھىيىسىدىكى چايخا جىلغىسى قاتارلىق جايلاردىكى قەدىمقى قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان(بۇنىڭدىن2500-3000يىللار بۇرۇنقى) رەڭلىك ساپال قاچىلارغىمۇ سىزىلغان.بۇ تېپىلمىلار مۇشۇ خىلدىكى مەدەنىيەتنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى،دائىرىسى ۋە بۇ تارىخى مەدەنىيەتنى ياراتقۇچىلارنىڭ ياشىغان ھەركەت قىلغان يەرلىرىنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ››{12}دەپ يازغان.يۇقىرىقى نۇقتىنى يانا ‹‹………‹‹ئون ئىككى مۇقام ››،‹‹خوتەن قەغىزى››(م ئى 145يىللار)،‹‹كىروران گۈزىلى››(6412+-117يىللار بۇرۇن)نىڭ ئۇچىسىدىكى سىپتا توقۇلغان يۇڭ رەختلەر،‹‹ئۇيغۇر بىناكارچىلىغى››………..قاتارلىقلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھەرلىرى بۇلۇپ ،بۇ -ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئاجايىپ يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر خەلقلەردىن ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ››{13} ھۆكۈملەردىمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىللىق مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى،ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنىڭ زورلىغىنى شۇنداقلا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد مۇشۇ زېمىندا ياشاپ كەلگەنلىكىنى كىرىۋېلىش تەس ئەمەس
3.باغۋەنچىلىك مەدەنىيىتى
ئەجدادلىرىمىزنىڭ دىيارىمىزدا بەرپا قىلغان باغ-ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى دەلىل قىلىش ئارقىلىقمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇشۇ بۈيۈك زېمىندا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ياشاپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىماق تەس ئەمەس.ئەجدادلىرىمىز بۇ بۈيۈك زېمىندا ئاساسلىقى مېۋىلىك دەرەخنى ئاساس قىلىپ باغ ئورمانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ، بۇنىڭدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ يىمەك-ئىچمەك،ئوزۇقلىنىش جەھەتلەردىكى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش بىلەن يەل-يىمىشلەردىن ھۈزۈرلۈنۇشنى بىلىشتەك ئېسىل(يۇقىرى)ئىستىمال قىلىش مەدەنىيىتىنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز.يۇقىرىدىكى بايانلىرىمىزنى ئابدۇقەييۇم خوجىنىڭ تۆۋەندىكى قىممەتلىك ماتېرىياللىرى ئاساسىدا ئىسپاتلاپ چىقىمىز.ئۇ‹‹1901-يىلى ئا سىتەيىن تەكلىماكاندىكى نىيە خارابىسى (2000يىل بۇرۇنلا قۇمغا كۆمۈلۈپ كەتكەن)نى تەكشۈرگەندە خارابە دائىرىسىدە شاپتۇل،ئۈزۈم،ئالما،مېۋە دەرەخلىرىنىڭ قۇرۇپ قاقشال بۇلۇپ كەتكەن مېۋە دەرەخلەرنىڭ قالدۇقلىرىنى ۋە چۆرىسى چىتلانغان باغلار خارابىسىنى ئۇچراتقان›› {14}دەپ باغۋەنچىلىك ئىشلىرىنىڭ قەدىمىيلىقى بىزنىڭ سەمىمىزگە سالىدۇ.ئۇ يەنە سىتەيىننىڭ‹‹غەربىي يۇرتتىكى ئارخىئولوگىيە خاتىرىسى››(斯但因西城考古记 )ناملىق كىتابىنىڭ خەنزۇچە نەشرى 8-بىتىدە قەدىمقى نىيە خارابىسى جەنۇبىي قىسىمىنىڭ فۇتۇ سۈرىتى تۇلۇق بىرىلگەن ئەنە شۇ فۇتۇ سۈرەتنىڭ(E )بۆلىگىدە ئەينى زاماندىكى ئۈزۈملۈك باغنىڭ قالدۇق خارابىسى ئېنىق كۆرسىتىلگەن دېمەك بۇ بۇنىڭدىن 2000يىللار يىللار ئىلگىرى خارابىلىققا ئايلانغان قەدىمقى ئۈزۈملۈك باغ ھېسابلىنىدۇ››{15}دېيىش ئارقىلىق ئۈزۈمچىلىك تېخنىكىسىنىڭ رايونىمىزدىكى قەدىمىي تېخنىكلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى،ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇشۇ زېمىندا ئۈزۈملۈك باغ بەرپا قىلىپ،بەلگىلىك ئۈزۈم مەدەنىيىتى ياراتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ.
4.دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى
ئىنسانلارنىڭ دېھقانچىلىقتىن پايدىلىنىشنى بىلىشى،ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنىڭ ھەقىقى كاپالەتكە ئىگە بۇلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ ،ئىنسانلارنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتىغا ئۆزى ئىگە بۇلۇپ ياشاشنى بىر قەدەر ئاسانلاشتۇرغانلىقنىڭ بەلگىسى ئىدى.ئەجدادلىرىمىز بۇ ئېزىز زېمىندا ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە شۇغۇللىنىپ،نەچچە خىل زىرائەتلەرنىڭ رايۇنىمىزدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغىچە يىتىپ بېرىشىغا ئاساس سالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.مۇشۇنداق رىيال ئەھۋالدا بەزىلەر رايونىمىزنىڭ دانلىق زىرائەتلىرى،تالالىق زىرائەتلەر ۋە مېۋە چېۋىلەرنىڭ تارىخىنى بەكلا قىسقا مۆلچەرلەپ،رايونىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ياشاش شارائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇندى.بۇ مەدىنىيىتىمىزگە قىلىنغان بىر تۆھمەت ئىدى.بىز بۇ ھۈكىمىمىزنى تۆۋەندىكى قۇرلار ئارقىلىق ئىسپاتلايمىز‹‹...ئاشلىق مايلىق دان زىرائەتلىرى،تالالىق زىرائەتلەر،مېۋە-چېۋىلەرنىڭ ئۆستۈرۈلگەن تارىخى 1000-2000يىلدىن ئاشمايدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قۇيۇشتى،ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى بۇنىڭدىن 4000-5000يىل ئىلگىركى ئاشلىق زىرائەتلىرى،2000-3000يىل بۇرۇنقى مېۋە-چېۋىلەر،پاختا-كەندىر،يىپەك-يۇڭ توقۇلمىلىرى قاتارلىق ئارخېئولوگىيىلىك مەدەنىي ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەۋرىشكىلىرى بايقالدى...››{16}بۇنىڭدىن باشقا يانا ئابدۇقەييۇم خوجا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى كونكىرىتىنى ئارخېئولوگىيىلىك نەتىجىسىگە ئاساسەن تۈرلەرگە بۆلۈپ تەتقىق قىلىپ،بىزنىڭ بىلىشىمىز بىلەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ قالدۇرغان مەدەنىي مىراسلىرىنى ھازىرقى دەۋرىدە ئۈچراشتۇرغان.بىز بۇ ئارقىلىقمۇ بۇ ئېزىز زېمىنىمىزدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايمىز.
مەسىلەن:ئابدۇقەييۇم خوجا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى كونكىرىتىنى تەھلىل قىلغاندا تۆۋەندىكىدەك قەدىمىيلىكنى ئىسپاتلاپ چىققان‹‹كىروران گۈزىلىنىڭ قەبرىسىدىن چىققان بۇغداي1-قېتىم 6412+ـ117يىل،2-قېتىم 3800يىل دەپ بېكىتىلگەن،بۇ دۇنيا بۇيىچە ئەڭ بالدۇر ئوستۈرۈلگەن بۇغداي(120-119بەت)3000يىل ئىلگىركى تېرىق قاتلىمىسى(قارا دۆۋىدىن تېپىلغان122-بەت)،ئاق قوناق (2000يىللار ئىلگىرى-124-بەت)،زىغىر (بۇنىڭدىن2000-3000 يىللار ئىلگىرى-125-بەت)،پۇرچاق-ماش(2000-3000يىللار ئىلگىرى-126-بەت)،نىيە خارابىسىدىن تېپىلغان كېۋەز(بۇنىڭدىن2000يىللار ئىلگىرى-127-بەت››{17}
@@@ @@@ @@@
بۇلاردىن باشقا يانا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئويمىچىلىق مەدەنىيىتى،ئۇزۇقچىلىق(يەمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى)قاتارلىقلارنىڭ قەدىمىيلىكى بىلەنمۇ بۇ ئەزىز زېمىندا ئەجدادلىرىمىزنىڭ باشتىن –ئاخىر ياشاپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىماق تەس ئەمەس.مەسىلەن سارتىگىن مۇنداق دەپ يازىدۇ‹‹قەدىمقى نىيە دەۋرىدە ياشاپ،ئۆتكەن ئەجدادلىرىمىز بۇنىڭدىن 2000يىللار بۇرۇن ياغاچ ئويمىچىلىق ھۈنەر سەنئىتىدە خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن››{18}،يانا ۋېلى كېرىم كۆكئالىپ ئۇزۇق مەدەنىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ‹‹ئۇيغۇر تائاملىرى مىڭ خىلدىن ئارتۇق بۇلۇپ،ئەجدادلىرىمىز تائاملارنى خۇسۇسىيىتىگە قاراپ،غىزايى مۇتلەق(ئۇزۇقلۇق تاماقلىرى)،غىزايى داۋا(ھەم ئوزۇقلۇق ھەم دورۇلۇق تائاملار،داۋايى غىزا(كېسەل داۋالاشنى مەقسەت قىلغان،قوشۇمچە ئۇزۇقلۇق رولىنى ئوينايدىغان تائاملار››{19}.
يىغىنچاقلىغان يۇقىرىدىكى نەچچە تۈرلۈك مەدىنىيىتىمىزدىكى ئىسپانلار بۇ زېمىنىنىڭ ئەسلى ئىگىلىرىنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئىكەنلىكىنى تۇلۇقى بىلەن ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
{1}{2}‹‹جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى(مەجمۇئە)1998-يىلى 1-سان،32-بەت،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.
{3}‹‹دىيارىمىزدىن تېپىلغان قىسمەن يادىكارلىقلار ھەققىدە››، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى(2009-يىلى 5-ئاي)،91-بەت.
{4}‹‹ئۇيغۇر توتېم مەدەنىيىتى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001-يىلى نەشرى .
{6}{19}‹‹ئۇيغۇر تائاملىرى قامۇسى››(ۋەلى كېرىم كۆك ئالىپ تۈزگەن)شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرياتى2007-يىلى نەشىرى1- ،12بەتلەر.
{7}{8}‹‹دىيارىمىزدىن تېپىلغان قىسمەن يادىكارلىقلار ھەققىدە››، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى(2009-يىلى 5-ئاي)97-99-بەتلەر
{9}{10}{18}‹‹يادىكارلىقلىرىمىزدىن مەدىنىيىتىمىزگە نەزەر›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005-يىلى نەشرى،6-،36-،41-بەتلەر
{11}{12}‹‹جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى(مەجمۇئە)1998-يىلى 1-سان ،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.148-،185-بەتلەر.
{13}تۇردى توختى‹‹ساپا مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ئېڭى››ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتۇتى ئىلمىي جورنىلى 2006-يىللىق ئۇنۋېرسال سانى 1-بەت.
{14}{15}{16}{17}‹‹دىيارىمىزدىن تېپىلغان قىسمەن يادىكارلىقلار ھەققىدە››، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى(2009-يىلى 5-ئاي)، 130-،133-،134-116-،119ـــــــــ126-بەتلەر.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بۇ ئەسىرىمنى ماڭا ئىلھام بەرگەن دوستۇم ھىدايەتكە بېغىشلايمەن!
ــــــــــــــــــــــــــ تۇردى توختى




(ئۆز يازمام)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-17 07:03 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10594
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 07:41:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تارىخلارنى خەلقارا ئىتراپ قىلسا بەزىلەرنىڭ يېگەن تاماقلىرى ئاشقازىننى ئاغرىتىپ قۇيۇشى مۇمكىن .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73156
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3471
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 145 سائەت
تىزىم: 2012-1-14
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 08:32:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ .  ئەڭ ياخشىسى كۆپ گەپ قىلماي  .

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17224
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8103
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 870 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 09:23:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كۆيچى كۇلۇبى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ````

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94624
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 30
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 10:45:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىر قېرىدىشىمىزنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بۇ تور بېكەتكە ئەزا بولغان،قۇرۇق قول كەلمەي دەپ بۇ ئەرزىمەس تىمىنى ئالغاچ كەلگەن،ئىلگىرى تىمىنى كۆرۈپ بولغانلاردىن ئۆزرە سورايمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش