مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1327|ئىنكاس: 12

"ئاقچى" نامى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 03:34:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

"ئاقچى" نامى توغرىسىدا
ئەنۋەر تۇردى(ماتېماتىكا)


ئاقچى (阿合奇)--- قەدىمدە غەربىي يۇرتتىكى 36  بەگلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ " سەپەرباي "(尉头国)  دەپ ئاتالغان . "خەننامە" (غەربىي يۇرت تەزكىرىسى)دە : سەپەرباينىڭ چاڭئەنگە 8654 چاقىرىم كىلىدىغانلىقى ، نوپوسى 2300 كېشى، جەنۇبىي قەشقەر بىلەن تۇتىشىدىغانلىقى ، غەربى تەرىپى  ئۇلۇغچاتقا 1334 چاقىرىم كىلىدىغانلىقى ،ئادەملىرى چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى يېزىلغان ( شۇ كىتاپ ،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،  ئۇيغۇرچە ،882-بەت )، يەنە بۇ بەگلىكنىڭ بۇگۇنكى "ئاقچى" ئىكەنلىكىنى ئالىم گىرانادنىڭ ئۆز تەتقىقاتىدا مۇقىملاشتۇرغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ ( شۇ كىتاپ، 900-بەت) . ھازىر "ئاقچى" بولسا قىزىلسۇ قىرغىز ئاپۇتۇنۇم ئوبلاستىغا قارايدىغان ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرى رايۇن.

%E7%99%BD%E8%8A%A8%E7%A7%8D%E8%8B%97.jpg


ئاق چىغلىق



"ئاقچى" نامىنىڭ ئېتمولوگىيىسى ھەققىدە ئېنىق بىر قاراش يوق . يۈۋېيچىڭ ئەپەندى "ئاقچى " نامىىغا تەبىر بېرىپ "ئاق چىغلىق"(  白芨芨草 ) دېگەن مەنىدە دەيدۇ (يۈۋېيچىڭ ، شىنجاڭنىڭ يەر تۈزۈلمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە يەر ناملىرى تەتقىقاتى،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،  خەنزۇچە نەشرى، 104-بەت) ،ئەممە ئۇنىڭغا پاكىت كۆرسەتمەيدۇ.نىيۇروچېن ئۆزىنىڭ "شىنجاڭ يەر ناملىرى ھەققىدە ئومومى بايان" دېگەن ئەسىرىدە، "ئاقچى"نىڭ يەنە قىزغىزچە سۆز بولۇپ "ئاق چىغلىق" دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى، 1938-يىلى مەمۇرى رايۇن بولۇپ ، 1944-يىلى ناھىيە  بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنى يازىدۇ ( شۇ كىتاپ ، مەزكىزى مىللەتلەر نەشىرىياتى، خەنزۇچە ، 130-بەت). لىكىن ھازىرغە قەدەر "سەپەرباي"نىڭ قاچانلاردا "ئاقچى" بولۇپ ئۆزگەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.ئۇنىڭدىن باشقا "ئاقچى" نىڭ ئەسلى "ئاقچىن" دىن كەلگەنلىكىنى قۇۋەتلەيدىغانلارمۇ بار.لىكىن نېمە سەۋەپتىن شۇنداق ئاتالغانلىقىنى بىلمەك تەس.
شۇڭا  بۇ نامنىڭ ئېتمولۇگىيىسى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.

پايدىلانمىلار :
1-قۇربانجان ئابلىمىت، پالتاخۇن ئەۋلاخۇن، "شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتمولوگىيىسى" ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشىرىياتى، ئۇيغۇرچە.
2- بەنگو، " خەننامە" ، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، ئۇيغۇرچە.
3-نىيۇروچېن ، "شىنجاڭ يەر ناملىرى ھەققىدە ئومومى بايان" ، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى نەشىياتى، خەنزۇچە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   matimatika تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-17 03:50 PM  


http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

مەڭگۈ تىرىشىمەن.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88380
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 984
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2014-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 09:00:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاقچى دېسە دەرھاللا ئاق ساتىدىغانلار ئېسىگە كېلىدىكەن،
لېكىن بۇنىڭ دىيارىمىزدىكى بىر يۇرتنىڭ ئىسىمى ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلدىم،
دوسلار، مۇشۇ كەڭساي دىگەنمۇ غۇلجىنىڭ بىر يېرىنىڭ ئىسىمىما؟ بىلىدىغانلار مازاق قىلماي بىر چۈشەنچە بەرسەڭلار؟
بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، سورىماسلىق ئەيىپ،

ئۈمۈتلىك كىشىلەر ئاپەت ئىچىدىن پۇرسەتنى تاپالايدۇ،
ئۈمۈتسىز كىشىلەر پۇرسەت ئىچىدىن ئاپەتنى تاپىدۇ،

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12389
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32435
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 09:12:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخىي بىلىمدىن بىرنى بىلۋالدىم،ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۈچتۇرپان ناھىيىسىگە قاراشلىق‹‹ ئاقچى›› دەپ  .بىر جاي بارلىقىنى بىلىمەن....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88846
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2012-12-20
ئاخىرقى: 2014-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 10:10:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماتېماتىكا ئەپەندىم ئاقچى ناھىيىسىنىڭ ئسمى توغرۇلۇق مەلۇمات يىزىپتۇ. مىنىڭ بىلىشىمچە ئاقچى ناھىيىسىنىڭ ئىسمىنىڭ كىلىپ چىقىشى شۇ يەرنىڭ تەبئي جۇغراپىيەلىك شارت-شاراھىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۇنكى بۇ ناھىيىدە قارىچي دەپ بئر يىزا بار. بۇيەردە بىزلەر دەۋاتقان «چى» دىگەن گەپ شۇ يەرنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان قىرغىزلارنىڭ تىلىدا «چئي» دەپ ئيتىلىپ، ئۇيغۇرچە «چېغ» دىگەن مەنىدە. باشتىن كىلەيلى، ئاقچىنى بئلىش ۈچۈن(ئسىمىنى) قارىچىنى بىلىشكە توغرا كىلىدۇ. قارىچى دىگەن ئسىمغا كەلسەك، قارا دىگەن سۆز قەدىمكى تۈرك تىلىدا «يوغان، چوڭ، زور» دىگەندەك مەنەنى بىلدىرىدۇ، قارىچىدا ئۆز ۋاختىدا چېغ بەك كۆپ بولغانلىقتىن  «چوڭ چېغ، چېغلىق يەر» دىگەن مەنىدە قارىچى دىگەن ىسىم كىلىپ چىققان، ئەمدى قارىچى يىزىسىدا يەنە ئاقچى دىگەن كەنت بار. 1954- يىلى ئاقچى ناھىيىسىنى قۇرىدىغان  چاغدا  قارىچى يىزىسىدىكى شۇ ئاقچى كەنتىگە قۇرماقچى بولغان بىراق سۇ چىقمىغانلىق سىۋەبىدىن ناھىيىنى شەرق تەرەپكە يۈتكەپ، سەپەربايغا تەخمىنەن 30 ك م كىلىدىغان ئۇچ قەدىمىي قەلەسىگە قۇرغان. شۇ ۋەجىدىن  ناھىيىنى ئەسلى قۇرماقچى بولغان قارىچى يىزىسىنىڭ ئاقچى كەنتىنىڭ نامىنى ئىلىپ كىلىپ، ئاقچى دىگەن ئسىم بىلەن قۇرغان. بۇ ئەققىدە يەنىمۇ ىزدىنىشكە توغرا كىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88846
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2012-12-20
ئاخىرقى: 2014-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 10:13:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2013-4-17 09:12 PM
تارىخىي بىلىمدىن بىرنى بىلۋالدىم،ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئ ...

تۇققىنىم، ئاقچى  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق بئر ناھيىنىڭ ئىسىمى، سىز خاتا ئاڭلاپ قاپسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94841
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 749
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 10:33:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھۋالدىن قارىغاندا 5-قەۋەتتىكى جانيىسپا ئاقچىلىق قىرغىز ئوخشايدۇ ، مىنىڭمۇ قىرغىز تىلىدىن ئازىراق خەۋىرىم بار ئىدى لىكىن  جانيىسپا  نىڭ مەنىسىنى بىلمىدىمغۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91797
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 786
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 521 سائەت
تىزىم: 2013-2-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 11:48:07 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر يىل تۇردۇم بۇ يۇرىتتا، بەزىدە سېغىنىپۇ قالىمەن ئاقچىنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2366
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 12:46:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاقچى ناھىيە  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاسقا قارايدۇ ، ئاقسۇ ۋىلايىتنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بىلەن چىگىرداش ، ئۇلار سودا-سىتىققا قىزىلسۇ غا بارماي ئاقسۇ شەھرىگە ياكى ئۇچتۇرپان ناھىيسىگە بارىدۇ .

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 09:24:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
janyspa يوللىغان ۋاقتى  2013-4-17 10:10 PM
ماتېماتىكا ئەپەندىم ئاقچى ناھىيىسىنىڭ ئسمى توغرۇلۇق م ...

قىممەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە تەشەككۇر !
ئەمەلەيەتتىمۇ «كىيىنكى خەننامە»دە ئاقچىنىڭ كونكىرىت ئورنى «قارىچى» دېگەن يەردىلىكى ئېزاھلانغان.

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78910
يازما سانى: 350
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3851
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2012-4-16
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 10:20:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاقچى نامىنى يۇزەكىلا چۇشۇنۇپ قاپتىمەن بۇنداق يۇرتنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتىكەنمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش