سېغىنمىسام،سېغىندۇرىدىغان يامغۇر تامچىسى
رۇجەكتىن چۈشىۋاتقان يامغۇر تامچىسى... بىلمەيمەن، چۈشۈپ بولغاندۇ قانچىسى؟ كىملەر يامغۇر مېھرىگە قانغۇسى؟!چاچلىرىم بۇندا ئەسلىمىلەرگە چىلىنىپ قالغۇسى...يەنە كىملەر يامغۇر مېھرىدىن تانغۇسى؟
ئاھ،سېغىنمىسام،سېغىندۇرىدىغان يامغۇر تامچىسى!
يامغۇرغا ئامراق ھېسلىرىڭنى ئويلىدىم، ئويلىغانسېرى نېرۋىلىرىمنى بىكار قويمىدىم... كۈنلىكسىز كوچىغا چىقتىم، سەن ئۇزىغان يوللار قاراپ-قاراپ تويمىدىم...ياپراقلارنى، شاخلارنى يۇيۇپ ئۆتكەن تامچىلار، يولدا كۈنلۈكسىز قانچىلار؟ يامغۇردىن بىزار قانچىلار؟يامغۇرغا ئىنتىزار قانچىلار؟!
ئېھتىمال، مەن ساراڭ ئۇلار نەزىرىدە. داۋام ئەتتىم يولىمنى شۇ تەرزىدە...
ئاھ،سېغىنمىسام،سېغىندۇرىدىغان يامغۇر تامچىسى!
سەن ئۇزاپ كەتكەن، مەن كېچىكىپ كەلگەن، كۆز ياشلىرىڭ يامغۇرنى مەسخرە ئەتكەن، ئازاپ ۋىسالغا يەتكەن شۇ دەقىقىدە يامغۇر قىزغىنىپ تۇرۇپ،ماشىنا دېرىزىسىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ، "چىلىققدە!"ھۆل بولغان تېنىم قاغجىراپ، قۇرۇپ سېنى ئۇزاتقان ئىكەن..مەن يامغۇر ئىچىدە، يامغۇر مېنىڭ ئىچىمدە. بىز بىر تەن- بىر جان بولماقنى ئىستەيتۇق،تەقدىر ئىلكىنى شېرىن خىيال ئىلىكىگە قىستايتۇق؟!
ئەمدى بىلدىم.
يامغۇرنىڭ ھەر بىر تامچىسى سېنىڭ سېغىنىشلىرىڭ ئىكەن ئەسلى.
سېنى سېغىدۇردىغۇ يامغۇرلۇق باھار پەسلى!
ھەر تامچەڭدە بىر سېغىنىش،
بىر سېغىنىشىم مىڭ تامچە.
مىسرا پۈتتۈم.گەرچە ئىشىكىمدىن كىرەلمىسەڭمۇ، چۈشلىرىمگە كىرەر دەپ، كۈتتۈم... بىراق، چۈش كۆرمىدىم،نېتەي؟!
"يامغۇر"بۇ سۆزنى تاشقا ئۇرغىلى بولمايدىغان تۇخۇم ئۈسىتگە نەقىش قىلىپ چەكتىم.
-دىل دىلغا يانداشمىغا، سۆيگۈنىڭ نە ئەتىۋارى!.......نىڭ قەدىرگە يەتتىم. سېنى ئەسلەپ، يامغۇرلۇق كوچىدا ماشىنغا چىقىپ كەتتىم...
بىچارە!يامغۇرنىڭ باغرىغا دەسسەپ مېڭىۋاتقان ماشىنا چاقىغا يەلكەمدىكى يامغۇر تامچىلىرى نالە قىلماقتا... چاچلىرىم بىلەن بارماقلىرىم ئېلىشماقتا...بوينۇمدىن شۇرغۇپ چۈشىۋاتقان تامچىلار ۋىسالىغا قېنىشماقتا...
ماشىنىدىن چۈشۈپ قالدىم، ئاسىيلىق قىلماي دەپ، يامغۇرغا بولغان مۇھەببىتىمگە!
قەدەملىرىمدە يامغۇر، يامغۇر قەدەملىرى يەلكەمدە...
ئاشۇ تۇخۇمنى تاشقا ئۇرسا،تۇخۇمدىن تۈك ئۈندىرىدىغانلارنىڭ نەسلى قۇرىسا، يامغۇردا كىيىمسىز ماڭالايتتىم تۇپراققا كۆمۈلگەن تېنىمدەك خاتىرجەم، شۇ چاغ بولماس سېنىڭدىن ئۆرگە غەم.
ئاھ،سېغىنمىسام،سېغىندۇرىدىغان يامغۇر تامچىسى!
يامغۇر يۈرىكىنى "كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر"دەيدىغان دىل ھېس قىلمىسا، ھېس قىلالمىغىنى دىنى تىلغىسا، تەشنالىرى سېغىنىپ تىنمىسا،داغى-ھەسرەت ئەلەمدە قىينىسا...
"ئۇف!"رۇجەكلەردە يامغۇر تامچىسى، چۈشۈپ بولغاندۇ قانچىسى؟!
تەشتەكلەردىكى گۈل غۇنچىسى پىغان چەكمەكتە: دېرىزىلەرگە چىڭ چاپلىشىۋالغان تامچىلار تەقدىرىنى يازغان شامال ئۇلارنى شۇنداق ئېزىلىشىكە نائىل قىلدىمۇ ، ھەتتەڭ!
يۈرىكىممۇ مىسالى سۆيگۈدە شۇنداق. قاي شاماللار شۇ ھالغا دۇچار قىلدى؟قاي ھەسرەت-نادامەت ئۇنى تىلدى؟قاي خۇشدىل بۇنى بىلدى؟قەلەندەر يامغۇر سۆيەر يۈرەكلەرگە نە قىلدى؟
ئاھ،سېغىنمىسام،سېغىندۇرىدىغان يامغۇر تامچىسى!
سېمونىت مەيدان ئۈستىدە شولامنى كۆردۈم، توپلىشىپ مۇڭدىشىۋاتقان تامچىلارغا قاراپ،ئۇلار ماڭىمۇ، مەن ئۇلارغىمۇ قالدۇق ياراپ؟!ئىشقىلىپ، مەن ئۇلارغا قاراۋاتىمەن، ئۇلار ماڭا خۇددى ئىككىمىز بىر- بىرىمىزنى سېغىنىپ تۇرۇپ، ئەسلىمىلەرگە چۆكۈپ قاراۋاتقاندەك....
كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى!
تىلسىزلىق ئىچىدە بىر -بىرىمىزنىڭ ھېسلىرىنى تامامەن ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز.بىر- بىرىمىزنىڭ ئېقىپ كىرەلەيمىز. زېمىن ئۈستىدە مەن ئۇلارنى كۈتىمەن، سەن كۈتكەندەك مېنى، مەن كۈتكەندەك سېنى. ئۇلار كۈتىدۇ زېمىن ئاستىدا مېنى! سېغىنىمەن يامغۇرنى، قايرىپ ھەتتا، زىمىستاندا غۇرۇرنى...
يىلتىزسىز سۇلار، تېنىمگە قۇيىلار،
تېنىمگە قوشۇلۇپ، قېنىمدەك تۇيىلار.
ئاق چېچەكتەك بىغۇبار كۆڭۈللەر،
يامغۇر تۆككەن غۇنچىدىن ئۇيىلار...
ئاھ،سېغىنمىسام،سېغىندۇرىدىغان يامغۇر تامچىسى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا blackrose تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-17 01:20 PM