مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5887|ئىنكاس: 79

1300يۈەنلىك قىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەجەپ ئۇزۇن بولد

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1655
يازما سانى: 502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5207
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 11037 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-23 02:21:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1300  يۇەنلىك قىز
    بۇرۇن 150 يۈەنلىك قىز ،دەپ بىر ئەسەر  يوللىسام  مىنى كەمسىتكەنلەرمۇ بۇلدى.يەنىلا مىنىڭ تۇغرا قىلغىنىمنى چۈشەنگەنلەر  جىق بولدى . سىلەرگە رەخمەت.خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئىنسان يوق.گەپ خاتالىقنى تۈزەتمەسلىكتە.ئەمدى شۇ قىزنىڭ كىيىنكى ئىشلىرىنىدىن  ھەرقايسى مۇنبەرداشلارنى ۋاقىپلاندۇرۇشنى ئويلاپ قالدىم .
   شۇ ئىش يۈز بېرىپ بىرەر ئايدىن كىيىن بولسا كىرەك .بىر كۈنى تىلفۇنۇم سايراپ كەتتى. قارىسام تونىمايدىغان  نومۇر تىلىفۇننى ئالدىم ؛
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؟
_ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئاكا،
_ كىم؟
_ مەن<_____> ئاكا.
_ كەچۈرۈڭ مەن سىزنى تۇنىيالمىدىم.
_ مەن ھىلىقى ئاخشىمى دۇكىنىڭىزغا بېرىپ سىزدىن دەككەمنى يىگەن  قىز.
_ ھە كەچۈرۈڭ ،ئىسىمگە كەلدى،ياخشىمۇسىز سىڭلىم.
_ ياخشى .ئاكا ئۆي ئىچى يەڭگەم يەنى ئوماق قىزىڭىز تېنىچلىقمۇ؟
_  خۇداغا شۈكىرى ھەممىمىز ياخشى سىڭلىم .سىزچۇ ھازىر نەدە نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز؟
_ يۇرىتتا ئاكا ،ئاپام بىلەن تۇرىۋاتىمەن .
_ ۋاي ياخشىغۇ ، ھازىر نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز؟
_ ھازىر پىچىنە_پىرەنىك،تورىتلانى ياساشنى ئۆگىنۋاتىمەن .قولۇممۇ خېلى كۆنۈپ قالدى،ئۇستاممۇ ماڭا ياخشى كۆڭۈل قۇيۇپ ئۆگىتۋاتىدۇ.
_ ۋاي بەك ياخشى بولۇپتۇ ،سىزنى تەبرىكلەيمەن سىڭلىم .
_ رەخمەت ئاكا .سىزنىڭ ماڭا بىر كىچە قىلغان نەسىھىتىڭىز،ئەتىسى بىكەتكە ئەكىلىپ يولغا سىلىپ قويغىچە ماڭا سوۋغا قىلغان شۇ تەرجىمە قۇرئان ، ماڭا يېڭى بىر يولنى كۆرسەتتى.مەن يۇرىتقا كىلىپ ئۈچ كۈندە قۇرئاننى ئۇقۇپ بۇلدۇم ھەم ئۆزەمدىن بەكمۇ نۇمۇس قىلدىم.
_ۋەي. كەچۈرۈڭ سىڭلىم ئۆتكەن كۈنلەرنى ئويلىماڭ،ئۇ كۈنلەرنى بىر قاباھەتلىك چۈش دەپ ھېس قىلىڭ.
_شۇنداق بولىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم ئەپسۇس، بەكلا ئەپسۇس .
_بولدى قىلىڭ سىڭلىم .مەن بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۇ ئىشلارنى سۆزلەشمەيلى.بولامدۇ سىڭلىم ،ھازىرقى كۈنلەر توغۇرلۇق سۆزلىشىلى .بۇندىن كىيىن قانداق قىلىشنى ،قانداق پىلانلىرىڭىز بار قېنى شۇ توغۇرلۇق پاراڭلىشىلى .
_ مەن ھازىر كۆڭۇل قويۇپ ھۆنەر ئۆگىنۋاتىمەن، خۇدايىم بۇيرىسا پات ئارىدا ئۆز ئالدىمغا بىر دۇكان ئاچايمىكىن دەيمەن .
_ ياخشى ئويلاپسىز سىڭلىم .مىنىڭ قانداق ياردىمىم كېرەك ،تارتىنماي دەڭ ،خۇدا خالىسا قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىمەن .
_رەخمەت ئاكا ماڭا ئەڭ چوڭ ياردەم قىلدىڭىز.
_ توختاڭ مىنىڭ بۇرۇن قىلغانلىرىم ئۇ ياردەم ئەمەس.ئۇ مىنىڭ بېشىمدىكى قەرزىم ھەم پەرزىم سىڭلىم .
ئەمدى سىزگە قىلغانلىرىم بولسا ياردىمىم .ئىقتىسات جەھەتتە قىينالسىڭىز تىلفۇن قىلىڭ،قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىمەن .لىكىن كىيىن پۇل تاپقاندا قايتۇرىسىز.
_ رەخمەت ئاكا چوقۇم سىزگە ياخشى بىر جاۋاپ قايتۇرىمەن .
_ ماڭا ئەمەس ئۆزىڭىزگە ۋىجدانىڭىزغا ،غورورىڭىزغا جاۋاپ قايتۇرۇڭ.سىز ماڭا ئۆزىڭىزنى قەرزىداردەك ھىس قىلىپ قالماڭ سىڭلىم .سىزگە قىلغانلىرىمنى مەن پەقەت ئۇلۇغ ئاللاھدىن كۈتەي سىڭلىم . نىمە يىغلاۋاتامسىز نىمە ؟
_سىز بەك ياخشى ئاكا ئاللاھ سىزنى ئىككى ئالەمدە ئەزىز قىلسۇن .ئاكا مەن دۇكان ئاچقاندا ،ئاچامنى ،قىزىڭىزنى بىرگە ئېلىپ كىلەلەسىزمۇ؟
_ ۋەدە قىلاي سىڭلىم خۇدا خالىسا چوقۇم بارىمىز. ئايالىممۇ سىزنى بىلدى .ئۇمۇ سىزنىڭ توغرا يولدا مېڭىشىڭىزنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى .ھەممىمىزنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىپسىز، سىزگە رەخمەت سىڭلىم .ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن .
_ رەخمەتنى مەن سىزگە دەي ئاكا مىنى خىجىل قىلماڭ.ئاكا مەن سىزگە بىر گەپ قىلسام بولامۇ؟
_قېنى دەڭ،
_ مەن سىزنى ئۆز قېرىندىشىم دەك ئاكام دەي ،سىزمۇ مىنى .ئۆز قېرىندىشىڭىزدەك سىڭلىم دەڭ بولامدۇ؟ بىز قېرىنداش بولايلى بولامدۇ؟بۇ مىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم.
_ بولىدۇ سىڭلىم مەن ئەزەلدىنلا سىزنى ئۆز سىڭلىمدەك كۆرىۋاتىمەن .
_ رەخمەت ئاكا. چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىممۇ توشۇپ قاپتۇ .مەن ئىشقا چىقاي.بۇ مىنىڭ يېڭى تىلفۇن نۇمۇرۇم .
_ بولىدۇ ئىشقا كېچىكىپ قالماڭ سىڭلىم خۇدايىمغا ئامانەت.
_ خۇدايىمغا ئامانەت ئاكا ئامان بولۇڭ.
مەن ئۇنىڭ يىغلاۋاتقىنىنى ھىس قىلدىم. مەن غەلبە قىلدىم دوستلار .بىز شۇ يامان يولدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى بىرەر قېتىم يامان يولدىن توساپ باقماي تۇرۇپ ئۇلارنى ئۇنداقچى-مۇنداقچى دەپ تىللىمايلى. تىللاش ئارقىلىق ھىچنىمىگە ئېرىشەلمەيدىكەنمىز.ئەكسىچە كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋالىدىكەنمىز.بىر بىرىمىزگە ئەمىلى ياردەم بەرگەندىلا بۇ دۇنيا ناھايىتى گۈزەل بولىدىكەن.

  مەن بۇ ئىشلارنى ئايالىمغا دىدىم.ئايالىممۇ ئىنتايىن خۇش بولۇپ كەتتى .ھازىر ئايالىم ئىككى كۈندە بىر تېلېفۇن قىلىپ ئۇ قىزدىن ئەھۋال سوراپ تۇرىدۇ .
  ئەسلى بۇ قىزنىڭ يامان يولغا كىرىپ قېلىشىغا  بىر نائەھلى  سەۋەپچى بولغان ئىكەن .بولدى بۇ ئىشلارنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئولتۇرغۇم يوق.ئاللاھ ھەممىمىزگە ھىدايەت ئاتا قىلسۇن .
ئۇ قىز بىر ئايدا ھۆنەر ئۆگەنگەچ 1300يۈەن ئىش ھەققى ئاپتۇ. شۇڭا مەنمۇ بۇ ئەسىرىمنىڭ ماۋزۇسىنى 1300يۈەنلىك قىز دەپ قويدۇم.
مىنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىم بىزەمۇ يوق.دوسلارنىڭ توغرا چۈشنىشىنى  ئۈمىد قىلىمەن .
مەنبە: ئۈزەم

مەن ئاللاھتىن قورقمايدىغانلاردىن قورقمايمەن ، ئاللاھتىن قوققانلارنى ھۆرمەتلەيمەن .

、مەن ئۆزەمنى سۆي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3865
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9388
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 1733 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2011-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-23 04:35:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا سىزنى ئىككى دۇنيا ئەزىز قىلسۇن ! ھەقىقى ئەركەك !

. So won't you feel my heartbeat once more

ياپۇن سامۇرايلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 658
يازما سانى: 941
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36215
تۆھپە نۇمۇرى: 477
توردا: 4990 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2013-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-23 04:43:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە سىزنى ئىككى ئالەمدە ئەزىز قىلغاي.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3151
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12922
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 1065 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2013-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-23 04:57:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پولات ئەلەمدار ئەپەندىم ،مەن بۇرۇن يوللىغان''150 يۈەنلىك قىز''دېگەن تېمىڭىزنى ئوقۇغان ۋە سىزنىڭ ئۇ قىزغا قىلغان تەربىيىڭىزدىن شۇنداق سۆيۈنگەن ئىدىم.ھەقىقەتەن مۇنبەرلەرگە قىزلىرىمىزنى،يىگىتلىرىمىزنى تىللايدىغان سۆكىدىغان تېمىلار ھېسابسىز كۆپ يوللاندى،ھەتتا ئۇنى ئاز دەپ بەزى دادىلىرىمىز،ئاپىلىرىمىز ھەتتاكى ئىماملىرىمىزنىمۇ بىرەر قۇر سازايى قىلىپ باقتۇق،بىز ''قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە''دېگەن گەپنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ئازراق ئىشنى كۆرۈپلا ئۇنى مۇبالىغە قىلىپ بىلمەي قالغانلارغا بىلدۈرۈشكە ئالدىرىدۇق.مەقسىتىمىز باشقىلارغا ئىبرەت قىلىشمۇ؟ئۇنداق بولسا ئىبرەت زادى قانداق بولىدۇ؟ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن بىز داخىل بولغان شۇ ئىشلاردىن بىر نەتىجە چىقىش كېرەك،ئۇ ناچار ئىشلار دەككىسىنى يىمىگەن ھالدا باشقىلارغا ئىبرەت بولالمايدۇ.ئۇ خىلدىكى تېمىلار داۋاملىق ئايىقى چىقمايدىغان تالاش-تارتىشلارغا سەۋەپ بولدى،غۇلغۇلا قوزغىدى،بىر-بىرىمىزدىن ئۈمىدسىزلىنىپ ئاھ ئۇرۇشقا ھەتتا ئۇيغۇر دېگەن نامغا ھاقارەت قىلىشقا سەۋەب بولدى خالاس،بىز شۇنداق تېمىلار بىلەن بىرەرىنىڭ ئوڭشىلىپ توغرا يولغا ماڭغىنىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق.شۇنداق تېمىنى يوللىغۇچىلاردىن'' نىمىشقا شۇ ئىشنى كۆرگەن ۋاقىتتا تەربىيە قىلمىدىڭ ؟''دەپ سورالسا بىرىلىدىغان جاۋاپ ئاساسەن ''ئۇنداق نىمىلەر گەپ ئاڭلىمايدۇ،ئوڭشالمايدۇ ...''دېگەنلەردىن ئىبارەت.بىز تەربىيە قىلماي تۇرۇپ ئوڭشالمايدىغانلىقىنى قانداق بىلەلەيمىز؟مانا ئۆز ئەمەلىيىتىڭىز بىلەن بىر قىزنى توغرا يولغا قايتۇرۇپ كەپسىز ،بۇ ھەممىمىز تەبرىكلەشكە تىگىشلىك كاتتا ئىش بوپتۇ،ئەمدى ئاللاھ خالىسا ئۇ قىزمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ باشقىلارنى توغرا يولغايىتەكلىسە قانداق ياخشى ھە؟ بىز ئوڭشىلىشنى ،توغرا يولغا مېڭىشنى مۇشۇنداق توغرا ئۇسۇللاردا باشلىساق،''تاما-تاما كۆل بولار''دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ؟ئائىلىڭىزگە ئىككى دۇنيالىق بەخت تىلەيمەن.

yazik

ئەسلىمە كىشىدە خ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3481
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8191
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 322 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-23 05:58:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەخمەت قىلسۇن توردا كەمسىتىشكە ئۇچۇرغان بولسىڭىز ..كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ ..ھەقىقىي ئەركەك سىزدەك بۇلدۇ...

مەدىنىيەت قۇبۇل قىلدۇق دەپ ،ئەسلىدىكى ئېسىل ئەخلاقىمىزدىن،ئېسىل تۇرمۇش ئۇسۇللۇرىمىزدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىمىز ھېچقايسىمىزغا سىر ئەمەس.                  شەربەتى

ھەقىقىي يىغا كۆز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4824
يازما سانى: 359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17712
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 493 سائەت
تىزىم: 2010-7-26
ئاخىرقى: 2011-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-23 06:02:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرنىڭ بىشىنى كۆرمىگەچكە گاڭگىراپ قالدىم . قىزىقىۋاتىمەن . ئاۋال ئاۋۇ 150 يۈئەنلىك قىزنى كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن تولۇق ئىنكاس يازاي - ھە ~~
لىكىن ئەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ، بولۇپمۇ ئاۋۇ دىئالوگلار بەك ماسلىشىپتۇ . ئەجىرىڭىزگە بارىكاللا ..... [s:60]  [s:60]

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولغان بىلەن كىيىكنىڭمۇ خۇداسى بار !

تـــۈن - شــامــ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 643
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12901
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 2593 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-23 06:15:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىملا خاتالىقى خىلى باركەن ،
مەسىلەن :  < و > < ۇ >   < ۆ >  < ۈ > ماۋۇ ھەرىپلەرنى ئالماشتۇرىۋىتىدىكەنسىز ،،،،،،،،،،،،،،، بۇنىڭغا دىققەت قىلىپ كەتسىڭىز ...
ئاندىن < ئۆگىنىش > ماۋۇ خەتنى < ئۈگۈنۈش > مۇنداق يىزىۋالىدىكەنسىز بۇمۇ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نوقتا .


ئانا تىلىمىزنى ئېغىزىمىزدىلا ئەمەس ئەمەلىي ھەركىتىمىزدە قوغدايلى

تولدى بۈگۈن بارچە دىلغا ئىشقى پىراق ، لىكىن كەمدۇر بىر - بىرىگە مىھرى ۋاپا . تىپىلمايدۇ ھىچ كىشىدىن ئىنساپ بىراق ، تارقالدىغۇ ئەجەپ  بىر خىل نىجىس ۋابا . .....بەھرام

بىردەملىك تاقەت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2025
يازما سانى: 1628
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21376
تۆھپە نۇمۇرى: 734
توردا: 4929 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-23 07:19:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللا سىزدىن رازى بولسۇن ئەزىزقېرىندىشىم. بولسا دىيارىمىزدىكى بارلىق كىشىلەر سىزدەك بولغان بولسا .مىللىتىمىزنىڭ شۇنداقلا دۇنيانىڭ كەلگۈسى پارلاق بولغان بۇلاتتى .تېخمۇ تىرشىڭ قېرىندىشىم،.خاتالاشمايدىغان ئادەم يوق.ئاستا-ئاستا تۈزىتىۋالسىز.دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم يوق ئىملا خاتالىق مەسىلىسى ئېغىر مەسىلە ئەمەس،

كونا ئەزا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4329
يازما سانى: 878
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28475
تۆھپە نۇمۇرى: 632
توردا: 3178 سائەت
تىزىم: 2010-7-19
ئاخىرقى: 2013-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-23 07:39:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ سىزنى ئىككىلى ئالەمدە ئەزىز قىلسۇن

مەن ھەققىدە نىمە ئويلىغان،مەن توغراسىدا نىمە قىلغان بولساڭ ئۇلۇغ  ئاللاھ ساڭا شۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 2280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224514
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11645 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-23 07:44:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ قىزنى توغرا يولغا باشلاپ ياخشى قىپسىز

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش