saparbay يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 10:16 AM
ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كىچەك ئوبرازى ئەمدى ھاجەتخانىدىن ئ ...
ئەممابۇ يىل 3- ئاينىڭ 5- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23- ئوتتۇرا مەكتەپتە جەمىيەتتە "دوپپا ۋەقەسى" دەپ ئاتالغان بىر ۋەقە يۈزبەردى. بۇ ۋەقەنىڭ تارقىلىشى مۇنداق ئىدى،
3- ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23- ئوتتۇرا مەكتىپى دوپپا كىيىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى دوپپىسىنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرۇغان ۋە ئوقۇغۇچىلار بۇ بۇيرۇققا بويسۇنۇپ دوپپىسىنى ئېلىۋەتمىسە سىنىپقا كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقى، ھەتتا مەكتەپتىن ھەيدىلىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.
ۋەقە كۆرۈنۈش ۋە ئاۋازلىرى بىلەن ئىنتېرنېت ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن،ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە قىزىققۇچىلار ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلاپەيدا قىلغان.
بۇ سۆزلەرگە قارىتا، ئۈرۈمچىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمىتى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شىرزاد باۋۇدۇن ئالدىنقى كۈنى بۇۋەقە ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر مەكتەپنىڭ دوپپا كىيىشنى چەكلىگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان.
ئۇ باياناتىدا ۋەقە ھەققىدە تارقالغان خەۋەرلەرنى «دۆلەت سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ پىلانلىشى، دۆلەت ئىچىدىكىلەرنىڭ ماسلىشىشى بىلەن توقۇپ چىقىلغان خەۋەر» دەپ ئۇقتۇرغان. شىرزاد باۋۇدۇن باياناتىدا بۇ ۋەقەنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشى ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن بولغان دەپ كۆرسەتكەن.
بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شىرزاد باۋۇدۇن دوپپا كىيىشنى چەكلىگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان.
دىمەك دوپپا كىيىۋىرىڭ بىرنىمە دەپ قالسا شىرزات باۋۇدۇننىڭ ھېلىقى گىپىنى كۆرسۈتۈپ قۇيۇڭ .