|
|
|
|
بىر نەچچە يىل ئىلگىرى تاسادىپى پۇرسەتتە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ نەنياڭ شەھىرى شىفوسى (河南省南阳市镇平县石佛寺镇) دىگەن جايدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە يىللاردىن بۇيان تاشچىلىق تىجارىتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغان ئىدىم. چۈنكى، ھەممىمىزگە مەلۇمكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىمىز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان گۇاڭجۇ، شېنجىن، شاڭخەي، خاڭجۇ ۋە شاۋشىڭ كېچىياۋ دىگەن جايلاردا تىجارەت قىلاتتى. ئۇلارنىڭ تىجارەت شەكلى ئاساسەن ئائىلە ئېلىكتر سايمانلىرى، كىيىم - كېچەك، رەخت ۋە ئۇششاق يىنىك سانائەت ماللىرى بىلەنلا چەكلىنەتتى، بىراق ، زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ توپلىشىپ، ئىچكىرىدىكى ئاشۇ كىچىككىنە بازارغا ماكانلىشىپ تاشچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆپ قىسىم كىشىلەر بىلمىسە كېرەك، مەنمۇ ھەيرانلىق ۋە قىزىقىش ئىچىدە شۇنچە كۆپ ئۇيغۇرلارنى قىزىقتۇرۇپ، ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالغان ئاشۇ سىرلىق جاينى بىر كۆرۈپ بېقىش ئىستىكىدە يۈرگەن ئىدىم. يېقىندا تاسادىپى پۇرسەتتە، ئىچكىرىگە كاماندروپكىغا بېرىش ئىشى بىلەن ئۇ يەرنى كۆرۈپ راستىنلا ھەيران قالدىم. كەسپى مۇخبىر بولمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇ يەردە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمنى كەڭ خەلقىمنىڭ دىققىتىگە سۇنۇشنى ئۆزەمنىڭ بۇرچى ھىساپلاپ، ئىگىلىگەن ئازراق ئەھۋاللارنى قىسقىچە تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىمەن. شىفۇسى ( 石佛寺)ئەسلىدە بىر كەنت بولۇپ، بۇ يەردىن قاشتېشى چىقىدىكەن، يەرلىك كىشىلەر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قاشتېشىغا ئامراقلىقىدىن ئىبارەت ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، مەخسۇس قاشتېشى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان كەسپى كارخانىلارنى قۇرۇپ، بۇ يەردە مەخسۇس قاشتېشى سودىسى قىلىدىغان بازار شەكىللەندۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ جاي بارا - بارا جۇڭگونىڭ قاشتېشى سودىسى مەركىزىگە ئايلنىپتۇ. يەرلىك ھۆكۈمەت بۇ يەرنى ھازىر پۈتۈن دۇنيانىڭ قاشتېشى مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك سىياسەت بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ، ئاشۇ ئۇلۇغۋار نىشانغا يېتىش ئۈچۈن كۆپلىگەن تۈرلەرنى يولغا قويۇۋېتىپتۇ.
خوتەن قاشتېشىنىڭ داڭقى چىقىپ، ئىچىكىرى ئۆلكىلەردىكى كۆپلىگەن تاشچىلىق سودىگەرلىرى بىلەن يەرلىك تاشچى سودىگەرلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، شۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە بۇندىن 7-8 يىل بۇرۇن بىر قىسىم تىرىشچان، يۈرەكلىك، جىگەرلىك، جاسارەتلىك تۇنجى ئەۋلات ئۇيغۇر تاشچىلارنىڭ ئايىغى تۇنجى قېتىم ئاشۇ ئۇيغۇر قەدىمى بىسىپ باقمىغان شىفۇسىغا قەدەم بېسىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردىكى تىجارەتنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرگەن باشقا تاشچىلارمۇ كېيىنكى يىللاردا ئارقا-ئارقىدىن بۇ يەرگە توپلىنىپتۇ. كېيىنچە ناۋاي، قاسساپ، ئاشپەز ۋە چەرچەن مال سودىگەرلىرىنىڭ دۇكانلىرىمۇ پەيدا بولۇشقا باشلاپتۇ. ئۇ يەردىكى بىرەيلەننىڭ ئېيتىشىچە، ئادەتتە شۇ كىچىككىنە بازارنىڭ ئۆزىدىلا 5-6 مىڭ ئۇيغۇر سودىگەر بار بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغان چاغلاردا 10 مىڭغا يېتىدىكەن. ھازىر نۇرغۇن خوتەنلىك دېھقانلار ئۈنۈمسىز يەر تېرىشنى تاشلاپ قويۇپ، جان بېقىش ئۈچۈن بۇ يەردە تىرىكچىلىك قىلىۋېتىپتۇ. يەنە بىر مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يەرلىك ھۆكۈمەت شۇ يەردىكى تاشچىلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ كۆپلىكىنى ھەم ئاساسەن مۇقىم ، ئۇزۇن مەزگىل تۇرىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارنى شۇ يەرنىڭ نوپۇسىغا ئېلىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. تاشچىلار يەنە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم سۇجۇدا بولىدىغان جۇڭگو بويىچە ئەڭ چوڭ قاشتېشى بازىرىغا بېرىپ سودا قىلىپ كېلىدىكەن. ئۇلار ئادەتتە، پويىز بىلەن ئۈرۈمچىدىن شىئەنگە كېلىپ، شىئەندىن توپلىشىپ ئاپتوبۇس ئارقىلىق بىۋاستە شىفۇسىغا بارىدىكەن. مېنىڭ شىفۇسىغا بارغان ۋاقتىم چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى 3 لەر ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇ يەردىكى قايناق بازار ئادەتتە چۈشتىن بۇرۇن بولۇپ سائەت 12 لەردە ئاياقلىشىدىكەن، شۇڭا ئەپسۇس، سودىگەرلىرىمىزنىڭ قايناق بازار ئەھۋالىنى سۈرەتكە تارتالمىدىم. تۆۋەندە بىر قىسىم سۈرەتلەرنى يوللىدىم، ۋاقىپ بولغايسىلەر. مەن ئىگىلىگەن ئەھۋاللار پەقەت ئاغزاكى ئاڭلىغانلىرىم بولۇپ، تېخىمۇ ئېنىق ۋە ئىشەنچلىك تەپسىلاتلارنى بىلىدىغانلار بولسا يوللاپ ، تولۇقلاپ ۋە توغرىلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بازارنىڭ بىر بۇرجىكى
ئۇيغۇرلارنىڭ سودا رايونىدىكى پەشتاقتىلار
ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ تاللا بازارلىرى
ئالتە ماشىنا قاتارلىشىپ ماڭالايدىغان يېزا تاشيولى ۋە يول بويىدىكى چوڭ تىپتىكى قاشتېشى ئويمىچىلىق زاۋۇتلىرى
|
|
|
|
|
|