مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4964|ئىنكاس: 70

يەكەننى تونۇڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن  ئۇيغۇرنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59036
يازما سانى: 656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6411
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 744 سائەت
تىزىم: 2011-10-4
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 10:38:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                    يەكەننىڭ تەبىئىى جۇغراپىيىسى
ئۇيغۇرنىڭ مەدەنيتى ئوت بولۇپ يانغان يەنە بىر ئەزىز يۇرت، يەكەن.
يەكەن قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى ياركەنت دىگەن سۆزنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت قوللىنىلىش داۋامى نەتىجىسىدە ھازىرقى يەكەن دىگەن سۆزگە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان سۆزدۇر.
ئۇ سۆز ھەممىمىزگە ئاھاڭىدىنلا چۈشۈنۈشلۇك بولغىنىدەك يار لىۋىدكى شەھەر ،مەركىزى شەھەر دىگەن مەنىدە.مەسىلەن ھازىرقى، باشكەنت دىگەنگە ئوخشاش .

1.يەكەننىڭ جايلاشقان ئورنى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇننىنىڭ غەربى جەنۇبى ،قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى ،قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالى،تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ بوستانلىق يەكەن دەرياسى بوستانلىقىنىڭ مەركىزى قىسمىدىكى يەكەن دەرياسى يەلپۈگۈچسىمان تىنمىسىنىڭ ئوتتۇرا،يۇقىرى بەلبىغىدا تۇپرىقى مۇنبەت،باغ ئورمانلىرى كۆپ ،ماددى مەھسۇلاتلىرى مول،ئاھالىسى زىچ،شىنجاڭ بويچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ ناھىيە-يەكەن ناھىيەسى جايلاشقان.ئۇنىڭ شەرق تەرىپىدە دۇنيا بويچە ئىككىنچى چوڭ كۆچمە قۇملۇق -تەكلىماكان قۇملۇقى ،غەرپ تەرىپىدە بۇغرا قۇملۇقى بولۇپ ،بۇ ئىككى قۇملۇق پۈتۈن ناھىيە زىمىنىنى شەرق ۋە غەرپ تەرەپتىن قورشاپ تۇرىدۇ.يەكەن ،تىزناپ دەريالىرى ناھىيە زىمىنىنى توغرىسىغا كىسىپ ئۆتىدۇ.
دۆلەت تاشيولى لىنىيەسى بويچە ناھىيە مەركىزىنىڭ قەشقەر شەھرى بىلەن ئارلىقى 189 كىلومىتىر ،خوتەن شەھرى بىلەن ئارلىقى 327 كىلومىتىر ،ئۈرۈمچى بىلەن ئارلىقى 5626 كىلومىتىر بولۇپ،ئىلىمىزنىڭ ئەڭ غەربىدىكى چەت ،چىگرا رايۇن ھىسابلىنىدۇ.
يەركەننىڭ زىمىنى غەربى جەنۇپ-شەرقى شىمال يۆنىلىشىدە يىيىلغان بولۇپ ،شەقى جەنۇپ تەرىپى يەكەن دەرياسىنى پاسىل قىلىپ
،پوسكام، قاغىلىق ناھىيەلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ.شەرقى شىمال تەرىپى مەكىت ناھىيەسىنىڭ شىھىتدۆڭ يىزىسى بىلەن ،شىمالدا مارالبىشى ناھىيەسىنىڭ ئاۋات بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ.غەربى شىمالدا يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ بايئاۋات يىزىسى ۋە يىڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ھاراب يىزىسى بىلەن ،غەرب تەرەپتە يىڭىسار ناھىيەسىنىڭ قىزىل يىزىسى ۋە ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ كوسراپ يىزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.غەربى جەنۇپ تەرىپى تاشقورغا تاجىك ئاپتونۇم ناھىيەسى بىلەن قوشنا ،يەكەن يەنە پاكىستان،ھىندىستان،ئاففانىستان،تاجىكستان،قىرغىزىستان،ئۆزبىكستان قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ يىقىن.

يەكەن زىمىنىنىڭ شەرق غەرپ كەڭلىكى 56 كىلومىتىر ،شىمال جەنۇپ ئۇزۇنلۇقى 190 كىلومىتىر ،ئومومى كۆلىمى 8195.69كىۋادىرات كىلومىتىر،قەشقەر ۋىلايىتى ئومومى كۆلىمىنىڭ%5نى ئىگىلەيدۇ.

يەكەن زىمىنى دائىرىسىدىكى ئاساسلىق تاغلار
يۈسۈپ قادىرخان تىغى.چارەك بازىرىنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان.ناھىيە مەركىزى بىلەن تۈز سىزىق ئارلىقى 85 كىلومىتىر ،غەربتىن جەنۇبقا سوزۇلغان.دىڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى تەخمىنەن 1644مىتىر ،توپا تاش تاغ،قارا خانىيلار دۆلىتىنىڭ مەشھۇر پادىشاھى يۈسۈپ قادىرخان مۇشۇ تاغقا دەپنە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن شۇ نام بىلەن ئاتالغان.
دامسى تاغ چوققىسى:      
دامسى يىزىسىنىڭ دامسى كەنتى تەۋەسىدە،دىڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى تەخمىنەن 2722مىتىر كىلىدۇ.توپا تاش تاغ.كۆمۇر ،تۆمۇر ،مىس قوغۇشۇن ،مىس ۋە ھاك تىشى قاتارلىقلار چىقىدۇ.بۆرە ،تۈلكە ،كىيىك قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ،رەۋەن ،يەر مەدىكى قاتارلىق دورا ئۆسۈملۈكلىرى بار.
تاش تاغ چوققسى:
دامسى يىزىسىنىڭ شەرقى شىمالىغا 6.2كىلومىتىر كىلىدىغان تاشنا كەنت تەۋەلىكىدە بولۇپ دىڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى تەخمىنەن 1870 مىتىر ،كۆمۈر ،تۆمۈر ،مىس ،قوغۇشۇن ،گەج قاتارلىق مەدەنلەر چىقىدۇ.بۆرە تۈلكە ،كىيىك قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ،رەۋەن يەر مەدىكى قاتارلىق دورا ئۆسۈملۈكلەر بار.تاغ چوققىسى قورام تاشلاردىن ھاسىل قىلىنغانلىقتىن مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان.
چىپان تۆپە تىغى :
بۇ تاغ شەرقتىن جەنۇپقا قاراپ سوزۇلغان بولۇپ،ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 50 كىلومىتىر كىلىدۇ،دىڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 3492مىتىر .تاغدا قارىغاي،ئارچا قاتارلىق ئورمانلار ،قان تىپار قاتارلىق دورا ئۆسۈملۈكلەر بار .

مەزەگەن داۋىنى:
دامسى يىزىسىنىڭ كەندىلىك كەنت تەۋەسىدە بولۇپ،يىزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ شەرقىگە 30 كىلومىتىر جايىغا توغرا كىلىدۇ.كەندىلىك كەنتنىڭ ساراي مەھەللىسىدىن باشلىنىپ شەرقتىن جەنۇپقا قاراپ سوزۇلۇپ يەكەن دەرياسىنىڭ بويىدا ئاخىرلىشىدۇ.
ئۇۇنلۇقى 60 كىلومىتىر ،دىڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى تەخمىنەن 4000مىتىر .بۇ داۋان ئەتراپىدىكى تاغلار ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ ،قارغاي، ئارچا،چۈج قاتارلىق دەرەخلەر ،پىچان ،كىلەپ،تەسكەن،سىرىقئوت قاتارلىق ئوت-چۆپلەر ئۆسكەن،تاغدا يەنە كىيىك ،ئۇلار،داۋاغان،بۆرە قاتارلىقلار بار.
يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئىجتىمائى جۇغراپىيەسى
يەكەن ناھىيەسى ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ناھىيە.2006يىلدىكى نوپۇسى 704مىڭ 900كىشى بولۇپ ناھيە تەۋەلىكىدە يەتتە رايۇنلۇق مەھكىمە (رايۇن)،يەتتە بازار ،22 يىزا ،يەتتە دۆلەت ئىگىلىكىىدىكى دىھقانچىلىق،ئورمانچىلىق،بىلىقچىلىق،مەيدانى بار.
ھەرقايسى رايۇنلارغا تەۋە يىزا-بازارلارنىڭ نوپۇسى تۆۋەندىكىچە:
تومئۆستەڭ رايۇنى.بۇ رايۇندا گۈلباغ يىزىسى نوپۇسى(22مىڭ 316.)ئارال يىزىسى (،14مىڭ 77)،چاھارباغ يىزىسى( 11مىڭ 860،)
تومئۆستەڭ يىزىسى( 21مىڭ 51،)يىڭىئۆستەڭ يىزىسى (9مىڭ200،)قاتارلىق بەش يىزا بار.
ئىشقول رايۇنى.
بۇ رايۇندا مىشا يىزىسى نوپۇسى(28مىڭ 580).ئىشقول يىزىسى (23مىڭ 560).پەكىچى يىزىسى(16مىڭ 981).تاغارچى يىزىسى(37مىڭ )قاتارلىق تۆت يىزا بار.

ئىلىشقۇ رايۇنى.
بۇ رايۇندا ئىلىشقۇ بازىرى نوپۇسى (34مىڭ)قوشئىرىق يىزىسى(15مىڭ 223).خاڭدى بازىرى(31مىڭ).دۆڭباغ يىزىسى(16مىڭ53).قاتارلىق ئىككى يىزا ئىككى بازار بار.

بەشكەنت رايۇنى.
بۇ رايۇندا بەشكەنت بازىرى نوپۇسى (74مىڭ683).باغئاۋات يىزىسى(13مىڭ 177).ئىگەرچى بازىرى (23مىڭ 500).
قاراسۇ يىزىسى(13مىڭ 189).قاتارلىق ئىككى يىزا ئىككى بازار بار.
ئاۋات رايۇنى.بۇ رايۇندا ئاۋات بازىرى نوپۇسى(23مىڭ804).ئالمەت يىزىسى(17مىڭ927)ئازاتباغ يىزىسى(12مىڭ 900).قاتارلىق ئىككى يىزا بىر بازار بار.
ئودانلىق رايۇنى.
بۇ رايۇندا ئودانلىق يىزىسى نوپۇسى(31مىڭ).ئارسلانباغ يىزىسى (17مىڭ 946)زەرەپشات تاجىك مىللى يىزىسى (9مىڭ 19)
چارەك بازىرى(28مىڭ100).ياقىئىرىق يىزىسى(9مىڭ 734).قاتارلىق تۆت يىزا بىر بازار بار.

قوشراپ رايۇنى:
بۇ رايۇندا كاچۇڭ يىزىسى نوپۇسى(16مىڭ 720)قوشراپ يىزىسى(13مىڭ517)دامسى يزىسى(8مىڭ 39).قاتارلىق ئۈچ يىزا ،يەكەن بازىرى (111مىڭ 733).بىر بازار بار.

مىللەت قۇرۇلمىسى:
يەكەن ناھىيەسى ئۇيغۇرلارنى ئاساسى گەردە قىلغان ،بۇ يەردە يەنە خىتاي،موڭغۇل،تۇڭگان،تىبەت،مىياۋزۇ،بۇيى،
چاۋشىيەن،مانجۇ،يۇجىيا ،دوڭشىياڭ،قازاق،قىرغىز ،تۇزۇ،داغۇر،شىبە ،تاجىك،ئۆزبىك ،رۇس،تاتار قاتارلىق 20 مىللەت ياشايدۇ.
بەزى مىللەتنىڭ نوپۇسى پەقەت نەچچىسىلا بار ،ئۇيغۇرلار %95نى،تاجىكلار%0.36نى،خىتايلار%3.77نى،قىرغىزلار %0.15نى،تۇڭگانلار%0،13نى،ئۆزبىكلەر%0.2نى تەشكىل قىلغان.

يەكەن توغرىسىكى مەلۇماتلار بۇندىن كىيىن يەنە تونۇشتۇرلىدۇ ،يەكەننى چۈشۈنۈش ئىستىكى بار قىرىنداشلارغا پايدىسى بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
پايدىلىنغان ماتىرىيال.يەكەن 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئۆزئالدىغا كۈچ تەشكىللەپ تۈزۈپ چىققان مۇقام يۇرتى -يەكەن ناملىق كىتاپ.
بۇ كىتاپ بىر قىتىملا نەشىر قىلىنغان ،پەقەت 1-ئوتتۇردىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرسلىك قىلىپ تارقىتىلغان .
ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا يوق.
يەكەننى تولۇق تونۇشتۇرۇپ چىققان كىتاپ بولغاچقا بۇ مۇنبەر ئارقىلىق قىرىنداشلارنى ئازراق بىلىشكە تىگىشلىك نەرسىلەردىن خەۋەردار قىلاي دىدىم.   

ئۆزيۇرتىمىزنى ھەققى تونۇشقا پايدىسى بولار.

2013-4-16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   fanteken تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-16 08:43 AM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bambukjan + 10 تونۇدۇم رەھمەت
MiRul + 126 دەلىللەر يېتەرلىك
yulghunjan + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 146   باھا خاتىرىسى

ياراتقان  نارسىلەرنىڭ  ھەممىسى  بۇيۇكتۇر،  مەنمۇ  شۇ  بۇيۇكلەر  ئىچىدىكى بۇيۇكتۇرمەن!!!

139

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94513
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 212
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2013-4-8
ئاخىرقى: 2013-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 09:43:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

139

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94513
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 212
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2013-4-8
ئاخىرقى: 2013-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 09:48:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87982
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 147
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-12-2
ئاخىرقى: 2013-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 10:38:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىتايلار  كۈندىن-كۈنگە كۆپۈيۈپ كەتتى ھازىر . مۇشۇ سۈرئەت بىلەن جىقايغىلى تۇرسا بىرە يىلدىن كىيىن يەكەندە ئۇلا بىلەن بىزنىڭ نۇپۇسىمىز تەڭ لىشىپ قالامىكى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 749
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32672
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 410 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 10:55:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەمكىن04 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-17 09:43 AM
ئۈرۈمچى   بىلەن  بولغان  ئارلىقى 5626  كىلو  مىتىر قانداق   ...

شۇ ئەمەسمۇ خوتەنمۇ 1560 كىلومىتىردىن كۆپ ئاشمايدۇ،نەدىمۇ بىر ناھىيە 5مىڭ كىلومىتىر پەرىقلەنسۇن!كۈپكۈندۈزدە چۈش كۆرۈشقۇ بۇ! 1626 مىتى يا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1069
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 396 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2013-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 10:58:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياركەنىد(ئېغىز تىلىدا يەكەن) ــــ 1514- يىلىدىن 1678- يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاستانىسى.

ئېشەكتىن تەلىم ئالساڭ تېپىشنى ئۆگۈتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1069
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 396 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2013-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 10:58:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەمكىن04 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-17 09:43 AM
ئۈرۈمچى   بىلەن  بولغان  ئارلىقى 5626  كىلو  مىتىر قانداق   ...

يەكەن ئۈرۈمچىگە قەشقەردىن يىراق.

ئېشەكتىن تەلىم ئالساڭ تېپىشنى ئۆگۈتىدۇ.

139

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94513
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 212
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2013-4-8
ئاخىرقى: 2013-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 11:02:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 582
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 831 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 11:43:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەسمۇ خوتەنمۇ 1560 كىلومىتىردىن


سان خاتالىقى بار ئىكەن  5626 ئەمەس  1626كېلومېتىر كېلىدۇ

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7720
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10144
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 365 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 12:43:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەكەن ھەقىقەتەن بىر كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، دائىرسى كەڭ ، نۇپۇسى كۆپ، تەرەققىياتى ئالدىنقى قاتاردىكى ناھىيەلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
مەن 2012-يىلى 2- ئايدا بارغان

دىل ئازار، خۇدا بىزار.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش